دادا-ئانامىنى كەچۈرۈڭلار
مەن بۇنىڭدىن 16يىل ئىلگىرى ئاچچىق،قاتتىق تولغاقلار ئىچىدە بۇدۇنياغا ئاپىرىدە
بولغانكەنمەن.شۇنىڭدىن بېرى ئاتا-ئانام مېنى كۆز قارچۇغىدەك ئاسراپ كۆيۈنۈپ كەلدى.
مەن تولىمۇ ئەركە ھەم تېتىك چوڭ بولدۇم،مېنىڭ چوڭ بولۇشۇمغا ئەگىشىپ ئانام كېسەلچان
بولۇپ قالدى.دادامنىڭ تاپقان پۇلى ئانامنىڭ كېسەل داۋالىتىشىغا ۋە مېنىڭ ئوقۇش خىراجىتىمغىلا كېتەتتى،مەن ئۇلارنىڭ يېشى چوڭ بولغاندا ئاپىرىدەبولغان پەرزەنتى بولغاچقىمىكىن مېنى
تولىمۇ ئەزىزلەيتتى.ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىنەزەر مەن ئۈچۈن قولىدا يوق بولسىمۇ
ئامال قىلىپ تېپىپ بېرەتتى.
لېكىن مەن ۋاپاسىزبۇنى بىلمەپتىمەن.ئاتا-ئانامدىن رەنجىپ يۈرۈپتىمەن.دائىم باشقىلاردەك
كىيەلمىدىم دەپ تاپا-تەنە قىلىپ كەپتىمەن.مېھرىبانلىرىمنىڭ دىلىغا ئازاپ خەنجىرىنى
ئۇرۇپتىمەن.
ھەرقېتىم ئانامنىڭ چىرايىغىمۇ تۈزۈك قارىمايتىم،گەپلىرىگىمۇ قاپىقىمنى تۈرۈپلا جاۋاپ بېرەتتىم
ئۇنىڭ كېسەل چىرمىۋالغان تېنىنى تېخىمۇ زەربىگە ئۇچرىتىپتىمەن.بۇنى نېمىشقا بۇنچىلا
كېچىكىپ ھېس قىلغاندىمەن.ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ئەقىل كۆزلىرىم نېمىشقا كۆرمەي
قالغاندۇ.باشقىلارنىڭ ئانىلىرىنى ماختىغان سۆزلىرىمنىڭ ئوننىڭ بىرىنى مېنى توققۇز ئاي يوققۇز
كۈن قوساق كۈتۈرۈپ تۇغقان،ئوتۇمدا كۆيۈپ،سۈيۈمدە ئاققان، كېچىلەپ پەپىلەپ باققان
ئانامغا دىگەن بولسامچۇ ئېسىت.پەرزەنت ئىشقىدا پۇچىلانغان قەلبى قانچىلىك يايراپ
كېتەتتى-ھە!
جان دادا سەن مېنى دەپ قانچىلىك جاپالاردا چوڭ قىلغان.مەن ئۈچۈن قەھرىتان قىشلارنى
قىش دېمەي.تومۇز ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي،تەرلەپ-پىششىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن جان
تىكىپ ئىشلىگەن ئەمەسمۇ؟!باشقا ئاتىلارغا قىلغان مەدھىيەمنى ساڭا قىلغان بولسام،
پەرزەنت ئىشقىغا تەشنا كۆڭلۈڭ قانماسمىدى جېنىم دادا.
ئاھ،پەلەك، مەن نېمە ئۈچۈن بۇنى شۇنچە كېچىكىپ ھېس قىلغاندىمەن.جېنىم دادا-ئانا
مەندەك ۋىژدانسىز،نامەرت بالاڭلارنى كەچۈرەرسىلەرمۇ؟
مەن نېمانچە نادان، مەن ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى،بارلىغىنى ئاتىغان مېھرىبانلىرىمنى نېمانچە
دەرت-ھەسرەتتە قويغاندىمەن.مانا بۈگۈن ئانامنىڭ كۆزىدە ياش،دادامنىڭ چىرايىدا غەم.
ئۇلارنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا نېمە سەۋەپ.ھەممىسى مەندەك بىكۆيۈم،ۋاپاسىز
پەرزەنتىنىڭ دەردى ئەمەسمۇ؟!
ئانا-دادا مەندەك ئازغۇن ۋاپاسىز قىزىڭلارنى كەچۈرۈڭلار.
مانا قاراڭلار ئۇلارنىڭ باغرى شۇنچىلىك كەڭ، پەرزەنتلىرى مەيلى قانچىلىك خاتالاشمىسۇن
ئۇلار زەررىچىلىكمۇ رەنجىمەيدۇ.بۇنداق ئۇلۇغلۇق ھەرگىزمۇ باشقىلاردا يوق.دۇنيادا ھەقىقى
ئاشىق بار دېيىلسە ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان ئىشقىدۇر.
ئانا-دادا مېنى كەچۈرۈڭلار،مەن ھەممىنى چۈشەندىم.ئەمدى سىلەرگە ياخشى پەرزەنت
بولۇشقا تىرىشىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" [% }3 j, k1 t+ H% L