ئادەم ئۆمرىدە ئوقۇمىسا بولمايدىغان ھېكايىلەر
مۇھەممەدجان خېۋىر تاۋارىم
1. ئىنتايىن جىمجىتلىقنى خالايدىغان بىر ئادەم باركەن،بىراق كۈندەبىرقانچە كىچىك بالىلار ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا ئويناپ ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزىدىكەن.بىر كۈنى بۇ ئادەم بىر ئامال ئويلاپ تېپىپتۇ،ئۇ كىچىك بالىلارنى يىغىپ ھەربىرىگە ئۈچ تالدىن كەمپۈت بېرىپتۇ ھەمدە ئۇلارغا:مەن كىچىك بالىلارنىڭ ئوينىغىنىنى كۆرگىلى بەك ئامراق كۈندە مۇشۇ يەرگە كىلىپ ئويناڭلار دەپتۇ. بالىلارناھايىتى خۇشال بولۇپ كۈندە كېلىپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئويناپ يۈرۈپتۇ. بىر نەچچەكۈن ئۆتكەندىن بۇ ئادەم بالىلارغا بېرىدىغان كەمپۈتنى ئىككى تالغا كېمەيتىپتۇ،كىيىن بىر تال بېرىدىغان بوپتۇ،كىيىنچە بىراقلا بەرمەيدىغان بوپتۇ.شۇنىڭ بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ:ھىم كەمپۈت بەرمىسەڭ سېنىڭ ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا ئويناپ بەرمەيمىز دەپ كىتىپ قېلىشىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەممۇ ئاارام تېپىپ قاپتۇ
2. بىر ئادەم ئىككى ئات بىلەن مال توشۇپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن،بىركۈنى بىر ئات بەك ئاستا مېڭىپتۇ،خوجايىن ئاستا ماڭغان ئاتنىڭ يۈكىنى تېز ماڭغان ئاتقا يۈكلەپ قويۇپتۇ.ئاستا ماڭغان ئات ئىچىدەخۇشال بولۇپ: مانا قارا قانچە كۈچىسەڭ شۇنچە كۆپ ئىشلەيسەن زىياننى تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزۈڭ دەپتۇ.بىراق كىم بىلسۇن خۇجايىن بىر ئات قىلالىغان ئىشنى نىمىشقا ئىككى ئاتقا قىلغۇزىمەن دەپ قاراپ ئاستا ماڭغان ئاتنى ئۆلتۈرۈپ يەۋىتىپتۇ. مانا بۇ ئىقتىسادشۇناسلىقتىكى ھورۇن ئات ئېففىكتىدۇر.
3. كەچلىك بازاردا ئىككى سۇيۇقئاش ساتىدىغان يايما بار ئىكەن بىرى ئاتۇشلۇق،بىرى تۇرپانلىق ئىكەن.بىر يىلدىن كىيىن ئاتۇشلۇق پۇل تېپىپ ئۆي سېتىۋاپتۇ،ھېلىقى تۇرپانلىق بولسا يەنىلا ئۆي ئالغۇدەك پۇل يىغالماپتۇ.ئىككىلىسى ئوخشاش سۇيۇقئاش ساتىدىكەن پايدىسىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن ئاتۇشلۇقنىڭ يايمىسىغا كىلىدىغان ئادەم بىلەن تۇرپانلىقنىڭكىگە كىلىدىغان ئادەممۇ ئاساسەن ئوخشاش .ئەسلىدەتۇرپانلىق مېھمانلاردىن :ئاشقا تۇخۇم قوشامدىم –يوقمۇ؟(تۇخۇمغا ئايرىم ھەق ھېسابلىنىدىكەن) دەپ سورىسا ئاتۇشلۇق مېھمانلاردىن: تۇخۇمدىن بىرنى قوشامدىم ئىككىنىمۇ دەپ سورايدىكەن.
