ئەڭ پۇختا ئىشىك
% ]# \" q# y/ A7 w1 S) Lمەكتەپ زالىنىڭ ئىشىكىنى بىرسى تېپىپ سۇندۇرىۋېتىپتۇ.
بۇ بىچارە ئىشىك ئورنىتىلغاندىن بۇيان تېپىلمىگەن بىر كۈنىمۇ يوق. 15 - 16 ياشلىق بالىلارنىڭ دەل شۇنداق كەپسىز ۋاقتى بولغاچقا، ئىشىكنى پۇتى بىلەن تېپىپ ئېچىپ-كىرىشكە ئادەتلىنىپ قالغانىدى. مەكتەپ ئىلمىي مۇدىرىنىڭ بېشى قېتىپ كەتتى. ئۇ ئىشىك ئۈستىگە «پۇتىڭىز رەھىمدىلرەك بولسۇن»، «پۇتىڭىزنى ئاۋايلاڭ»، «مەن بىر ئىشىك، مەنمۇ ئاغرىقتىن قورقىمەن» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى چاپلاپ باققان بولسىمۇ، ھېچقانداق كار قىلمىدى. ئىشىك يەنە داۋاملىق سۇنىۋەردى.
باشقا مۇئەللىملەر مۇدىرغا :«ئىشىكنى تۆمۈر ئىشىككە ئالماشتۇرىۋېتەيلى، قېنى بالىلار بىر تېپىپ باقسۇن، پۇتى ئاغرىمدۇ ياكى ئىشىك سۇنامدۇ» دىيىشتى.
ئەمما مەكتەپ مۇدىرى كۈلۈپ تۇرۇپ: «سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن ئەڭ مۇستەھكەم ئىشىكتىن بىرنى بۇيرىتىپ قويدۇم» دېدى.
ناھايىتى تېزلا يېڭى ئىشىك ئورنىتىلدى. بۇ ئىشىك ئورنىتىلغاندىن كېيىن دەرۋەقە ھېچكىم ئۇنى تېپىپ باقمىدى. بالىلار ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز قەدەملىرىنى ئاستىلىتاتتى، قۇياش نۇرى ئىشىكنىڭ ئېچىلىپ - يېپىلىشىغا ئەگىشىپ كۆزنى چاقنىتاتتى...
بۇ ئىشىك قانداقمۇ مۇستەھكەم بولمىسۇن؟ ئۇنىڭغا ھەممەيلەننىڭ ئىشەنچى مۇجەسسەملەشكەن، ئاسانلا بەربات بولىدىغان چۈش كەبى نازۇك بىر نەرسە بالىلارغا قاپ يۈرەكلىك بىلەن تاپشۇرۇلغانىدى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق قەدىرلەش ۋە ئاسراشنى ئۆگىنىۋاتاتتى.
قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن كۆز قاماشتۇرۇپ نۇر چاقنىتىپ تۇرغان بۇ ئىشىك ئەينەك ئىشىك ئىدى.
+ ^& ^! X1 u! C/ I" ^: R2 L
پەرزەنت تەربىيىسىدىكى پاراسەت:
كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، كىچىك بالىلارمۇ ئوخشاش. ئەگەر بالىلارغا يېتەرلىك ئىشەنچ ئاتا قىلسىڭىز ئۇلارمۇ ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويمايدۇ.
نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى زىيادە قاتتىق باشقۇرۇۋېتىدۇ. بىز ھەر بىر بالىنىڭ بىر مۇستەقىل گەۋدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش پائالىيەت ئېڭى بارلىقىنى، ئەگەر بىز چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنى قوللانساق، ئۇلاردا قارشىلىشىش كەيپىياتى پەيدا بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق تەربىيىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەك.
ئىشەنچ كەم بولغان شارائىتتا، بالىغا ھە دېسە قاتتىق تەربىيە بېرىش ئارقىلىق نورمال پىسخىكىغا ئىگە بالا تەربىيىلەپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەگەر سىز تەربىيە ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى تەسىرلەندۈرسىڭىز، ئۇنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرسىڭىز، ئاندىن ئۇ ئاستا-ئاستا سىزنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىڭىزنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم بۇ تەربىيىدىن سۆيۈلۈش بەختىنى ھېس قىلالايدۇ.
2 ], o3 e# h6 ^5 V, w
« ئاتا-ئانىلار بىلىشكە تېگىشلىك 101 ھېكمەت » دېگەن كىتاپتىن.
E* E( X2 D! V