12-يانۋار ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسى كېڭەشنىڭ 12-نۆۋەتلىك 4-ئومومىي يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەردىكى كۆپ قىسىم سىياسى كېڭەش ئەزالىرى ئولتۇراق رايۇندىكى خۇجىلىق شىركەتلىرىنىڭ ئۆي ئىگىسىدىن ماشىنا توختىتىش ھەققى يىغىش مەسلىسىنى ئىنكاس قىلدى. سىياسى كېڭەش ئەزالىرى ئۆي ئىگىسىنىڭ روخسىتىسىز مەجبورى ھالدا ماشىنا توختىتىش ھەققى يىغىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىياسى كېڭەش ئەزاسى جاۋ ۋېيدۇڭ" جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى مال-مۈلۈك قانۇنى" نىڭ 73-ماددىسىغا ئاساسلانغاندا ئولتۇراق رايۇن ئىچىدىكى يول، يېشىللىق، جامائەت ئەسلىھەلىرى ۋە خوجىلىقتا ئىشلىتىدىغان ئۆيلەر ئۆي ئىگىلىرىگە تەۋە بۇلىدۇ دېدى.
" جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى مال-مۈلۈك قانۇنى" نىڭ 74-ماددىسىدا ئولتۇراق رايۇن ئىچىدىكى يول ۋە باشقا مەيدانلار ماشىنا توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە ئۆي ئىگىلىرىگە تەۋە بۇلىدۇ دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
ئولتۇراق رايۇنغا تەۋە بولمىغان سىرتنىڭ ماشىنىلىرى ئولتۇراق رايۇنغا كىرىپ ماشىنا توختاتقاندىن كىينكى ماشىنا توختىتىش ھەققى بارلىق ئۆي ئىگىلىرىگە تەۋە بۇلىدۇ، ئەگەر ھەممە ئۆي ئىگىلىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتسە بۇ پۇلنى ئولتۇراق رايۇندىكىلەر تارقىتىپ بېرىش ياكى جامائەت مۈلكىگە ئىشلەتسە بۇلىدۇ. دىمەكچى خوجىلىق باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ئولتۇراق رايۇندىكى ئەسلىھەلەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆي ئىگىلىرىدىن ھەق ئېلىش ئوقۇقىمۇ بولمايدۇ.
جاۋ ۋېيدۇڭ : بۇ توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش كۈچىنى زورايتىپ قالايمىقان ھەق يىغىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.
كېڭەش ئەزاسى جۇ جىيەنپو: "خۇجىلىق شىركىتى ئۆي ئىگىسى بىلەن ماشىنىنى ساقلاپ بېرىش توختىمى تۈزۈپ ھەق ئالسا خۇجىلىق شىركىتى قايسى مەسئولىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى توختامغا ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. ئەگەر ماشىنا ئولتۇراق رايۇن ئىچىدە جىجىلىپ كەتسە،سۈركۈلۈپ كەتسە پۇل يىغقۇچى تەرەپ بولغان خۇجىلىق شىركىتى قايسى مەسئولىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ قايسى تۆلەملەرنى تۆلەپ بېرىدۇ" دېدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 z& b# E* i% ~, F: [- f: @
مەنبە ئىقتىساد سالونىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! ~0 n9 j$ Z' S. ~% a( R* k
ئىزدەش نۇمۇرى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! y) r5 O4 D6 T0 g' W& g9 p7 @iktisad
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 E/ K, d6 P* ?0 G