«بىلىم ئېرىسىيەت قالىدۇ»نىڭ يىشىمى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،يىقىندا توردا بىلىم ئېرىسىيەت قالامدۇ؟ يېشى چوڭ ئادەم پەرزەتلىك بولسا بالىسى ئەقىللىق بولامدۇ؟ دىگەن گەپلەر مۇنازىرە قوزغاپتۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.
مەن بۇنىڭ ئۈچۈن پاكىت كەلتۈرىشىم كېرەك. ئۇنداقتا پاكىتقا دىققەت قىلغايسىلەر.
1.ABC پەن تېخنىكا خەۋەر قانىلىنىڭ 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنلۈك خەۋىرىدە "بالىلارنىڭ ئەقلى قىسمەن گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك" سەرھەۋىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشچە: بالىلاردىكى 20%دىن 40% كىچە بولغان ئەقىل گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنى بۇ ئاتا ئانىدىن بالىغا ئېرىسىيەت قالىدۇ. بۇ نەتىجە ئاۋىستىرالىيە بىئولوگىيە ئالىمى بېنيامىننىڭ ئامېرىكا،ئەنگىلىيە،ئاۋىستىرالىيە،گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن يىغىلغان 18000دىن ئارتۇق DNA ئەۋرىشكىسىدىن ئېرىشكەن نەتىجە ئىكەن.
خەۋەر مەنبەسى:
http://www.abc.net.au/science/articles/2013/03/14/3709447.htm
2. ۋاقىتنىڭ ئەقىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى تەجىربە:
The Stability of Individual Differences in Mental Ability from Childhood to Old Age: Follow-up of the 1932 Scottish Mental Survey
تېمىسى يۇقۇرقىدەك بولغان ئەنگىلىيەلىك ئالىم ئىياننىڭ تەجىربە نەتىجىسىدە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئەقىلى كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىپ بارىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. (ئەسكەرتىش: بۇ تەجىربە ساغلام كىشىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان، قېرىغاندا دىۋەڭلىك كېسىلى بولۇپ قالمىغانلار دىمەكچى.)
3. بالىلىقتىن ياشلىققىچە بولغان نورمال ئەقلى قابىلىيەت ئېرىسىيەتچانلىقىنىڭ كۈچىيىپ مېڭىشى توغرىسىدىكى تەجىربە:
The heritability of general cognitive ability increases linearly from childhood to young adulthood
تېمىسى يۇقۇرقىدەك بولغان ماقالىنىڭ تەجىربە نەتىجىسىدە ئېرىسىي تەسىرنىڭ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ ماڭىدىغىنىنى ئوتتۇرغا قويغان. يەنى 9 ياش-12ياش-17ياش ۋاقىتلىرىدا ئايرىم ئايرىم ھالدا نورمال ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ ئېرىسىيەتچانلىقى تەدرىجى كۈچىيىپ 41%،55%،66% بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئەكسىچە مۇھىتنىڭ تەسىرى ياش چوڭايغانسىرى تۆۋەنلەپ ماڭغان.
4. بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟
collective intelligence دەپ ئاتىلىدىغان يەنى يىغىندى ئەقىل دەيدىغان ئەقىل بار بولۇپ بۇ نۇرغۇن بىلىملىك كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق روياپقا چىقىدىغان ئەقىلدىن ئىبارەت.
بۇ گەپنى بىر ئادەمگە تەدبىقلىساق بىر ئادەم توختىماي كىتاب كۆرۈپ، ئۆگىنىش قىلىپ كۆپلەپ بىلىم ئالغاندا بۇ كۆپ بىلىملەر شۇ ئادەم مەلۇم بىر ئىشقا يولۇققاندا ئەقىل ئاتا قىلالايدۇ يەنى بۇ بىلىملەر ئەقىلگە ئايلىنالايدۇ. دىمەكچىمەنكى بىلىم ئەقىلگە ئايلىنىدۇ.
خۇلاسە
1.بىلىم ئەقىلگە ئايلىنالايدۇ. ئەقىل ئېرىسىيەت قالالايدۇ. دىمەك سىز قانچە بىلىملىك بولسىڭىز شۇنچە ئەقىللىق بولۇشىڭىزنىڭ ئېھتىمالى چوڭ بولىدۇ. قانچە ئەقىللىق بولسىڭىز پەرزەنتىڭىزگە ئېرىسىيەت قالغان ئەقىلمۇ شۇنچە كۆپ بولىشى مۇمكىن. دىمەك مۇشۇنىڭدىن بىز بىلىم ئېرىسىيەت قالىدۇ دىگەن گەپنى چۈشىنىشتە قىينالمايمىز.
2. ياش چوڭ بولغانسىرى سىزدە بىلىم جۇغلىنىپ ماڭسا ئەقلىڭىزمۇ ئېشىپ ماڭىدۇ شۇنداقلا چوڭايغانسىرى ئەقىلنىڭ ئېرىسىيىتى شۇنچە كۈچىيىدۇ. شۇنداق بولغاندا سىز بۇ ۋاقىتتا پەرزەنتلىك بولسىڭىز بالىڭىزنىڭ ئەقىللىق بولۇش ئېھتىمالى چوڭ بولىدۇ.
پايدىلانغان ماتىرياللار مەنبەسى:
1.
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC3182557/
2.
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC3935975/
3.
http://homepages.abdn.ac.uk/j.cr ... 00_Stability_IQ.pdf
4.
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/19488046
5.
http://en.wikipedia.org/wiki/Collective_intelligence
ئەسكەرتىش: تەتقىقات تېخى داۋاملاشماقتا. تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ھەل بولمىغان مەسىلىلەر ھەل بولغۇسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا heqqaniyet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-19 11:02 AM