ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!
قاسىم سىدىق
(مەرھۇم روزى سايىت ئېزىدىن)
بىرسى ساق كىرىدۇ،بەزىلىرى مەس،
مۇنبەردە ھەممە بار، ساپا ئىگىز -پەس.
مورىنىڭ دەردىنى غەيرىسى بىلمەس،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.
بەزىلەر قەستەنگە بۇزىدۇ ئىشنى ،
ئاغرىقنى قالدۇرۇپ،تارتىپ ساق چىشنى.
كەسىپ قىپ تاللىغان نېزا تېرىشنى،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس.
بەزىلەر ئويلايدۇ:"ئاتالسام باتۇر"،
شۇ مەقسەت تۆپەيلى چاغلىماي ئاتۇر.
بو ئوقنىڭ دەردىنى شۇ باشلىق تارتور،
(چاي ئىچور،مۇما يەر،ھەپسىدە ياتۇر)
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!
بىر“باتور” دەستىدىن مۇنبەر تاقالغان،
بىر ئىلىم سەيناسى-سەھنە يوقالغان.
دەرىت كەلسە بۇ “باتۇر”-تەلۋە يوقالغان،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!
بەزىلەر ئورۇنسىز غەلۋە قىلىدۇ،
پايتىمىسىنى سەللە قىلىدۇ،
يازمىسى ئىنساننى رەللە قىلىدۇ،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!
بەزىلەر ئىچىشقان تۆھمەت بازىرى،
بەزىلەرنايناقلاپ شەھۋەت بازىرى.
تارايغان ئىززەت ھەم ھۆرمەت بازىرى،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.
ئەمگەككە سەھنە تار ،پىتنىلەرگە كەڭ،
دەلىلسىز سۈيىقەسىت،“قەتلى”لەرگە كەڭ،
نە ئۈچۈن بۇ جاھان رەزگىلەرگە كەڭ؟!،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.
شاكالنى شاللىغىن جەۋھەر قالسۇن ساق،
ھەممىنى رەت قىلساڭ ،بولماس يۇزۆڭ ئاق،
بولمىغىن ھەسەتخۇر،قۇسۇرچى،قىلتاق،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.
بەزىلەر بىر يەرگە داتلاپ بارىدۇ،
بىر بولسا ئون قىلىپ قاتلاپ بارىدۇ،
شەيتاننى مىنىپ يا ئاتلاپ بارىدۇ،
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!.
ئەل ئۈچۈن ئىش قىلاي،بېرەي دەپ بەدەل-
مەن مۇنبەر ئاچقانغا تويغان بىر مەھەل،
نە ئۈچۆن بىزدە كۇپ ،نېزا ۋە جىدەل؟.
ھەممىدىن مۇنبەرگە باشلىق بولماق تەس!
2015.1.16