مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6601|ئىنكاس: 57

2000 يۈەن مائاش ئالسىڭىز .... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112809
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2015-1-12
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 04:14:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناۋادا ئايلىق كىرىمىڭىزنى 2000 يۈەن دەپ پەرەز قىلساق، سىز بۇ پۇل بىلەنمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز.
         مەن سىزگە ياردەملىشىپ 2000 يۈەننى بەش ئۈلۈشكە بۆلۈپ بېرەي: بىرىنچى ئۈلۈش 600 يۈەن، ئىككىنچى ئۈلۈش 400 يۈەن، ئۈچىنچى ئۈلۈش 300 يۈەن، تۆتىنچى ئۈلۈش 200 يۈەن، بەشىنچى ئۈلۈش 500 يۈەن. بۇ پۇللارنى قانداق ئىشلىتىشكە قاراپ باقايلى:
          بىرىنچى ئۈلۈش، غىزالىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچۈن بىر نان، بىر تۇخۇم، بىر ئىستاكان سۈت؛ چۈشتە بىر ۋاق تاماق، بىر تال مېۋە؛ كەچتە ئۆزىڭىزگە تۇشلۇق تاماق ئېتىپ ئىككى خىل قورۇما تەييارلايسىز؛ ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر ئىستاكان سۈت ئىچىسىز. مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسىڭىز بىر ئايلىق تاماق پۇلىڭىز 500 - 600 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.
           ئىككىنچى ئۈلۈش، مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. تېلېفون ھەققىڭىز ئۈچۈن 100 يۈەن كېتىدۇ، ئىككى قېتىم مېھمان كۈتەلەيسىز، ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن 150 يۈەن، بۇ پۇلغا كىمنى مېھمان قىلىسىز؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزدىنمۇ بەكرەك پىكىر قىلالايدىغان، سىز تەشەككۈر ئېيتماقچى بولغان كىشىلەرنى مېھمان قىلىڭ. مۇشۇ يوسۇندا بىر يىل قەتئىي داۋاملاشتۇرسىڭىز، دوستلۇق دائىرىڭىز كېڭىيىپ، سىز ئۈچۈن قىممەت يارىتىدۇ. ئابرويىڭىز، تەسىر كۈچىڭىز، قوشۇمچە قىممىتىڭىز بارا - بارا يۇقىرىلايدۇ.
           ئۈچىنچى ئۈلۈش، ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىنىدۇ. ھەر ئايدا 50 - 100 يۈەنگە كىتاب سېتىۋېلىڭ. ھەر بىر پارچە كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆز تىلىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىڭ. شۇنداق قىلغاندا تىل بايلىقىڭىزنى ئاشۇرالايسىز. قالغان 200 يۈەننى ساقلاپ قويۇپ، يىلدا بىر قېتىم تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىڭ. 
          تۆتىنچى ئۈلۈش، ساياھەتكە سەرپ قىلىنىدۇ. بىر يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ساياھەتكە چىقىڭ. ھەر يىلى شۇنداق قىلسىڭىز، نەچچە يىلدىن كېيىن، تەجرىبىڭىز موللىشىپ، نەزەر دائىرىڭىز كېڭىيىدۇ.
         بەشىنچى ئۈلۈش، مەبلەغ سېلىشقا سەرپ قىلىنىدۇ. پاي بازىرىغا مەبلەغ سالسىڭىزمۇ ياكى توردىن مال سېتىۋېلىش ئىسچوتىنى ئېچىپ ئەرزان باھادا توپ سېتىۋېلىپ، باشقىلارغا ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ. سېتىپ بولالمىغاننى ئۆزىڭىز ئىشلەتسىڭىزمۇ زىيان تارتمايسىز. ئەگەر كۆپرەك پۇل تاپقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىش پىلانىنى تۈزۈپ، بالدۇرلا ئۆزىڭىزنى ئۇزاق مۇددەتلىك كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىڭ. 
          كىرىمىڭىزنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۇلنى بەش ئۈلۈشكە بۆلۈشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. سالامەتلىككە سالىدىغان مەبلەغنى ئاشۇرغاندا، بەدەننى ساغلاملاشتۇرغىلى؛ ئىجتىمائىي ئالاقىگە مەبلەغ سالغاندا، ئىشەنچىڭىزنى مۇستەھكەملىگىلى؛ ساياھەتكە مەبلەغ سالغاندا، نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتكىلى؛ كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغاندا، پايدا ۋە ئۈنۈمنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
          مۇشۇنداق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىغاندا، سىزدە ئېشىنچا مەبلەغ كۆپىيىدۇ. بۇ بىر ياخشى تۇرمۇش پىلانى: سالامەتلىك كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىدۇ، دوستلار كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ قالغىلى، يۇقىرى قاتلاملىق تەربىيەلىنىشلەرگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكىلى، ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەپەككۇرنى ئېچىپ، ياخشى خاراكتېرنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. 
كەمبەغەل ۋاقىتلىرىڭىزدا، ئۆيدە ئاز ئولتۇرۇپ كۆپرەك سىرتتا بولۇڭ؛ باي بولغاندا ئۆيدە كۆپرەك بولۇپ سىرتقا ئاز چىقىڭ. ئادەم كەمبەغەل چاغلاردا سېخىي، مەرد بولۇشى؛ باي بولغاندا ھەشەمەتچىلىك قىلماسلىقى كېرەك. 
                               ( مەنبە : جۇڭگو رادىيو تورى )

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:20:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:35:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئۇسۇل ئىكەن. بۇنداق بولغاندا كىشىلەردە ئىقتىسادچان بولۇش ئادىتى شەكىللىنىپ، ھەشەمەتچىلىكمۇ ئازىيىدۇ.

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7593
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:36:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن سىستىمىلىق، پۇل جىق بولسا تۈگەر ،ئاز بولسا يىتەر دىگەنىكەن كونىلار.

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103628
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:39:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2000 يۈەن مۇئاش ئالسىڭىز ئۆي سېتىۋالماسلىقىڭىز كېرەك ، ماشىنا سېتىۋالماسلىقىڭىز كېرەك ، ئاغىرىپ قالماسلىقىڭىز كېرەك ، خوتۇن ئالماسلىقىڭىز كېرەك ، بالىلىق بولماسلىقىڭىز كېرەك ، ، ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5155
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېيىش ئاسان،بىراق،ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش بەسى مۈشكۈل.

بېشىم ئاغرىپلا ت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42291
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6238
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 3800 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئۆيدىكى ھىساپ تالاغا توغرا كەلمەپتۇ»  دەپ ئېيىتقان كونىلار.....

‹جىنايةت› جةميةتلةشسة ‹جىنايةت› بولماي قالىدۇ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 06:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بويتاقلارغىمۇ تەستە ماس كىلەمدىكىن، چۈنكى مۇھەببىتى بولماسلىقى كىرەكتەك تۇيۇلدى.

ۋېلى زىرەككەك

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 796 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 06:16:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماققا سىزدەك ھىساپ قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ ،يەنە ئامانلىق تازلىق توك سۇ پۇلى ئائىلە تۇتسىڭىز بىلىسىز.

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

كۆك  يو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5873
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2189 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 06:19:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدىكى ھېساب تالاغا توغرا كەممەيدۇ ،،،ئىشەنمىسەڭلار سىناپ بېقىڭلار،،،،نەرسە كېرەك شۇنچە قىممەت تۇرسا ،،،بولۇپمۇ قىز ئاياللار كىيىم كىيمىسە تېخى بوممىغان ،چاي ئوينىمىسا تېخى بوممىغان ،،توي تۆكۈنلەرگە بامىسا تېخى بوممىغان ،،ئىشقىلىپ  يەتمەيدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش