داۋامى
بۇ ئادەمنى كۆۈرۈپ ئىچىم ئاغرىپ قالدىمۇ بىلمەيمەن ،بىر قىسمىلا بۇلۇپ قالدىم كىيىن باشقا ئىشلاربىلەن بۇلۇپ كىتىپ بۇ كىشىنى تىزلا ئۇنتۇپ قالدىم .
مال كەلتۈرۈش ھەققىدە تېلىپۇن كەپقالدى .مەن ئەينەكلىك پوكەينىڭ ئىچىدىن ئالدىراش ئۈنچەمەرۋايىتلارنى ئېلىۋاتاتتىم ،چاپىنىمنىڭ يىڭى بىر تەخسىگە تىگىپ كىتىپ تەخسىگەقۇيۇلغان نەپىس ئىشلەنگەن ئالماس كۆزلۈك ئالتە ئۈزۈك يەرگە چېچېلىپ كەتتى .
باشقۇرغۇچى ئەپەندىئەنسىرەپ شۇ زاماتلا يىتىپ كەلدى ،لىكىن ئاچچىقلانمىدى ،مىنىڭ بۈگۈن قانداقئىشلەۋاتقىنىمنى ئوبان بىلگەچكە «چاپسان تېرىۋېلىپ جايىغا قۇيۇپ قۇيۇڭ »دەپلاقويدى .
-ئەپەندىم،مىنى خېرىدارلاركۈتۈۋاتاتتى –دىدىم ئەدەپ بىلەن يىغلامسىراپ تۇرۇپ.
-قىزىم،ئۇلارنىڭ ئالدىغا مەن باراي ،سىز ئۈزۈكلەرنى تىرىۋېلىڭ!
مەن چاپسانلا بەش تال ئۈزۈكنى تىرۋالدىم ئالتىنجى ئۈزۈكنى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم .پوكەي ئاراشلىرغا كىرىپ كەتكەنمىدۇ دەپ خېلى ھازاغىچە ئاختۇردۇم ،ئاخىر تېپىلمىدى .شۇ ئارىدا ھېلىقى ئىگىز بويلۇق ئەركىشىنىڭ دۇكاندىن چىقىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ،شۇ زامات كۆڭلۈمدىن «ئۈزۈكلەرچېچىلىپ كەتكەندە بۇ ئادەم قاراپ تۇرغاندەك قىلغان !»دىگەن ئوي كەچتى .
ئۇ ئادەم دۇكان ئىشىكىنىڭ تۇتقۇچىغا قۇلىنى ئۇزىتاي دەپ تۇرغاندا :
كەچۈرۈڭ ئەپەندى ،-دەپ ئۇنى توختاتتىم .
ئۇ ئادەم ئارقىغابۇرۇلدى ،بىز بىر مىنىتقىچە بىر-بىرىمىزگە ئۈندىمەستىن قاراپ تۇردۇق .
مەن دۇكاندائىشلەپ قالسام dەپ خۇداغا تىنىۋەتتىم .ئەممە مەن يىتكەن ئۈزۈك چىقمايدىغان بولساخۇدامۇ ماڭا ياردەم قىلالمايتتى،مەن دۇكاندىن ھەيدىلەتتىم ،لىكىن يەنە جىددىي پەيتتە ئالدىراقسانلىق قىلپ قويسام –مىنىڭ ھۆكىمىم توغرا بولغان تەقىردىمۇ –بارلىق ئارزۇ –ئارمانلىرىم يوققا چىقاتتى .
نىمە ئىش؟!-سورىدى ئۇ ،ئۇنىڭ يۈزىنىڭ بولجۇڭ گۆشلىرى تارتىشىپ كىتىۋاتاتتى .
مەن ئۆزتەقدىرىمنىڭ ئۇنىڭ ئالقىنىدا ئىكەنلىكىگە جەزم قىلدىم ،دەسلەپتە مەن ئۇنىڭ بۇدۇكانغاكىرىشىدە ئوغرىلىق قىلىش مەخسىتى يوق دەپ بىلگەنىدىم ئىھتىمال ئۇ بۇيەرگە بىر ئازبولسىمۇ كۆڭلىنى كۈتۈرۈش ئۈچۈن كىرگەن ،ئەتىدىن كەچكىچە پالاقلاپ يۈرۈپ ئاخىرقۇرۇق قول كىتىشنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن .مەن بۇ بىچارىنىڭ مۇشۇجەمىيتىمىزگەقانچىلىك قۇرساق كۈپۈكى بارلىقىمۇ ماڭا ئايان.
پۇلى بارلارپۇلنى بۇزۇپ -چېچىپ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سېتىۋالىۇ،لىكىن بۇ بىچارىلەر ئوخشاشلا ئۇنداق ئەمەس ،ئۇنىڭ ئۈيىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى بىر ۋاقلىق تاماقنىڭلا غېمىدە ئۆتىدۇ.
نىمە ئىش؟-ئۇئادەميەنە سورىدى ،مەن ئۇنىڭ سۇئالىغا قانداق جاۋاپ بىرىشنى بىلەتتىم .ئانام ماڭائادەملەرنىڭ تۇلىسى ئاق كۆڭۈل كىلىدۇ.دەپ ئېيتقانىدى .شۇڭا مەن ،بۇ ئاەم ماڭايامانلىق قىلىدۇ ،دەپ ئويلىمىدىم .مەن دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم ،كۈچىنى تۇمانقاپلاپ كەتكەنىدى.
بۇمىنىڭ تۇنجى خىزمەت ئورنۇم ،مۇشۇ كۈنلەرە بىرەر ئىش تېپىش تەس شۇنداق ئەمەسمۇ ؟-دىدىم مەن.
ئۇ ماڭا بىرھازاغىچە سىنچى كۆزلىردە قاراپ تۇردى .ئۇنىڭ چىرايىدا بارا-بارا ئاجايىپ بىريېقىملىق كۈلۈمسىرەش پەيدا بولدى .
شۇنداق ،راست شۇنداق –دىدى ئۇ ـمەن سىزنىڭ بۇيەردەناھايتى ئىشلەۋاتقىنىڭىزغا ھۈكۈم قىلالايمەن ،سىزگە بەخىت تىلىسەم بۇلامدۇ ؟!
ئۇ قۇلىنى ئۇزىتىپ قۇلۇمنى چىڭ سىقتى .-مەنمۇ سىزگە بەخىت تىلەيمەن ،-مەن ئاستا پىچىرلىىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nijat0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-20 04:02 PM