مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1572|ئىنكاس: 8

تەقدىر (پوۋېسىت) قۇربان ئەخمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 03:26:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2

  كۈز پەسلى،دەل-دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى بەرگىلىرىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ،زىمىننى سېرېق يېپىنچا بىلەن يۆگەپ ئالتۇن رەڭگە كېرگۈزگەن ئىدى. دەرەخ شاخلىرىغا قونىۋالغان جۈپ-جۇپ قۇشلار،بەرگىللىرىدىن ئاجرىماي قالغان،يۇپۇرماقلار ئەتراپىدا ئايلىنىپ،بىر-بىرىگە كۆڭۈل ئىزھار قېلىشىپ ئالتۇن رەڭگە چۇمكەلگەن بۇزىمىننى مۇھەببەت گۈلىستانىغا ئايلاندۇرماقچى بولغاندەك ھەركەت بىلەن مەشغۇل بولماقتا ئىدى.بېراق،مەن ئەسلىمىلەر قوينىغا شۇڭغۇپ تەنھالىق ناخشىسى توۋلاۋاتىمەن.تەنھالىق دونيادىكى ئەڭ سادىق،ئەڭ ۋاپادار،ئەڭ سەمىمى،ھەمرا.چۈنكى تەنھالىق سەن ئۇنى تاشلىۋەتمىسەڭ ئۇسىنى تاشلىۋەتمەيدىغان روھى سايەڭدىن ئىبارەت.مەن بۇسايەم ئاستىدا ئوتمۇشۇمگە ھەمرا،قۈشلار بولسا خۈشال سۆيگىدىن ۋىسال تاپقان.مەن بولسام لاچىن سوققان توشقاندەك ئاھ ئۇرماقتىمەن،بىردىنلا قولاق مىڭەم غۇڭىلدىدى،يۈرۈكۈم سىقىلدى.كۈزۈم ياشقا تولۇپ كۈرۈش نۇرلىرى ئىتىلدى،بىر خىل غۇۋالىق ئىچىدە ئۇزۇندا قالغان ئىزلىرىمنى كۇرۇپ يۈرۈكۈم ئەلەمدىن نىدا قىلدى.

-ئاھ !.ئالىي مەكتەپتىكى ئۇنتۇلماس يىللار مەن كۈزۈمنى ئېچىپ ئەتراپقا باقتىم،خىيال قۇشۇم ،رەڭدار پەيلىرىنى تاراپ،پەرۋاز قېلىشقا تەييارلىنىپتۇ.مەن قۇمانىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ خىيال قۇشۇمنى ئەركىن دۇنياغا قويۇۋەتتىم.خىيال قۇشۇم رەڭدار پەيلىرى ئارىسىغا قىستۇرغان ئوتمۇش كارتىنلىرىمنى كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ كىنو لىنتىسىدەك ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

*            *                   *                  *      

ئالى مەكتەپ چاقىرىقنى ئېلىپلا،ئالى مەكتەپكە مېڭىشنىڭ جىددى تەييارلىقى باشلىنىپ كەتتى.جىددىچىلىك ھالىمنى كەتكۈزۈپ،كىچىك ۋاقتىمدا پەيدا بولغان كونا كىسىلىم ئۆپكە ياللۇغى قوزغىلىپ ،دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم.كېسەلدىن ياخشىلنىپلا كالتە يۈتەل بىلەن مەكتەپ تامان يول ئالدىم.مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىردىم،كۈز پەسلى بولغاچقا ھەممە ياق گۈزەل ئىدى،ئەتتىگەندە چىقىدىغان ئىزغىرىن شامال ئادەمنىڭ غولىنى قورىيتتى،ۋالىبول مەيدانىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە،مەيداننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قار ياغاچلىقتا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۈرىۋاتقان قىزنى كۈرۈپ،يۈركىم قېتىپ قالغاندەك،قاققان قۇزۇقتەك تۇرغان ئورنىمدا تۇرۇپلا قالدىم.ئىسسىپ كىتىۋاتاتتىم،مەن ئۇزۇندىن بويان يوقۇتىپ قويغان نەرسەمنى تېپىۋالغاندەك،بىر خىل ھاياجاندا قېتىپ قالغان ئىدىم.قىز ئۈستىگە قىممەت باھالىق كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ،شۇنچىلىك ياراشقان ئىدى.مېنى بىر خىل تۇيغۇ چىرمىۋالدى،مەن قىزغا قاراپ ماڭدىم.قىز نىمىدۇر بىر نىمە ئىزلىگەندەك ئەتراپقا جىددى قارىدى،مىنى كۈرۈپ ئالدىمغا يۈگۈرەپ كەلدى.

