رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا دائىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش نىسبىتى %2.9 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، ئەمما 2014-يىلى 12-ئايدا، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش نىسبىتى %0.7 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن ئىدى. دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بانكىسى رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ 2016 ۋە 2017-يىللىق ئىقتىسادى ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ ئايرىم ھالدا %0.1 ۋە %1.1 بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
دۇنيا بانكىسى يەنە 2016-2015-يىللىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى مۆلچەرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ياۋرو رايونى، ياپونىيە ۋە بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى يۈزلىنىشى ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ بۇ رايونلارغا ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەسىرى تۆۋەنلەيدىكەن.
خەلقئارالىق مەدەنىيەت تارقىتىش ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېكسىي ئۇلۇكايىۋ (Alexei Ulukayev) نىڭ ئېيتىشىچە، غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسى، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى ۋە رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈش يۈزلىنىشىنى توختاتقىلى بولمايدىغان بولۇپ، بۇ رۇسىيە ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى ناھايىتى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.
مەنبە : سىنا تورى
مېدۋېدېۋ: رۇسىيە كىرىزىس ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋنىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېچىلغان ئالتىنچى نۆۋەتلىك گەيدېر مۇنبىرىدە ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيە بىر قانچە چوڭ كىرىزىسنىڭ ئېغىزىدا تۇرۇۋېتىپتۇ.
خەۋەر قىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نېفىت باھاسى تېخى چۈشمىگەن ۋاقىتتىلا تۆۋەنلەشكە باشلىغان بولۇپ، رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە موھتاج ئىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن، ماكرو ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقى رۇسىيەگە نىسبەتەن يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ھەرگىزمۇ ئۆزىنى دۇنيانىڭ سىرتىدا قالدۇرمايدىكەن، رۇبلى يەنىلا ئەركىن ئالماشتۇرۇلىدىكەن. رۇسىيە مەركىزى بانكىسى توغرا سىياسەت تۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە يېتەرلىك بايلىق زاپىسى ئارقىلىق قەرز قايتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالايدىكەن.
مەنبە : يەر شارى تورى