سەھرادىكى بالىلىق چاغلار
خەيرۇللا قۇربان
ياققۇم كىلەر مەيدەمنى رەت - رەت ،
سەھرايىمنىڭ تۇپراقلىرىغا .
تويغۇم كىلەر دېھقان ھىدى بار ،
ئانام ياققان زاغرا نانلارغا .
ئىچكۈم كىلەر ئۇچۇم - ئۇچۇملار ،
غەمدىن خالاس بۇلاق سۈيىنى .
بالىلارچە چاينىغۇم كىلەر ،
شىرنىسى بار قۇناق شېخىنى .
تال چىۋىقنى ئات قىلغان چاغلار ،
كەپسىزلىكىم غۇۋا ئىسىمدە .
قاراۋۇلسىز باغدىن ئالمىنى ،
ئېپ قاچاتتۇق تىمتاس كېچىدە .
تۈن كېچىدە كىرەتتۇق ئۆيگە ،
مۈكىمۈكىلەڭ ۋاللەي ئويناپ .
تۇتسا ئەگەر دادام ئاچچىغى ،
ئۇلۇغ ئانام قالاتتى قوغداپ .
ئوت بىرەتتۇق مەرىسە قويلار ،
دوستلار بىلەن ئېتىزدىن ئېلىپ .
ھۇشۇق ، پاخپاق ئوينايتۇق تېخى ،
بالىلىقتا مەكتەپتىن قېچىپ .
دەم ئېلىشتا تەتىل كۈنلىرى ،
مال باقاتتۇق قورو - قورولاپ .
قىشنىڭ ئاپئاق قېلىن قېرىدا ،
ئوۋ ئوۋلايتۇق ھېرىپ يورغىلاپ .
ئاشۇ تاتلىق گۈزەل ئەسلىمە ،
تۇيۇلىدۇ شىرىن چۈشۈمدەك .
سەرەڭگىدەك بىنا ئىچىدە ،
ياشالمىدىم سەھرا ئوغلىدەك .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-17 11:01 AM