   -كەلدىڭمۇ؟.كىچىكىپ قالدىڭغۇ؟

   -دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم،ھازىرلا كىلىشىم.

-نەرسە كىرەكلىرىڭچۈ؟

   -دەرۋازا ئالدىدا قالدى.

   -ھەسەن-قىز ۋالىبول مەيدانىغا قاراپ بىرسىنى چاقىردى،ھايال بولماي،چاچلىرىنى مايلاپ قاپقارا قىلىۋەتكەن،قىممەت باھالىق تەنھەركەت كىيىمى كىيىۋالغان،بىرسى يۈگۈرىپ كەلدى.

   -نىمە بولدى؟

  -ساۋاقدىشىمىز ھازىرلا كەلدى،تۇنۇشۇپ قال،نەرسە كىرەكلىرىنى ئەكىرشىپ بەرگىن!.دىدى قىز ھەسەنگە ئەركىلىگەندەك،نازلىنىپ تۇرۇپ،-مەن قادىرنى ئۇقۇغۇچىلار بولىمىگە ئەكىرىپ چىقاي،سەن يۈك-تاقلارنى ئەكىرۋەتكىن!.ياخشى دوستلاردىن بولىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

   -مەنغۇ دوستلۇق قولۇمنى سۇنارمەن،بىراق بۇ ئەلاچى مىنى ياراتماسمىكىن.-دىدى ھەسەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى ئوزىتىپ.

-مەن سېلىنى تۇنۇمايدىكەنمەن-دىدىم،مەنمۇ كۈرىشىشكە قولۇمنى ئۇزىتىپ

   -مانا دىمىدىممۇ،ئۈچ يىل بىر مەكتەپتە بىرگە ئوقۇپ تۇنىماس بولىۋالدى،مەن نايىپ ھاكىمنىڭ  ئوغلى

    -ھە... ئەمدى ئىسىمگە كەلدى سىلى يۇرتىمىزدىكى نايىپ ھاكىمنىڭ ھېلىقى...

      -ھەئە مەن قۇلاق كەستى شۇ-دىدى.ھەسەن گېپىمنىڭ ئوتتىرىنى بۈلۈپلا ئۇ ئىشنى ئېغىزغا ئېلىشنى خالىماي،

مەن مەريەمنىڭ كەينىدىن مېڭىپ كەتتىم.ھەسەن يۈك-تاقلىرىمنى ئەكىرگىلى ماڭدى.

   -مەريەم يىقىن بولۇپ كىتپسەنغۇ؟.ئۇ قۇلاق كەستى بىلەن؟،

   -سەن بىلمەمسەن؟بىز تۇلۇق ئوتتۇردىن باشلاپلا......- مەريەم گېپىنىڭ داۋامىنى يۇتىۋەتتى،بىز ئوقۇغۇچىلار بۈلۇمى ئالدىغا كىلىپ قالغان ئىدۇق.بىز رەسمىيەتنى تۈگۈتىپ چىققاندا ھەسەن بىرنەچچەيلەن بىلەن بىزنى ساقلاۋاتقان ئىكەن.

   -بۇنىڭ ئىسمى كىرەم،بۇ تۇرغۇن،بۇ نۇرجان، بۇ ۋەلى بىز بىر ناھىيەدىن –دەپ تۇنۇشتۇردى ھەسەن،

    -بىز ھەممىمىز بىر يۇرتتىن –دىدى كىرەم،ھەسەننى مەنسىتمىگەندەك قاراپ،ماڭا باشتىن ئاخىر قارىۋەتكەندىن كىيىن –چىقىشىپ كىتىمىز-دىدى. قۇلىنى ئۇزۇتىپ.

شۇنداق قىلقپ ئۇلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ قالدىم،بۈخۈن كۈنگە شەنبە بولۇپ،مەن مەكتەپ ۋاسكىتبول مەيدانىغا يېقىنراق يەردە ئولتۇرۇپ، نادىيە كەرىمىنىڭ «ئۆكسۈش»دىگەن كىتاۋىنى ئوقۇۋاتاتتىم،كۆزلىرىم تېلىپ كىتاپتىن باش كۈتىرىپ ئەتىراپقا قارىدىم،ۋالىبول مەيدانى يېنىدىكى گۈللىكتە بىر نەچچە قىز كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتى.مەيداندا ياتاقداشلىرىم توپ ئويناۋاتاتتى،مەن ئۇلارغا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن،باشقا ياقلارغا قارىدىم،توپ مەيدانى بىلەن قارياغاچلىقنى ئايرىپ تۇرىدىغان يولدا مەريەم قولىدا بىر كىتابنى تۇتقىنىچە،توپ مەيدانىدا توپ ئويناۋاتقانلارغا مىقتەك قادىلىپ قاراپ تۇراتتى،مەن ئورنىمدىن تۇرۇپلا قىز تەرەپكە قاراپ ماڭدىم،مېنى بىر خىل ئەسەبى تۇيغۇ چىرمىۋالغان ئىدى.

  -ياخشىمۇ سەن مەريەم؟

  -ياخشى ئۆزۈڭچۇ؟

-قەدىر-ئەھۋال-مەريەم كۈزىنى توپ مەيدانىدىن يۆتكەپمۇ قويمىدى.

-بۇيەردە نىمە...-سوئالىمنىڭ داۋامى چىقمايلائۇ بىر خىل يىقىملىق ئاۋازدا

   -كۇتۇپخانىغا بارغان ئىدىم،ياتاققا كىتىۋاتىمەن،ھەسەنگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى،ساقلاۋاتىمەن ئۇ قىزغىن توپ ئويناۋاتىدۇ قارىغىنا!.

مەن ئۈندىمىدىم مەريەمنىڭ بۇيرىقى بىلەن توپ مەيدانىغا قارىدىم ياتاقداشلار قىزغىن توپ ئويناۋاتاتتى،مەريەمنىڭ كۆزىگە ئوغۇرلىقچە قارىدىم.ئۇنىڭ كۈزى ھەسەن قايانغا يۈگۈرسە شۇ ياققا ئاغاتتى.نەپسىم سىقىلىپ كۆكسىم ئاغىرىپ كەتتى،رەشىك ئوتى مىنى قىينايتتى،مەريەمنىڭ بۇ ھالىنى كۈرۈشكە تاقات قىلالماي ئاچچىقتىن بەدىنىم بوغۇلۇپ كىتىۋاتاتتىم،ئۇنىڭ مىنىڭ ھالىم بىلەن كارى يوق پۈتۈن ئەس-يادى ھەسەندىلا ئىدى.قولۇمدىن كىتابنىڭ قانداق چۈشۈپ كەتكىننى بىلمەيمەن،بىردىنلا كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى،ئولتۇرۋېلىشنى ئويلىدىميۇ،مەندىك رەشىك ئوتى مىنى ئولتۇرغىلى قويمايتتى.مەريەمگە گەپ قىلمايلا ياتاققا قاراپ ماڭدىم.پۇتلىرىم مۇدىرىپ دىگەندەك كىتىۋاتاتتىم،بېشىمنى گادىرماچ خىياللار قاپلىغان ئىدى،مەكتەپ،توپ ئويناۋاتقانلار،ئادەملەر ھەممىسى پىقىراپ چۆرگىلەيتتى.ياتاققا كەلسەم قادىر يالغۇز ئولتۇرۇپ كۈپكۆك موخۇركىنى گېزىتتىن تەييار قىلغان قەغەزگە ئوراپ چىكىۋەتقان ئىكەن.ئۇ مىنى كۆرۈلاتوپتەل ئورنىدىن قاڭقىپ تۇردى.

  نىمە بولدى ،چىرايى.....ڭ تاتىرىپ كىتىپتىغۇ؟يۈرە دوختۇرغا بارايلى!. كېرىم مىنى تارتقۇشلاپ، گاھى سۆرەپ دىگۈدەك دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى.دوختۇر

-   بۇرۇن ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئاغىرىپسىزكەن،يۈرەك بىر ئاز ئاجىزلىشىپ قاپتۇ،ياخشىراق دەم ئېلىپ ئۇبدان ئۇزۇقلانسىڭىز بولىدۇ، دەپ دورا يېزىپ بەردى.بىز  بىز ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن قادىر سىرتقا  قارىۋەتكەندىن كىيىن مۇخوركىدىن يەنە بىرنى ئوراپ چىكىشكە باشلىدى.ئادەتتە مەكتەپتە موخۇركا چەككىنىمىزنى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى كۆرۈپ قالسا ئەخلاق نومۇرىدىن،نومۇر تارتىپ سىنىپنى جازالايتتى.شۇڭا تاماكا چىكىدىغانلار ئېھتىيات بىلەن چىكەتتى.مەن ھازىرغىچە تاماكا دىگەننى ئېغىزغا ئېلىش تۈگۈل ئىسىنى پۇرىساممۇ كۆڭلۈم ئېلىشىدىغان،لېكىن بۈگن نىمە ئۈچۈندۇ ئۇنىڭ تاماكىسىدىن چىكىپ باققۇم كەلدى،مەن ئۇنىڭ قولىدىن تاماكىنى ئېلىپلاچەكتىم.تاماكىنىڭ ئىسى شۇنچىلىك ئاچچىق ۋە سېسېق ئىدى،مەن قېقىلىپ يۈتىرەپ كەتتىم. كۆزىمدىن ياش بۇرنىمدىن ماڭقا،ئېغىزىمدىن دۈب-دۈگىلەك ئىس چىقتى.يۈتۈلىممۇ توختاپ ئەسلىمگە كەلدىم.

-بۈگۈن ساڭا نىمە بولدى قادىر؟.جىن تەپكەن ساراڭدەك تاماكا چىكىۋاتىسىنا؟سەن بىزگە دائىم تاماكا دىگەن سالامەتلىككە زىيانلىق چەكمەڭلار دەيتتىڭ بۈگۈن ئەجەب بىر ؟...

  -بولدى ئاداش بونى سورىما نىمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن، ئەكىلە تاماكاڭنى

  -دەپ بەرمىسەڭ بەرمەيمەن،

-مىنى قىستىما كىيىن چۇقۇم دەپ بىرىمەن

-ھەي ئاداش سەن بۇنىڭغا ئۈگۈنىپ قالساڭ بولمايدۇ؟.سەن دىگەن كۆپ كىتاپ كۈرىسەن،بىر كىتاب خالتىسى،بۇنى چۈشەندۇرۇش ماڭا نىسپەتەن ئۆزۈڭگە ئايان .چەكمىگىن!

-ئەكىلە ئۇنداق قىلماي مەن بىلەن كارىڭ بولماي ھەرگىز ئۈگۈنىپ قالمايمەن،بۈگۈن سەل ئىچىم سىقىلىپ شۇ سېنى دورۇپ باقاي دىدىم.

          داۋامى بار


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 10 yahxi baxliniptu, dawami

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 04:11:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نالە (نەسىر)

                                                      نالە
                        
                                            (نەسىر)
                       
                                        قۇربان ئەخمەت
    كۆك ئاسماننى قارا بولۇت ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ،ئەمدىلا گۇگۇم باسقان زىمىننى ،قازاننى دۈم كەيدۈرۈپ قويغاندەك قاپ-قاراڭغۇ قىلىۋەتتى.ئاسمان بۇدەردىنى زىمىنگە يىغلاپ ياش تۈكۈش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرماقچىدەك ،كۆز يېشىنى سىمىلداپ تۇپ تۈكۈشكە باشلىدى،ئىشىك ئالدىدىكى قارا ياغاچقا يۈلەنگەن قىزنىڭ نالىسى،كۆزىدىن چۈشكەن ياش بىلەن ئاسماندىن
چۈشىۋاتقان                                                                                                 يامغۇر سۈيىگە قوشۇلۇپ زىمىنغا سىڭىپ كەتمەكتە.قىزنىڭ خىيال كەپتىرى نازۇككىنا
چىرايلىق پەيلىرى ئۈستىگە ئېلىنغان ئۆتمۈشىنى،يىراقتا قالغان ،يۈرەك جاراھىتىنى قىزنىڭ كۆز ئالدىدىن بىرمۇ بىر ئاستا،ناھايتىمۇ بەك ئاستا ئۆتكۈزۈپ،قىزنى تېخىمۇ ئازاپلانسۇن دىگەندەك
ئۆتمۈشتىكى نادانلىق قىلغان،بىخەستىلىك قىلغان تەرىپىنى كۆرسەتمەكتە.
  -ئاھ خۇدا!-دەيتتى قىز،-مېنى نېمىشقىمۇ قىز ياراتقان بولغىيدىڭ؟................
قىز يىغلايتتى ،ئاسمانغا قارايتتى،ئاسماننىڭ قاپقارا مۇدھىش سىياقى قىزنى تېخىمۇ ئازاپلايتتى،
يىگىتنىڭ ۋاپاسىزلىقى قىينايتتى،ئانىسىنىڭ نەسىھىتى قۇلاق تۇۋىدە جاراڭلايتتى.
   -جېنىم ئانا مىنى...-قىز سۈزىنى داۋاملاشتۇرالمايتتى.ئىگىز قارا ئاسماندىن ياغقان يامغۇر،قىزنىڭ دەردىگە ھەم شىرىك بولماقچىدەك ،قىزنى توختىماي بەزلەيتتى.قىز نالە قىلاتتى.كۈزىنىڭ چانىقى لىق ياشقا تولغان بۇلۇپ ياراتقۇچىغا نالەپ  قىلاتتى،كۆز يېشى زىمىنغا سېڭىپ كىتىپ باراتتى.قىز نالە قىلاتتى.



         مەنبە: ئۆز قەلىمىم 1995-يىلى 31-ئىيۇل يېزىلدى قاراقاشتا
.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 07:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 05:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشى يىزىپسىز قىرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 05:03:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ داۋامى با ئەسەر ھەجەپ مودا بولدى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 06:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1352 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 07:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ داۋامى با ئەسەر ھەجەپ مودا بولدى

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6994
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8357
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 09:15:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12551
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32343
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4573 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 12:22:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹تەقدىر›› (پوۋېست)دەپ ماۋزۇ قويۇپسىز،‹‹داۋامى بار››دەپسىز،داۋامىغا ئىنكاس شەكلىدە ‹‹نالە››دېگەن نەسىرنى قىستۇرۇپ يوللاپ قويۇپسىز......

نەسرنى ئايرىم تېما قىلىپ،ما پوۋېستىڭىزنىڭ داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىز  بولاتتى ئەسلى.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 02:53:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تېمىلارنى قاپلاپ يوللاۋاتامىسز نىمە...  بىر تېمىنىڭ ئايىغىنى چۈشۈرمەي تۇرۇپلا    باشقا تېما يوللاپ بوپسىز....   

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش