خېلى كۆپ قىسىم ئاپتورلار، جۈملىدىن بلوگ يازىدىغانلار كۆپىنچە، يازمىسىغا نۇرغۇن باھالارنىڭ چۈشىشىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قالتىس باھالارنى بېرىپ مۇئەييەنلەشتۈرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. توغرا، خۇشامەتكە كىم ئۆچ دەيسىلەر؟ ھازىرقى تور خۇشامەتچىلىرى(خەنزۇلاردا 五毛党 دەپ قويىدۇ)نىڭ ماختاش سەۋىيەسىگە گەپ كەتمەيدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكىلىرى مەلۇم بىر يازمىغا چۈشكەن خۇشامەتلەرنىڭ بىرسى…
1. ئۇشبۇ يازمىنى پەش چېكىتلىرىگىچە تەپسىلىي كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، خېلىغىچە ئۆزۈمنى تېنچلاندۇرالمىدىم. سىلكىنىش! غايەت زور سىلكىنىش! قانداقسىگە بۇ دەرىجىدە ئېسىل يازما بولىدىغاندۇ! تور ئارىلاپ يۈرگەن تالاي يىللاردىن بېرى، مېنى تەسىرلەندۈرگىدەك بىرەر يازما چىقمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. بۇگۈن بۇنچىۋالا ئېسىل، ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان يازما بىلەن ئۇچرىشىشىم ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمەپتىكەن!
2. يازما ئاپتورى، سىز ماڭا ﻏﻮﺟﺎﻣﻨﯩﯔ ﻏﻮﺟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﭼﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ دېگەن ھەقىقەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردىڭىز!!!!
3. مەيلى قانچىلىك گۈزەل ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشىمدىن قەتئىينەزەر، بۇ يازمىنىڭ ئېسىللىقىنى سۈپەتلەشكە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن،بۇنداق يارقىن يازمىنىڭ ئالدىدا ھەممىسى شۇ قەدەر خۇنۇك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم: يازما يوللىغۇچى، ماقالىڭىز بەك ئېسىلكەن، مەن پۈتۈن ئۆمرۈمنى سىزنىڭ ماقالىڭىزنى كۆرۈشكە بېغىشلاشقا رازىمەن!
4. بۇ يازمىنىڭ قۇرۇلمىسى يېڭىچە، تېمىسى ئۆزگىچە، ئابزاسلىرى سۈزۈك، ۋەقەلىكى تۈزۈك، راۋاجلىرى ماسلاشقان، باش-ئاخىرى باغلاشقان، ئاددىلىقنىڭ ئىچىدە مۇرەككەپلىك، تىراگىدىيىنىڭ ئىچىدە كومىدىيە تولغان ئىكەن. يىغىپ ئېيتقاندا ھەربىر سۆزى دۇردانە، ھەربىر جۈملىسى يېگانە بولۇپ، بىز دېمەتلىكلەرنىڭ ئېسىل ئۆگىنىش دەستۇرى ئىكەن!
5. مەن ئەسلىدە بۇ بلوگدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدىم، ئۇنىڭ ھېچقانداق تەرەققىيات ئىستىقبالى قالمىدى دەپ قاراپ، قەلبىم قايغۇ-ھەسرەتكە لىققىدە تولغان ئىدى. ئەمما سىزنىڭ يېڭى يازمىڭىز ماڭا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى! ئۆچكەن ئۈمىد شاملىرىمنى گۈلخان قىلىپ ياندۇردى. سىز مېنىڭ ئۆلگەن كۆڭلۈمنى تىرىلدۈردىڭىز! مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن يۈرىكىمنى ۋولقان كەبى يالقۇنلاتتىڭىز!
6. ئاھ! يۈز يىلدىمۇ بىر ئۇچرىمايدىغان ئېسىل يازما! مۇشۇ قىسقىغىنا ئۆمرۈمدە مۇشۇنداق ئېسىل يازما بىلەن ئۇچراتقان تەڭرىمگە رەھمەت!
7. بەلكىم بۇندىن كېيىن يازمىلىرىڭىزنى كۆرەلمەسلىكىم مۈمكىن، بۇ ئىنكاسىم مېنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاسىم بولىشى مۈمكىن، چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن تورغا چىقالماسلىقىم مۈمكىن. بىراق بۇگۈن بۇ يازمىغا ئىنكاس يېزىۋالدىم. بۇ بىر ئۆمرۈم بىكارغا ئۆتمەپتۇ، ئەمدى بىر ئۆمۈر باشقا ئارمىنىم يوق!
8. بۇ يازمىنى ۋە باھالارنى كۆرۈپ يىغلىۋەتتىم!!!!!
كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن مېنىڭ دۆتلىكىم نەقەدەر ئوچۇق سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان ھە!!! سىلەرنىڭ يازما ۋە باھالىرىڭلار ماڭا يېڭى ھاياتلىق ئاتا قىلدى! تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدىن رەڭگارەڭ نۇرلار چاقناپ، سانسىزلىغان بىسلىق خەنجەرلەر ۋۇجۇدۇمغا تەگدى… مەن ئاستا-ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم، روھىم ئويغانماقتا!!!!!!
مەنبە؛ تورخۇمار تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-15 06:33 PM