|
|
|
|
«قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرى بېيجىڭدا تارقىتىلدى
بۈگۈن يەنى 2015 – يىلى 1- ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچى ئىرپان ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى نەشرگە تەييارلاپ، مىللەتلەر نەشرىياتى.مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى نەشىر قىلغان، 11- ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ شاھانە ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرىنىڭ تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
پايتەختنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە تىيەنئەنمېن مەيدانىغا جايلاشقان ھەيۋەتلىك خەلق سارىيىنىڭ بېيجىڭ زالى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى. مۇراسىمغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ئىسمائىل ئەھمەد ۋە ئىسمائىل تىلىۋالدى؛ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، داڭلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭ؛ دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جاۋ ؛دۆلەتلىك ئاخبارات– نەشىرىيات–رادىيو–تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى؛ مىللەتلەر نەشرىياتى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە مەركەز، ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن بولۇپ 200گە يېقىن كىشى قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا مۇراسىمنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا شىنخۇا ئاگېنىتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قاناللىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خادىملىرى، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانىسىسى، جۇڭگو ئاخبارات–نەشرىيات گېزىتى، جۇڭخۇا ئوقۇرمەنلەر گېزىتى ( 读书报)، جۇڭگو مىللەتلەر گېزىتى، جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلى، مىللەتلەر سۈرەتلىك ژۇرنىلى، ئەدەبىيات- سەنئەت گېزىتى، شىنجاڭ گېزىتى، خەلق تورى، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيەسى، جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى تورى(中国清真网)، مىسرانىم تورى شۇنداقلا بىرقىسىم مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇر تاراتقۇلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇخبىر ۋە خىزمەتچى خادىملىرى قاتناشتى. مۇراسىمغا شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى نەشىرىيات نامىدىن تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى .
يىغىنغا مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ روپۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا ئالدى بىلەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋاڭ مىڭ ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇ سۆزىدە: « قۇتادغۇ بىلىگ» نىڭ سۆز مەنىلىرىنى تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن جۇڭگولۇق ئۈچۈن «قۇت» ۋە «بىلىگ»نىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.
ئارقىدىن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پەخىرىي ئاكادېمىك ليۇ كۈيلى «قۇتادغۇبىلىگ»نىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنى، جۈملىدىن جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە تۇتقان ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈردى .
ئاندىن كېيىن «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ خەنزۇ تىلىدىكى دەسلەپكى تەرجىمىسىنىڭ تىلىماچلىرىدىن بىرى بولغان ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، تەتقىقاتچى، شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى لىيۇ بىن ئەپەندى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور ئازات سۇلتان ئەپەندى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى رەيھان قادىر خانىم قاتارلىقلار «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، تىل، قانۇن قاتارلىق ساھەلەردىكى قىممىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق توختىلىپ ئۆتتى.
يەنە، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنىڭ دېكلاماتسىيە قىلغۇچىسى، مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق دېكتورى ياۋ كې ئەپەندىنىڭ نەق مەيداندىكى دېكلاماتسىيەسى مۇراسىم زالىنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ، «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ نامايان قىلغان بولسا، ئۈرۈمچى ئىرپان ئىلىكتېرون چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئابدۇللا ئۆمەر ئەپەندىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنىڭ ئىشلىنىش جەريانى ھەققىدىكى تەسىرلىك بايانلىرى يىغىن ئەھلىنىڭ قەلب تارىنى چەكتى.
رەھبەرلەر يىغىنغا كىرمەكتە.
جاڭ روپۇ رىياسەتچىلىك قىلماقتا.
يېڭى نۇسخىنى كۆرمەكتە.
يىغىندىن بىر كۆرۈنۈش.
ۋاڭ مېڭ سۆزلىمەكتە.
ليۇ كۈيلى سۆزلىمەكتە.
لىيۇ بىن سۆزلىمەكتە.
ئازات سۇلتان سۆزلىمەكتە.
رەيھان قادىر سۆزلىمەكتە.
ئابدۇللا ئۆمەر سۆزلىمەكتە.
ياۋ كې نەق مەيداندا دېكلاماتسىيە قىلماقتا.
مۇراسىمدىن كۆرۈنۈشلەر.
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىلىم دۇنياسىدىكى قىممەتلىك گۆھەر «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق نۇسخىسى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئاتاقلىق ياش تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەتنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرىنىڭ پايتەختتە جاھان ئەھلىگە سۇنۇلۇشى بۇ ئەسەرنىڭ شاھانە قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇنىڭ خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرى 17سائەت 10مىنۇت بولۇپ، بۇ قېتىمقى نەشرى ئۇنىڭ ئاۋاملىشىش ۋە دۇنياۋىيشلىشىش ئۈچۈن يېڭى يىلدا ئالغان مۇبارەك قەدىمى بولۇپ قالغۇسى.
مىللەتلەر نەشرىياتى. مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى
ئۈرۈمچى ئېرپان ئېلىكتىرون چەكلىك شىركىتى
2015- يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى
بېيجىڭ
|
|
|
|
|
|