مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2409|ئىنكاس: 17

مەن كىملەرنىڭ يۈرەك پارىسى. (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109054
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2014-8-9
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 02:49:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىملەرنىڭ يۈرەك پارىسى.
ھېكايە

«پەرزەنىت ئاتا-ئانېنىڭ يۈرەك پارىسى» ھەرقىتىم تېلىۋىزۇردىن مۇشۇ ئېلاننى كۆرگىنىمدە ئاجايىپ بىر غىرىپ تۇيغۇ مېنى باغرىغا چىللايدۇ.مەن بۇنى تېلىۋىزۇرغا بىرىش ئۈچۈنلا ئالغان قۇرۇق شۇئارمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.خۇددى بىرەرسى بىزدىن مەكتىپىمىزدە «سىز چوڭ بولغاندا نىمە ئىش قىلىسىز» دەپ سوراپ قالسا،«دوختۇر بولىمەن، ياكى تازلىق ئىشچىسى بولىمەن» دەپ كۆڭلىمىزدىكى ئارزۇ ئارمانلىرىمىزنى ئيتالماي، مۇئەللىملىرىمىزنىڭ ئۈگەتكىنى بويچە«تىرىشىپ ئوقۇپ،ئوبدان ئۈگۈنۈپ ۋەتگە،خەلقكە ياراملىق ئادەم بولىمەن» دەپ شۇئار توۋلىغانغا ئوخشاش. راستىمنى ئىيىتسام، ئۆزۈمنىڭ كىملەرنىڭ يۈرەك پارىسى ئىكەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.ئەمما كۈن بويى دىدارىنى كۆرگىلى بولمايدىغان، ئۆيگە كەلسىمۇ غەرىق مەسىت ھالدا كىلىپ، ئاپامنىڭ چىچىدىن قاماللاپ تۇتىۋىلىپ ھارغۇچە ئۇرىدىغان ھاراقكەش دادامنىڭ، كۈن بويى ئەينەك ئالدىدىن قوپماي قاش-قاپىقىنى بوياپ،كەچ كىرىشى بىلەنلا ئىشىكتىن «غىپپىدە» چىقىۋىلىپ، تۈگىمەس قاتار چاي، زىياپەتلەر ئۈچۈن رىستۇرانمۇ-رىستۇران چاپىدىغان تانسىكەش ئاپامنىڭ يۈرەك پارىسى ئەمەسلىكىم ئۆزۈمگە ئايان.         
     لەپىلدەپ قارياغماقتا. زىمىنغا بۇرۇنلا تۈن پەردىسى يىيىلىپ بولغان ئىدى. كىشىلەر ئىسسىققىنا ئۆيلىرىگە ئالدىراش مېڭىشماقتا. كوچا چىراغلىرى سۇس يوروتۇپ تۇرغان پىيادىلەر يولىدا ئوشۇقۇمغىچە قار كىچىپ كىتىۋاتىمەن.ئەتە مەكتەپكە ئۆتكۈزىدىغان 150يۈەن پۇلنىڭ غىمى يامغۇر بۇلۇتلىرىدەك بىشىمدا ئەگىيتى. تۈمەن مىڭ غەم بىلەن كوچا ئايلىنىۋاتقىنىمغا خىلى بولدى. ئاچچىق سوغۇق بىلەن قورساق ئاچلىقى جىنىمنى قىينىماقتا. مەن مۇھتاجىلق كوچىسىدا لەيلەپ يۈرىۋاتقان سوغۇق ئاخشامدا، دادام قايسىدۇر بىر قاۋاقخانىدا ئىچەرمەن ئاغىينىسىدىن بىر-ئىككىسى بىلەن سورۇننى باشلىۋەتكەندۇ.                                                           
ــ خوتۇننى قويىۋەتكىنىم بىر ھىساپتىمۇ ياخشى بولغانئىكەن. ھازىر كەچلىرى نەگە باردىڭ، نەدىن كەلدىڭ؟ دەپ بىشىڭنى ئاغرىتىدىغان ئادەممۇ يوق.قاچان كەلگۈڭ كەلسە شۇچاغدا كىلىسەن.خوتۇننىڭ ئەتكەن بىر چىنە مىننەت ئېشى ئۈچۈن ئىشتىھا ساقلاپمۇ يۈرمەيسەن. ئاشۇ مۇھاببەت، خوتۇنۇم،بالام دەپ كۈندە پالاقلاپ يۈرگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي.بويتاقلىقمۇ بىر ھىساپتا ياخشىكەن. ئۆزۈڭگە بەگ، ئۆزۈڭگە خان. توي قىلدىم دىگەن گەپ ئۆزىمىزنىڭ بوينىنى باغلاپ، باش بىغىمىزنى بىر ئايالغا تۇتقۇزۇپ قويدۇق دىگەن گەپكەن. قىنى بىر رومكىدىن كۆتۈرۋىتەيلى ــ دەپ ۋەزخانلىق قىلىۋاتقاندۇ.                                                                          
ئاپام   ئىشىكتىن كىرىپلا ئۇچىسىدىكى نوركا پەلتوسى بىلەن،قولىدىكى خوۇرۇم سومكىسىنى ئىشىكنىڭ كەينىدىكى كىيىم ئىلغۇچقا ئاسقاندۇ. ئاندىن ئۆزىنى كىرسىلوغا تاشلاپ،كۆزلىرىنى يۇمۇپ ياتقاندۇ. بۈگۈنكى قاتار چايغا قانداق ياسىنىپ قانداق  كىيىنىپ بىرىشنى خىيال قىلغاندۇ.ياتاق ئۆيىگە كىرىپ گىرىم ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرغاندۇ. كۆزلىرى ئەتراپىغا ئۆمۈچۈك تورىدەك مىچچىدە ياماشقان قورۇقلارغا، ئورۇق ئىنەكنىڭ يىلىنىغا ئوخشاش، خالتىلاشقان ئىڭەكلىرىگە قاراپ،ئىچ-ئىچىدىن خۇرسىنغاندۇ. بىر قەۋەت داغ باسقان نۇرسىز يۈزلىرىگە بىر قەۋەت نەملىك ساقلاش مەلھىمى، ئاقارتىش يۈزمىيىدىن بولىشىغا سۈركىگەندۇ. بارغانچە قىرىلىقىنى چاندۇرۇپ، قۇرغاقلىشىپ قورۇق چۈشۈشكە باشلىغان لەۋلىرىگە لەۋسۇرۇق سۈركىگەندۇ.چوقىسىغا تۈگىۋالغان تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى سىملىرىدەك بۈدىرە، خۇنۈكلىشىپ رەڭگنى يوقاتقان رەزگى چاچلىرىنى تاراپ، ئۆزى ياقتۇرغان پاسۇندا خۇش پۇراق يىلىم بىلەن قاتۇرغاندۇ. ئۆزىنى ياش ھەم جەزبىلىك كۆرسىتىدىغان قىنىق رەڭلىك كۆڭلىكىنى كىيىپ،ئۆز گۈزەللىكىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن، تىكلىمە ئەينەك ئالدىدا ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلگەندۇ. ئۆزىنىڭ قىياپىتىدىن تولۇق قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كىيىن،قاش ئورنىدا بىر قانچە تال تۈكلەر دىردىيىپ تۇرغان سىدام قاشلىرىنى لىككىدە كۆتۈرگەندۇ. ۋاقىتىنىڭ توشقان ياكى، توشمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، دادام بىلەن بىر كىچە سوقۇشۇش بەدىلىگە «نوكيا» ماركىلىق تېلېفۇنىغا ئالماشتۇرغان «ئالما» ماركىلىق تېلېفۇنىنىڭ سائىتىگە قارىغاندۇ. ۋاقىتنىڭ توشۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، مەلۇم بىر نومۇرغا تېلېفۇن ئۇرغاندۇ. ــ ۋەي ھە مەن. تەييار بولدۇم ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كىلىڭ ئەمىسە ــ دەپ تېلېفۇنىنى قويوپ، پەلەمپەيدىن ياغاچ ئۈستىگە مىخ قاققاندەك تاراقشىپ چۈشكەندۇ. بىنا ئالدىدا ساقلاپ تۇرغاق قارا رەڭلىك «كادىلاك» قا چىقىپ رىستۇران تامان يۈرۈپ كەتكەندۇ...         ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ مەندەك بىر بالىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك قارلىق ئاخشامدا مۇھتاجلىق كوچىسىدا سەرسان يۈرىۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدىغانلىقى ئىنىق.                                                            
ــ مەن ساڭا تەگكەندە سىنىڭ ئۆيۈڭگە بالا كۆتۈرۈپ كىرمىگەن. شۇڭا بالىنى ئۆزۈڭ باق ــ دىدى ئاپام دادامغا. بۇ ئۇلار ئاجىرىشىپ كەتكەن كۈنى بولۇنغان پاراڭلار ئىدى.
ــ سەن بۇ ئۆيگە كىلىشتىن ئىلگىرىمۇ مىنىڭ بالام بارمىكەن ئەمسە. سەن بۇ ئۆيگە كەلگندىن كىيىن بالىمۇ پەيدا بولغاندۇ. سەن باق ــ دىدى دادام.               
ــ ۋۇي تاپقان تەخىيىگە ئىگە بولالمايدىغان ھاڭگا.ئىگە بولالمايدىغان ھالىڭغا خوتۇن ئېلىپ بالا تاپقۇچە،ئىشەك ئالساڭ بولمامدۇ، خوتۇنغا ئامراق بالىغا ئۆچ  ئېشەك....
ئاپامنىڭ ئاغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنى ئادەم بار يەردە ئېغىزدىن چىقارغىلى بولمايتى.
ــ زۇۋانىڭنى يىغ دەيمەن ھەي رەسۋا قانجۇق، ھىلى بىكار...ــ دادام شۇنداق دىگىنىچە ئاپامغا دىۋەيلەپ كەلدى.                                                         
ــ ھىلى بىكار قانداق قىلىسەن. نوچا بولساڭ ئۇرۇپ باقە قىنى. ئۇرسام بولىيۋىرىدۇ دەپ ئويلاپ قالما، ئەمدى مەن سىنىڭ خوتۇنۇڭ ئەمەس ــ دىدى ئاپاممۇ دادامغا دىۋەيلەپ. شۇنداق قىلپ دادام بىلەن ئاپامنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەپكۈچ بولۇپ قالدىم.                 ــ بولدى نەۋرەمنى مەن ئۆزۈم باقىمەن. ئىسىت سەنلەرگە بەرگەن پەرزەنىت. ساڭا ئاتا قىلغان پەرزەنىتىنى «ئاھ پەرزەنتىم» دەپ تىلىگەنلەرگە بەرسە بولماسمىدى.ماڭ بالام ــ دەپ قولۇمدىن يىتىلەپ ياندۇرۇپ كەلدى دادامنىڭ ئاپېسى زورىخان مومام.  مەنبە ئۆزۈم.
داۋامى بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 935
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 03:41:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلىنا باشلانمايلا ئادەمنىڭ ئېچىنى ئېچىشتۇرغىلى تۇردغۇ؟ داۋامىنى ساقلايمىز ...........

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85512
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1279
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-9-29
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 05:52:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104545
يازما سانى: 503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8825
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 602 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 06:09:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلايمەن تىزراق يوللىۋەتسىڭىز

بۇ دۇنيادا ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بار دىيىلسە، ئۇ مۇھەببەت، دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109054
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2014-8-9
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 06:43:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2
ــ ھەر ھالدا بۇ ئۆيگە كېلىشنى بىلىدىكەنسەن ھە ــ دىدى تاغامنىڭ ئايالى مەرپۇغە ئاچام ئىشىك تۈۋىدە گىنىرالدەك ئالدىمنى توساپ. مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم.                                                     
ــ پوق يىگەن توخۇ جىنىدا قونداققا چىقىپ بولغىلى نىيكەم. مۇشۇ چاغقىچە ئۆيگە كەلمەي نەلەردە پوق دەسسەپ يۈردۈڭ.«ھۇ ئانىسى يالىمىغان،دادىسى قارىمىغان يىتم ئوغلاق» شۇنداقلىقىڭدىنمۇ ئاتا-ئاناڭ باقماي تاشلىۋەتكەن نىمىسەن. دادىسى يوقنىڭ بىرنىمىسى چوڭ،ئانىسى يوقنىڭ يەنە بىرنىمىسى دەيتى، راسىتكەن زادى ــ مەرپۇغە ئاچامنى گەپلىرى يۈرۈكۈمگە يىڭنە بولۇپ سانجىلدى.كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشكەن بولسىمۇ مەن ئۆيگە قايتىپ كەلمىگەندىن كىيىن،مومام مەندىن ئەنسىرەپ ئولتۇرالمايلا قاپتۇ.مەرپۇغە ئاچامغا دەپ قويۇپ مىنى ئىزلەپ چىقىپ كىتىپتۇ. خىلى بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەن تاغام، ياشىنىپ قالغان مومامدىن ئەنسىرەپ مومامنى ئىزلەپ چىقىپ كىتىپتۇ. ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدىكى مومام ئىككىمىز تۇرىدىغان ئۆينىڭ چىرىغىنى ياقتىم.ئەمەلىيەتتە بىز تۇرىۋاتقان بۇ ئۆي، ئەسلىدە  ئەسكى-تۈسكىلەرنى قويىدىغان ئامبار ئىدى. شۇڭا تاملىرىمۇ ھاكلانمىغان، تورۇستىكى رەندىلەنمىگەن ۋاسىلىرى ئارىسىدىن، قۇمۇش پۆپۆكلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.                          
     دادام بىلەن ئاپام ئاجىىرىشپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى مىنى بىقىشنى خالىمىدى. دادام مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ خىلى غوللۇق كادىرى ئىدى. ئاپام ئىش ھەققى ناھايتى تۆۋەن بىر كارخانىنىڭ خىزمەتچىسى ئىدى. شۇڭا ئاپامنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر قۇر كىيىم سىتىۋىلىشى ئۈچۈن ئالغان ئىش ھەققى يەتمەيتى.شۇنىڭدىمۇ ئۇ يىڭى چىققان كىيىملەرنى ھۆججەت يىزىپ بىرىپ نىسىگە  بولسىمۇ ئېلىۋىرەتتى. ئاي ئاخىرى بولماي تۇرۇپ ئىشىكىمىزدىن كىيىم ساتقان دۇكاننىڭ خوجايىنلىرى قەرىز سۈيلەپ ئۈزۈلمەيتى. بىر كۈن ئىشىكىمىزدە ناھايت سىمىز بىر ئايال پەيدا بولدى.ئۆيىمىز ئۈچىنىچى قەۋەتتە ئىدى. ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ بولالماي، ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ كەتكەن ئىدى.                                             
ــ زەيتۇنەمنىڭ ئۆيىما؟ ــ دىدى ئۇ، ئىشىكنى ئىچىشىمغا ئالتۇنلار بىلەن بىزەلگەن بوغماق بىلەكلىرىنى بىلىگە تىرەپ تۇرۇپ.                                      
ــ ھە ...شۇ...شۇ... ــ دىدىم دۇدۇقلاپ. ئۇنىڭ ئەلپازى بەكمۇ يامان ئىدى.سوقۇشۇشقا تەييار تۇرغان خورازدەك پۆپۆكىنى قىرلاپ تۇراتتى. قاتارچايغا بېرىش ئۈچۈن ئۆزىنى پەردازلاپ ئۈلگۈرگەن ئاپام ئىشىكتە پەيدا بولدى. سىمىز خوتۇن، ئاپامنى كۆرۈپلا «قەلەندەردىن قەلەندەرگە،دىۋانىدىن-دىۋانىگە» سىلىپ تىللاپ كەتتى. ئۇنىڭ كالا مۆرىگەندەك بوم  قوپال ئاۋازى كارىدۇر تاملىرىغا ئۇرۇلۇپ،قۇلاقلىرىمغا مىخ بولۇپ قېقىلدى.قەۋەت-قەۋەتلەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى غىچىلداپ ئىچىلىپ،بىردەمدىلا ئەتراپىمىزغا بىرمۇنچە ئادەم يىغىلدى.ئەتراپتا كۇسۇرلاشلار،قۇلاق يىقىشلار كۆپەيگىلى تۇردى.سىمىز ئايال تىخمۇ ئەزۋەيلەپ،ئالدىدا سۇغا چۈشكەن توخۇدەك شۈمشىىيپ تۇرغان ئاپامنى تىلاشقا باشلىدى.ئاپام قىپقىزىل بويالغان كالپۇكلىرىنى مىدىرلىتاتتىيۇ، تاۋۇش چىقمايتى.                                                                       
ــ كۆتۈمدە ئىشتان يوق ئىېتىم مارجان بۈۋى دىگەن ئەسلى سەن ئىكەنسەندە. پۇلىنى تۆلىيەلمەيدىغان ھالىڭغا نىسىيگە كىىيم ئىلىپ نىمە قىلاتتىڭ. ئىت جىنىدا سۆڭەك يىيىشتىن ئاۋۋال بىر يىرى بىلەن كىڭىشىپ بېقىپ ئاندىن يەرمىش. سۆلېتىگە قارىسا ئېشەك تارتالمايدۇ بۇنىڭ.                                                      
ــ نىمە بولدى؟ دىدى جىدەلنىڭ ئۈستىگە ئۈلگۈرۈپ كەلگەن دادام.           
ــ نىمە بولاتتى غوجام. خوتۇنىڭىز نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا، ئاي ئاخىرىدا پۇلىنى تۆلىۋىتىمەن دەپ دۇكىنىمدىن نىسىيگە كىيىم ئالغان.ئاي ئاخىرىدىن نەچچىسى ئۆتۈپ كەتتى. دۇكىنىمغا بارمايدۇ.ئۆزىنى قاچۇۇرپ يۈرىيدۇ.تېلېفۇن ئۇرسام تىخى ئالمايدۇ. بۈگۈ شۇڭا ئۆزۈم ئىزلەپ كەلدىم ــ دىدى سىمىز خوتۇن قوللىرىنى چاۋاكلاپ تۇرۇپ. دادام «بۇ راسىتمۇ» دىگەندەك ئاپامغا قارىدى. ئااپم تىرنىقىنى كوچىكاپ شۈمشىيىپ تۇراتتى.                                                                     
ــ قانچە پۇل؟ ــ دىدى دادام سىمىز خوتۇنغا يۈزلىنىپ.                           
ــ كۆپ ئەمەس ئارانلا 5000يۈەن ــ دىدى سىمىز خوتۇن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتۈپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ.  دادام بىر ئاز ئويلۇنۇپ تۇرۇپ قالغاندى كىيىن،يۈرۈكىنى سۇغۇۇرپ  ئالغاندەك،تۈمۈررەڭ كاستىيۇمىنىڭ يانچۇقىدىن ئەللىك يۈئەنلىك پۇلدىن ئىككى باغلام چىقىرىپ، بىر باغلىمىنى سىمىز خوتۇنغا سۇندى.                                    
ــ مەڭ بۇ 5000يۈەن سانىۋىلىڭ.                                                
پۇلنى كۆرۈپ سىمىز خوتۇننىڭ چىرايى ئاپتاپتەك ئىچىلىپ كەتتى.ئۇ پۇلنى دادامنىڭ قولىدىن ئېلىپ، قوللىرىغا تۈكۈرۈپ شاراقشىتىپ ساناشقا باشلىدى.
ــ ھە توغرا ئىكەن ــ دىدى ئۇ. بايا ئاپامنى تىللاپ بىر تىيىنغا ئالغۇسىز قىلىۋەتكىنىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ــ ھەزەيتۇنە خانىم ئارىمىزدا ئازراق ئازارچىلىقلارمۇ بولۇپ ئۆتتى.كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلا، يىقىندا دۇكانغا تۈركىيەنىڭ بىر يۈرۈش ئىسىل ماللىرى كەلتۈرۈلدى. ئۆزلىرى بىلەنمۇ چۆپقەت بولۇپ قالدۇق.ئەرزان بىرىمەن بارالا ــ دەپ قويۇپ، پۇلنى سومكىسىغا سىلىپ، پەلەپپەيدىن تاراقشىپ چۈشۈپ كەتتى.            
ــ ھىچكىم بوشنى تونۇمايدۇ ھە، ئەتتىگەندە پۇل بىرىڭ دىسىەم يوق دەپ ئۇنىمايسىز.ئەمدى ئەجەپ يانچۇقىڭىزدىن پۇل چىقىۋاتىدىغۇ،ئەتتىگەندە بەرگەن بولسىڭىز خەقنىڭ ئالدىدا تىلىم تۇتۇلۇپمۇ يۈرمەيتىم ــ دىدى ئاپام ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن قاپاقلىرىنى سۈزۈپ ھومىيىپ.                                                
ــ يەنە مەن ئەيىپلىكما ــ دىدى بايقى پۇلنىڭ ئاچچىقىدا زەردىسى قايناپ تاماكا چىكىپ ئولتۇرغان دادام ئاچچق بىلەن ۋارقىراپ ــ بۇ پۇلنى تىخى بايىلا ئۆينىڭ سۇ، پار پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن قەيسەردىن ئۆتنە ئالغان ئىدىم.سەنمۇ مائاش ئېلىۋاتىسەنغۇ، ئۇ پۇللارنى نەگە خەجلىدىڭ؟                           
ــ ھۇيىت غوجام خوتۇن دىگەننى باقالىشىنى چاغلىغان ئادەم ئالغۇلۇق. ۋاي خۇدايىم، مەن ئەمدى خوتۇنىنىڭ مائاشىنى سورايدىغان ئەرنىڭ قولىغا قالدىممۇ؟ــ دىدى ئاپام چالۋاقاپ.                                                                  
ــ سېنى باقالمىدىمما؟ مەندىن كان چىقىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسەن. ماۋۇ ئولتۇرىۋاتقان ئۆيۈڭنىڭ قەرىزىنى تۆلەيمۇ، ياكىسىنىڭ نىسىيگە ئالغان كىيىمىڭنىڭ پۇلىنى تۆلەيمۇ.ياكى گىلىڭغا يەيدىغان ئۇن،ياغ، گۆش ئالايمۇ، قايسى بىرىنى قىلىپ بولىمەن؟ ــ دىدى دادام ئاپامنى ئۇرىدىغان ئەلپازدا دىۋەيلەپ.                        
ــ ۋاي چۈپرەندە.سەندىن كان چىقمايدۇ، پىت چىقىدۇ پىت ئۇقتۇڭما.خەقنىڭ ئەرلىرىدەك قىلىدىغان بولساڭ ئۆلىدىغان ئوخشايسەن. لەنەت سىنىڭ ئەركىشى بولۇپ قالغىنىڭغا ــ ئاپامنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقۇچە دادام ئېتىلىپ بارغانچە ئاپامنىڭ كاچىتىغا «چاڭڭىدە» بىرنى سالدى.                                                            
ــ ۋايقان تىخى مىنى ئۇرىۋاتامسەن؟ سەگمۇ قانجۇقنى تالىمايدۇ.ھۇ ئىتچىلىك بولالمىغان بىلى بوش ھەزىلەك.ئۇرە،نوچى بولساڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەت ــ دىدى ئاپام جاۋغايلىرىدىن ساقىغان قاننى قولىنىڭ كەينى بىلەن سۈرۈتۈپ، دادامنىڭ يۈزىگە قان ئارلاش «شالاققىدە» تۈكۈرۈپ.                                                
ــ ئۇرۇش دىگەن مانا مۇنداق بولىدۇ ــ دادام شۇنداق دىگىنىچە ئاپامنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە مۇشىت-پەشۋا دىگەننى ياغدۇرىۋەتتى.ئۈستەللەر ئۆرۈلدى.چىنە قاچىلار چىقىلدى.ئاپامنىڭ دەھشەتلىك چىرقىرىغان ئاۋازى پۈۈتن بىنانى تىتىرىتىۋەتتى.دادام ئاپامنىڭ چىرقىرىشىدىن تىخمۇ غەزەپكە كىلىپ،كۈچ بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى. ئاپام تاياق يەپ يۇرۇپ ئىغىزغا ئالغۇسىز ئەپسانىۋىي تىللار بىلەن تىللاپ، چىرقىراپ يىغلايتى.مەن قورقۇپ كەتكەچكە،كىرىسلونىڭ ئارقىسىغا مۆكىۋالدىم. بىردەمدىلا ئاپامنىڭ باش-كۆزلىرى قانغا بويىلىپ، دادامنىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلدى.قىززىق ئىش،ئادەم ئادەم ئۇرغانغىمۇ ھارىدىغان ئوخشايدۇ.دادامنىڭ يۈزلىرى قۇيغان ئۆپكىدەك ئىسىلىپ،يۈز-بويۇنلىرىدىن چىپىلداپ تەر قۇيۇلاتتى. دادام ئاپامنى ئۇرۇپ يەرگە چاپلىۋەتكەندىن كىيىن، مەسىت ئادەمدەك دەلدەڭشىگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.  مەن كىرسلونىڭ كەينىدىن ئۆمىلەپ چىقىپ، يەردە سۇنايلىنىپ ياتقان ئۈنى ئۆچكەن ئاپامنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتىم.ئاپامنىڭ باش-كۆزىدىن ساق يىرى قالمىغان ئىدى. ئاپام ساق بىر ھەپتېدىن كىيىن سىرىتقا چىققۇدەك بولدى.دادام شۇنىڭدىن كىيىن ئۆيگە تولا ھاراق ئىچىپ كىلىدىغان، كۈن ئارلاپ سىرىتلاردا قونۇپ قالىدىغان خۇينى چىقىرىۋالدى.ئاپاممۇ ھەم دادام بىلەن بەسلەشكەندەك، تۈگىمەس قاتار چاي، زىياپەتلەردىن قالمايتى. بۇنداق چاغلاردا مەن ئۆيگە سولۇنۇپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇرى بولاتتىم.بەزى چاغلاردا ئۇلارنىڭ قاچان قايتىپ كەلگىنىنىمۇ تۇيماي قالاتتىم.
بىر قىتىم مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم،ئاپام قاتار چايغا كىتىپتۇ. داداممۇ ئۆيدە يوق ئىكەن. ئۆيدە يىگۈدەك ھىچنەرسە قالماپتۇ. قورسىقىم بەك ئىچىپكەتكەن ئىدى.«يىنىمدا بىر يۈەن پۇل بولغان بولسا، پەستىكى ناۋاينىڭ قىشىدىن بىر گىردە ئېلىپ چىقىپ قىززىق چاي بىلەن يەۋالسام» دىگەنلەرنى ئويلاپ كەتتم. بىراق يانچۇقۇمدا بىر يۈەن ئەمەس، بىر پۇڭمۇ يوق ئىدى.كۆزۈمنى ھەرقانچە يۇمۇپ ياتساممۇ، قورساق ئاچ، كۆزۈمگە يەيدىغان نەرسىلەر كۆرۈنىۋىلىپ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم.كېچە بىر چاغ بولغاندا ئاپام قايتىپ كەلدى.                                                                     
ــ تىخى ئۇخلىمىدىڭما؟ ــ دىدى مىنىڭ كىرسلودا ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ.               
ــ قورسىقىم ئاچ پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم ــ دىدىم مەن.
ــ قورسىقىڭ ئاچ بولسا مەن قانداق قىلاي،قازان بىلەن چۈمۈچنى مەن ئېلىپ كەتمىگەندىكىن ئىىتپ يىسەڭ بولمامتى.مىنىڭ بىشىمنى يىگەندە ئاندىن قورسىقىڭ تويىدىغان ئوخشايدۇ سىنىڭ.«بىشىمغا بالا جىنىمغا جازا ھارىمى شۇم» دەپ ئوبدانلا تويغۇزۇپ قويدى.شۇنىڭدىن كىيىن قورساق ئاچلىقىغىمۇ كۆنۈپ قالدىم. ئەمما ئىككى قىىتملىق تەنتەربىيە دەرىسىدە ھۇشۇمدىن كەتتىم.مۇئەللىم ئۆيگە ئاپامنى ئىزلەپ كىلىپ، مىنى ئوبدان ئوزۇقلاندۇرۇش توغۇرلۇق سۆھبەتلەشتى.  داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 708
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1538
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1130 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 07:29:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغۇنى كۆزىدىن ئايرىسا ھاسسىدىن ئايرىماپتۇ دىگەندەك ھىكايىدىكى مەن چوڭ ئانىسىنىڭ يۇرەك پارىسى ئىكەن .
مىنىمۇ چوڭ ئانام بىقىپ چوڭ قىلغان كىچىكىمدە چوڭ ئانامنى مىنى تۇققان ئانام دەپ بىلەتتىم ،ئانام بەك كىچىك بولغاچقا چوڭ ئانام بىر قوللۇق بىقىپ چوڭ قىلغان ئىدى.
كىيىن چوڭمۇ بولدۇم مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ ئانام دادام ئۆزى باقتى،لىكىن يەنىلا چوڭقۇر مىھرىم مومامدا بار ئىدى.چوڭ بولغاندا چوقۇم ئۆزۇم بىقىپ مىنى باققان جاپاسىنى ياندۇرىمەن دەيتىم ،بىراق مەكتەپ پۇتتۇرۇپ بولغۇچە تۇگەپ كەتتى ،خۇددى ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلغاندەك بولۇپ قالدىم ،

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6058
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 10:01:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ بىر كۈنلەر ھە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32533
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6037
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 1523 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-17 10:46:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى زاماندىكى مودا قوغلىشىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى ھەي ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112643
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 611
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2015-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 01:41:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانىسى تەپ بەگەن خوتۇنكەندە ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭەىدىن چۈشمەپتۇ دىگەندەك تاياق يەتىپمۇ تىللىغان بارمۇ؟     قىزلار ئۈستىدە ئويلىنىپ قىلىۋاتىمەن.......

ئادەم بىر ئىش قىلسا دۇنيا ھامان شۇنىڭغا لايىق بىرجاۋاپ بىرىدۇ ، مىدىرىمسا كىم بىلەن كىمنىڭ كارى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109054
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 348 سائەت
تىزىم: 2014-8-9
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 02:18:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3
ئاپامنىڭ قاتار چايدىن بالدۇرلا قايتىپ كەلگىنىدىن ئەجەپلىنىپ تۇراتتىم.ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا تاپ باستۇرۇپ داداممۇ كەلدى. ئۇ بۈگۈن مەسىت ئەمەس ئىدى. ئەمما چىرايى قارىداپ، كالپۇكلىرى تىتىرەپ،يۈز تىرىلىرى لىپىلداپ تۇراتتى. دادام ئىتىلىپ كەلگىنىچە گەپ قىلمايلا ئاپامنىڭ يۈزىگە ئوڭ-تەتۈر نەچچە كاچات سېلىۋەتتى.ئاپامنىڭ چوققىسىغا تۈگىۋالغان بۈدىرە چاچلىرى قىتى ئىچىلغان يەلپۈگۈچتەك چۇۋۇلۇپ، مۈرىسىگە يىيىلدى. جاۋغايلىرىدىن قانلار سىرغپ چۈشتى.                                       
ــ ئىيتە پاسكىنا،دوستۇم ئاغرىپ قالدى دوختۇرخانىغا بارىمەن دەپ تېلېفۇن ئۇرغانتىڭغۇ ــ دىدى دادام ئاپامنى سوراقلاپ.                                                      
ــ ئۇرە ھۇ خوتۇن كىشىگە كۈچى يىتىدىغان كۆت سولتەك. سەنمۇ ئىسمىنا ئىشلەيمەن دىگەن ئىدىڭغۇ. مەن تاز دىگۈچە سەن تاز دەۋاتامسەن ــ دىدى ئاپام جاۋغايلىرىدىن سىرغىغان قانلارنى ئالىقىنى بىلەن سۈرتۈپ.                                          
ــ توغرا مەن كۆت. مەن خوتۇنۇمنىڭ نەگە بىرىپ، نىمە ئىشلارنى قىلىغانلىقىدىن خەۋەرسىز بولغاندىكىن مەن ئادەم ئەمەس ــ دادام شۇنداق دىگەنچە ئىككى چىكىسىنى قاماللاپ، زوڭ ئولتۇرۇپ ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى قاپاقنىڭ ئىچىگە ھەرە كىرىۋالغاندەك بوغۇلۇپ، بوغۇلۇپ چىقاتتى.                                      
شۇ كۈنى دادام بۇرۇنلا ئۆيگە تېلېفۇن ئۇرۇپ كەچتە ئۆيگە قايتالمايدىغانلىقىنى، ئىسمىنا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئىيىتقان ئىدى. ئاپاممۇ ئىشتىن كىلىپلا بىر دوستىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى، شۇنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. نىمىسىنى ئىيتاي، دوستىنى يوقلىماقچى بولۇپ چىقىپ كەتكەن ئاپام، قارا رەڭلىك كادىلاكنىڭ ئىگىسى ياشقىنە بىر ئەر بىلەن قولتۇقلىشىپ رىستۇرانغا كىرىپتۇ. كەچتە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان داداممۇ رىستۇراندا ياشقىنە بىر «خىنىم»نى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزىۋىلىپ ئاغىزىغا قورۇما سېلىۋاتقان ئىكەن.ئىككەيلەن بىر-بىرنى كۆرۈپ داڭ قىتپ تۇرۇپ قاپتۇ.  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش