مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1139|ئىنكاس: 4

تەقدىر (پوۋېسىت) داۋامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 12:30:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەقدىر

(پوۋېسىت)


داۋامى



چىكىۋاتىسىنا؟سەن بىزگەدائىم تاماكا دىگەن سالامەتلىككە زىيانلىق چەكمەڭلار دەيتتىڭ بۈگۈن ئەجەب بىر ؟...

  -بولدى ئاداش بونى سورىما نىمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن، ئەكىلە تاماكاڭنى!

  -دەپ بەرمىسەڭ بەرمەيمەن،

-مىنى قىستىما كىيىن چۇقۇم دەپ بىرىمەن

-ھەي ئاداش سەن بۇنىڭغا ئۈگۈنىپ قالساڭ بولمايدۇ؟.سەن دىگەن كۆپ كىتاپ كۈرىسەن،بىر كىتاب خالتىسى،بۇنى چۈشەندۇرۇش ماڭا نىسپەتەن ئۆزۈڭگە ئاسان .چەكمىگىن!

-ئەكىلەئۇنداق قىلماي مەن بىلەن كارىڭ بولمىسۇن ھەرگىز ئۈگۈنىپ قالمايمەن،بۈگۈن سەل ئىچىم سىقىلىپ شۇ، سېنى دورۇپ باقاي دىدىم.

-بەرمەيمەن،سەن تاماكا چەكسەڭ بولمايدۇ

-...

بولدىلا بۇندىن كىيىن چەكمەيسەن ھە!؟.-كىرەم شۇنداق دىدى ۋە تاماكىسىنى ماڭا ئۇزاتتى .

مەن خۇددى مەريەم ماڭا يۇرۇكىنى بەرمەكچى بولغاندا،ئىتتىك ئېلىۋېلىشقا ئالدىرغاندەك،بىر خىل چەبدەسلىك بىلەن تاماكىنى ئالدىم دە،كىرەمنى دوراپ چىكىشكە باشلىدىم،كۇچەپ ئاچچىق ئىسنى ئىچىمگە شورىدىم،شۇئان قېقىلىپ يۆتۇلۇپ كەتتىم ،تاماكىنىڭ ئاچچىق ئىسى،كانايلىرىمنى ئېچىشتۇرۇپ كۆزلۇرىمدىن ياش چىقىرۋەتتى.كۆكسۇمنىڭ قاتتىق ئېچىشىشى بىلەن قاپقارا بىر خىل قاتتىق قان تۇكۇردۇم،پۇتۇن بەدىنىم سىقىراپ ئاغرىپ كەتتى.قولۇمدىكى تاماكىنى زەرىپ بىلەن يەرگە تاشلاپ،كارۋاتتا ئوڭدىسىغاياتتىم.ياتاقنىڭ تۇرۇسى ھېلىلا،چانىقىدىن چىقىپ كىتەي دەپ قالغان،تۇگمەن تېشىدەك پىقىراپ چۇرگىلىمەكتە ئىدى.كىرەمنىڭ چىرايى سۇتتەك ئاقىرىپ كەتكەن بۇلۇپ كىملەرنىدۇ تىللاۋاتاتتى،ئىھتىمال مىنى تىللىسا كىرەك.ئۇمىنى كۇتۇرۇپلا مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا  ئېلىپ كەلدى،دوختۇرنىڭ قاتتىق تىگىشى بىلەن ياتاقتا يېتىپ قالدىم،ماڭا ئەمدى كىسەل كارۋىتى،ئۇكۇل يىڭنىسى،بېشىمدا باراڭدا ئېسىلىپ تۇرغان قاپاقتەك ئاسما ئۇكۇل بوتولكىسى ساڭگىلاپ تۇرۇپ ۋەبۇنىڭغا قۇشۇلۇپ تۇگۇمەس خىياللارھەمراھ بۇلىدىغان بولدى.

بۇگۇن دوختۇرخانىداياتقىنىمغا ھەپتە بولدى،ئەتە چىقىپ كىتىمەن.دوختۇرخانىدا ياتقان ھەپتەئىچىدە«ئۆكسۇش»ناملىق كىتاپنى ئىككى قېتىم ئۇقۇپ چىقتىم،ئەمما ئىسىمدە ھىچ نىمەيوق ئىدى.نىمىشقىكىن خىيالىمدىن مەريەم يىراق كەتمەيتتى،ئۇخلىسام چۇشۇمگەكىرۋالاتتى.مەريەمنى بىزارلىق ئىچىدە شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدىم.مەندەك تىنى ھەرقانچە ئاجىز بولغان كىشىدىمۇ ئىشقى بىقارارلىق بۇلىدىكەن،مەن ئۇزۇمنى چۇشۇنىشكە ئۇرۇنۇپ باقتىم،مەندە ھسسىيات كۇچلۇك بۇلۇش بىلەن بىرگە ئاسانلا ھاياجانلىنىش،ئاسانلامۇڭلىنىش،

ساقلىنىپتۇ بۇ مەندىكى ئىنتايىن ئېغىر كەمچىلىك ئىكەن.مەن بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە مەريەمنى خىيال قىلمىغان بىر دەقىقىمۇ يوق.خيال كەپتىرىم مەريەمنىڭ زىلۋا قامىتىنى ئۇزىنىڭ پاقىراق پەيلىرى ئۇستىگە ئېلىپ ،كۆزئالدىمدىن، تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ تۇنجى يىللىقىدىكى ۋاختىنى ئاستا-ئاستا،بىرمۇ-بىر،ئىنچىكىلىك بىلەن ئۆتكۇزدى.زىلۋا قامىتىگەياراشقان،ئاق سېرىق كەلگەن سۇزۇك چىرايى،قاڭشارلىق بۇرنى ئۇنىڭغا تازىمۇ ماسلاشقان ئىدى.قاراۋە ئىنچىكە قاشلىق كەلگەن چىرايلىق قىز مەريەم ،ئويچان كۆزلىرى بىلەن كۆينىكىنىڭ ئىتىكىنى غىجىملىغىنىچە،مەكتەپ باغچىسىدىكى قارا ياغاچلىقتا بىر تۇپ يىگانە سىدىگە يۇلەنگىنىچە خيال سۇرمەكتە.ئۇنىڭ كۈزى ياشتىن خىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى،قۇلىدا بولسا ئارىسىغا كونۋىرىت قىستۇرۇلغان كىتاب بار ئىدى.ئۇنىڭ تۇرقىدىن بىر خىل ئارامسىزلىنىش،ئىككىلىنىش،گاڭگىراش

چىقىپ تۇراتتى.بەلكىم كىتاب ئارىسىدىكى كونۋىرتتا مىنىڭ مەريەمگە يازغان سۆيگۇ مەكتۇبىم بۇلىشى مۇمكىن ئىدى...خىيالىمنىڭ داۋامىنى سۇرۇشكە رايىم يوق كۈزۈمنى ئاچتىم.كۆز ئالدىمدا،ئاپئاق ئاقارتىلغان تۆت تام،جپسىلاشتۇرۇپ قۇيۇلغان تۆت كارۋات،كارۋات بېشىدىكى قاتار ئېسىپ قۇيۇلغان ئۇكۇل شىشىلىرى تۇراتتى.ياتاقنىڭ قىيا ئۇچۇق تۇرغان ئىشىگى ئېچىلىپ،بىر نەچچەيلەن ياتاققاكىردى. ئۇلار كىرەم،تۇرغۇن،نۇرجانلار ئىدى،ئۈزۈمنىڭ ئەھۋالى بىلەن بولۇپ بۇلارنى ئۇنتۇپتىمەن،مەن دوختۇرخانىدا ياتقان،ھەپتىدىن بېرى، بۇ ئۈچ دوستۇم ماڭا قېرىنداشلىرىمدەك قاراپ،ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالدى.ئۇلار مىنىڭ ئۇبدانلا ياخشى بولۇپ قالغىنىمدىن خۇشاللىنىپ كەتتى.

  ياتاقنىڭ ئىشىگى قىيا ئۇچۇق بولۇپ،مەن دوستلىرىمغا قانداق رەھمەت ئېيتىش توغۇرسىدا ئويلىنىۋاتاتتىم.ياتاق ئىشىكىنىڭ يۇچۇغىدىن كىرگەن بالىلارنىڭ  ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى،مىنى جەلىپ قىلىپ دوستلىرىمنى سىرتنى ئايلىنىپ ھاۋا يەپ كىرىشكە تەكلىپ قىلدىم،ياتاقتىن چىقىشىمغا كارىدوردا ئويناۋاتقان تۆت-بەش بالا،دوختۇرنىڭ قوغلىشى بىلەن پەسكە چۈشۈپ كەتتى.ئۇ بالىلارشۇنچىلىك غەمسىز،شۇنچىلىك خۇشال ئىدى.بالىلارغا  ئەگىشىپ پەسكە چۈشتۈم،كىسەلخانا ئالدىدىكى گۈللۈكتە بالىلار خۇشال ئويناۋاتاتتى،كۆز ئالدىمغا دادامنىڭ مىھىرلىك كۆزى كەلگەن ئىدى،كۆڭلۈم بۇزۇلدى،كۈزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى.يىتىم دىگەننىڭ كۆڭلى شۇنداق نازۇك،كۆز يېشى توختامسىز بولىدىغان ئوخشايدۇ.ئۇيۇمنىڭ داۋامىنى سۈرۈشكەمادارىم يەتمەيتتى،گۈللۈككە ئۇرۇنلاشتۇرغا ئۇرۇندۇققا ئاستا ئولتۇرۋالدىم  .


  2-بۆلەك تۈگۈدى خىزمەت ئالدىراشلىغى بىلەن ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم كەچۈرىڭلار            داۋامى بار تېخى تۈگىمىدى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-21 02:20 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1513
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 11:10:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا قىزىقمىدىم,چۈنكى بۈ ئەسەر ئۇدا بىر قانچە  بۈلەك
يوللانغان  بولسىمۇ ,  داۋامى تولۇق يوللانمىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103833
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 533
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2014-2-20
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 11:39:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پارچىلاپ ئايرىم يوللىماي، ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسڭىز ياخشىراق بولاركەن، ھەم ئاسان تاپقىلى بولىدۇ، بۇنداق ئايرىم يوللىسىڭىز، يوللاش سۈرئىتىڭىزمۇ ئاستا،ھەم ھەر قېتىم يوللانغىنى بەك ئاز، ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدىكەن، ھەر قېتىم  ئوقۇغاندا بېشىنى ئوقۇپ بېقىۋاتىمەن

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 02:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 02:46:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش