مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2610|ئىنكاس: 21

بىلىمخۇمار: نىيەت بار يەردە، ئامالمۇ بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39082
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 04:29:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيەت بار يەردە، ئامالمۇ بار

بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مېدىيە تاراتقۇلىرى تومى كالدۋېل (Tommy Caldwell) بىلەن كېۋىن جورگىسان (Kewin Jorgenson) ئىسىملىك ئىككى ياشنىڭ بىر كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر تاغقا غەلىبىلىك چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى [1].  نېمە ئۈچۈن بۇ ئىش بۇنچىۋالا چوڭ خەۋەر بولۇپ كېتىدۇ؟  ئۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:

ئامېرىكىدا 10 دەك چوڭ تەبىئىي باغچىلار بار بولۇپ، «يوسېمىتې» (Yosemite National Park) دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەتلىك تەبىئىي باغچا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ.  بۇ باغچا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ شەرىقى-شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ھەر يىلى پۈتۈن دۇنيادىن بۇ يەرنى كۆرۈش ئۈچۈن 3.4 مىليوندىن 4.1 مىليونغىچە بولغان ساندىكى كىشىلەر كېلىدۇ [3].  ھېلىقى ئىككى يىگىت چىققان، ئىنگلىزچە «El Capiton» دەپ ئاتىلىدىغان تاغ مۇشۇ باغچىنىڭ ساياھەت مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ بىر قاتتىق تاشتىن تۈزۈلگەن ناھايىتىمۇ تىك تاغدۇر.  تاغنىڭ ئۇلار ياماشقان تەرىپى «تاڭ سەھەر تېمى» (Dawn Wall) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تاغنىڭ بۇ تەرىپىگە ھازىرغىچە باشقا ئادەملەر يامىشىپ باقمىغان ئىكەن.  بۇ ئىككى يىگىتنىڭ بۇ بىر كىلومېتىر كېلىدىغان مۇساپىنى يامىشىپ تۈگىتىشى ئۈچۈن جەمئى 19 كۈن ۋاقىت كېتىپتۇ.  يەنى ئۇلار ئاشۇ 19 كۈن ئىچىدە كېچىسى ئۆزلىرىنى تاغقا ئېسىپ قويۇپ ئۇخلاپ، كۈندۈزى تاغقا يامىشىپ، ئارىلىقتا بىرەر قېتىممۇ يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشمەپتۇ.  ھەمدە تاغقا يامىشىش جەريانىدا ئۆزىنى باغلاپ قويۇپ، ئۆزىنى قوغدايدىغان تانىلارنى باغلايدىغان ھالقىلىق مىقلارنىمۇ تاغقا يامىشىپ ئۆرلەش جەريانىدا تاغقا ئۆزلىرى قېقىپتۇ.  

ھېلىقى ئىككى يىگىتنىڭ دېيىشىچە، ئۆزلىرىنىڭ قىلغىنى بىر «بويسۇندۇرۇش» يولىدىكى تىرىشچانلىق بولماستىن، پەقەتلا ئۆزلىرىنىڭ بىر غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئالغان بىر قەدەم ئىكەن.  

جورگىسان تاققا يامىشىشنى 11 ياشقا كىرگەندە باشلىغان ئىكەن.

مەن بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، مۇنداق بىر ئىنگلىزچە ئىدىئومنى ئېسىمگە ئالدىم: «Where there is a will there is a way».  ئۇنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئەگەر سىز يېتەرلىك دەرىجىدە ئىرادە باغلىسىڭىز، سىز ئۆزىڭىز ئىستىگەن نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئامال تاپالايسىز، سىز ئىستىگەن نەرسە ئىنتايىن قىيىن بولغان ئەھۋالدىمۇ شۇنداق قىلالايسىز.  

بۇ ئىدىئوم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگەن ئىدىئومى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.  

بۇ ئىدىئومدا سۆزلەنگىنى بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئۇنى ھازىرغىچە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىسپاتلاپ بولغان.  مەن مەنىلىك ياشاشنى، ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئىستەيدىغان بارلىق ئىنى-سىڭىللاردىن يۇقىرىدىكى ئىككى يىگىت، يۇقىرىدىكى تاغ، ۋە مەزكۇر ئىدىئومنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.  بىزنىڭ ھازىر ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان يېڭى ئەۋلادلىرىمىز ئىچىدىن بۇ ئىدىئومنى ئىسپاتلايدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۆۋەندىكىسى يۇقىرىدىكى ئىككى يىگىتنىڭ تاغقا يامىشىش جەريانىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر (ئۇلار تۆۋەندىكى 1-مەنبەدىن ئېلىندى).

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Summiting Yosémité's Dawn Wall, Climbers Make History
http://news.nationalgeographic.com/news/2015/01/150114-climbing-yosémité-caldwell-jorgeson-capitan/

[2] A Guide to Yosémité National Park
http://jrabold.net/yosémité/faqs.htm <http://jrabold.net/yosemite/faqs.htm>

[3] where there's a will there's a way
<http://dictionary.cambridge.org/ ... l-there-s-a-way>

e01_yosemite.jpg

1-رەسىم: قىزىل سىزىق ئىككى يىگىت يامىشىپ ماڭغان يولنى كۆرسىتىدۇ.

e02_yosemite.jpg

2-رەسىم: بىر يىگىتنىڭ تاققا يامىشىۋاتقان كۆرۈنىشى

e03_yosemite.jpg

3-رەسىم: ئىككى يىگىت كېچىنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزگەن

e04_yosemite.jpg

4-رەسىم:  تاققا يامىشىۋاتقان يەنە بىر كۆرىنىش

e05_yosemite.jpg

5-رەسىم: ئىككى يىگىت يېرىلىپ كەتكەن بارماقلارنى يېلىملىك لاتا ۋە يېلىم بىلەن يەملەپ قويۇپ، تاققا چىقىشنى داۋاملاشتۇرغان

e06_yosemite.jpg

6-رەسىم: بەزىدە كېچىسىمۇ تاغقا ياماشقان

e07_yosemite.jpg

7-رەسىم: غەلىبىنى تەبرىكلەش

e08_erkin.JPG

8-رەسىم: يوسېمىتې تەبىئىي باغچىسى ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يەرگە بىز كۆپ قېتىم بارغان.  باغچىنىڭ ئىچىدىكى بەزى جايلار بىر خۇددى سىزىپ قويغان رەسىمگىلا ئوخشايدۇ.  بىز بۇ باغچىغا ئاخىرقى قېتىم 2014-يىلى 7-ئايدا بارغان بولۇپ، بۇ رەسىم ئەنە شۇ چاغدا تارتىلغان.



توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 787
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13859
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 312 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:19:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بىلىمخۇمار ئەپەندى ، سىز دائىم ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللايسىز ، بۇمۇ ناھايتى «نان تېگىدىغان »تېما بوپتۇ ، رەھمەت سىزگە !

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20195
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2260 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:43:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا...ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن !
تېمىڭىزغا تەشەككۈر.... جاپا چەكتىڭىز...ئاللاھ ئاسانلىق بەرگەي...
نىيەت بولسا ، ئامالمۇ بار... بۇ گەپكە بەك ئامراقمەن..
مېنىڭ خارەكتىرىم باشقىلار قىلالمايسەن ..بولمايدۇ دېگەن ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق..
مەسىلەن بىرەر ئىشنى مانداق قىلسام بولمىغۇدەك دەپ كۆڭلۈمدە ئويلىساممۇ يەنە قىلىپ باققۇم بار...بىرەرسى قەتئىي بولمايدۇ ..دېسە تېخىمۇ قىلىغۇم كېلىپ كېتىدۇ...
مۇشۇ چەتئەللىكلەرنىڭ تەۋەككۈلچىلىك( پۈتۈنلەي تەۋەككۈلچىلىكمۇ ئەمەس ئۆزى ئويلىغاننى قىلىش)ئىدىيىسىنى بەك ياقتۇرىمەن...
تولۇقسىزدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا ھەمدە ئالى مەكتەپتىكى تۈزۈملەر ئۆزۈم ھەممىسى مېنى ئەركىن تۈمىگە سولاپ قويغاندەك بىرخىل رېتىمدا ئۆتۈپ كەتتى ئەمدى جەمىيەتمۇ ماڭا ئىنسان بۇ يەرگە جان باققىلى كېلىدۇ..پەقەت تاماق يېمەك ئىچمەك ..كىشىلىك ئورۇن ئىقتىساد ئۈستىدىكى رىقەبەتلىكك دۇنيادۇر دېگەنلەرنى سۆزلەيدۇ...بىراق مەن بۇنىڭغا يەنىلا ماسلىشالمايمەن...
ئاساسەن ئۆزۈمنىڭ يولىدا مېڭىشنى تاللايمەن...
تىرىشقان تاغ ئاشار...

مېنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغان سۆزۈم...سەن زامانغا باقما زامان ساڭا باقسۇن ، ئەگەر زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق...بۇ سۆزنى بەك ياقتۇراتتىم...ھەرقانداق بىر ئىش قىلسام.. مۇشۇ جۈملىنىڭ ئالدىغا ئېسلىۋالاتتىم..پەقەت ئامال قىلالمىسام...ئاندىن كېيىنكى يېرىم جۈملىسىنى ئىشلىتىپ قويىمەن

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96366
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 751
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 01:11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسىلام ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا ئالدىراش ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزلەر ئۈچۈن ئېسىل ، ئەھمىيەتلىك تېما يوللاۋاتىسز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113134
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2015-1-15
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 01:44:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار
رەھمەت سىزگە ، مېنى تېخىمۇ جاسارەتلىك قىلىۋەتتى بۇ تىمىڭىز....تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ تۇرىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 02:07:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاغ ئۈستىگە تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندىلا چىقسا بولىۋىرىدۇ.


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8697
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2004 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 02:11:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 12:07 PM
تاغ ئۈستىگە تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندىلا چىقسا بولىۋىرىدۇ ...

توغرا ئىيتتىڭىز ،  سىزنىڭچە  يەنە   تاغ  ئۈستىدىن تۈزلەڭ ياخشى ،  تاغقا  چىقىشنىڭ  زۆرۈرىيىتى يوق .
مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىن 999  ى  ئادەتتىكى  ئىشلارنى قىلسا  بىرەرى   ئۇلار  قىلالمايدىغان ئىشلارنى  قىلىدۇ .
ئۇلار  ھەقىقەتەن ئىرادىلىك ئىكەن .

         بىلىم يوق يەردە نادانلىق ئۆزىنى بىلىم دەپ ئاتايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 02:16:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 02:07 PM
تاغ ئۈستىگە تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندىلا چىقسا بولىۋىرىدۇ ...

راسلا بانكىردەك گەپ قىپسز

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 02:16:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 02:07 PM
تاغ ئۈستىگە تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندىلا چىقسا بولىۋىرىدۇ ...

راسلا بانكىردەك گەپ قىپسز

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 725 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 02:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 02:07 PM
تاغ ئۈستىگە تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندىلا چىقسا بولىۋىرىدۇ ...

قارىغىنە يازغان نىمەڭگە.
ئەقلىڭنىڭ يىتىلمىگەن كەمتۈك،مەجرۇھلىقىڭنى ھەر بىر ئېغىز گىپىڭدە ئىسپاتلاپلا تۇرىسەنغۇ سەن زادى!.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش