قىزلارغا نەسىھەت
ئۇلۇغ پەرۋەردىگارنىڭ رەھمىتى بىلەن بۇنىڭدىن ئون بەش يىل ئىلگىرى بۇ دۇنياغا بىر قىزبولۇپ
تۇغۇلدۇم ئاتا-ئانامغا چەكسىز خۇشاللىق ۋە بەخىت تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدىم.ئاتا-ئانامنىڭ
مېھىر-مۇھەببىتى ۋە كۆيۈنۈشى ئاستىدا ساغلام ،تېتىك چوڭ بولدۇم.ئانامدىن پەزىلەتلىك بىر
قىز بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەندىم.
مەن ياشلىق بوسۇغۇسىدىن ئەمدىلا ئاتلاۋاتقان ھەم ياشلىققا ئوتتەك ئىنتىلىۋاتقان تولۇق ئوتتۇرا
بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى.بۇ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئادەم بولۇشۇمنى
بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق پەيىت.
مەن دائىملا شەرمى-ھايالىق،ئەدەپ-ئەخلاخلىق ياخشى بىر قىز بولسام دەپ ئويلايتتىم.
ھەردائىم «ياخشى قىز بولۇش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىشىم كېرەك؟»دېگەن سوئال
كاللامدىن كەتمەيتتى.بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ دېگەن سۆزلىرى ماڭا بىر
ياخشى قىز بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسىپ بەردى.مۇئەللىمىم مۇنداق دىگەن ئىدى«قىزلار
بىر پارچە ئاق قەغەز، بۇ قەغەزگە چىكىت قويماي شۇپېتى ساقلىيالىغان قىزلارلا ياخشى قىز
بولالايدۇ،چۈنكى بۇ قەغەزگە چىكىت قويغان كىشى ئاقىۋەتتە قويغان چىكىتىگە مەسئۇل
بولمايدۇ»دېگەنىدى.بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىزلا جەمىيىتىمىزدىكى ھەم ئەتراپىمدىكى
قىزلارنى ئويلاپ قالدىم.
بۇكۈنلەردە قىزلار نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ-ھە!؟ئۇلاردا نە ئېتىقاد-ئىرادە،نە شەرمى-
ھايا،نە ئىززەت-ھۆرمەت ھېچ نەرسە قالمىدى.ئۇلار يات ئەللەرنىڭ يالتىراق شۇئارلىرىغا
ئالدىنىپ ئۆزىنىڭكىنى يوقاتقان ھالدا شۇيولغا قاراپ ماڭدى.ئۇلار بۇ قارغۇلارچە باسقان
قەدىمىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزلىرىگە قانچىلىك پۇشايمان ۋە ئازاپ ئېلىپ كېلىدىغانلىغانلىقىنى
نېمىشقا چۇشەنمەيدىغاندۇ؟!
بىزنىڭ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ئەجەبا ئۇلارنىڭ
كۆڭلىدە راستىنلا ھېچنىمىگە ئەرزىمەس خۇراپىيلىققا ئايلىنىپ كەتكەنمىدۇ.
مەن بىر چاغلاردا مۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم:«قىز تۇغۇلغاندا دادىنىڭ ئىمانى كۈچلىنىدۇ،ئايال بولغاندا يولدىشىغا جەننەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ،ئانا بولغاندا جەننەت ئىشىكلىرى
تاپىنى ئاستىدا بولىدۇ»دەپ.مۇشۇ گەپتىنلا قىز-ئاياللارنىڭ ئائىلىدە،جەمىيەتتە،دۇنيادا
قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
لېكىن ھازىرقى قىزلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى يوقىتىپ قويدى.ئۇلارنىڭ ئۈستى-بېشىدىن
قىزلارغا لايىق لاتاپەتنى ھەرگىز تاپقىلى بولمايدۇ.
ئۇلار ئازدى،يولدىن چىقتى،ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنۇتتى.تارىخ بەتلىرىدىكى ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى
قوغداش ئۈچۈن قۇربان بولغان قىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىساق ھەممەيلەن شۇنچىلىك
سۆيىنىمىز.ئەمما ھازىرقى قىزلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئاغزىمىزغىمۇ ئالالمايمىز ئۇلار
شۇنچىلىك ئەرزىمەس ھالغا چۈشۈپ قالدىمۇ؟ياق،ئۇلارنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنى
پەقەت ئۆزلىرىنىڭ بۇلۇمسىز ئىش-ھەركەتلىرىلا خالاس.
ئاياللىرى خاراپلاشقان مىللەتنىڭ كەلگۈسىمۇ خاراپلىشىدۇ.ئويلاپ قالىمەن ئۇلارنىڭ ھوشىنى
يىغدۇرغىدەك دادىسى،ئاكىسى يوقمىدۇ ياكى قىزلىرىمىز گەپ ئاڭلىماس بولۇپ كەتكەنمىدۇ.
شۇنداق نىدا قىلىمەن«ئاكىلار،يىگىتلەر سىلەر نەدە قاراڭلار ئەتراپىڭلارغا ئۇلار بەلكىم سىڭلىڭلاردۇ،بەلكىم ئاچاڭلاردۇ ئۇلار سىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭلارغا موھتاج ئۇلارنى خاتا،قاراڭغۇ
يوللاردىن قۇتقۇزىۋىلىڭلار.»
ئۇلار كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئانىسى،خەلقىمىزنىڭ ئەتىسى.بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىش
ۋە خاراپلىشىشى شۇمىللەت ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىدا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟!
مەن بۇ ماقالەمنىڭ ئاشۇ يولدىن چىقىپ كېتىۋاتقان قىزلارغا ئازراق بولسىمۇ ئۆزىنى
تونىتالىشىنى،بىزدىن چوڭلارنىڭ بىزگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولالىشىنى بىزدىن
كىچىكلەرنىڭ توغرا يول تاپالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.قىزلىرىمىزغا شەرمى-ھايا تىلەيمەن.