ئانا دەيمەن كۆزلىرىمدە ياش
ئەرقۇت
جېنىم ئانا ئۆزۈڭ بىز ئۈچۈن،
چەكتىڭ تالاي جاپايۇ كۈلپەت.
بىزنى بېقىپ ئۆستۈردۈڭ لېكىن،
بولالمىدۇق بىرەركۈن ئۈلپەت.
ئانا دېدۇق دەبدەبە بىلەن،
لېكىن ساڭا قىلدۇق قانچىلىك.
باسقان ئىزىڭ ئىزلىساق تامان،
تەڭ كەلمەيدۇ يەنە قىلچىلىك.
سېغىنغانسەن سەنمۇ بىرۋاقىت،
موھتاج بولۇپ بىزگە بىر مەھەل.
ئەپسۇس يەنە شۇچاغ ئانىجان،
بىز يوق يەنە قىلىپ ئىش ئەمەل.
ئالدىرىدۇق ئۆيگە ،خىزمەتكە،
ئاجرىيالماي تۇرمۇش كويىدىن.
سېنى ئانا دەي دېگەن چاغدا،
ئۈچۇپ كەتتىڭ بەختىم ئۆيىدىن.
ئانا دېدىم كۆزلىرىمدە ياش،
ھىدلىرىڭنى ئىزدىدىم ھەريان.
مەن مېھرىڭدىن ئايرىلىپ ئانا،
قان يۈتىمەن تەلمۈرۈپ سەرسان.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-18 01:43 PM