2015-يىلى پۇل ئۇرۇشى پارتلامدۇ
ۋول كوچىسى گېزىتى مەخسۇس ماقالىسى (برېت ئارېندس): شۋېتسارىيە 12-ئايداپۇل ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر پاي ئوقىنى ئاتتى. رۇسىيە رۇبلىسى ھەمدە باشقا پۇللارنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى شۋېتسارىيە فرانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، شۋېتسارىيە مەركىزىي بانكىسى بىنورمال بىر ھەرىكەت قوللىنىپ، ئامانەت پۇلغا مەنپىي%0.25 لىك ئۆسۈم پىرسەنتى يولغا قويدى. ئېنىقلاشقا تېگىشلىكى، بۇ قەرز ئۆسۈم پىرسەنتى ئەمەس ھەم ئامانەتكە بېرىدىغان ئۆسۈممۇ ئەمەس، بەلكى ئامانەت قويغانغا ئالىدىغان ھەق. ھازىر شۋېتسارىيە فرانىكىنى بانكىغا قويغاندا ئۆز ئۆيىنىڭ كارۋىتى ئاستىدا ساقلىغانغا قارىغاندا%0.25 پۇل سەرپ قىلىدۇ. نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بارلىق ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە،ئۆسۈم پىرسەنتىنى نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە بولمايدىكەن. بۇ خىل قاراش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. شۋېتسارىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ بۇ تەدبىرى پۇلىنى شۋېتسارىيە بانكىسى ھېساباتىدا ساقلىغان مۇستەبىتلەر، قارا گۇرۇھلار ۋە جاسۇسلارغا نىسبەتەن ئېيتقانداھەقىقەتەن شۇم خەۋەر. بۇ تەدبىر كىشىلەرگە پۇ سىياسىتى مەسىلىسىدە بىزنىڭ تارىخنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. يېقىندىلا كىشىلەر نۆل ئۆسۈم پىرسەنتى سىياسىتى (ZIRP)نىئ ۆگىنىۋاتاتتى. لېكىن ھازىر يەنە مەنپىي ئۆسۈم پىرسەنتى سىياسىتى (NIRP) چىقتى. بۇنىڭدىن سىرت، كۆپلىگەن دۆلەتلەر يەنىلا مىقدارلاشتۇرۇلغان قويۇۋېتىش ۋە ھەرخىل باشقا «ئەنئەنىۋى بولمىغان» سىياسەتلەرنى قوللىنىپ ئىقتىسادنى قوللاشقا ئۇرۇنماقتا. شۋېتسارىيە 2011-يىلدىن بۇيان ئىزچىل پۇل ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن،ئەينى چاغدا ياۋروپادا پارتلىغان كرېدىت كىرىزىسى پۇلنىڭ شۋېتسارىيە فرانىكىغا ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۋېتسارىيە مەركىزىي بانكىسىنى شۋېتسارىيە فرانكىنى ئەمەلىيەتتە ياۋروغا ئەگەشتۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. قىسقىچە ئېيتقاندا، بىر ۋەقە بىر پۇل رىقابىتىدىكى كۇرسى چۈشۈۋاتقان دۇنيادا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزدۆلىتىنىڭ پۇلىنى تۇراقلىق قىلالىشىنىڭ پەيدىنپەي تەسلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى. بۇ يىل رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ كۇرسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتتى (ئامېرىكادوللىرىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى تەخمىنەن %50 چۈشۈپ كەتتى)، بۇ تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا يېقىندا يۈز بەرگەن ئەڭ كومېدىيەلىك ئويۇن بولدى. ئەمما بۇ ئەڭ مۇھىمى ئەمەس. ياپونىيە يېنىغا قاراپ باقايلى. خەلقئارا راسچوت بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدا ياپونىيە يېنى سودا تەڭشەش پېرېۋوت نىسبىتى تەخمىنەن %25 چۈشتى. بۇ يىل يازدىن بۇيان ياپونىيە يېنىنىڭ ئامېرىكادوللىرىغا ئالماشتۇرۇلىشى %20 ئەتراپىدا چۈشتى. مەن يېقىندا بايقىشىمچە، ياپونىيە يېنى نۆۋەتتە ئىنتايىن ئەرزان بولۇپ، توكيودا بىر يېڭى iPhoneسېتىۋالغاندىن كېيىن پوچتا ئارقىلىق ئامېرىكىغا ئەۋەتسە، يەنىلا ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان ئەرزان بولىدىكەن. بۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئامال بار كۆپ يېنبېسىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى قوزغىتىشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇ ئىككى يىل ئىلگىرى «ئابې ئىقتىسادشۇناسلىقى»نى چىقاردى (بۇ ئەمەلىيەتتە مىقدارلاشتۇرۇلغان بوشىتىش سىياسىتى) ھەمدە بۇ يىل كۈزدە مىقدارلاشتۇرۇلغان بوشىتىش سىياسىتىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتتى. ئابې 2014-يىلى 12-ئايدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلىپ ئۇدا تەختتە ئولتۇردى، بۇ ياپونىيەنىڭ مىقدارلاشتۇرۇلغان بوشىتىش سىياسىتىنىڭ كۆلىمى 2015-يىلى تارايمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا كېڭىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ياپونىيە يېنىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ياپونىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە سانائەت كەسپىگە پايدىلىق، چۈنكى بۇ چەتئەلدىن ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنى ياپونىيەدە قىممەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ياپونىيە ئېكسپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنى چەتئەلدە ئەرزانلاشتۇرىدۇ. بۇ بىر نۆل يىغىندىلىق ئويۇن. ياپونىيە يېنىنى باشقا پۇللارغا ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاجىزلىشىشى باشقا پۇللارنى ياپونىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈچەيگەنلىكىگە باراۋەر. ياپونىيە يېنىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك كۇرسى چۈشۈشتىن ئىلگىرى،ياۋرو رايونى مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتاتتى. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگودىمۇ بىر قىسىم ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى كىشىگە تاسادىپىيلىق بىلىنمەيدۇ. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشى جۇڭگو سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئۇل تېشى. ئەمما ئۆتكەن تۆت يىلدا خەلق پۇلى سودا تەڭشەش پېرېۋوت نىسبىتى تەخمىنەن %20ئۆرلىدى، بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ياپونىيە يېنىنىڭ كۇرسى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبلىك بولدى. ئاساسىي جەھەتتىن جۇڭگو ۋە ياپونىيەدىن ئىبارەت ئاسىيادىكى بۇئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىر مەيدان پۇل ئۇرۇشى قىلىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ كەلگۈسىدە قانداق تەسىر پەيدا قىلىدۇ؟
ۋول كوچىسى گېزىتى تورىدىن ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-19 07:48 PM
|