مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1570|ئىنكاس: 8

ئىلمىي مۇنازىرە تەپەككۇرىمىزنى تاۋلىسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112649
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 776
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 02:28:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىلمىي مۇنازىرە تەپەككۇرىمىزنى تاۋلىسۇن

ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر

(ئاپتور: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى)

X%ZJJH}5AJMIK@(FGZVFF@R.jpg

     يېقىدىن بۇيان، تور ۋە ئۈندىدارلارنى تۈرلۈك مەزمۇندىكى مۇنازىرە تېمىلىرى قاپلىدى. بۇ مۇنازىرىلەر داۋامىدا، يۇقىرىقىلارغا ئالاقىدار تۈرلۈك يازمىلار تورلاردا ئېلان قىلىنىپ، بەس – مۇنازىرىنى قىزىتتى. مەن بۇ مۇنازىرىلەر باشلانغاندىن تارتىپ ئەۋجىگە چىققانغا قەدەر ئۇلارغا قىزىقىش ئىچىدە دىققەت قىلىپ كەلدىم. بۇ جەرياندا خېلى كۆپ دوستلىرىم مەندىن يۇقىرىقى مەسلىگە بولغان كۆز قارىشىمنى سورىدى، قىسمەن ئوقۇرمەنلىرىم ماڭا يۇقىرىقى مەسلىلەر توغرىسىدا بىرەر يازما يېزىشنى تەۋسىيە قىلدى، بۇ جەرياندا كاللامدا مۇنازىرە ھەققىدە نۇرغۇن ئويلار تۇغۇلدى.
     مېنىڭچە، ئىلىم مۇنازىرىسىنىڭ بولمىغىنىدىن بولغىنى ئەۋزەل، چۈنكى ئىلمىي مۇنازىرە پەننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كىشىلەرنى ئىلىم – پەن ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئىلىمىي مۇنازىرە جەريانىدىكى كەمتۈك بىلىشلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن كىشىلەر كىتاب كۆرۈشكە، ئىزدىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ، نەتىجىدە كىشىلەرنىڭ بىلىشى چۇڭقۇرلىشىدۇ. بۇ ھەقتە ئەنگىلىيە پەيلاسوپى فرانسىس باكون: «مۇنازىرە ئادەمنى چېچەن قىلىدۇ، ئەگەر بىر ئادەم كەمدىن – كەم مۇنازىرىگە قاتناشسا، ئۇنداقتا ئۇ پىكىر تۇرغۇنلىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ئىلىم مۇنازىرىسىدىن ئۆزىنى  قەستەن ئېلىپ قېچىپ، ئىزدەنمىسە، كىتابنى ئاز ئوقۇسا، كۆپلىگەن بىلىملەرنى ئۆگەنمىسە ھىيلىگەر بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ – دە، بىلمەيدىغانلىرىنىمۇ قەستەن بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ» دېگەنىدى. دېمەك، بىز ئېرىشكەن بىلىملىرىمىز ۋە تونۇشلىرىمىزنى ئىلمىي مۇنازىرىگە قاتناشتۇرمىساق، ئۇ تەبىئىي ھالدا توختام سۇدەك تۇرغۇن ھالەتكە كېلىپ قېلىپ، بىزنى دوگمىلىقتىن خالىي قىلالمايدۇ. بىز مۇتلەق گۇمانلانمىغان نۇرغۇن تونۇشلار، ئەمەلىيەتتە بىز بالدۇراق ئۇچراپ قالغان خاتا تونۇش بولۇشى ياكى بىز كانىدەك چاپلىشىپ ياخشى كۆرۈپ قالغان خاتا تونۇش بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ جەزمەن ھەقىقەت بولۇشى ناتايىن. ئىلىم جەريانى ئۈزلۈكسىز سوئال سوراش، گۇمانلىنىش، پىكىرلىشىش جەريانى بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئىلىم بىلەن مۇنازىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە سەل قارىساق بولمايدۇ. پىكىر بىر خىل روھنىڭ گىمناستىكىغا قاتنىشىش جەريانى بولسا، ئىلمىي مۇنازىرە ئاشۇ پىكىرنىڭ خۇرچىدۇر. بىز ئىلمىي مۇنازىرە ئارقىلىق تونۇشلىرىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەر ھەققىدە ئويلىنىمىز، يېڭى تونۇشلار ۋە قاراشلار بىلەن ئۇچۇرىشىمىز. شۇڭا ھەقىقىي ئىلىم سەپىرى ئەمەلىيەتتە مۇنازىرە سەپىرى بولۇپلا قالماستىن، ئوخشىمىغان سادالار ۋە كۆز قاراشلارغا قۇلاق سېلىش جەريانىدۇر. بىز ئۆزىمىزنى ئەقىللىق چاغلىغان چېغىمىزدا نادانغا ئايلىنىۋاتقان بولىمىز. شۇڭا باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سېلىش ئۆز ساھەيىمىزدە ئىلگىرىلەپ كەتكەنلەرنىڭ قاراشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلاردىن ئىدىيە يېڭىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر، بۇ بىزنىڭ روھىيەت جەھەتتىن تاكامۇللىشىشىمىزغا ۋە ئۆزلۈكىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
     ئىلىم مۇنازىرىسىنىڭ پەننىڭ تەرەققىياتىدا ياشاشتا ئادەمگە ئوكسېگىن مۇھىم بولغاندەك مۇھىم بولىدىغانلىقىغا ئائىت تالايلىغان مىساللارنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىخىدىنمۇ كۆرۈۋالالايمىز. ئالايلۇق، مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى» ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ توققۇز ئوغۇز پۇشتىدىن بولغان بۈيۈك پەيلاسوپى ئەبۇ نەسىر ئەل فارابىنىڭ قىتئە ئاتلاپ باغدات ۋە دەمەشىق قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ كۆپلىگەن مۇنازىرە سورۇنلىرىغا قاتناشقانلىقى، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان پەلسەپەۋى قاراشلىرىنىڭ دېئالوگلىشىش ۋە ئىلىم مۇنازىرىسى قىلىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئارسىتوتىل ۋە ئەپلاتون ئاكادىمىيەسىدە بارلىققا كەلگەن دۇردانە، پەلسەپىۋىي جەۋھەرلەر ئەمەلىيەتتە مۇنازىرلىشىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. ئىسمايىل ھاجى بىلەن تەجەللى ھەزىرەتلىرى كۆپلىگەن ئىلىم مۇنازىرىلىدە بولۇپ، تەپەككۇرىنى تاۋلىغان. ئىبراھىم مۇتئى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق مۇنەۋۋەر زىيالىلىرىمىزمۇ ئۆزىنى ئىلمىي مۇنازىرىدىن ئەپقېچىپ باقمىغان. مانا بۇ خىل ئىلىم مۇنازىرىسىنىڭ پەننىڭ تەرەققىياتىدا ئوينىغان رولىغا ئائىت مىساللارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
     بىر يازغۇچى ئۈچۈن ئەسىرى باشقىلارنىڭ تىلىغا چىقىپ، مۇھاكىمىگە قويۇلماسلىقتىنمۇ ئارتۇق مەغلۇبىيەت بولماسلىقى مۇمكىن، ئەلۋەتتە، باشقا پەن ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈنمۇ، ئۆز ئەجىر ئەمگىكىنىڭ باشقىلارنىڭ مۇنازىرە تېمىسغا ئايلىنىپ باقماسلىقتىنمۇ ئارتۇق بەختسىزلىك بولمىسا كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەركىمنىڭ مۇنازىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەرخىل بولىدۇ. بەزىلەر مۇنازىرىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەمنىڭ شەخسىيىتى ئۈستىدە ئەمەس، مەسلىنىڭ ئۆزى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەپ، مۇنازىرىنى مەسلىدىن، شۇ مەسلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى شەخس ئۈستىگە يۈكلىۋالىدۇ. قارايدىغان بولساق، يېقىندىن بۇيان، خېلى كۆپ مۇنازىرىلەر تور ۋە ئۈندىدار مۇھىتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ تور مۇھىتىمىزدا ئىلمىي مۇنازىرە روھىي يېتىلدۈرەلمەيۋاتقان بىر قىسىم تورداشلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى نىسبەتەن ئاجىز، قانۇنىي ئاڭ - ساپاسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، مەلۇم شەخسلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، جەمئىيەت كۈڭۈل بۈلۈۋاتقان مۇھىم بىر تېما تور ۋە ئۈندىدارلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، شۇ مەسىلە توغىرسىدىكى مۇنازىرە تېخى چوڭقۇرلاشماي تۇرۇپلا، ئىلمىي مۇنازىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ تەق - تۇرقى، ئۇرۇق - سېمىزلىكى، كىيىم - كېچىكى، گىرىملىرىنىڭ قېنىق - سۇسلىقى، تاقىۋالغان كۆزئەينەكنىڭ ماركىسى قاتارلىقلار مۇنازىرە ئۇبىكتىپىغا ئايلىنىپ كېتىپ، بىر ئوبدان مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان تېما قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار، بىز بۇ خىل مۇنازىرە ئەخلاقىغا يات قىلمىشلارغا قارىتا كەسكىن رەت قىلىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنى قانۇن ۋە ئەخلاق كاتېگورىيەسى ئىچىدە چەكلەشنى، دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتتىن چەتنىمىگەن، ئەنئەنىۋى ئەخلاق – ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن بولغان ھالدا، ئىلىم – پەن ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.
     ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۇنازىرە ئەخلاقىنى بىلىۋېلىشنى زۆرۈرلىكىنى يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتتۇق. ئەمدى، نەزىرىمىزنى يەنىلا يېقىندىن بۇيانقى مۇنازىرىگە ئاغدۇرىدىغان بولساق، بۇ مۇنازىرىنىڭ قوزغىلىشىمۇ بىزنى نۇرغۇن بىلىم ۋە تەجرىبە ساۋاققا ئىگە قىلدى دېيەلەيمىز. چۈنكى كىتابخۇمار كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىلگەن يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، خەلقىمىز پىسخولوگىيە، يەنى قەلبشۇناسلىقتىن ئىبارەت پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان مۇھىم پەن ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى. بۇ جەرياندا، ئەزەلدىن كومپىيوتېر ئالدىغا كېلىپ، بىرەر پارچە ماقالە كۆرۈپ باقمايدىغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تورغا چىقىپ، يۇقىرىقى مۇنازىرىلەرگە ئائىت ماقالىلەرنى قالدۇرماي ئوقۇدى. مانا بۇلارمۇ ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ پايدىسى ئەلۋەتتە، چۈنكى، يېقىنقى مۇنازىرىلەر بولمىغان بولسا، بەلكىم يۇقىرىقى كىشىلىرىمىز زامان تەرەققىي قىلىپ، خېلى بىر ۋاخلار ئۆتكىچىمۇ، زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا سەل قارىغان بولاتتى. بۇ مۇنازىرە جەريانىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى يېقىن بولغان قەلبشۇناسلىق ئىلمىدە بەكلا چولتىلىقىنى ھېس قىلدى، نەتىجىدە، كىتاب كۆرۈپ ئىزدەندى ياكى بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ ھەقتىكى كىتاب – ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئۈچۈن پىلان تۈزدى. ئەلۋەتتە، دىيارىمىزدا لېكسىيە قىزغىنلىقى ئەۋج ئالغان پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ مۇنازىرە ئۆز نۆۋىتىدە لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلارنىمۇ سەگىتتى. بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى، سەۋەنلىك بىر ئىش قىلغانلاردىن كۆرۈلىدۇ، ھېچ ئىش قىلمىغانلاردىن ھېچبىر سەۋەنلىك سادىر بولمايدۇ، شۇنداقلا ھېچبىر نەتىجىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە تەكىتلەيدىغىنىمىز، بۇ خىل ئىلمىي مۇنازىرىلەر بولمىسۇن ئەمەس، بولسۇن، ئەمما لايىقىدا، ئىلمىي بولسۇن، بولۇپمۇ كەسپىي ساھادىكى مۇنازىرىلەرگە كەسپ ئىگىلىرى كۆپرەك قاتناشسۇن، مۇنازىرە قىلىش مۇنبىرى نۇقۇل تور دۇنياسىلا بولۇپ قالماستىن، مەتبۇئاتقىمۇ يۈزلەنسۇن، شۇندىلا جەمئىيىتىمىدە ئىلمىي مۇنازىرە كەيپىياتىنى يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
(ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 16 - يانۋاردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhbir0 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 02:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112649
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 776
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:14:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پەقەت ئۆزۈمنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى، قالغان پىكىرلەر مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاس مۇنازىرىسى جەريانىدا تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتكۈسى، رەھمەت!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:22:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4833
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18542
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6105 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:29:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

توغرا تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.
مۇنازىرە مۇنازىرىگە قويۇلغان مەسىلىنىڭ ئۇزى ئۈستىدە بولىشى كېرەك.بۇ نۇقتا تاشلاپ قويۇلۇپ،تېما يوللىغۇچىنىڭ سالاھىيىتى،ئەركەك-چىشىلىغى ...قاتارلىقلارمۇلاھىزە - مۇنازىرە قىلىنىپ كەتسە بۇ ئىلمى مۇنازىرە بولمايدۇ.ماجىرا كېلىپ چىقىدۇ.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7709 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 07:02:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىلمىي مۇنازىرلەرنىڭ بۇلۇپ تۇرغىنى ياخشى. مۇشۇ ئارقىلىق كەڭ تورداشلارمۇ بىلىم ئالىدۇ.بەس مۇنازىرنىڭ داۋاملىشىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇمۇن ئەپەندى ۋە بىر قىسىم ئوبزورچىلارنىڭ ئوتتۇرا يولدا تورۇپ يازغان يازمىلىرنى بەكلا ياختۇردۇم. مۇشۇ ئارقىلىق ئاز بولمىغان ھاسىلاتلارغا ئېرىشتىم.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74780
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3459
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 07:40:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزغۇ ئىلمى  قىلىمىز لىكىن ياخشىنىڭ يامىنى .چوڭامنىڭ كىچىكى بولغىندەك ئاز  بىر قىسىم  ساپاسىزلار  تىمىنى بۇراپ ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ مۇنازىرنى چەتكە ئىپقىچىۋاتىدۇ،بۇ ھەممە مۇنبەرلەردە ئورتاق ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ،بۇ مەسىلە تۈگەپ ئۆتمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 08:53:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆستەڭگە چۇشۇپ كەتسە سۇزۇۋالغۇدەك تىمىكەن. ياقتۇردۇم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43073
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7447
تۆھپە نۇمۇرى: 792
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 10:30:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تېما ئىگىسىگە تەشەككۇر،  مۇنازىرە ئىلمىي،  توغرا بولغىنى ياخشى! ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇق تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 676
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 02:02:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنازىرە ئىلمى بولسا ھەممە مەنپەئەت ئالىدۇ،ئەمما مۇنبەر ئادەم تىللايدىغان ياكى ئادەم سۈكىدىغان سورۇن بوپ قالمىسىكەن دەپ .ئۈمىت قىلىمەن .تىمىدىن ھقىقەتەن ھۇزۇر ئالدىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش