مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 969|ئىنكاس: 4

ئېيتىلمىغان ناخشىلار5 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11664
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 470 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:21:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىچىپ ئارزۇ -غايەمدىن

شىرىن چۈشلەر قوينىدا،
قالسام مەڭگۈ تولغۇنۇپ.
قالماس ئىدىم ھەسرەتتە،
سېنىڭ ئۈچۈن ئويلۇنۇپ.

سېنى سۈيۈپ ياشىسام،
يىگانە  تۈن  قوينىدا.
بولسا يۇمشاق ياستۇقۇم،
زىلۋا  بېلىڭ  ئورنىدا.

ۋىسال تاپسام چۈشۈمدە،
چالسام مۇڭلۇق كۈيۈمنى.
قۇبۇل قىلساڭ نىگارىم،
ساڭا سۇنغان گۈلۈمنى.

شۇ چۈشۈمدىن ئويغانماي،
كەتسەم دەيمەن ئالەمدىن.
گۈلنىگارىم سەن ئۈچۈن،
كىچىپ ئارزۇ -غايەمدىن.



       مەن بولسام


خۇشال كۈلگەن چېغىڭدا،
گۈل ئېچىلسۇن بېغىڭدا،
ۋىسال كۈتسەڭ يېنىڭدا،
تاپقانلىرىڭ مەن بولسام.

ئىزدەپ ۋىسال گۈلىنى،
چېلىپ  ئاشىق  كۈيىنى،
ئىسسىق لەۋگە-لىۋىڭنى،
ياققانلىرىڭ مەن بولسام.

مەپتۇن بۇلۇپ ئۆزىگە،
ئىششىنىپ ھەر سۆزىگە،
يەر  تىگىدىن  كۆزىگە،
باققانلىرىڭ مەن بولسام.

تۈندە ئەسلەپ ياتالماي،
سۆيگۈدىن گەپ ئاچالماي،
قەلبىگە نۇر چاچالماي،
قايتقانلىرىڭ مەن بولسام.
           - - -

سېغىنغىنىڭ مەن بولسام،
ئەسلىگىنىڭ مەن بولسام.
تۈنلەردە كۆز يۇمالماي،
كۈتكەنلىرىڭ مەن بولسام.



بىرىدىن كەچسەم بىرىگە يەتمىدىم



يۈرىمەن قايغۇ-ئەلەمدە ھەركۈنى،
توختىماي كەلگەچ ئازابنىڭ كەلكۈنى.
بىرىدىن كەچسەم بىرىگە يەتمىدىم،
ئاستىغا باستى ھاياتنىڭ يەلكىنى.

كىشىلەر كۆرمەي كۆزۈمنىڭ ياشىنى،
شوخلۇشۇپ ئاتتى ناگاندا قاشىنى.
بىرىدىن كەچسەم بىرىگە يەتمىدىم،
قىينىدى دۇنيا غېرىپنىڭ  باشىنى.

كۈنلىرىم ئۆتتى زۇلۇمدا - قارىدا،
سۆيگۈنى سەزمەي يېنىمدا بارىدا.
بىرىدىن كەچسەم بىرىگە يەتمىدىم،
دەردىما  قالدىم  يىگانە  خانىدا.

كۈتكىنىم كەلمەيدىكەن بەردى خەۋەر،
يىگىنىم-ئىچكەنلىرىم بولدى زەھەر.
بىرىدىن كەچسەم بىرىگە يەتمىدىم،
بىۋاپا پەلەككە ئەمدى،دەيمۇ خەر.




مەنبە-قاراقاش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablikim.karkax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 06:46 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 01:08:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ، ھارمىغايسىز قېرىندىشىم .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84614
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-9-2
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 03:07:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاپا  بومماي ماڭا شېئىر يوللاشنى ئۈەتىپ قويساڭلا بەك ياخشى بۇلاتتى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:50:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2055
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 381 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-8 09:19:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسرەت  چېكىپ يۈرسىڭىز،
گاھى يىغلاپ كۈلسىڭىز،
مۇنداق گەپنى  بىلسىڭىز،
ئىزدىگىنىڭ شۇ بۇلۇر .

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش