بىزنىڭ باللىرىمىز
بىزنىڭ باللىرىمىز ياخشى تەربىيلىنىش مۇھىتىغا ئىگە بولسا،باللىرىمىزدا زور ئۈمىدلەر بولغان ئىدى.ئەمما ھازىر ئۇيغۇ مائارىپىمىزغا قارايدىغان بولساق ئەھۋالىمىز ھەر ھالدا يىتەرلىك چاتاق،چاتاق نەدە؟بىز ھەر دائىم چاتاقنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە كۆپ پاراڭلىشىمىز لىكىن مۇشۇنداق مەسىللەرنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبىنى ئىزدىمەيمىز!بىزنىڭ باللىرىمىز ئىنتايىن ئەقىللىق بولسىمۇ مەكتەپلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇقۇتۇش ئۇسۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن باللىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقىتلىرى بىھۇدە ئۈتىۋاتىدۇ!مەسلە زادى كىملەردە ئۈتىۋاتىدۇ؟بۇنىڭدا نۇرغۇن مەسىللەر بار ئەلۋەتتە،مەسلەن ھەرقايسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ-مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەن بۇلۇشى مىنىڭ قارىشىمچە ئەڭ چوڭ مەسلە چۈنكى دەريا سۈيىنىڭ بېشى لاي بولسا ئايىغىمۇ بەرىبىر يەنىلا ياي بولىدۇ.بىزنىڭ باللىرىمىزنىڭ تەقدىرى يەنىلا ساپاسىز،ئەخلاقى جەھەتتە چىرىپ كەتكەن مەكتەپ مۇدىرلارنىڭ قولىغا قالغان!نىمە ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مەكتەپتىكى رولى شۇنچە مۇھىم؟سەۋەبى ئاددى،مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتىكى ئۇقۇتۇشنى تەشكىللىگۈچى،مەكتەپتە ئۇقۇتۇش ياخشى تەشكىللەنمىسە ئۇقۇتقۇچىلار سېستىمىلىق دەرىس ئۆتمەيدۇ،دىمەك ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتى بىكارغا ئۈتۈپ كىتىدۇ،پىداگوكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر بولسا ھالى خاراپ ئۇقىمىغانلار بولسا مەكتەپ مۇدىرى بولغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتى شۇقەدەر تۆۋەنلەپ كەتكەن،ئاشۇ مەكتەپلەردە ئۇقۇپ تۇرۇپ بىلىم ئالالماي،توققۇز يىللىق ھاياتىدا ھىچ نەرسە ئۈگىنەلمەي ئۆمرى ئۈتۈپ كەتكەن باللىرىمىزغا ئىچىم ئاغىرىيدۇ،مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئانچە-مۇنچە يىغىنلاردا ئۇقۇتۇشنى چىڭ تۇتايلى دەپ قويغان گەپلىرى بولغان بىلەن ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ چىڭ تۇتىدىغىنى يەنىلا مالىيە مائارىپىدىن ئىبارەت.مەكتەپلەرگە چۈشكەن پۇللارنىڭ كۈنسىرى كۈپىيىشىگگ ئەگىشىپ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىشى كۈپىيىپ كەتتى،ئەسىلى دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپقا كۆپلەپ مەبلەى سېلىشتىكى مەقسىدى پول ئارقىلىق ئۇقۇتۇشقا پايدىلىق شەرىت-شارائىتلانى تۇلۇقلاش ئىدى،لىكىن بىزنىڭ باللىرىمىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرى بولسا پۇلنى قانداق خەجلىۋالساق بۇلار دىگەن خىيال بىلەن ئۇقۇتۇشنى تاشلاپ قويدى،قىسقى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى،مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئىستىقبالىنى تاشلاپ قويدى،ئەڭ زور يۇقۇتۇش ئەسلى پۇلنى خەجلەپ تۈگىتىۋېتىش ياكى يۇقىتىۋېتىش ئەمەس بەلكى ئۇقۇتۇشنى،يەنى ئەقىللىق ،لىكىن ئۈنۈملۈك مائارىپ تەربىسى قۇبۇل قىلامايۋاتقان باللىرىمىزنى تاشلىۋېتىش!!!!!! ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى باللىرىمىز ئۈچۈن ناھايتى ياخشى خىزمەت قىلۋاتىدۇ ئاز بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلار مەكتەپلەرنىڭ نامۇۋاپىق خىزمەتلىرىدىن نارازى بۇلۇپ نۇرغۇن باللىرىمىزنىڭ رىزقىنى يەۋاتىدۇ،بۇنىڭدا مەكتەپ مۇدىرنىڭ مەكتەپلەرنى ئۆلچەملىك باشقۇرمىغانلىقى سەۋەب بولغانلىقى بۇلىشى مۇمكىن،لىكىن بىزنىڭ باللىرىمىزدا ئەيىپ يوق!بىر مەكتەپ مۇدىردىن ئىبارەت بۇ نىيتى يامان شاخىنا ئىنەكلەرنىڭ پۇقى مەكتەپلەرنى بولغىسا بولمايدۇ!بىز يۈرىكىمىزنى چىڭ تۇتقان ھالدا ئۈزىمىزنىڭ بىلىم-ئىقتىدارىمىزنى باللىرىمىزنى تەربىيەش ئۈچۈن سەرىپ قىلشىمىز كېرەك!
ئەي قېرىنداشلىرىم بىز كىمدىن نارازى بۇلۇپ،نىمىلەرنى قولدىن بىرىپ قويدۇق؟ياخشى ئويلۇنۇپ باقايلى!زادى قايسى مەنپەئەت ئەڭ ياخشى مەنپەت؟باللىرىمىزنى ياخشى تەربىيلىمىسەك كەلگۈسى يىللىرىمىز ياخشى بولمايدۇ!بىر بالا ياخشى تەربىيلەنمەي قېلىپ كەلگۈسىدە بىر خائىن بۇلۇپ قالسا بەلكى دۆلەتنى،مىللەتنى سېتىۋېتىشى مۇمكىن!يەنە بەلكىم نۇرغۇنلىغان جىنايەتلەرنى ئۆكۈزۈپ جەمىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن!!!باللىرىمىزنى ھازىردىن باشلاپ قۇتقۇزۋېلىشىمىز كېرەك!ئىمكانىيەت بولسىلا باللىرىمىزنى ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەپ،جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن يولىنى تېپىپ ماڭالايدىغان،رىزقىنى تېپىپ يىيەلەيدىغان ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقايلى!!مائارىپتا نەچچە يۈزيىللىق نىشان بۇلۇش كېرەك!قاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزدىمۇ نەچچە يۇزيىلدىن كىينكىلەرگە تەسىر كۆرسەتكىدەك ئىسىل،جۇشقۇن روھ بۇلۇش كېرەك!
باللىرىمىزنىڭ كەلگۈسى قەبىرىستانلىقىنى بىز ئۇقۇتقۇچىلار قۇرۇپ گۆرگە تىقالايمىز!بۇنداق قىلىشقا زادى بولمايدۇ!ئەكىسچە بىز ئىنسانىيەتنى يىتەكلەيدىغان يولنى تاللىغان ئىكەنمىز چۇقۇم ئىنسانغا خاس،ئادەملەرنىڭ ئەڭ پاك قەلبى بىلەن باللىرىمىزنى تەربىيلەپ چىقىشىمىز كېرەك!باللىرىمىزنىڭ قەبرىستانىقنى ياسىماي،باللىرىمىزنىڭ گۈلىستان باغلىرىنى بەرپا قىلىپ رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر بىلەن بىزشىمىز كېرەك!
ئاتا-ئانىلىرىمىز باللىرىنى خاتىرەم تەربىيلىنىشكە بەرسۇن!ئۇيغۇرلار نۇرغۇنلىرى مۇئەللىمنى بەك چو بىلىدۇ!بىز ئۇلارنىڭ ئىشنچىسىنى يەردە قويمايلى!ئاتا-ئانىلارمۇ،باللىرىمىزمۇ،ۋەتەنمۇ بىزگە ئىشەنسۇن!!!!مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ھازىر كىم كۆزگە ئىلىدۇ؟ئۇلارمۇ دەرىس ئۇقۇتقۇچىلىرىغا ئوخشاش دەرىس ئۆتسۇن!ئۇقۇغۇچىلار-ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا يەتسۇن،ئۇقۇتقۇچىلارغا بېسىم سالمىسۇن!ھەممە ئادەملەرنى باراۋەر مۇھىتقا ئىگە قىلسۇن!بىز شۇغدا مەكتەپ مۇدىرلىرىغا باھا بىرەيلى!مائارىپنى قولى ئەمەس مەكتەپ پۇلىنىڭ قۇلى بۇلۇپ باللىرىمىزنىڭ رىزقىغا قول سۇنىۋاتقان،ۋەتەتننىڭ كەلگۈسىگە قولسۇنىۋاتقان مۇناپىق مەكتەپ مۇدىرلىرىنى كۆزگە ئىلىپ قويماسلىق كېرەك!
بىز مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ قەلبىدە ئەمەس،بەلكى باللىرىمىزنىڭ يەنى ئۇقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلبىدە ياخشى ئوبراز تىكلىشىمىز كېرەك!