نۇرمۇھەممەت مۇھەممەتئمىن قاراساي
‑ئەل ئىچىدە يالغان گەپ ،ساتمايدىغان مالىم بىز
ھە دىسىلا قۇرۇق پو ،ئاتمايدىغان مالىم بىز .
ئەۋلات ئۇچۇن ئىزدىنىپ ،ياتمايدىغان مالىم بىز ،
زەر ھالالغا ھارامنى ،چاتمايدىغان مالىم بىز ،
ھەر سەھەردە مەكتەپكە ،قاتنايدىغان مالىم بىز .
مەرىپەتكە بۇپ شەيدا ،جاھالەتتە يوق پايدا ،
بۇ''قوش تىللىق ''مائارىپ ،ئەۋىج،ئالدى جاي -جايدا.
تۇنمىساق نەقىسمەت ئالتۇن ياتسىمۇ سايدا،
خاراپ بولسا مائارىپ ،ئەۋلات قايدا بىز قايدا ،
ئۆگەنگەنچە بىلىمنى ،ھارمايدىغان مالىم بىز .
تەكشۇرۇشلەر كەپ تۇرار ،سەپ بۇلۇشۇپ رەتمۇ -رەت ،
تەييارلىقلار ئۈستىگە، بېسىپ تۇرار كۈندە خەت ،
ھەقىقەتنى سۆزلىسەك .كۆرىنىمىز كۈزگە سەت .
بۇدۇنيادا يامانكەن ،دەرت ئۇستىگە ياغسا دەرت ،
گۇناھلارنى باشقىغا ،ئارتمايدىغان مالىم بىز .
بىلىنىدۇ ئارمانىم، قېپ قالغاندەك يىراقتا ،
مۇھەببىتىم ،سىردىشىم ،ساقلىغاندەك قىرغاقتا ،
ئوتقا چۆشكەن قىل كەبى ،يۆرەكلىرىم پىراقتا،
نىمىشقىكىن قەلبىمنى، بىر ۋەھىمە تىلماقتا ،
مۇھەببەتتە ،خىزمەتتە ،چانمايدىغان مالىم بىز .
شۇئارىمىز بۇپ قالدى، بىر گە چىقماس گىپىمىز ،
بور -تۇزاندە ھامىنى، بىر كۈن ئۇلۇپ كىتىمىز،
چارچىساقمۇ ھارساقمۇ، مالىم بىزنىڭ ئېتىمىز ،
بەزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ،ئاچچىق ھەسرەت چىكىمىز ،
مەنزىلىدىن ئارقىغا ،يانمايدىغان مالىم بىز
.
كىملەر قويغان بىلمەيمىز، بىزگە مالىم بۇلۇشنى ،
ھېيت ،بايرامدا تەتىلدە ،جىبەرلىكتە قۇنۇشنى ،
كۈندە ئىشلەپ بىلمەيمىز ،پۇت-قولنىمۇ سۇنۇشنى .
ئىسپۇروپكا ئېپ بىرەي، تېپىپ بىرەر تۇنۇشنى ،
دەپ سۆرەن سەپ ،مەكتەپكە پاتمايدىغان مالىم بىز .
مەنبە.ئۆزۈم.كاۋاك ئوتتۇرمەكتەپ
2009-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى