مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7967|ئىنكاس: 42

سۇسلىشۋاتقان نازاكەت ۋە خۇنۈكلىشىۋاتقان جاسارەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەۋر _ نەقەدەر گۈزەل

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 2049
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى : 122357
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2613 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 11:00:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۇسلىشۋاتقان نازاكەت ۋە خۇنۈكلىشىۋاتقان جاسارەت


ئايزۆھرەئابدۇمىجىت ( ســۈزۈك ئـاي )


     ئەخلاق-گۈزەللىكنىڭ يۈرىكى. ناۋادا ئۇ خۇنۇكلەشسە ھەممە خۇنۈكلىشىدۇ. ناۋادا ئۇ جۇلا قىلسا ھەممە جۇلا قىلىپ، يۇلتۇز كەبىي ئەبەدىي چاقنايدۇ. ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس قورغان ئەلمىساقتىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە ھەر بىر دەۋردە ئۆز قىممىتى بىلەن كىشلەر تەرىپىدىن  ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن. بىراق، بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە بۇ مۇقەددەس ھۆكۈمراننىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، كىشلەرنىڭ  ئەركىن دۇنياسى  بولغان جەمئىيەتتىن ئىبارەت كەڭ سورۇندا ئۆز رولىنى تۈزۈك جارى قىلدۇرۇلمايۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يېرىم دۇنيا بولغان خانىم–قىزلاردىكى شەرمىي-ھايا سۇسلاشماقتا. مىللەتنىڭ تەۋرەنمەس تۆۋرۈكى بولغان يىگىتلىرىمىزدىكى غەيرەت–شىجائەت ۋە جاسارەت، ئۇلۇغ ئاتىلىرىمىزدىن ئۇدۇم قالغان غۇرۇر ۋە ۋىجدان مۇقەددەسلىكىنىڭ نۇرلۇق قۇياشى خۇنۈكلەشمەكتە.

ئاپتوبۇستىكى پاراڭلار

     بىر كۈنى بىر دوستۇم بىلەن  ئاپتۇبۇستا كېتىۋاتاتتۇق. ئارقا تەرىپىمدىكى بىر قىزنىڭ تېلېفوندا قىلغان پاراڭلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.

  - ۋاي ئاداش، شۇ نەگە باراتتىم. ئېرىمنىڭ دادىسى كەپتىكەن. ئۇنىڭ يېنىغا ماڭدۇق. بىز بەك ئالدىراشتۇق، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟ ئۆلگۈر ئىمتاھان قاچانمۇ تۈگەر؟

«ئېرىم، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى...» نېرۋام قالايمىقانلىشىپلا كەتتى. «توۋا، ماۋۇ قىز نېمە دەيدىغاندۇ؟» دەپ ئارقا تەرىپىمگە قارىسام ئېغىزلىرىدىن سۈت ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان، ئوقۇغۇچىلار سومكىسى ئېسۋالغان، 16-17 ياشلار چامىسىدىكى بىر جۈپ قىز-يىگىت بىر-بىرىگە ئېسىلىشقىنىچە تۇرۇپتۇ. توۋا، دەپ ياقامنى چىشلىدىم. «بۇزاماننىڭ بالىلىرى نېمە بولغاندۇ؟ توۋا. نىكاھلاپ بىر ئۆيگە كىرمىگۈچە قانداقمۇ ئاغزىغا «ئېرىم» دېگەن سۆز كەلگەندۇ؟ ھەممە ئادەم قاراپ تۇرسا، يەنە كېلىپ كىچىككىنە تۇرۇپ ئاممىۋىي سورۇندا بىر-بىرىگە ھاياسىزلارچە ئېسىلىپ تۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەجەبا، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا شەرمىي-ھايا، ئەخلاق تەربىيەسىنى شۇنچىۋالا سۇسلاشتۇرۇپ قويغانمىدۇ؟» كاللامدا مىڭلارچە سۇئال ئۇچۇپ يۈرەتتى. دوستۇم بىلەن بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ تۇرۇپلا قالدۇق.

- ھەيران قالما ئاداش، ھازىرقى بالىلار كارامەت. مەن پىراكتىكا قىلىۋاتقان دوختۇرخانىدا بىر كۈنى كەچتە بىر ئانا قىزىنى ئەكەپتۇ. قىزنىڭ نالە-پەريادىغا ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ. ئەمدىلا ئون ئالتە ياشقا كىرىپتۇ. تېخى توي قىلماپتىكەن. قورسىقىدا بار ئىكەن، دورا يەپ چۈشۈرىمەن دەپ ھامىلە چالا چۈشۈپ قاپتۇ. ئوپراتسىيە قىلىمىز دەپ ناركوز قىلساق ئۇ قىز مەست بولماي شۇ پېتىلا بالىنى چۈشۈرگەن. بىر ئۈنى يەردە، بىر ئۈنى ئاسماندا بەك قىينىلىپ كەتتى. ئانىسى بېشىدا يىغلاپ، قىزىنى ئەپسانە گەپلەر بىلەن قارغاپ ئولتۇرىدۇ. بولغۇلۇق بولۇپ بولغاندا تىللاپ قارغىغانغا ئىش ئوڭشىلامتى.  نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدىكىن–تاڭ، توۋا دەيلى،-دوستۇم ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى. مەنمۇ ئارتۇقچە بىر نېمە دېمىدىم، لېكىن ئاچچىق بىر سېزىم تەپەككۇرۇمنى ئىختىيارسىز قىزلار دۇنياسىغا سۆرەپ كىرمەكتە ئىدى...

    قىزلىرىمىزقاچان چوڭ بولار؟

    ئۆزۈم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا  كۆز ئالدىمدىكى رېئاللىقنى تەن ئالماي تۇرالمايمەن، ئەلۋەتتە. ھەركۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 20:30 ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلار كەچلىك مۇزاكىرىنى تۈگىتىپ ياتاقلىرىغا كىرىشكە باشلايدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا قىزلار ياتاق بىناسى ئالدىدا بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ ھەرخىل قىياپەتتە جۈپ-جۈپ بولۇپ تۇرغان قىز-يىگىتلەر ئىختىيارسىز دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. قارىماي دېسىڭىزمۇ ئامالسىز. بەزى ھايالىق قىزلار توۋا دەپ ياقىسىنى تۇتۇشۇپ يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كەتسە، يەنە بەزىلەر ھۇزۇرلىنىپ، يەنە بەزىلەر مازاق قىلىپ كۈلۈشۈپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. قىممەتلىك ۋاقىتلار بوينىنى قىسىشقىنىچە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. ياتاق باشقۇرغۇچى ئۇلارنى  توۋلاپ، ياتاقنى تاقايمەن دېمىگۈچە ئۇلار شۇ پەدەمدە تۇرۇۋېرىدۇ. شۇنداق چاغدا «يوغان قايچام بولسا، ھاياسىزلاچە بىر-بىرىگە چىرمىشىپ قالغانلارنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ تاشلىسام...» دەپ ئويلاپ كېتىمەن. جىنايەتچىلەرنى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ قانۇن بويىچە تۈرمىگە سولايدىكەن، مۇشۇنداقلارنىمۇ جازالايدىغان بىر قانۇن چىقسا، ئاممىۋىي تەرتىپنىڭ  نورمال ئەخلاقىنى بۇزدى، دەپ جەرىمانە ئالسا ياكى تۈرمىگە بىر مەزگىل سولاپ قويسا بۇنداقلار سەل پەسكويغا چۈشەمدىكىن–يا؟

      قايسى كۈنى سىنىپتا تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن بىر قىز ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ. دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىچە ئۇزۇقلۇق  يىتىشمەپتىمىش. بىلىشىمچە، ئەمەلىيەتتە بۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر خېلى ھاللىق سەۋىيىدىكى ئائىلە. ئۇنىڭغا ئېيىدا 2000 يۈەن تۇرمۇش خىراجىتى ئەۋەتىدۇ. بۇ قىز ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلنى ئوغۇل دوستى بىلەن ئاي بېشىدىلا كىيىم–كېچەك، يىمەك-ئىچمەككە پۇلنى بۇزۇپ-چېچىپ، خەجلەپ تۈگىتىپ، ئاي ئوتتۇرىغا بارغاندا باشقىلاردىن پۇل سوراپ، ئاي ئاخىرىدا سارغىيىپ–تاتىرىپ مۇشۇنىڭدەك ئاقىۋەتكە قالغان. ئايدا 500 يۈەننى يەتكۈزۈپ ياخشى ئوقۇۋاتقانلار، ھوشىدىن كەتمەي بەگدەك ياشاۋاتقانلارمۇ ئادەمغۇ ؟ ئاتا-ئانىسىنىڭ تاپقان تەرگىنىنى يەپ قۇرۇتۇپ 2000 يۈەننى يەتكۈزەلمەي ئاچلىق ۋەجىدىن ھوشىدىن كېتىۋاتقانلارمۇ ئادەمغۇ؟  

يۈز–كۆزلىرىنى ھازىرلا سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويىدىغاندەك ھەرەڭ–سەرەڭ   بويۇۋالغان، قىزلىق لاتاپەتكە مۇخالىپ ھالدا كىيىنىۋالغان ئىستۇدېنت قىزلىرىمىزغا قاراپ ھېچكىم ئۇلارنى ئىستۇدېنت دېمەيدۇ. «سەمىرىپ كېتىمەن» دەپ تاماقنى ئاز يېيىشى، بەزىدە  يىمەسلىكى، قىممەت باھالىق كىيىم–كېچەككە ۋە ھەرخىل داڭلىق ماركىدىكى قىممەت باھالىق گىرىم بۇيۇملىرىغا ئۆزىنى ئۇرىدىغان «تېشى پال–پال، ئىچى غال-غال»  قىزلارنىڭ تاپقان ئەڭ ياخشى باھانىسى. قېنى قىزلىرىمىزدىكى ئۇيغۇرغا خاس لاتاپەت ۋە نازاكەت؟

      ئاشۇ قىممەت باھالىق كىيىم-كېچەك ۋە گىرىم بۇيۇملىرىغا قالايمىقان خەجلەنگەن پۇللارغا ئاتا-ئانىمىزنىڭ قانچىلىك ئەجىر ۋە مېھنىتى سىڭگەندۇ ؟ بەلكىم سىز ئىشلەتكەن گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ داڭلىق ماركىسىنى ئانىڭىز ئىشلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. شۇ پۇللارنىڭ ئاز بىر قىسمىغا بىرەر پارچە كىتاب ئالغان بولسىڭىز بەلكىم ئازىراق بىلىمىڭىز ئېشىپ قالاتتى، يا بىرەر ئۇقۇش پۇلى تۆلىيەلمەيۋاتقان ساۋاقدىشىڭىزغا ياردەم قىلغان بولسىڭىز ئۇنىڭ ياردەمگە ئېرىشىپ سىزگە ئىللىق تەبەسسۇم قىلغانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە كۆڭلىڭىز بىردەم بولسىمۇ يورۇپ قالاتتى.

بىر كۈنى تاغامنىڭ ئاغىنىسى ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا ئۇنىڭغا:

- قىزىم بۇ يىل ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. ئۆيدە كىر-قاتلىرىنى ئاپىسى يۇيۇپ بېرەتتى. ھازىر مەكتەپتە كىيىم–كېچەكلىرىنى قۇرۇق يۇيۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن. ھازىرغۇ بىز بار ھەممىنى قىلىپ بېرەرمىز، كىيىن بىر ئۆي بېشىغا كىيىلگەندە ياخشى كۈن كۆرسىغۇ مەيلى، سېرىقتال كۈنگە قالسا قانداقمۇ قىلار،-دەپتۇ. ئويلاپ قالدىم. بىر قىز ئەڭ ئاۋۋال مۇكەممەل بولىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۆي ئىشلىرىغا پىشقان، تاماق ئېتىشكە ماھىر بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي مۇكەممەل قىزغا، قىزلارغا خاس نازاكەتكە، ئاندىن زامانغا ماس كېلەلەيدىغان كەلگۈسىنىڭ، مىللەتنىڭ ئانىلىرىغا ئايلىنالايدۇ. ھازىر قىزلىرى تاماق ئىتەلمەسلىكىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلىسە ئانا بولغۇچى بىر چەتتە ھۇزۇرلىنىپ ئاڭلايدىغان زامان بولۇپ قاپتۇ. بىر ئۆي بېشىغا كىيىلگەندە كېلىن بولغۇچى تاماق ئېتەلمەيمەن، كىر يۇيالمايمەن، دېسە  قېينىئاتا-قېينىئانا ئالدىدا سەت ئەمەسمۇ؟ بۇرۇن چوڭلار كېلىن تاللىغاندا كېلىن بولغۇچى قىزنى گېلەم ئۈستىدە قاچا–قۇچا يۇيغۇزدىكەنتۇق. بىر تىمىم سۇ گېلەم ئۈستىگە تۆكۈلۈپ كەتسە ئۇنداق قىزنى كېلىن قىلمايدىكەنتۇق. ھازىر ئۇنداق ئىش بولمىسىمۇ بىر قىز ئۆي ئىشلىرىنى بىلمىسە قانداقمۇ بىر ئائىلىنى تەمتىرمەي تۇتالايدۇ. قىزلىرىنىڭ ئۆي ئىشى قىلالمايدىغانلىقىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرىدىغان ئانىلار قىزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى، كەلگۈسىدە بىر ئانا بولىدىغانلىقىنى، قىزنىڭ مەڭگۈ بالا پېتى تۇرمايدىغانلىقىنى،  ئۇلارنىڭ ھامان چوڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىغانمىدۇ؟

شەنبە كۈنى ياتاقتا ئولتۇرسام ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى دوستۇم كىرىپتۇ. «ياتاقلارنى ئارىلاپ بىر تال يىڭنە تاپالمىدىم، سەندە يىڭنە بارمۇ؟» دەپ.  ئېسىمدە قېلىشىمچە، ئون نەچچە ياش چاغلىرىم  مومامنىڭ ئۆيىدە ئويناۋېتىپ چاپىنىمنىڭ پېشىنى يىرتىۋالدىم، ئانام يېنىدىن يىڭنە تاپالماي مومامدىن يىڭنە سورىغاچقا  مومامدىن بەكمۇ تىل ئىشىتكەنىدى. شۇ چاغدامومام: « مۇشۇنداق چاغدا قېلىچ تۇتقان ئەردىن، يىڭنە تۇتقان ئايال قەھرىمان» دەپلا ياقىسىدىن كىچىككىنە يىڭنىسىنى ئېلىپ چاپىنىمنىڭ پېشىنى تىكىپ بەرگەنىدى. ھازىرغۇ ھېچكىم يېنىدا يىڭنە ئېلىپ يۈرمەيدۇ، لېكىن ياتاقتا بىرەر قىزنىڭ تارتمىسىدىن بولسىمۇ يىڭنە چىقماسلىقى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. پايپىقى يىرتىلىپ كەتسە تاشلىۋېتىپ يېڭىنى ئالدىغان ، كىيىم –كېچەكلىرى بىرەر يەرگە ئىلىنىپ يىرتىلىپ كەتسە تىككۈچىلەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىدىغان، تا ھازىرغىچە يىڭنە تۇتۇپ باقمىغان قىزلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ قىزلىق خۇلق ۋە نازاكەتتىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى  ئويلاپ باققانمىدۇ؟ ھەي زامانىمىزنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرى سۆيۈملۈك ئسىتۇدېنتلار، مىللەتنىڭ ئانىلىرى ئوماق قىزلار،  بىز زادى قاچان بولارمىز؟ قاچانغىچە ياتلاشقان دۇنيادا ئۆزلىكىمىزگە قايتالماي يۈرەرمىز؟

ئېچىلىشقا تەقەززا گۈل–غۇنچىلارغا سۆز

    شۇنداق، ئايال بولۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. «قىز دېمەك، ئانا دېمەك،  ئانا دېمەك دۇنيا دېمەكتۇر.» ئاياللار بىرنەچچىنى تۇغۇپ قويغانغىلا دۇنيانىڭ ئانىسى ئەمەس، بەلكى ئادەمىيلىكنى، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى پەرزەنت ۋۇجۇدىدا گۈل قىلىپ ئېچىلدۇرالىغان ئاياللارلا دۇنيانىڭ ھەقىقىي ئانىسىدۇر. ئەي، دۇنيانىڭ ئانىسى ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق ئورنى كۈندىن-كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قىز  ۋە ئاياللىق ئوبرازىڭىزغا قانداق دىققەت قىلىۋاتىسز؟ ياكى ئۇنىڭغا قانداق يۈزلىنىۋاتىسىز؟ قىز-ئاياللارنىڭ  گۈزەللىكى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىچكى دۇنيارىنىڭ گۈزەل بولۇشىدا. سىز ئۆزىڭىزدە بار بولغان مۇشۇ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي بايقىيالىدىڭىزمۇ؟ مۇشۇ گۈزەللىكنى تۇنۇپ يىتەلىدىڭىزمۇ؟ سىزدە قانچىلىك  گۈزەللىكنىڭ يۇشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟ ئەشۇ گۈزەللىك ئىچىدە تۇرۇپ باشقىلارغا قانچىلىك تەسىر قىلالىدىڭىز؟

     ئەڭ كىچىك ھالقىمۇ سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىزنى ياكى قەلب دۇنيارىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ. ئىشىك چىكىشتىنمۇ بىراۋنىڭ قانچىلىك ساپاغا ئىگەئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولغىنىدەك ئولتۇرۇش، سۆز قىلىشمۇ بىر قىز بولغۇچىنىڭ  ئىچىكى دۇنيارىنىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئەڭ كىچىك ھالقا.  ئولتۇرغاندا قانچە رۇس ئولتۇرسىڭىز شۇنچە روھلۇق كۆرىنىسىز، سۆز قىلغاندا ئەدەپ بىلەن مۇلايىم، ئاز، لېكىن  ساز سۆزلىسىڭىز، بۇلار  سىزنى تېخىمۇ نازاكەتلىك، جەزبىدار  كۆرسىتىپلا قالماي، قەلب دۇنيارىڭىزنى باشقىلارغا ئېچىپ بېرىدۇ. كونىلاردا: « ئاز سۆزلەش كۈمۈشكە تەڭ، سۆزلىمەسلىك ئالتۇنغا تەڭ.» دەيدىغان ھېكمەت بار ئەمەسمۇ.

     بۇرۇن بىر دانىشمەن بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئىككى قىزى بار ئىكەن. قىزلىرى بويىغا يەتكەندە، دانىشمەن قىزلىرىنى چاقىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىككى تال كەمپۈت قۇيۇپتۇ. كەمپۈتنىڭ بىر تېلى قەغەزدە ئوراقلىق، يەنە بىرى ئوراقسىز ئىكەن. دانىشمەن ئۇلارغا:

   - قىزلىرىم، كەمپۈت يەڭلار،-دەپتۇ. قىزلارنىڭ ئىككىلىسى قەغەزدە ئورالغان كەمپۈتنى تالىشىپتۇ، ئوراقسىز كەمپۈتكە قاراپمۇ قويماپتۇ. شۇ چاغدا دانىشمەن:

   - قىزلىرىم، نېمىشقا ئوراقسىز كەمپۈتنى ئالمايسىلەر،-دەپتۇ. ھەر ئىككىلىسى تەڭلا:

   - پاسكىنا تۇرسا،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. دانىشمەن:

   - قىزلىرىم، ئاڭلاڭلار! قىزلارمۇ دەل مۇشۇ كەمپۈتكە ئوخشايدۇ، قىزلار شەرمىي –ھايالىق، ئىپپەتلىك بولسا مۇشۇ ئوراقلىق كەمپۈتنى تالاشقاندەك ھەممە ئادەم ئىككىڭلاردەك تالىشىدۇ. ئىپپەتسىز، ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئېچىۋەتكەن بولسىچۇ، ھېچكىم قارىمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا چىۋىن قونىدۇ، خالاس.-دەپتۇ.

    ھەي، سۈيۈملۈك قىز، ئۇيغۇرغا خاس لاتاپەت بىلەن ياشاڭ. پاكلىق سىزدىكىبىردىبىر قىممەتلىك بايلىق ھايا  ۋە نۇمۇسروھىڭىزدا، جىسمىڭىزدا تۇلۇق ئەكىس ئەتسۇن. ئۆزىڭىزنى بوياق بىلەن بوياشتىن بۇرۇن روھىڭىزنى پاكلىق بىلەن بېزەڭ. قىممەتلىك بەرگىلىرىڭىز ھەرگىز ناپاك جايلاردا ئىز سالمىسۇن. نۇمۇسچانلىقىڭىزدىن ئايمۇ سىزدىن خىجىل بولسۇن. مانا بۇ سىزنىڭ ھەقىقي گۈزەللىكىڭىز. ئەنە شۇ يېرىم دۇنيانىڭ ۋۇجۇدىدا پاكلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس روھ مەڭگۈگە داۋام ئەتسۇن ۋە جۇلا قىلسۇن!

    ھەي مۇھەببەتلىك قىز. ئېسىڭدە بولسۇن ھايا بىلەن يۈرۈشمۇ بىر خىل نازاكەت. نازاكەت بىلەن شەرمىي–ھايا بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان، بىراۋنىڭ ساختا–يالغانلىرىغا ئالدىراپ ئىشەنمەڭ. «سېنى سۆيدۈم» دېگەننىڭ ھەممىسى مۇھەببەت  بولۇشى ناتايىن. گۈللىرىڭ  مۇھەببەتسىز دۇنيادا بىمەھەل سولاشمىسۇن...

كونىلاردا: «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. ئەنە شۇ ھېكمەت بىزگە شۇنى چۈشەندۈردىكى، يېرىم دۇنيا دەپ تەرىپلەنگەن قىز-ئاياللارنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى تۇتقان ئورنىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىر ئايال ئۆز نازاكىتى ۋە ئەخلاقى بىلەن ئېرىنى باشقىلار ئالدىدا ھۆرمەتلىك قىللايدىغانلىقىنى ۋە ئېرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئەينەن كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

    ھەي  سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قىزى سەن مىللەتنىڭ بىر ئانىسى بولۇش ئالدىدا تۇرىسەن. قىزلىق نازاكەت، شەرمىي-ھايا، ۋىجدان بىلەن ياشىغىن. ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدلىك كۆزلىرى سەندە گۈلۈم!

  قايسىدۇر بىر شائىرنىڭ مۇنۇ شېئىرى ئىسىمگە كېلىۋاتىدۇ.

قىزلارنىڭ ئەڭ ئېسىل دۇنياسى نېمە؟

چىرايلىق بولسىلا گۈزەلغۇ دېمە.

پاك ۋىجدان، ساپ ئەقىل، ئەخلاقى بولسا،

دولقۇنلۇق دېڭىزدا ئۇ چۆكمەس كېمە.

يىگىتلىك شىجائەتكە كۆز تەگمىسۇن

    مودىلىشىش، غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كۈندىن–كۈنگە تۇرمۇشىمىزغا ئېقىپ كىرىشى، ياشلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىشى يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىدە ئاتالمىش «مەدەنىيەت»نىڭ بەلگىسى بولۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يىگىتلىرىمىزگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ. ئەي يىگىت، يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ بېقىڭ. سىز ھەقىقي ئەركەكمۇ؟ ياكى ئاتىلىشى ياكى يارالمىشىدىلا ئەركەكمۇ؟ سىزدە ئەركەكە خاس غۇرۇر، شىجائەت، يىگىتكە  خاس سالاپەت بارمۇ؟   
    ھەقىقەتەنمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدىكى ياشلار ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن چاكىنا مەدەنىيەت ئەقلىمىزنى جەمئىيەتكە ئاغدۇرۇشقا، ئەخلاق ۋە ھايا ھەققىدە ئىزدىنىشىمىزگە يول ئاچتى.  دادا قىزىنى، ئاكا سىڭىلىنى باشقۇرۇشقا كۈچى يەتمىدىمۇ ياكى بىپەرۋالىق قىلىۋاتامدۇ، ئىشقىلىپ ھايا ۋە ئىمان سۇسلىشىپ، ئەخلاق چەمبىرىكى بارغانسېرى تارىيىشقا يۈزلەندى. بىر قىسىم نادان يىگىتلىرىمىز دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك مېھر-مۇھەببەتنى خورلاپ، قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى پەدىشەپ پەردىسىنى قايرىپ قويۇپ، قىز دوستلىرىنىڭ پاكلىقىنى بۇلغاش بەدىلىگە ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈردى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاشمىش. مانا مۇشۇ مۇھەببەتمۇ؟! مۇھەببەت بىلەن ھەۋەسنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشتەك ناچار خاھىشلار ئەقىلسىز يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ بۇزۇلمىقىغا سەۋەپ بوپتۇ. بىر پاكقىزنىڭ قىزلىق ئىززىتىنى يەرگە ئۇرۇپ يەنە ھېچنىمە بولمىغاندەك يۈرۈشنىڭ ئۆزى يىگىتلىك جاسارەتنىڭ خۇنۇك، ئاجىز، رەزگى  روھى ئەمەسمۇ؟  قېنى ئالايلۇق، خانىم-قىزلىرىمىز بۇزۇلۇپ كەتتىدەپ جار سېلىپ، قىز-ئاياللارنى تىللاۋاتقانلار، ئۇلاردىن يىرگىنىپ يۈرگەنلەر،  قېنى قايسى بىرى كۆكرەك كېرىپ چىقىپ شۇ يامان يولدىكى قىز-ئاياللىرىمىزنى توسىيالىدى. ئۇلارنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىنى قوغداش ئۈچۈن قانچىلىك قۇربانلىقلارنى تۆلىيەلىدى؟ توسقانلار باردۇ؟ بىراق، ناھايتىمۇ ئاز. پەقەت ئېغىزدىلا «پاك ياشا ئۇيغۇر قىزلىرى!» دەپ شۇئار توۋلاپ ياكى ئاق قەغەزگەئادەمنى ئەيمىندۈرىدىغان تەنقىدلەرنى بېرىش بىلەنلا ھەممە مەسىلە ھەل بولدى دېگىلى بولمايدۇ. يامان يولدىكىلەرنى توسۇش ھەممىمىزنىڭ مۇقەددەس پۇرچىمىز ۋە باش تارتىشقا بولمايدىغان ۋەزىپىمىز. يامان يولغا كىرىپ كېتىۋاتقان بىغۇبار ھەدە-سىڭىللىرىمىزمەيدىسىدە تۈكى بار ئەركەكلىرىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى، ھەدىسى، سىڭلىسى ئەمەسمىدى؟   

   توي قىلماقچى بولغان بىر يىگىت ئۆزى ئالماقچى بولغان ئايالنىڭ پاك بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىكەن. ئۆزىمۇ ئەلۋەتتە پاك بولۇشى كېرەك.بەزى ئەرلەر باركى، سىرتتا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ، ئالماقچى بولغان ئايالىنىڭ پاكلىقىنى بەكرەك سۈرۈشتە قىلىدۇ. ئەمما ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ مەن پاكمۇ؟ پاك قىزنى ئېلىشقا مۇناسىپمۇ دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپمۇ باقمايدۇ. ھايا ۋە نۇمۇس ئاياللارغىلا خاس خىسلەت بولماستىن، ئۆزىنى مەن ئەركەك دەپ مەيدىسىنى ئۇرغان ئەرلەرگىمۇ خاس ئېسىل خىسلەتتۇر. «بىر ئائىلىنىڭ پاكلىقىنى قوغداپ ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۇلۇغ كىشىلەر، لېكىن يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر روھنى پاكىزلاپ، بىر ئائىلىنىڭ يۇلتۇزىغا ئايلاندۇرالىغانلار تېخىمۇ ئۇلۇغدۇر.» (ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى)  مانا، بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ ئېغىر سۈكۈت ئىچىدە ئويلىنىپ قالدىم. ئادەم دۇنياغا روھى ھەم تېنى پاك ھالدا كېلىدۇ. بىراق، تەننىڭ پاكلىقىدىن روھنىڭ پاكلىقى ھەممىدىن ئەۋزەل. مۇبادا، روھ ناپاك بولسا ئۇ كىشىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. خۇددى پەزىلەتتە يىگانە بىر زات ئېيىتقاندەك: «ئىنساندا بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە ھەممە تۈزىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا ھەممە بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ-يۈرەكتۇر».

   پىنسىيىگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ بىر چاغلاردا قىلغان مۇنۇ سۆزلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. بىز ياش چاغلىرىمىزدا  مۇھەببەتلەشسەك «كەتسەڭ كېتىۋەر يارىم، مېنىڭ نېمە پەرۋايىم» دەپ مۇھەببەتلىشىپ، بىرى كەتسە چۈشكۈنلەشمەي، ئۈمىدۋار، مۇھەببەتكە سادىق بولۇپ مۇھەببەتنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىپ، بىر قىزنىلا قوغلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن ئائىلە قۇراتتۇق. لېكىن ھازىرقى ئوغۇل بالىلارغا نېمە بولدىكىن–تاڭ ؟ ئالتە–يەتتە قىز بىلەنمۇ ئارىلىشىپ ئۆزىنى مۇھەببەتتە پىشىپ يىتىلمىدىم دەپ يا چىقىشنى ئۇقماي، يا چۈشۈشنى ئۇقماي بىر قىزنى ئالىمەن دەپي ۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرغا چىقالمايدىكەن. بىر قىزنى قوغلىشىپ ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىسە، چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدىغانلار ياكى شۇ قىزدىن ئۆچ ئالىدىغان چىدىماسلارمۇ بار ئىكەن.

    توۋا، يىگىتلىرىمىزدىكى جاسارەت ۋەغۇرۇرغا كۆز تەگدىمۇ ياكى خۇنۇكلىشۋاتامدۇ؟ ئەقلىي كەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان بەزى يىگىتلىرىمىنڭ ئۆز سىڭلىسى، ھەدىسى دېمەتلىك قىزلارنىڭ ئىپپىتىنى بۇلغاپ، يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈشى، مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەن قىزدىن ئۆچ ئېلىشى، چۈشكۈنلىشى، شاختىن-شاخقا قونۇپ نەچچە قىزلارنى ئالداپ مۇھەببەتنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىشى ۋىجدانلىق يىگىتلىرىمىزنىڭ جاسارىتىگە، يۈكسەك ئوبرازىغا قىلىنغان ھاقارەت  ئەمەسمۇ؟ ئۇلار «ئەركەك» دېگەن ئۇلۇغ نامنىڭ ئىگىسى بولۇشقا لايىقمۇ ؟ مۇھەببەت شەھۋەتمۇ ياكى ئىككى يۈرەكنى باغلاپ تۇرىدىغان پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان پاك ھېسسىياتمۇ؟ مۇھەببەتنى ئاستى-ئۈستۈن قىلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ، مەڭگۈلۈك سۆيگۈنى ئۇنۇتقان ساداقەتسىز قەلىبتە قانداقمۇ مۇھەببەتنىڭ يالقۇنلۇق شاملىرى يانسۇن؟ توغرا، مۇھەببەتنى خارلىغانلار مەڭگۈ مۇھەببەتنىڭ ئىگىسى بولالمايدۇ، ھەم ھەقىقي مۇھەببەتكە ئېرىشىش شەرىپىگە نائىل بولالمايدۇ...

    دادام ئەمدىلا يىگىتلىك بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان ئاكامغا شۇنداق نەسھەت قىلىدىغان: «ئارغىماقتەك بول، ئوغلۇم. سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان ئاناڭنىڭ ھىمايىچىسى،سىڭلىڭنىڭ قوغدىغۇچىسى بول، قېرىنداشلىرىڭغا مەرھەمەتلىك، ئاجىزلارنىڭ شەپقەتچسى بول. ۋەدىگە ۋاپا قىلىدىغان، مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، لەۋزىڭدە تۇرىدىغان،سۆيگۈگە ساداقەتلىك، ئىش قىلغاندا پاراسەتلىك، تىگى پەسلەر بىلەن تەڭ بولمايدىغانمەرد ۋە مەرھەمەتلىك،  شىجائەتلىك ئوغلان بول!»

   ئوغۇزخاندىن ئۇدۇم قالغان غەيرەت ۋە شىجائەت يىگىتلەرنىڭ تۇمۇر-تۇمۇرىدا  يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرغا چىقىشىنى، ۋۇجۇدىدىكى يۇشۇرۇن قورقۇمسىزلىقىنى جۈرئەتلىك ھالدا كۆرسىتىشنى، ۋەدىسىدە تۇرۇشنى، ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان ئۇلۇغۋار روھنىڭ ۋىجدانغامەھكەم باغلاش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى ياش يىگىتلەر كەلگۈسىدە بىر ئۆينىڭ تۈۋرىكى، مىللەتنىڭ ئاساسىي ئۇلى بولىدۇ. مۇبادا، بۇ تۈۋرۈككە بېشىدىلا دەز كەتسە ئۇ ناھايتى ئاسانلا غۇلاپ چۈشىدۇ. ئۇل چىڭ بولمىسا ئۈستىدىكى ئىمارەتنىڭ ئۇزۇنغىچەمەزمۇت تۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟  تۇرمۇشتىكى،مۇھەببەتتىكى كىچىككىنە ئۇڭۇشسىزلىققا چۈشكۈنلىش، ئۈمىدۋارلىقىنى يوقىتىش بىر يىگىتنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. بىر يىگىت بولغۇچى ئۈچۈن، بىر قېتىملىق يىقىلىشبىر مۇۋاپىقىيەتتىن ۋە يېڭى بىر ئۈمىدتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. شۇڭا يىگىتكە خاس جاسارەت مىڭ قېتىم يىقىلسا بىرمىڭ بىر قېتىم دەس تۇرالايدىغان روھقا ئىگەبولغاندىلا ئاندىن ھەر قانداق ئىشتا غەلبە قازانغىلى، تۇرمۇش يولىدىكى ئەگرى–بۈگرىلەرنى داغدام باسقىلى بولىدۇ. يىگىتلەردە غۇرۇر،  ئەخلاق، ئەقىل ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرالىغاندىلا ھېسسىياتنى يېڭىپ ئەركەككە خاس شىجائەت ۋە جاسارەت قايتا جۇلا قىلىدۇ. خۇددى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك: «ئەرلىك ساقال–بۇرۇت ئەمەس، قەلب. ئەرلىك كۈچ بەستلىك گەۋدە ۋە مۇشىت ئەمەس، بەلكى مەرھەمەت، مەردلىكتۇر.»  

يىگىتلىك شىجائەتكە  كۆز تەگمىسۇن، يىگىتلەردىكى ئەخلاق سۇسلاشمىسۇن. ياشا، ئەجداد تۇمۇرىدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن غەيرەت ۋە جاسارەت...


مەنبە  :  كۈسەن مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 4-سانىدىن   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-16 02:05 PM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
azrail + 300
mustafa612 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
baxagim0996 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
SaN_Siz + 500 دەلىللەر يېتەرلىك
زامانى + 500 تەپەككۇرى كۈچلۈك
musilina + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك
yusayinnu + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1520   باھا خاتىرىسى

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1016
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1762
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 318 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 08:08:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا - ئانا  ئۈچۈن   ئۆلۈمدىنمۇ  ئېغىر  نىمە :  ئەلۋەتتە  قىز  كەلتۈرگەن نۇمۇس  ،  قىز - ئاياللارنىڭ ناقابىللىقى  ،  ئەخلاقسىزلىقى  مىللەت  ئۈچۈن بىر  ئاپەت  ،  قىز   -  ئاياللارنىڭ ئائىلە  ئەخلاق  تەربىيسى   ھەممە  ئادەمنىڭ  ،، ئانىلارنىڭ  ھەم  دادىلارنىڭ ، ئاكا  بولغۇچىلارنىڭ  ئويلىنىشىغا  تېگىشلىك  بىر  مەسىلە ،،،،،،

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113005
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2015-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 10:11:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزغا  دەت  بەمىسۇن . بەك  ياخشى يېزىپسىز . سز  بايان قىلغان ئىللەتلەر ھەقىقەتەن بىزدە  بىر  جەمىيەت  خارەكتىرلىك ئاپەت كە ئايلاندى . <ئىللەت تۈزەلمىگىچە مىللەت تۈزەلمەس >دەيدىغان ھىكمەت بار . ھەربىرىمىز نىڭ بۇھالەتنى ئۆزگەرتىشتە مەجبۇرىيتىمىز بار  دەپ قارايمەن

زۇلمەتتىن مىڭ يىل قاقشىغىنىڭدىن،بىرتال شام ياققىنىڭ ئەۋزەل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 10:57:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەت تەربىيسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىسى بەك موھىم،ئاتا-ئانىلارمۇ مۇشۇنداق تىمىلارنى ئوقۇپ قويسا بولتى جەمىيەتتىغۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ . ھەربەندىسى بولسا ئاللا ئۆزى ئىنساپ، سەۋىر،ئاتا قىلسۇن.

ۋېلى زىرەككەك

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 882
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 11:09:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىتقادى سۇسلاشقان بەندىنىڭ نېمىسى سۇسلاشمايتى ؟ھە راست سۇسلاشمايدىغان نەرسىسىمۇ بار يەنى نادانلىقى بىلەن نۇمۇسسىزلىقى سۇسلاشمايدۇ .
                                                          ۋېلى زىرەككەك

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 320
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 11:15:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئايال ھەرقانچە چىرايلىق بولۇپ كەتسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدا ئاياللاردا بولۇشقا تېگىشلىك خاراكتېر ، خۇسۇسىيەتلەر بولمىسا ، ئۇ ئايال جەلپكار ئايال بولالمايدۇ ، ئاياللارنىڭ جەلپكارلىقى دەل ئۇلارنىڭ نازاكىتى ۋە لاتاپىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر .

تېمىڭىزنى ياقتۇردۇم ، گۈلۈم ، يەنىمۇ يوللاپ تۇرغايسىز .

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 03:53:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل تىما بوپتۇ . ئاللاھ ھەرۋاقىت زىھنىڭىزنى ئۇچۇق قىلسۇن .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111976
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 302
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 06:37:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھرمەتلىك سۈزۈك ئاي خانىم! تىمىڭىزدا ھازىرقى جەمىيىتىمىزدىكى ھەممە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان نازۇك ئەخلاقى مەسىلە ئەتىراپلىق ياخشى ئوتتۇرا قويۇلۇپتۇ. قەلىمىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇن . ھازىر جەمىيىتىمىز كىشىلىرىنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان  بۇنداق ئەخلاقسىز قىلمىشلار  كىشىنى مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشگە سالىدۇ .بولۇپمۇ مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئەخلاقسىز چاكىنا قىلمىشلارنىڭ جەمىيەتلىشىشى پۇتكۈل ئۇيغۇر جەمىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. «بۇلاركىچىگىدە ياخشى تەربىيەلەنمىگەنلىكتىن شۇنداق بولغان » دىگەن يەكۈن  بىلەنلا سەۋەپنى ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىسىغا ئارتىپ قويۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ.مەسىلىنىڭ نىگىزى زادى نەدە؟  مەسىلە شۇ يەردىكى مىللىتىمىز ياشلىرى ئىچىدىكى مەدەنىيلەشكەن ياشلاردا ئىتىقات كەمچىل،ئادەم بالىسى بولغان ئىكەن ئۇنىڭدا چوقۇم پاك ئىتىقات بولۇشى كېرەك ، پاك ئىتىقات بولسا ئىنساندا گۈزەل ئەخلاق شەكىللەندۈرۈدۇ. ئىتىقاتسىز كىشىدىن ئەخلاقي پەزىلەت تەلەپ قىلىش «ئاق تاشتىن چۈجە چىقىشنى كۈتكەن »بىلەن باراۋەر .ئىتىقات مەسىلىسىگە ئاتا ئانىلار بەكرەك كۆڭۈل بۆلسە ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ئىتىقات بىلەن چوڭ بولىدۇ.بالىلىرىنىڭ بالىلىرىمۇ ئىتىقات بىلەن چوڭ بولىدۇ.ئىتىقات جەمىيەتلەشسە ئەخلاق كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ .ئۇنداق بولمىسا مانا ھازىرقىدەك  موشۇنداق بولىدۇ .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109197
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1131
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 07:28:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1384
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 08:33:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانكى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز ئەردەك بولغاندا ،ھەممىسى تۈزۈلىدۇ .

دەرۋىش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش