|
|
|
|
ئاتا قەسىدىسى
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ
بەستى تاغدەك قەددى قامەتلىك ئاتام ،
ئەجرى ئۇلۇغ قولى بەركەتلىك ئاتام .
ھالال مىھنەت قۇچىقىدا ياشنىغان ،
مەردانە -مەرت ، شانۇ -شەۋكەتلىك ئاتام .
ئىزلىرىدىن پارلاپ تۇرغان نۇر - زىيا ،
قوينى جەننەت مېھرى - شەپقەتلىك ئاتام .
پاك روھىدىن گۈلگۈن باھار ، ئۇز دۇنيا ،
باغرى ئالەم خىزىر سۈپەتلىك ئاتام .
جۇت - بورانلىق مەنزىللەردە يېڭىلمەس ،
زەپەر قۇچقان يولى نۇسرەتلىك ئاتام .
ھاياتلىققا يۈرىگىدە ئوت ئۆچمەس ،
ئەل -يۇرت سۆيگەن ئېسىل خىسلەتلىك ئاتام .
ئادىمىيلىك سەيناسىدا كۆكلىگەن ،
توغراق كەبى قىسمەت ، ھېكمەتلىك ئاتام .
دىيانەتنىڭ ساماسىدا ئۆرلىگەن ،
باھادىر ، تۈز ، خالىس نىيەتلىك ئاتام .
بىر تال داندىن ئاۋۇندۇرغان رىسقىنى ،
تەرى زەردۇر ، ئىشچان ، مىھنەتلىك ئاتام .
بېغىشلىغان ئەل - ۋەتەنگە ئىشقىنى ،
مۇھەببەتلىك ، ساپ دىل ، ھىممەتلىك ئاتام .
غورۇر - ۋىجدان ، ئار -نۇمۇسنى ، ئەھدىنى ،
بىلگەن ئەزىز جاندىن قىممەتلىك ئاتام .
گۈزەل سەھرا ، ئانا تۇپراق تەختىنى ،
گۈللەتكەن زات بۈيۈك شۆھرەتلىك ئاتام .
|
|
|
|
|
|
|