|
|
|
|
كۆنچى دەرياسى نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى غېنى سايىم
كۆنچى دەرياسى بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىدىكى ئاساسلىق دەريالارنىڭ بىرى بولۇپ،باغراش كۆلىدىن باشلىنىدۇ،شۇڭا بۇ دەريانى شىنجاڭ بويىنچە كۆل سۈيىنىڭ تەڭشىشىگە تايىندىغان بىردىنبىر تۈزلەڭلىك دەرياسى دېيىشكە بولىدۇ.ئەينى چاغلاردىكى باش ئەگىمدىكى تارقىساڭدىن ئۆتۈپ،كورلا تۈزلەڭلىكىگە كىرىپ،ئاخىرىدا يەنە لوپنۇر كۆلىگە قويۇلىدىغان بۇ دەريانىڭ سۈيى ھازىر لوپنۇر كۆلىگە بارماي تۇرۇپلا تۈگەيدىغان بولدى.
تارىخىي ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا،بۇندىن خېلى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى،ھازىرقى خۇشۇت،باغراش،قاراشەھەر ناھىيلىرىدە ئورنى باغراش كۆلىنىڭ ئورنى بولغان،كورلا خەلقىنىڭ رىۋايىتىگە ئاساسلانغاندا،كورلا تۈزلەڭلىكىدە ئەينى زاماندە 66كۆل بولغان،بۇ كۆللەرنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن كېيىن چوڭ كۆل پەيدا بولغان.بۇ چوڭ كۆل ھازىرقى كورلىنىڭ غەربگە 70كېلۇمېتىر كېلىدىغان <<شەھىرى بولۇڭ>>دا چوڭ ئېقىن بولۇپ شەكىللىنىپ،شەرققە ئېقىپ،لوپنۇر كۆلىگە قويۇلغان.<<شەھىرى بولۇڭ>>دىن لوپنۇر كۆلىگىچە بولغان ئارىلىق 400كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.شۇ زامانلاردا بۇ دەريانىڭ سۈيى ئۇلۇغ بولغانلىقى،ئۇنىڭ ئۈستىگە تېز ئاققانلىقى ئۈچۈن،دەريا ئورنى بارغانسىرى چوڭقۇرلاپ ،ئىككى قېشىدا ئالتە يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە يارداڭ شەكىللەنگەن،شۇڭا بۇ دەريا بويىدىكى ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاغلار بىر نەچچە كېچىكتىنلا سۇ ئىچەلىگەن.شۇ چاغدا بۇ دەريا <<گۆن>>دەرياسى دەپ ئاتالغان.<<گۆن>>سۆزى لوپنۇر تىلىدا <<چوڭقۇر>>دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا قايدۇ دەرياسى سۈيىنىڭ ئازىيىشى بىلەن باغراش كۆلىنىڭ سۈيى تارتىلغان ۋە كۆل ئورنى شەرققىرەك سۈرۈلگەن،بۇنىڭ بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ سۈيىمۇ تارتىلغان.مەلۇم دەۋرلەردىن كېيىن،دەريا قاشلىرى ئۆرۈلۈپ،دەريانىڭ تىنىشى سەۋەبلىك،ئەسلىدىكى تىك قاشلار ئورنىدا ياپياڭ قاشلار شەكىللەنگەن.بۇ چاغلاردا لوپنۇر خەلقى بۇ دەريا بويىدا ئولتۇراقلاشقانلارنى <<گۆنچىلەر>>دەپ ئاتىغان.بۇنىڭ بىلەن <<گۆن>>دەرياسىنىڭ ئىسمىمۇ كۆنچى دەرياسىغا ئۆزگەرگەن.(لوپنۇر خەلقى بېلىق تۇتىدىغان تورنى<<گۆلمە>>دەيدۇ،ياشانغانلار بۇ دەريانى ھازىرمۇ كۆلچى دەرياسى دەپ ئاتايدۇ)كېيىن لوپنۇر رايۇنىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن <<گۆنچى>>دەرياسىنىڭ نامى <<كۆنچى>>دەرياسىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن.
مەنبە:<<جاھاننامە>>دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
|
|
|
|
|
|