كېچىككەن پۇشايمان
قىشنىڭ سوغۇق شامىلى ئادەمنىڭ سۆڭەك-سۆڭەكلىرىدىن ئۆتەتتى.مۇشۇ سوغۇقتا 26~27
ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت خۇددى ئېغىر كىسەل تارتقان ئادەمدەك قەدەملىرىنى ئارانلا
يۆتكەپ كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تاماتتى،ئۇ توختىماي «ئانا،ئانا»دەيتتى.
ئۇ ئانىسىىڭ قەبرىسى ئالدىغا كېلىپ يىقىلدى.ئۇ قىلغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئويلىدى.ئۇ
ئەسلى بىر تۇل ئايالنىڭ ئوغلى بولۇپ كىچىگىدىن تۇرمۇشى غورگۈلچىلىكتە ئۆتكەن ئىدى.لېكىن ئانىسى ئۇنى تولىمۇ ئەزىزلەيتتى.ئۇنى كۆز قارچۇغىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايتتى.كۆڭلىگە
ئازار بېرىدىغان ئىشنى،سۆزنى ھەرگىزمۇ قىلمايتتى.ئانا باشقىلارنىڭ كىرقاتلىرىنى يۇيۇپ،
ئۆيلىرىنى تازلاپ تاپقان پۇلىنى ئوغلىنىڭ ئوقۇش پۇلىغا ۋە پارچە خىراجىتىگە ئىشلىتەتتى.بىچارە
ئايال يىل ئۆتۈپ كەتسە ئۇچىسىغا بىرەر قۇر يېڭى كىيىم كىيىپ باقمايتتى.ئۇنىڭ شۇنچە جاپا
تارتىشى مۇشۇ ئوغلى ئۈچۈن ئەمەسمىدى.لېكىن تەغدىر ئاجايىپ بولىدىكەن.ئۇنىڭ شۇنچە
ئەزىزلىگەن ئوغلى ئۇنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيتتى ئانىسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى نومۇس
ھېس قىلاتتى.
مانا شۇ ھېس تۇيغۇلار ئىچىدە ئۇ ئالىي مەكتەپنىمۇ پۈتتۈردى.خىزمەتمۇ تاپتى.ئۇ ئالىي
مەكتەپتە تونۇشقان بىر قىز بىلەن توي قىلدى.بۇ ۋىجدانسىز توي قىلغاندىن كېيىن شۇنداق
ئۆزگەردىكى ئانىسىنى كۆزگە ئىلماسلا بولدى.ئۇنىڭ ئايالى قېينىئانىسىنى بىر مالاي قاتارىدىلا
كۆرەتتى.خالىسا تىللايتتى،خالىسا ئشلىرىنى قىلغۇزاتتى.ئۇ كېلىنىنىڭ كىرلىرىنى يۇياتتى.ھەتتا
كېلىنىنىڭ پۇت-قوللىرىنى تۇتاتتى.
بىچارە ئانا بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ ئاخىرىدا ئېرىشكىنى مۇشۇ خورلۇق بولدى.بۇ باشقىلاردىن
ئەمەس ئۆز ئوغلىدىن ياندى.ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمايتتى.
ئۇلار بىچارە ئانىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى.توۋا دۇنيادا شۇنداقمۇ
ئادەملەر بولىدىكەن.بىچارە ئانا سوغۇقتا نەگە بېرىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ يۈرەتتى.ئانا
زىمىستان قىشنىڭ قوينىدا دەرت-ھەسرەت ئىچىدە بىر قۇتا دورىنى ئچىپ ئۈن-تىنسىز كۆز
يۇمدى.قەھرىتان سوغۇق ئۇنى ئۆز قوينىغا ئالدى.ئانىنى تۇققانلىرى ئۇنى يەرلىكىگە قويدى.
خوش ئەمدى گەپنى ئاشۇ ۋاپاسىز ئوغۇلدىن ئاڭلايلى ئۇنىڭ شۇنچە ئەتىۋارلىغان خوتۇنى ئۇنى
تاشلاپ باشقىلار بىلەن قېچىپ كەتتى.ئىش ئورنىمۇ ئۇنى ئىشتىن بوشىتىۋەتتى ئۇ ھېچنىمىسى
يوق گادايغا ئايلاندى.
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ ئاندىن ھوشىنى يىغدى .ئاھ خۇدا مەن نىمىلەرنى قىلدىم
ئانا!!!لېكىن ئۇ ھەر قانچە ۋارقىرىسىمۇ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتى.كېچىكىپ كەلگەن پۇشايمان ئۇنىڭ كۆڭلىنى لەختە-لەختە قىلىپ.يۈرىگىنى ئېزەتتى.لېكىن ئەمدى نە ئامال «ئاخىرقى
پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن»دېگەندەك ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ئىدى.گاھى كۈلەتتى،گاھى
يىغلايتتى.
توۋا باشقىلار دائىم بۇ دېگەن « ئۆتنە جاھان»دېسە ئانچە پىسەنت قىلمايتتىم.ئەمما بۇ ئىشتىن
كېيىن بۇ گەپنى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.چۈنكى ئۇ يىگىت ئاللىقاچان ساراڭ بولۇپ،
سىرتلاردا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ ئاخىرى ماشىنىغا سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.ھەر قانداق
ئادەم ئۇنۇسماسلىقى لازىمكى بۇ جاھان ئۆتنە جاھان.ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن ئاۋۋال ياخشى ئويلاش كېرەك
چۈنكى،كېچىكىپ كەلگەن پۇشايمان ئادەمنى بىر ئۆمۈر دەرت-ھەسرەتتە قالدۇرىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. L* J% q7 \) j8 L0 A( c& K بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ahmuxuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-18 09:48 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 V* z7 \2 X1 r8 P" G" u+ ~4 h
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. @% X& J: P3 V. a