4. بىر بازىرى يوق كەنتكە بىرەيلەن كىلىپ ماي قاچىلاش پونكىتىدىن بىرنى قۇرۇپتۇ،يەنە بىرەيلەن كىلىپ تاللا بازىرى ئېچىپتۇ،يەنە بىر بۇرادەر بۇخەۋەرنى ئاڭلاپ كېلىپ ئاشخانا ئېچىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ كەنت گۈللىنىپ ئاۋات بازارغائايلىنىپتۇ. شۇ كەنتكە يىراق بولمىغان جايدا ئوخشاش بىر كەنت باركەن،بۇنىڭ بىلەن بىرەيلەن كېلىپ بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ياخشىكەن دەپ قاراپ ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ،ئۇنىڭ كەينىڭدىن يەنە بىرەيلەن كىلىپ ئۇمۇ ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ،يەنە بىرەيلەنمۇ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپپ ئۇ يەرنىڭ ئورنى ياخشىكەن دەپ قاراپ ئۇمۇ ماي قاچىلاش پونكىتىدىن بىرنى ئېچىپتۇ،نەتىجىدە بۇ يەرنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ ئۈچەيلانلا ئېغىر زىيان تارتىپتۇ.
5. بىر ئۆيدە ئاتا-ئانا دائىم جېدەللىشىپ ئاتا بالىلارنىڭ ئالدىدائانىسى ئېغىر خورلايدىكەن
شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ چوڭى:ئانام بەكمۇ جاپا تارتتى،مەن چوڭبولسام چوقۇم ئايالىمنى قاتتىق ئاسرايمەن دەپ ئويلاپتۇ. ئۆينىڭ ئىكىنچىسى:تويقىلسا مۇشۇنداق بولسا پەقەتلا مەنىسى يوق ئىكەن ،مەن ھەرگىز توي قىلمايمەن دەپئويلاپتۇ. ئۆينىڭ كەنجىسى بولسا: ھە ئەسلىدە ئەر كىشى خوتۇنىنى مۇشۇنداق ئۇرسابولىدىكەن –دە دەپ ئويلاپتۇ،
6. كىچىك راھىپچاق بۇتخانا ھويلىسىنى سۈپۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەن.كۈزكەلگەندە دەرەخلەر يۇپۇرماق تاشلاپ ئۇنىڭ خىزمىتى بەكمۇ تەسلىشىپ كىتىپتۇ.شۇ كۈنلەردەبىرەيلەن ئۇنىڭغا: سەن ئەتە ھويلا سۈپۈرۈشتىن بۇرۇن بارلىق دەرەخلەرنى كۈچەپ ئىرغىتقىن،ئۇلارنىڭ ئۇچىدىكى بوشاپ كەتكەن يۇپۇرماقلار چۈشۈپ كەتسە كىيىن سۈپۈرۈپ ئاۋارە بولمايسەن،دەپ مەسلىھەت بېرىپتۇ.كىچىك راھىب بۇنى ناھايىتى ئورۇنلۇق ھېس قىلىپ بۇ كىشىنىڭ دىگىنىدەك قىلىپتۇ.بىراق ئەتىسى ھويلىغا چىقىپ قارىسا دەرەخلەر يەنىلا ئاۋۋالقىدەك نۇرغۇن يۇپۇرماق تاشلاپتۇ.
7. ئادەم ۋەلىسپىت مىنسە ئىنتايىن كۈچىگەن ئەھۋالدا بىر سائەتتە ئونكلومىتېر يول يۈرەلەيدۇ.ئەگەر ماشىنا ھەيدىسە ماي تەپكىسىنى يەڭگىل بېسىپ قويسا100 كلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ.ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزدا بولسا كۆزىنى يۇمۇپ ياتسىمۇ بىر سائەتتە 300 كلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ. ئەگەر ئايروپىلانغا چىقسا ناخشامۇزىكىدىن ھورۇزلانغاچ نازۇ-نېمەتلەرگە ئېغىز تىگىپ بىر سائەتتە 1000كلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ. ئادەم يەنىلا شۇ ئادەم،تىرىشچانلىقمۇ ئوخشاش،بىراق سەھنە ئوخشىمغاچقا نەتىجىمۇ ئوخشىمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawabora تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-17 04:29 PM