مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1752|ئىنكاس: 10

ئايالنىڭ ۋاقتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20369
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6345
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 01:56:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايالنىڭ ۋاقتى

نەزىرە مۇھەممەد سالىھ






    بۇندىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى بىر پەيلاسوپ : «ئەگەر ئاياللار تۈزەلسە جەمئىيەت تۈزىلىدۇ، ئىنسانىيەت گۈللىنىدۇ» دەپ ئېيتقانىكەن. دەرھەقىقەت، ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە، ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزگۈچى ئاياللار ئۆز-ئۆزىگە خوجا، مىللەتنىڭ نۇرلۇق كېلەچىكىنى يارىتالايدىغان، ئېتىقادلىق ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرەلەيدۇ. بىز ئىنسانىيەت تارىخىدا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان تالاي بۈيۈك ئىمپېرىيە، قۇدرەتلىك خاندانلىقلارنىڭ پاجىئە سەۋەبلىرىدىن بىرى ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىگەن ئاياللار ھالاكىتى دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى،  ھەرۋاقىت ئۆز يىلتىزىدىن  ئوزۇق ئېلىپ، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى ئۈستىدە ئويلانمىغان ئادەمنىڭ تىككەن كۆچەتلىرىگىمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش بەرىكەتسىزلىك ۋە يوقىلىش ئاقىۋىتى پۈتۈلگەن بولىدۇ.
      مەن قەدىمىي پارلاق مەدەنىيەتكە، شانۇ شەۋكەتلىك سەلتەنەتلەرگە ئىگە بولغان خەلقىمنىڭ ئازاب ۋە ئۈمىد، كۆز ياش ۋە خۇشاللىق بىلەن تولغان ئۆتمۈشىنى ۋاراقلاپ باقتىم. رېئاللىققا قويۇلغان تالاي ئېغىر سوئاللىرىمنىڭ بىرى گۈزەل ۋە ئەقىللىق ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قويۇلغان سوئال ئىدى. ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا يارىتىلغان سانسىزلىغان گۈزەل ئوبرازلارنىڭ پروتوتىپى دەل رېئاللىقتىكى غايىلىك ۋە شىجائەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىدۇر. ئانا زېمىننى قوغداش يولىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان باتۇر تۇمارىس، ئەركىنلىك، پاكلىق ئۈچۈن زۇلۇمغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قەھرىمان نوزۇگۇم، گۈزەل شېئىرى مىسرالىرى بىلەن ئەركىنلىكنى كۈيلەپ تارىخ بېتىگە ئۆچمەس نامى يېزىلغان زىببۇننىسا خېنىم، قاراڭغۇ يىللارنىڭ جاھالەت پەردىلىرىنى يىرتىپ، مەدەنىيەت-مائارىپ  نۇرلىرىنى تاراتقان راھىلە خانىمنىڭ ئەقىل- پاراسەت، غەيرەت- شىجائىتىنىڭ ئىرسىي گېنلىرىنى بىز بۈگۈن شۇلارنىڭ قىزى بولمىش ئۇيغۇرئاياللىرىدىن ئىزلەپ تاپالايمىز. ئەپسۇس، خۇددى قۇرۇپ كېتىۋاتقان تارىم ۋادىسىغا ئوخشاش، بۇ جۇلالىق روھنى توپا باسقان، ئۇ خۇددى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن تۇرپان كارىزلىرىدەك ئۇنتۇلغان.
      فرانسىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى بالزاكنىڭ «مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلار قولىدا» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى بىز تالاي ئاڭلاپ كىتابلارغا پۈتتۇق. ئەمما، بۇنى چىن مەنىسى بىلەن ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجابىي نەتىجىسى ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ ئىزنالىرى رېئاللىقىمىزدا بارمۇ؟ بۇ رىقابەت ئەسىرىدە مەۋجۇت بولۇشىمىز ۋە داۋامــلىشىشىمىزنىڭ بىر ئۇچى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە ئاياللار ئىكەنلىكىنى قانچىمىز تونۇپ يەتتۇق؟ ۋاقىت ئەقىللىقراق، ياخشىراق، تولۇقراق ۋە مۇكەممەلرەك بولۇپ يېتىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە ئىنئام قىلىنغان قىممەتلىك سوۋغا. ئىلىم- مەرىپەتنىڭ ئىنساننى ئەزىز خوجايىنغا ئايلاندۇرىدىغىنى، جاھالەت- نادانلىقنىڭ قۇللۇق ئاسارىتىگە چۈشۈرۈپ قويىدىغىنى تارىخىي قىسمەت بىزگە ئاتا قىلغان ھەقىقەتتۇر. ئۇيغۇر نەسلىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئۇلىغۇچى ۋە تەربىيىلىگۈچى ئاياللارنىڭ كۈچلۈك ۋاقىت تۇيغۇسى، ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئىلىم- مەرىپەت بىلەن تاكامۇللاشتۇرۇشى جىددى زۆرۈرىيەت ۋە باش تارتىپ بولماس تارىخىي بۇرچىدۇر. مىسىرلىق ئالىم  خەۋلە دەرۋىش «ئاياللارنىڭ باردى- كەلدىسى» ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەيدۇ: « ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەندە قىيامەت كۈنى ئۆمرىنى (ۋاقىتنى) قايسى ئىشلارغا سەرپ قىلغىنى، ئىلىمنى نېمىگە ئىشلەتكىنى، مال- مۈلكىنى قايسى خىل يول بىلەن تاپقىنى ۋە نېمىلەرگە سەرپ قىلغىنى، ئەجىلى يەتكۈچە قانداق ئەمەللەرنى قىلغانلىقىدىن ئىبارەت تۆت نەرسە ئۈستىدە سورىلىدۇ.  شۇنداق، كىمىكى ۋاقىتنى بىھۇدە ئىشلارغا زايە قىلىۋېتىدىكەن، ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ تولۇقلانماس بىر بۆلىكىنى زايە قىلغان بولىدۇ. ئايالنىڭ ۋاقتى پەقەت ئۆزى ئۈچۈنــلىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق دېيىلسە ئايال ئۆز ئېرى ۋە بالىلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى، جەمئىيەت ۋە مىلـلەت ئالدىدىكى بۇرچىنى قاچان ئادا قىلىدۇ؟» دەرۋەقە، ۋاقىت ھەربىر ئادەمنىڭ خالىغانچە ئىشلىتىدىغان ھېسابى- سورىقى يوق شەخسىي مۈلكى ئەمەس، جۈملىدىن ئايالنىڭمۇ شۇنداق. ئايالنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنى ئۆزى ئەتىۋارلىغان، كۆزىگە قارىغان بالىلىرىنى ئاتا- ئانىنىڭ ھامىيلىقىدا ئەمەس، ھېچكىمنىڭ خەيرىخاھلىقى بولمىغان كەلگۈسىدە نېنىنى پۈتۈن تېپىپ يېيەلەيدىغان، ئۆزىگە ئۆزى خوجا، ياراملىق ئىزباسار قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، رېئاللىق مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن باشقىچە ئىدى. ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان قىز-ئاياللارنىڭ نادانلىق ئاسارىتىدە قېلىشىنىڭ سەۋەبىنىغۇ يوقسۇزلۇق، نامراتلىق تۈپەيلى دېسەك، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە تەلەيلىك قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ تارىخىي بۇرچىنى، بالىلىرىنى، ئەرلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئويناۋاتقان تېتىقسىز قاتار چاي، تۈگىمەس ئولتۇرۇشلىرىنى نېمىدەپ چۈشەندۈرىمىز؟
     مەشھۇر ئەرەب شائىرى ئەھمەد شەۋقىي (1868-1932) ئاتا- ئانىنىڭ بالىنى تەربىيىلەپ، ياراملىق ئادەم قىلىش مەجبۇرىيىتى ھەققىدە مۇنداق ھېكمەتلىك مىسرالارنى يېزىپ قالدۇرغان:


يېتىم ئەمەس تۈگەپ ئاتا- ئانىسى،

خار ۋە زەبۇن ئېغىر كۈندە قالغۇچى.

ئانىسى پەرۋاسىز، ئاتا ئالدىراش،

دەل شۇدۇر يېتىمەك دەپ ئاتالغۇچى.

      شۇنداق، بۇ رەڭدار دۇنياغا تاشلاپ قويۇلغان بالىسىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى، نېمە ئۆگىنىۋاتقانلىقى، كىملەر بىلەن بېرىش- كېلىش قىلىۋاتقانلىقى بىلەن كارى يوق، كىملەرنىڭدۇر ئۇزۇن- قىسقىلىقى، ئەڭ يېڭى مودا، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتتىن باشقا ئەھمىيەتلىكرەك بىرەر سۆھبەت تېمىسىمۇ يوق  چاي،ئولتۇرۇشلارغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئانىنىڭ تىرىكلىكىنىڭ بەلگىسى نېمە؟ مۇنداق ئانىغا بالا بولغۇ-چىنىڭ،رىزىقىنى خۇدايىم بېرىۋاتقان، ئەمما كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتتۇرۇپ، ئەجىر سىڭدۈرىدىغان ئاتا- ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن يېتىمدىن نېمە پەرقى؟ ئادەمزاتنىڭ ئادىمىيلىكى ئۇنىڭ ئۇچار قۇشلاردىن يىرتقۇچلارغىچە پۈتكۈل جانلىقلار دۇنياسىدىكى ئاتا- ئانا بولغۇچىغا ئورتاق  بالا تۇغۇش، ئۇنى ئاچ- يالىڭاچلىقتىن ساقلاش، ھىمايىسىگە ئېلىشتا ئەمەس، بەلكى ھاياتىنىڭ داۋامى بولغان بالىلىرىنى جاپالىق ئەجىر، تەربىيە بىلەن ئانا زېمىننىڭ گۈللەندۈرگۈچى خوجىلىرىغا ئايلاندۇرۇشتا. ئىنسان تۇغۇلىشىدىنلا ئۇنىڭدا ياخشى ۋە يامان، گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى تەبىئىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئەمما رېئاللىقنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇچى رەڭگارەڭ چىراقلىرى ئاستىدا پەقەت توغرا ئائىلە تەربىيىسىلا بالىدىكى بۇ تەبىئىي ئىقتىدارنىڭ خىرەلىشىپ قالماستىن تېخىمۇ جۇلالىنىشىغا ئاساس سالىدۇ.ئەلۋەتتە، ئانا ئاياللىق خاراكتېرىدىكى ئەۋرىشىملىك، يۇمشاقلىق، مېھىر- مۇھەببەت بىلەن بالا تەربىيىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى. مەكتەپ ۋە جەمئىيەت توغرا پەرۋىش قىلىنغان مايسىنى تېخىـمۇ كۆكلىتەلەيدۇكى، باغۋەننىڭ ئەجرىسىز قىڭغىر ئۆسكەن كۆچەتنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەنمۇ مېۋىگە كىرگۈزەلمەيدۇ.
ئامېرىكىلىق دوكتۇر كاسىس كارل «ناتونۇش ئىنسان» دېگەن كىتابىدا قاتتىق ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە مۇنــداق قۇرلارنى يازدى: «زامانىۋى جەمئىيەت مەكتەپ تەربىيىسىنى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىــتىشتەك زور بىر خاتالىق ئۆتكۈزدى. ئانىلار بالىلىرىنى يەسلىگە، مەكتەپكە تاشلاپ بېرىپ ئۆز ۋاقتىنى خىزمەت، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا سۆرەلمىلىك بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولدى. ھازىرقى زاماندىكى ئائىلە بىرلىكى ۋە مېھرى- مۇھەببەتنىڭ يوقىلىشىدا ئۇلارنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بار. بالا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ يىلتىز مۇھىتىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ. بالىنىڭ ئەقلىي، ئەخلاقى ۋە خاراكتېر پىسخىكىسى ئائىلىدە تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ ۋە تۇراقلىشىدۇ. ھالبۇكى، بالىلارنىڭ ئۆز تەڭــتۇشلىرىدىن ئۆگىنىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئاياللار ساپاسى، ئاياللارنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىم زۆرۈرىيەت. ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى رولى ئەمەلىيەتتە ئەرلەرنىڭكىدىن زور».
      چوڭقۇر پەلسەپىۋى ھېكمەت چاقناپ تۇرغان شېئىرلىرى بىلەن قەلىبلەردىن ئورۇن ئالغان ئەرەب شائىرى ھافىز ئىبراھىم بالا تەربىيىسىدىن ئاۋۋال ئايالنى ئەتراپلىق تەربىيىلەش ۋە ئانىلارنىڭ رولىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: «ئانا بىر ئۇلۇغ مەكتەپ، ئەتراپلىق تەربىيىلەنگەن، يېتىلگەن ئانىنى بارلىققا كەلتۈرگىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر مىللەتنى بارلىققا كەلتۈرگىنىڭ، ئانا گويا بىر باغچا،  ئەگەر ئۇنى ئوبدان پەرۋىش قىلىپ سۇغۇرساڭ ئۇنىڭ ياپراقلىرىنىڭ سايىسى نە- نەلەرگە يېتىدۇ. ئانا ئۇستازلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازى، ئۇنىڭ ئىزلىرىنى سەن ھەتتا ئۇپۇقتىمۇ كۆرەلەيسەن».
      شۇنداق، مەن كۆرۈۋاتقان ئاياللار ھايات چەمبىىكىدىكى ئۇپا- ئەڭلىك، كىيىمگە بولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىنى ئىلىم، كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىك، توي- تۆكۈن، چاي- ئولتۇرۇشلارغا بولغان خۇمارنىڭ ئورنىنى يۈرەك پارىلىرىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن تەر تۆكۈش ئىگىلىگەن، غايىمىز ۋە پەخرىمىز ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلا ئەمەس، دوكــتۇرە، ئالىمەلەرنى يېتىشتۈرۈش بولسىدى، خەلقىمىز يېڭى ئەسىرنىڭ غۇۋالىقلىرىدىن ئۈمىدلىك كەلگۈسىنى كۆرگەن بولاتتى. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تۈركىي خەلقلەر ھاياتىدىكى مەدەنىيەت ئويغىنىشى ۋە ئاقارتىش دولقۇنىنىڭ سەركىسى بولغان تاتار مىللىتى مۇتەپەككۇرلىرىدىن رىزائىددىن ئىبنىي فەخرىددىن كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقتىن ھەسرەتكە چۆمۈپ مۇنداق قۇرلانى يازغانىدى: «نېمىشقا بىز ياشاۋاتقانئۇشبۇ كۈنلەردە فارابىي، ئىبىن سىنا، مۇھەممەد ئىسمائىل بۇخارىي، ئىبنىي خەلدۇن، ئىمام ئەبۇ ھەنەفىي، ئابدۇللا ئىبنىي مۇبارەك، سىبەۋىي، ئىبنىي رۇشىد كەبىي بۈيۈك زاتلار چىقمايدۇ؟ بۇنىڭغا ئۇ زامان ئەشۇنداق زاتلارنى يېتىشتۈرۈشكە مۇسائىد (ياردەمچى) ئىدى، بىزنىڭ زامانىمىز ئۇنداق ئەمەس، دېيىش توغرا جاۋاب بولمايدۇ. زامان ئۆزگەرگىنى يوق، ئادەملەر بولسا بارغانسېرى ئىلىم- مەرىپەت،تەرەققىياتنىڭ پايدىسىنى تونۇپ شۇنىڭغا يۈزلەنمەكتە. ئىسلام دۇنياسىدا ئۇ زامانلاردا بۈيۈك زاتلار يېــتىشىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى بالىلىرىنى بۈيۈك ئادەم سۈرىتىدە تەربىيىلەيدىغان مەرىپەتلىك ئانىلار بولغانــلىقىدا. ئەمما زامانىمىزدا ئۇنداق ئانىلار تۈگەپ كەتتى. ئەگەر بۇ دەۋردە ھەم شۇنداق ئانىلار بولسىدى،چوڭقۇر پىكىرلىك، ئالىي ھىممەتلىك، گۈزەل خۇلقلۇق ئالىملار، ئىنسانلىق دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلــغۇچى مۇجەددىد (يېڭىلىغۇچى) ۋە مۇختەرىئىيلەر (كەشپىياتچىلار) بارلىققا كەلگەن بولاتتى.ئېھتىمالكى،ئاش، سۇ، ئۈنچە- مارجان، قوناق، قالپاق سۆزىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئاياللار ئىسلاھىي ئائىلە، تەربىيەئىي ئەۋلاد، ئىدارەئىي مەنزىل (ئۆي)كەبىي مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ھەم بىلمەس. قىزلارنى ئو-قۇتۇڭلار، مىللەت ئانىلىرى يېتىشسۇن!»
      1997- يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىپ، زامانىۋى پەن- تېخنىكا بىلەن ئىسلام روھىنىڭ ئاجايىپ يېتۈك ماسلىقىنى بەرپا قىلغان، ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدىكى تۆت ئەتراپى دېڭىز بىلەن قورشالغان دۆلەت- ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ھاياتىمنىڭ تۆت يېرىم يىلىنى ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. بۇ يەردە دۇنيا مەنىۋىيىتىگە ئىسلام دىنى ۋە «قۇرئان كەرىم» دەستۇرىنى ئاتا قىلغان، قەدىمدىن تارتىپ تۈركىي خەلقلەر بىلەن تىل، ئەدەبىيات- سەنئەت، سودا- سېتىق جەھەتلەردە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش، قوبۇل قىلىش مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن ئەرەب مىللىتىنىڭ ئىسلام دىنى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋىلىك بىرلەشكەن روھىيەت قۇرۇلمىسىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم.
      بىرلىك كەم بولسىمۇ، پىداكىرانە روھ،تەۋرەنمەس ئېتىقاد بىلەن ئويغىنىش ئىچىدە دولقۇنلاپ تۇرغان بۇ قەدىمىي روھ كىشىگە ئۈمىد بېغىشــلايتتى. قۇياش تەپتىدە يالقۇنسىز كۆيۈۋاتقان دېڭىز بويىدىكى بۇ چوغدەك زېمىندىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېدىكى بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا تولدۇرالالمىغان بوشلۇقلارغا جاۋاب چىقىدىغاندەك قىلاتتى. دەسلەپتە پورتۇگالىيە ئاندىن ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 1971- يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مول نېفىت بايلىقى بىلەن توغرا ئىقتىسادىي پىلان ۋە سىياسەتكە تايىنىپ قىسقىغىنە 20 نەچچە يىلدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇنداتۇرۇدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. زامانىۋى پەن- تېخنىكىغا ئىگە بۇ دۆلەتنىڭ ئانا تىلغا، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان يۈكسەك ئېتىبارى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى ماڭا ساناقسىز سۇئاللار بىلەن ئازابلىق جاۋابلارنى ئاتا قىلدى. گەرچە بۇ دۆلەتتە ئىنگلىز تىلى ئەرەب تىلى بىلەن تەڭ ئىشلىتىلىدىغان، يەسلى مائارىپىدىن باشلاپلا بالىلارئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىدىغان بولسىمۇ، مەن بىرەر ئەرەب بالىنىڭ ئاتا- ئانىسى بىلەن ئۆيدە ۋە كوچىلاردا ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەشكىنىنى كۆرمىدىم. ھەقىقەتەن چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش دۇنياغا يۈزلىنىشتىكى زۆرۈرىيەت، بىراق ئۇنى ئانا تىلنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولۇش جىنايەت. “ئەرەب تىلى مۇقەددەس’قۇرئان كەرىم’ نىڭ تىلى ۋە ئەجدادىم تىلى، مەن ئەرەبمەن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە تارىخىنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ باشقىلار ئالدىدىمۇ ھېچقانداق ئورنى ۋە قىممىتى بولمايدۇ” دەيدىغان ئىدىيە 21- ئەسىردىمۇ يەنىلا تارىختىكى قەبىلە شەكلىنى مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ قالغان بۇ باي- باياشات خەلقنىڭ ئانا تىلغا،مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان ئىشتىياقى ۋە ئېتىبارىنى روياپقا چىقارغان.
      ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىلىك تارىخىدىن ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن بۇ دۆلەتتە ئاياللارنى ھۆرمەتلەش ۋەقوغداش ئومۇمىي كەيپىياتقا، ئاياللار مائارىپى ۋە ئاياللارغا خاس تۈرلۈك ئالاھىدە ھوقۇقلار دۆلەتنىڭ قانۇن- سىياسىتىگە ئايلانغان. ھەر يىلى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ۋە پۈتتۈرىدىغان قىزلارنىڭ سانى ئوغۇللاردىن ئۈچ- تۆت ھەسسە ئارتۇق. گەرچە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بەزى قىزلار مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى خىزمەت قىلمىسىمۇ، ئۇلار ئالىي مائارىپنى ئىنسان قىممىتىنى نامايان قىلىش، دىنىي مەجبۇرىيىتى ۋە ئېرى ئالدىدىكى ئاياللىق بۇرچىنى ئادا قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى بالىلىرىنى ياراملىق قىــلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن زۆرۈر، دەپ قارىشىدۇ. شۇڭا بەش- ئالتە بالىسى بار ئاياللارنىڭ ئالىي مەكــتەپتە ئوقۇشى، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە ھەقسىز ۋە ھەقلىق ئېچىلىپ تۇرۇدىغان دىنىي ئىلىم، چەتئەل تىللىرى ۋە ھەرخىل تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىشى دائىملىق ھادىسە.
      ئەخلاق- شەخىس ۋە جامائەتنىڭ ئاڭلىق رەۋىشتىكى ئىش- ھەرىكەتلىرىنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق، گۈزەللىك ۋە رەزىللىك نوقتىسىدىن ئۆلچىگۈچى مىزاندۇر. ئىنسانىيەتنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان ئەخلاق دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ، كىشىلىك ھاياتقا ئۆچمەس تامغىسىنى باسقان. دىنىي ئىدېئولوگىيىلەر بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان ئەخلاقنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن رىئايە قىلىـ-ـنىشى زۆرۈر ئالىي مىزان قىلىنغان ۋاقتى دەل ئىنسانىيەتنىڭ شانۇ- شەۋكەتلىك ئىمپېرىيە، خاندانلىق سايىسىدا گۈللەنگەن مەدەنىيەتنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان دەۋرى بولغان. ۋەھالەنكى، ئىنسانلارنىڭ يالىڭاچلىقنى خالاپ، كىيىملىرىنى چۆرۈۋەتكەندەك ئەخلاقنى چۆرۈۋەتكەن مەزگىلى دەل قىلمىشلىرى تۈپەيلى دۈم كۆمتۈرۈۋېتىلگەن لۇت ئاھالىسى شەھىرىدەك، قۇدرەتلىك بابىلنىڭ ئېچىنىشلىق ھالاكىتىدەك زاۋاللىقتىنبىشارەت بەرگەن. ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى روياپقا چىقارغان ئەخلاق چەمبىرىكىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى جىلۋىلىك نۇرلىرى مېنىڭ يىراقلاردا قالغان ئانا يۇرتۇم ھەققىدىكى تەپەككۇرۇمنى قوزغايتتى. كۆز ئالدىمدا، سۇسلىشىۋاتقان ئېتىقاد ۋە بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويۇلغان ئەنئەنىۋى ئەدەب- ئەخلاق مىزانلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان رېئالـ-ـلىقتا ھاراقتىن ئەس- ھۇشىنى يوقاتقان ئەر، قەدەھتىكى قىزىل سۇيۇقلۇقنى سۈمۈرىۋاتقان يېرىم يالىڭاچ ئايال، ھاياسىز كۆزلەر، گۇناھلىق ئىشلار زاھىر بولاتتى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ۋاقىت، زېھىن ئىسراپچىلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك نامايەندىسى بولغان قاتار چاي، ئولتۇرۇشلاردا ھاراق بوتۇلكىلىرىنى تىكلەپ قويۇپ ئىچىۋاتقان ئايالدىن ئېتىقاد ۋە غايە، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت سوراش مۇمكىنمۇ؟ ئەۋلادلىرىمىز  ھاراق شىشىلىرى بىلەن يالىڭاچ بەدەنلەردىن قانداقمۇ شەمىي- ھايا، نۇمۇس ئۆگىنەر؟
     ئايالنىڭ ۋاقتى تۈگىسە، مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيدۇ. ئايالنىڭ ۋاقتى ئاز قالغاندا، مىللەتنىڭ ۋاقتى ئازقالىدۇ. ئاياللاردىكى ئالامەتتىن كىشىلەر زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرىدۇ. سوغۇق نۇر چېچىپ تۇرغان پەن- تېخنىكا ئابىدىلىرىنى تىكلىگەن غەرب جەمئىيىتىدە ئىنسان تەبىئىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەرجىنس ئۆزىگە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتەك قەدىمىي مۇقەددەس تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ كەتتى.ئەركىنلىك شۇئارى ئاستىدا بەس- بەستە كوچىغا چىقىۋالغان ئاياللارنىڭ ئەمدى يۈرەك پارىلىرىنى مېھرى بىلەن سۇغۇرۇشقا، ئەرلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ سۆيگۈ بېرىشكە ۋاقتى چىقمايدىغان بولدى. بالا قۇپقۇرۇق ئويۇنچۇق دۆۋىسى ۋە جانسىز تۆمۈر- تەسەكلەر ئىچىدە قۇپقۇرۇق چوڭ بولدى. ئۇنىڭ قەلب چوڭقۇرلىرىغا ئانا باغرىنىڭ ھارارىتى، ئىنسانىي ھېس-تۇيغۇ ۋە روھنىڭ نۇرى يېتىپ بارالمىدى.
ئايال- كومپيۇتېر ئالدىدا ئالدىراش. ئايال- سىياسىي مۇنبەرلەردە ئالدىراش
ئايال- تېلېۋىزور ئېكرانى ئالدىدا ئالدىراش.
ئايال- قەھۋەخانىدا ئالدىراش. ئايال- تەنھەرىكەت مەيدانلىرىدا ئېغىرلىق كۆتىرىش بىلەن ئالدىراش.  
      ھەممىدە ئەر بىلەن ئوخشاش خىزمەت قىلىش ئايالنىڭ ۋاقتىنى ئەرنىڭ ۋاقتىغا ئايلاندۇرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن غەرب جەمئىيىتىدىكى ۋاقىت- ئەرلەرنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنىڭ سىمۋولى بولغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغۇچى ماشىنا- ئۈسكۈنىلەر، ھەربىي قورال- ياراغلار ھەمدە يۇقىرى تېزلىك ۋە سۈرئەتكە ئىگە ئەسلىــھەلەر ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئەرلەرنىڭ ۋاقتى بولدى. ئاياللىق بەلگىلىرى بولغان نازاكەت، مۇلايىملىق،مېھرىبانلىق ۋە ئەركىن- ئازادىلىك ئۈچۈن ۋاقىت قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاقتى قىستاپ قالغان، كۈچ ۋە قاتتىقلىققا تولغان غەرب جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ يۈكسەك غېرىبلىق ھەيكىلىنى تىكلىدى.
ئاياللارنىڭ تەقۋالىقى ۋە ئەخلاقى بىر مىللەتنى يېڭىدىن يارىتالايدۇ. ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشى بولسا مىللەتنى ھالاكەتلىك يوقىلىش گىردابىغا سۆرەپ ئاپىرالايدۇ. مەرىپەتلىك ئانىلاردىن بۈيۈك زاتلار تۇغۇلىدۇ. شۇڭا پەيلاسوپ ژان پول:«بىزگە ياخشى ئانىلارنى بېرىڭلار، بىز ياخشى ئادەملەر بولۇپ يېتىشىمىز» دەپ مۇراجىئەت قىلغانىدى.  
ئۆتمۈش ھەرقانچە ئۇلۇغ، سەلتەنەتلىك بولسىمۇ، ئۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئەجدادلار ئىزىدىن پۈتۈلگەن كەچــمىش قوينىدىن بىزگە كېرىكى تەسەللىيلا ئەمەس، بەلكى روھىمىزنى، رېئاللىقنى يېڭىلاشقا كېرەك ئىچكى ئېنېرگىيە. مەن ئىنسانىيەت مۇساپىسىدا نۇرلۇق سەھىپىلەرنى ئاچقان ئىسلام تارىخىدىكى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈنكۆرسەتكەن سەمەرىلىك خىزمەتلىرى بىلەن تىللاردا ۋە دىللاردا نامى يادلىنىۋاتقان مەشھۇر ئاياللارنىڭھايات خاتىرىلىرىنى يېزىپ ئوقۇمەنلەرگە سۇندۇم. تىلىكىم شۇكى، يازغانلىرىم قاتتىق رىقابەت، رەھىمسىز شاللاش بىلەن خاراكتېرلەنگەن يېڭى ئەسىر بوسۇغۇسىدىكى خەلقىمگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشــلىيالىسا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەرخىل ئاياللاردا تارىخىي بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ،يېڭىچە قان ۋە يېڭىچە روھ ئاتا قىلسا، ئەجەپ ئەمەس.


مەنبە : نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ « شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ » ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.


كىشى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلمەكچى بولسا،كىملەرنى سۆيگىنىگە قارىسۇن.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44627
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15788 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 02:22:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

نەزىرە خانىمنىڭ بىر يۈرۈش كىتابلىرى ھەم خانىم - قىزلار توغرىسىدىكى ئەخلاققا دائىر ماقاللىرى بەكمۇ ئىسىل . ھەر - بىر خانىم قىزلىرمىزنىڭ ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94383
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-4-5
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 02:50:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 02:22 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

نەزىرە خانىمنىڭ بىر يۈرۈش كىتابلى ...

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تۇز ئەپەندى،بىر تىمام تەستىقلىنىپ بوپ ئۆچۈرۋىتىلىپتۇ،سەۋەبىنى سوراپ باقسام بولۇرمۇ؟ ئاۋارە قىلدىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 03:29:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 06:38:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز -ئاز ئۈگۈنىپ دانا بۇلۇر دىگەن گەپ بار،بىزدىكى گەپ ئاياللارنىڭ كىتاپ كۆرمەسلىكى ،بۇ بەك ئېغىر پاجىئە، مىللىتىمىز ئاياللىرىدىن كىتاپ كۈرىدىغانلار يوق دىيەرلىك نەزىرە خانىمنىڭ ماقالىلىرى ئاياللارغا ئۆرنەك بولاتتى بولمىسا،ئۇقۇمايدۇ دە!!!!!!!!ھەي.................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 09:09:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپ بەك ياخشى ، ساقلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك ،  ياخشى تېما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1338
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 10:37:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەزىرە مۇھەممەت سالېھ نىڭ‹شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ ›ناملىق كىتابى ھازىر نەشىر قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئىچىدە مەزمونى شۇنداقلا كىشىگە مەنىۋى زوق بېغىشلاش جەھەتتە تۇرتكىلىك رول ئوينايدىغان ياخشى كىتابلارنىڭ بىرى .

ئىگىسىگە ئەخلاق بىرەلمىگەن ئىمان ھەقىقى مۇكەممەل ئىمان ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109512
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-8-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 01:50:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما ئىكەن، كۆپ رەھمەت!

ئۆمۈرنى غەنىيمەت بىل ، ساقلىق ۋە ئامانلىققا شۈكۈر قىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1303
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 347 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 05:23:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mamatkurban يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 06:38 PM
ئاز -ئاز ئۈگۈنىپ دانا بۇلۇر دىگەن گەپ بار،بىزدىكى گەپ ئ ...

بىر ئوغول بالىنى تەربىيلىسەڭ  پەقەت بىرلا  شەخىسنى تەربىيلىگەن بولىسەن،  بىر قىزنى تەربىيلىسەڭ  بىر ئائىلىنى تەربىيلەپ  مەلەتكە تۆھپە قوشقان بولىسەن   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 11:44:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىشنى ئۈزىمىزدىن باشلايلى !!!!!!!!!!!

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش