«يىپەك يولى ساداسى» دىكى ئەركىن ئابدۇللا...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. N4 n& W6 ~* _* E( \9 k+ zئۇرۇق ،ئۇزۇن بۇدرە چاچ -ئەركىن ئابدۇللا كۆزۈمگە ئەسلا سىغمايتتى. بىر خىل قېلىپ، بىرخىل ئاھاڭدا ئۇقۇلغان ناخشىلىرىنى مۇنداقلا ئاڭلاپ قوياتتىم. سەھنىدە ئۇيغۇرلارغا خاس ئوبرازىنى ئەسلا كۆرۇپ باقمىغاچقىمۇ ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك نەزەرى بىلەن قارايتتىم. مەنلا ئەمەس ئاتا-ئاناممۇ ئۇنىڭ شۇ تۇرقىنى پەقەت ياقتۇرمايتتى. ھەر قېتىملىق سەنئەت كىچىلىكلىرىدە « ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن بېيجىڭدىن كىلىپ قاتناشتى» دىگەن سۆزلەرئىچىمىزنى ئاچچىق قىلاتتى.
ئۇنىڭ بارا-بارا «چولپان» بولۇشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن مىش-مىش پاراڭلىرىنىمۇ ئاڭلاپ ئۈلگۈردۇق. «ئۇ ئەسلى بۇنچىلىك تۇنۇلغۇدەك ئادەم ئەمەس، ئىچكىردە بىر پۇلدار خوتۇن ئاپتىكەن. شۇ ئايالى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئۇنى چوڭ سەھنىلەرگە تۇنۇشتۇرۇپ مۇشۇنداق تۇنۇلۇپتۇ، ئايالىنىڭ بايلىقىدا تەرلەيدىغان نوچىكەن....»دىگەندەك گەپ-سۆزلەر شەھەردىن-شەھەرگە، قۇلاقتىن قۇلاققا ئۆتۈپ بىزنىڭ بۇ ياقايۇرتلارغىمۇ يىتىپ كەلدى. بىزمۇ بۇ پاراڭلارنى تۇلا ئاڭلاپ ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئىجادىيىتى، ناخشىسى، سەھنە ئارقا كۈرۈنۈشلىرىدە «پۇلدار خوتۇن» تۆھپىسى بارلىقىغا ئىشىنىپمۇ قالدۇق.
كىيىن شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «يىپەك يولى ساداسى»نىڭ تەشۋىقات ئېلانلىرى قويۇلۇشقا باشلىدى. 4 نەپەر ئەلگە تۇنۇلغان ناخشىچى، چولپان ئۇستازلارئارىسىدا ئەركىن ئابدۇللانى كۆرۈپ «ۋاي ئىسىت...» دەپلا قالدىم. شىنجاڭدا تۇنۇلغان نۇرغۇن ئىجادىيەتچى، ناخشىچىلار تۇرسا بۇ «ئۇزۇن چاچ»نى نىمە دەپ تاللاپ قالغاندۇ؟...دەپ سۇئال قۇيۇلدى. بۇنى تاللىغان رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ كاللىسى ئېلىشىپتۇ ، بۇمۇ بىر سەھنە بوپ قالغۇدەك ئەمدى...دەپ قاتتىق ئۈمۈتسىزلەندىم.
ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس....
«يىپەك يولى ساداسى» پىروگىراممىسى تىلىۋۇزۇردا قويۇلۇشقا باشلىدى. ھەر جۈمە كۈنى سائەت 8 دەتېلىۋۇرۇز ئالدىدا مىختەك تىكىلىپ ئولتۇرۇپ بۇ پىروگىراممىنىڭ 1-سانىدىن باشلاپ كۆرۈشكە باشلىدىم. 1-سان ، 2-سان، 3-سان......مانا 12-سانمۇ قويۇلۇپ بولدى. ھەر ھەپتىلىك پىروگىرامما قويۇلسا بىر خىل ئۈمۈت ، بىر خىل ھۆرمەت، بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۇمۇلدۇم. بۇ خىل ھۆرمەت ،بۇ خىل ئىپتىخارلىق سانمۇ-سان كۈچىيىپ،يۇكسىلىپ ماڭدى.
بىز بۇ 4 چولپان ئۇستازنى پەقەت تىلىۋۇزۇردىلا كۆرگەن. پەقەت ناخشىسىنىلا ئاڭلىغان. بۇلارنىڭ ئىدىيەسى، دۇنيا قارىشى، گۈزەللىك تۇيغۇسى، سەنئەت جەھەتتىكى بىلىمى، ئادىمىگەرچىلىكى ، ئىنسانىيەتكە خاس كۆڭلى بىلەن ئەسلا تۇنۇشۇپ باقمىغان. ئۇلارغا شۇ سەھنىدىكى تۇرقى ، ئاۋازى بىلەنلا تۈگىمەس باھالارنى بىرىپ كەلگەن. مانا بۇگۇن بۇ پىروگىرامما ئارقىلىق بۇلار بىلەن ھەقىقى تۇنۇشۇش ، ئۇلارنى چۇشۇنۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم.
ئەركىن ئابدۇللا-مىنىڭ بارلىق خاتا تۇيغۇلىرىمنى، كۆز قاراشلىرىمنى بىت-جىت قىلىۋەتتى. 4 چولپان ئۇستازنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك ئۇستاز چولپان ئەركىن ئابدۇللا باشقا ئۇستازلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان تەپەككۇرى، بىلىمى، سەنئەت تالانتى،تەمكىنلىكى، مەزمۇنلۇق، ئۇرغۇلۇق كۆز قاراش-باھالىرى بىلەن مىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۇردى. بۇرۇنقى ئۇنىڭغا بولغان يۈزەكى تۇيغۇلىرىمنى دەپنە قىلىۋەتتى. ھەربىر سان ئاخىرلاشقاندا ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇنىڭ ھەقىقى سەنئەتكاردا بۇلۇشقا تىگىشلىك ئىسىل خىسلەتلىرى باش بارمىقىمنى چىقىرىپ « يارايسەن ئىسىل ئۇيغۇر چولپانى» دىگۇزۇشكە دەۋەت قىلدى.
سەنئەت – ئۇئىنساننىڭ مەنىۋى ئۇزۇقى. سەنئەتكار ئۇ ئىنساننىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتقۇچى كۈچ. بىرسەنئەتكار ئۆزىنىڭ سەھنىدىكى ناخشا-ئۇسۇللىرى بىلەنلا ھەقىقى چولپان بولۇشى ناتايىن. ئۇ چۇقۇم ئۆزىدە گۇزەل ئىنسانى خىسلەتلەرنى تۇرغۇزىشى، ئۇنى خەلىققە تەقدىم ئىتىشى، كەڭ خەلىقنىڭ ھەقىقى ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىششى كېرەك.
«يىپەك يولى ساداسى»- ئەركىن ئابدۇللانى مىنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقى چولپانغا ئايلاندۇردى. مىنى قايىل قىلدى. مىنى سۇيۇندۇردى...بەلكىم كەڭ تاماشىبىنلارنى، كەڭ ئاممىنى چۇقۇم قايىل قىلغان ، سۇيۇندۇرگەن بۇلۇشى مۇمكىن.
قېنى ئەمىسە ئۇنىڭ مىنى قايىل قىلغان تەرەپلىرىنى ئورتاقلىشىپ باقايلى:
1. ئىزچىل تەمكىنلىكنى ساقلىدى.
ئۇ ھازىرغىچە سەھنىدە بىر خىل رىتىمنى ، ئېغىر بېسىقلىقنى، تەمكىنلىكىنى ساقلاپ كەلدى. ماھىرتاللاش ۋە ئۆرۈلۈشتە ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ يۈزەكى ھىسياتى ياكى تاماشىبىنلارنىڭ قىقاس چۇقانلىرىغا قاراپ ئىش كۆرمىدى. ئالدىراپمۇ كەتمىدى. ھەر بىر ناخشىنىڭ مەزمۇنى، ھىسيات ئىپادىلىنىشى، ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئۆرۈلۈشكە تىگىشلىك بولسا ئۆرۈلدى. ئۆرۈلمىگەن تەقدىردىمۇ ماھىرلارغا چۇشەنچە بىرىشتە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە ئاجىزلىقىنى ،تەربىيەلەپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى ئىزاھلىدى.
2. مىللى ناخشىلارنى قەدىرلىدى.
مىللى چالغۇلار بىلەن ئورۇندالغان ناخشىلار ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىغا ناھايىتى ئەستاھىدىل مۇئامىلىدە بولدى. ئۇلارنىڭ ئورۇنداش سەۋىيىسى ئاساسەن تەلەپكە يەتكەن بولسا چۇقۇم ئۆرۈلدى. ئۆرۈلۈشتىمۇ ئاكتىپ،سەمىمى بولدى. بۇلارنىڭ سەۋىيەسى گۇرۇپپامنىڭ دەرىجە ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزەمۇ دىگەنلەرنى ئەسلا ئويلىمىدى. مىللى ناخشا-سازلار ئۇيغۇرسەنئىتىنىڭ ئاساسى، ئۇنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەشكە تىگىشلىك دەپ قارىدى. ھەر بىر مىللى ناخشىلارغا قارىتا تارىخنى ۋاراقلىدى. «بۇنداق ئىسىل مىللى ناخشىلارغا ئۆرۈلمەي تۇرالمايمىز...» دىگەن سۆزلىرى ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدۇ.
3. ھەر قانداق ماھىرغا ئەستاھىدىل مۇئامىلە قىلدى.
ھەر بىرماھىرغا باھا بەرگەندە مەيلى ئۆرۈلسۇن ياكى ئۆرۈلمىسۇن شۇنداق ياخشى باھالارنى بەردى، ئۇلارنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى، تالانتىنى ماختىدى، قوللىدى. ھەر بىر ماھىرنى ئۆزىدىن ئۈستۈن كۆردى. ئۇلارغا زور ئىلھام مەدەت بەردى. «سىز ئۇ ئۇستازدەك ئېيتالمىسىڭىزمۇ، مەندىن ياخشى ئېيتتىڭىز...» دىگەن سۆزلەرنىڭ مەناسىغا قاراڭ...يەنە كىم دىققەت قىلدى؟... ماھىرلار خوشلۇشۇپ ئۇستازلارنىڭ ئالدىغاكەلگەندە ئۇ ئىزچىل ئولتۇرغان ئورنىدىن پەسكە چۇشۇپ، ماھىرلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ كۆرۈشتى، قۇچاقلاشتى، خوشلاشتى.
4. سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدە بىلىمىنى نامايەن قىلدى.
ھەر بىرماھىر ،ھەر بىر ناخشا ئۈستىدە توختالغاندا ئەسلى كىمنىڭ ئىجادىيىتى، ئىجادىيەت ئارقا كۆرۈنىشى، ۋاقتى، ئىسمى قاتارلىقلارنى شۇنچىلىك ئىنىق، تەپسىلى ئىزاھلاپ ئۆتتى. مەيلى مىللىچە ناخشىلار بولسۇن، مەيلى خەنزۇچە ياكى چەتئەل ناخشىلىرى بولسۇن ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى نامايەن قىلدى. ئۇنىڭ بۇتەرەپتىكى ئارتۇقچىلىقىغا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ پەقەت ئاددى گىتار چېلىپ ناخشا ئۇقۇيدىغان ناخشىچى بولماستىن بەلكى سەنئەتنى چۇشەنگەن، تەتقىق قىلغان،باشقىلارنىڭ ئىجادىيەت مىۋىسىنى ئەزىزلىگەن ھەقىقى سەنئەتكار.
5. مول مەزمۇنلۇق، تەربىيىلىك تەپەككۇرى قەلىبلەرنى تىترەتتى.
ئۇنىڭ بارلىق سانلىرىدىكى باھالىرىدا ھەم باشقا ئۇستازلار بىلەن بولغان پىكىرلىرىدە ھېچقانداق قۇرۇق گەپ سۆز، چاقچاق ياكى مەنىسىز گەپ سۆزلەرنى ئۇچرىتالمايسىز. ھەر قانداق بىرباھانى چۇقۇم ئىنتايىن ئەتراپلىق، چۇشۇنۇشلۇك، مەنىلىك بىرىپ كەلدى. ھەر بىر سۆزى ئادەمنى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ. بۇ نىمىنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ؟ ...بۇ ئەركىن ئابدۇللانىڭ پەقەت سەنئەت جەھەتتىلا ئەمەس باشقا جەھەتلەردىمۇ زور بىلىمىنىڭ بارلىقىنى ، ئىنسانى خىسلەت، ئەدەپ-ئەخلاق، مىھرىبانلىق، تارىخنى قەدىرلەش ،خەلىقنى سۈيۈش قاتارلىق گۇزەل تەرەپلىرىنىڭمۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ.
خۇلاسە:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ a" u2 _ {; h1 |) d" G" s8 m4 h+ b
«يىپەك يولى ساداسى»دىكى ئۇستاز ئەپەندى-ئەركىن ئابدۇللا مىنى تەسىرلەندۇردى. بارلىق ئۇيغۇرخەلقىنى تەسىرلەندۇردى. ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى كۆزۈمگە سىغمىغان ئۇزۇن چېچى بۇ ھۆرمىتىمگە قىلچىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. بەلكى ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ شۇ ئۇزۇن چېچىنىڭ ئۇرۇق بەدىنىگە تۇلىمۇ ماس كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم. مەن ئىشەندىم. ئەركىن ئابدۇللا ھەقىقى «ئۇيغۇر چولپىنى» بۇلۇشقا تىگىشلىك يىگىتكەن. ئۇنىڭ تەپەككۇرى گىتارنىڭ تارىسىدەك زىل، ئۇچۇقكەن. ئىجادىيىتى يۈرەكنى تىترەتكۈدەك مۇڭلۇقكەن. قەلبى ئۇيغۇر سەنئەت تارىخىنى ۋاراقلىغۇدەك، ئۇيغۇر سازىنى مەڭگۈ جاراڭلاتقۇدەك، ئۇيغۇر ناخشىسىنى مەڭگۈ ياڭراتقۇدەك پاكىزە، دۇرۇسكەن... مەن ئىشىنىمەن. ئۇ تاللىغان ماھىرلار چۇقۇم سەنئەت بېغىنى گۇلگە پۈركۈيدۇ. ئەركىن ئابدۇللانىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيەتلىرى، ئىجتىھاتى، پەرۋىش قىلىشى بىلەن يىپەك يولىدا تېخىمۇ گۈزەل، مۇڭلۇق سادالارنى ياڭرىتىدۇ. ئەڭ زور شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۇرىدۇ...ئۇ مەڭگۈ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزىز چولپىنى بۇلۇپ نۇر چاچقۇسى!...
مەنبە : ئۆزۈم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. `' ~3 v0 W& b V# a بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sirdaxim0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-18 01:55 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 h( C P J9 J" l+ P
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ v3 k/ V/ q! e& x, x+ Y