مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3223|ئىنكاس: 17

(bilgejan) ئانا قانداق يېسە بالا شۇنداق بولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19724
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2078 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 01:12:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئېپىگېنتىكىلىق ئېرسىيەت ھەققىدە چۈشەنچە


بىلگەجان



نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئاشۇرۇش، چوڭلاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ھەقىقىي نېگىزلىك سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە شۇ ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاپ ساقايتىش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلمىي ئاساسلارنى تەمىنلەش بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ھازىر دۇنيادا نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنىڭ تۈپ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، نۇرغۇن كېسەللەرنىڭ ھامىلە يېتىلىش جەريانىدىلا باشلىنىدىغانلىقى، پەقەت ھاياتنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كەلگەندىن ئاندىن رەسمىي ئىپادىلىنىپ چىقىدىغانلىقى بارغانسىرى ئايدىڭلاشماقتا. تۆرەلمە يېتىلىش جەريانىدا ئانا تېنىدىكى ھەر خىل پاسسىپ مۇھىت ئامىللىرىنىڭ كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئوينايدىغان رولىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىگە ئائىت نۇرغۇن ئىلىمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ خىل مۇھىت ئامىلىنىڭ گېن تىپلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ جانلىقلارنىڭ فىنوتىپلىق (ئىپادىلىنىپ چىققان ئالامەتلەر) ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ئېپىگېنتىكا دەپ ئاتىلىدۇ.  

ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى سۈرەتكە قاراپ باقايلى:




سۈرەتتىكىسى بولسا ئاگوتى (agouti) چاشقىنى دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى ئوپمۇ-ئوخشاش گېنغا ئىگە بولغان چاشقان بولۇپ، بۇ خىل چاشقانلار نورمال ئەھۋالدا تۈك رەڭگى ساپسېرىق بولۇپ سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولىدۇ (سول تەرەپتىكىسى). ئەمما بۇ خىل چاشقانغا ھامىلدار ۋاقتىدا مىتىل گۇرۇپپىسى كۆپ بولغان فولىك كېسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇقلاپ بېرىلسە ئۇ ھالدا ئوخشاش گېنغا ئىگە بولغان چاشقان قوڭۇر رەڭلىك ۋە سېمىزلىك كېسىلى يوق چاشقان (ئوڭ تەرەپتىكىسى) بولۇپ يېتىلىدۇ.
http://discovermagazine.com/2006/nov/cover
ئاۋۋال، ئېرسىيەت دېگىنىمىز ئەجدادتىكى (بىئولوگىيىلىك) بەلگىلەرنىڭ ئەۋلادقا ئۆتۈشىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز بىلەن بولغان ئوخشاشلىقىمىز ئۇلارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسى ۋە ئىسپىرما ھۈجەيرىسىدىكى ئېرسىي ئۇچۇرلار (DNA كودى) غا بىزنىڭ ۋارىسلىق قىلغانلىقىمىزدىن بولغان. ئەمما شۇنى چۈشىنىش كېرەككى، DNA كودى ياكى گېنلار بىۋاستە ئېرسىي بەلگىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، بەلكى بىر نەچچە باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ. بىز ئادەتتە گېن دېگىنىمىز DNA نىڭ تۈزۈلۈش تەرتىپىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، گېنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش تەرتىپىگە مەخپىي سىغىرلار يېزىلغان. بۇ مەخپىي سىفىرلار گېن تۈزۈلۈشىدىكى A, C, G, T دىن ئىبارەت DNA تۈزۈلۈشىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىشقار رادىكاللىرىغا يېزىلغان بولۇپ، بىر گېن نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭ خىل ئىشقار رادىكالىنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر (مەسىلەن: ACCGCTGAACCGTAGCTAATGCGAACGATTTAACCG ....دېگەندەك). ئەمما بۇ گېنلار يېزىلغان سىفىر ئالدى بىلەن ئەلچىلىك رولىنى ئوينايدىغان ئەلچى RNA ياكى mRNA گە كۆچۈرىلىدۇ ۋە ئاخىرىدا ئاقسىلنى تۈزگۈچى بىرلىك بولغان ئامىنو كېسلاتالىرىغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. دەل ئاقسىللار بىزدىكى بارلىق بەلگىلەرنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دېمەك بۇ جەرياندا  (تومتاق قىلىپ ئېيتساق) كۆچۈرۈلۈش، تەرجىمە قىلىش دېگەندەك باسقۇچلار بولىدۇ. گېننىڭ ئاخىرى قانداق ئاقسىلنى ھاسىل قىلىشى گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىغا باغلىق بولۇپ، بۇ گېن سىفىرىدىكى كودلارنىڭ يېشىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئاقسىلغا ئايلىنىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. سىزگە گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپى دېگەننى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن ئاددىي بىر مىسالنى ئالاي. بىلگىنىڭىزدەك ئىسپىرما ھۈجەيرىسى تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇرۇقلىنىش يۈز بېرىپ زىگوتىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ياكى زىگوتا دەل يېڭى ئەۋلاتنىڭ بارلىق ئېرسىي ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئالاھىدە ھۈجەيرە، يەنى بارلىققا كىلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى جانلىق بولغان تۆرەلمىنىڭ (ئاخىرىدا تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ) بارلىق DNA ئۇچۇرلىرى شۇ بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن ئىبارەت يەككە ھۈجەيرىدىن كىلىدۇ. زىگوتىدىن بۆلۈنۈپ ھاسىل بولغان بارلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ DNA كودى شۇ ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ DNA كودى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئوخشاش گېنلار (DNA) غا ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەر يېتىلىش جەريانى تەدرىجىي ھالدا بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ.

بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال قويۇشىمىز تەبئىي: ئەگەر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلۈنگەندىن كېيىن ھاسىل بولغان بارلىق ھۈجەيرىلەر شۇ ئانا ھۈجەيرىگە ئوخشىسا، ئۇنداقتا ئوخشاش گېنلارغا ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەر نېمە ئۈچۈن ئاخىرىدا بەزىلىرى مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە، يەنە بەزىلىرى قان ھۈجەيرىلىرىگە ۋە ياكى بەزىلىرى تېرە ھۈجەيرىلىرىگە دېگەندەك .... بەدەننى تەشكىل قىلغۇچى نەچچە يۈز خىل ئوخشىمىغان ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ؟

نەق مۇشۇ سوئالنىڭ جاۋابى بىزگە گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپى دېگەن ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، يەنى ئوخشاش گېنلارغا ئىگە بولغان ھۈجەيرىلەر ئۇلار ئەتراپىدىكى ئوزۇقلۇق، ھورمۇن ۋە باشقا مۇھىت ئامىللىرى ۋە خوشنا ھۈجەيرىلەردىن كەلگەن سېگناللارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلى ئوپمۇ-ئوخشاش گېنلارغا ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق بەزى ھۈجەيرىلەردىكى مەلۇم گېنلار مەڭگۈلۈككە ئۇخلاپ قالىدۇ، پەقەت شۇ خىل ھۈجەيرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم بولغان گېنلارلا ئاكتىپ ھالەتتە داۋاملىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ ۋە گېنلارنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئىپادىلىنىپ چىقىپ قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قىلىشىمۇ مەلۇم ئامىللارنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ مەلۇم خىل ئالاھىدە فۇنكىسىيەگە ئىگە ھۈجەيرىگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، بىزنىڭ تىرە ھۈجەيرىمىز بىلەن جىگەر ھۈجەيرىمىزنىڭ ئوپمۇ-ئوخشاش گېنلارغا ئىگە بولۇپ تۇرۇپ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىقتىدارغا، مورفولوگىيەگە ئىگە بولۇشى دەل ئۇلارنىڭ ئالاھىدە گېن ئىپادىلىنىپ چىقىش تىپى نۇسخىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى تىرە ھۈجەيرىمىز بىلەن جىگەر ھۈجەيرىلىرىمىزدە ئوخشاش گېنلار بولسىمۇ، بارلىق تىرە ھۈجەيرىلىرىدە تىرە ھۈجەيرىسى بولۇشنى بەلگىلەيدىغان بىر توپ گېنلارلا ئاكتىپ ھالەتتە بولىدۇ؛ ئوخشاش قائىدە بويىچە بارلىق جىگەر ھۈجەيرىلىرىدىكى پەقەت جىگەر ھۈجەيرىسى بولۇشنى بەلگىلەشكە زۆرۈر بولغان گېنلارلا جىگەر ھۈجەيرىلىرىدە ئاكتىپ ھالەتتە بولۇپ قالغانلىرى قوزغالمايدۇ. دېمەك، يېتىلىش جەريانىدا ھۈجەيرىلەر مۇھىت تەسىرى بىلەن ئوخشىمىغان گېنلارنى قوزغىتىدۇ ياكى ئۇخلىتىدۇ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىسدە ھەر بىر خىل ھۈجەيرە ئۆزىگە خاس گېن ئىپادىلىنىش تىپلىرىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا ئوخشاش گېنلار بار تۇرۇپ بەزىلىرىنىڭ قوزغىلىشى، بەزىلىرنىڭ ئۇخلىشى قانداق كونتىرول قىلىنىدۇ؟

يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ دەل ئېپىگېنتىكىلىق مىخانىزىملار بىلەن كونتىرول قىلىنىدۇ. بىز DNA تەرتىپىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ گېننىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خېمىيىلىك ئۆزگەرتىشلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمنى ئېپىگېنتىكا دەپ ئاتايمىز. ئېپىگېنتىكىلىق كونتىرول مىخانىزىملىرى ئىچىدە ھازىرغىچە بىلىنگەنلىرى 3 خىل بولۇپ، بۇلار DNA تۈزۈلۈشىدىكى گۇئانىن(G) غا يانداش كەلگەن سىتوزىن (C) غا مىتىل (CH3-) گۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق شۇ CpG ئورۇنلاشقا گېننىڭ قوزغاتقۇچى رايونى پاسسىپلىشىپ شۇ گېن ئىپادىلىنىپ چىقمايدۇ، ياكى مەلۇم گېننىڭ قوزغاتقۇچى رايونىدىكى سىتوزىنغا قوشۇلغان مىتىل گۇرۇپپىسى ئىلىپ تاشلىنىش ئارقىلىق شۇ گېن قوزغىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل DNA نىڭ مىتىللىشىشى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئىككىنچى خىل مىخانىزىم دەل ھۈجەيرە يادروسىدا گېنلار (DNA مولىكۇلىسى) ناھايىتى كۆپ قاتلىنىپ قانۇنىيەتلىك ھالدا قاچىلانغان خىروموسومنىڭ ئاساسى بىرلىكى بولغان نۇكلىئوزومنى تۈزگۈچى ئاقسىللار بولغان ھىستونلارنىڭ ئاتسىتىللىشىشى. يەنى خىروموسوملارنىڭ زىچلىقى گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشى ۋە ئاكتىپلىشىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر خىروموسوملار شالاڭ تۈزۈلۈشتە بولسا گېنلارنىڭ ئاكتىپلىشىشىغا پايدىلىق، ئەگەر ناھايىتى زىچ بولسا پايدىسىز. خىروموسوملارنىڭ زىچلىقى ئۇلارنى تۈزگۈچى ئاساسى بىرلىك بولغان نۇكلىئوزوملارنىڭ ئىچىدىكى ھىستونلار دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىللارغا باغلىق بولۇپ، ئەگەر ھىستونلارغا ئاتسىتىل (CH3CO) گۇرۇپپىسى قوشۇلسا (يەنە باشقا بىر نەچچە خىل خېمىيىلىك ئۆزگەرتىشلەرمۇ مەۋجۇت) ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ زىچلىقى ئېشىپ كېتىدۇ ۋە گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشىغا پايدىسىز.

شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل DNA تېخى ئەلچى RNA ياكى mRNA گە كۆچۈرۈلمەستىلا گېنلارنىڭ ۋىكيۇچاتىلى (قوزغىتىدىغان ياكى ئۆچۈرىدىغان كونۇپكا دېسەكمۇ بولىدۇ) سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ ۋە بۇ پۈتۈنلەي گېن تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بەلكى مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. تۆۋەندىكى سىخىمىدىن بۇنى ئېنىقراق چۈشەنگىلى بولۇشى مۇمكىن:



ئۈچىنچىسى، مىكرو RNA لىق ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، microRNA ياكى miRNA مىخانىزىمى دەپ ئاتىلىدۇ. miRNA بولسا ناھايىتى قىسقا بولغان يەنى ئادەتتە 22 نۇكلىئوتىد (ئىشقار رادىكالى) دىن تۈزۈلگەن تاق باغلىق RNA لار بولۇپ، دەسلەپ بۇلارنىڭ رولى ئايدىڭ بولماستا «ئەخلەت گېنلار» دەپ ئاتالغان. ئەمما ئۇلار ناھايىتى مۇھىم كۆچۈرۈلۈشتىن كېيىنكى گېن ئىپادىلىنىشىنى كونتىرول قىلىدىغان كىچىك مولىكۇلالىق RNA لار بولۇپ، ئۇلارنىڭ رولى ئىپادىلىنىپ چىقىپ ئاقسىلغا تەرجىمە قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان گېنلار (mRNA) لارغا باغلىنىپ، شۇ باغلانغان گېننى پاسسىپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ چۈنكى RNA تاق زەنجىرلىك بولۇپ، مىكرو RNA بىلەن جۈپ تۈزۈپ قالسا تەرجىمە قىلىشقا قاتنىشالمايدۇ ياكى شۇ گېننىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇ ئارقىلىق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى كونتىرول قىلىشىنىڭ يەنە بىر قەۋەت ۋىكيۇچاتىلى بولۇپ قالغان.



يۇقرىدىكى ئۈچ خىل ئېپىگېنتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر گېننىڭ DNA تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ئاساسلىقى تۆرەلمە ۋە ھامىلە يېتىلىش جەريانى شۇنداقلا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى يېتىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلىرىدىكى مۇھىت ئامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بۇ تەسىرلەر يېتىلىشنىڭ ھالقىلىق بىر كۆزنىكىدە يۈز بەرگەن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ خىل ئۆزگەرگەن گېن ئىپادىلىنىش تىپلىرى بىر ئۆمۈر تەسىرىنى يوقاتمايدۇ ۋە كېيىنكى ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزدىكى بارلىق بىئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلەر ياكى فىنوتىپلار دەل بىزنىڭ گېنلىرىمىزنىڭ جۇغلانمىسى بولغان گېنوملىرىمىز بىلەن گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان ئېپىگېنوملىرىمىزنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر.


گېنوتىپ + ئېپىگىنوتىپ = فىنوتىپ

يۇقىرىدىكىسى ناھايىتى ئاددىي فورمۇلادەك كۆرۈنگەن بىلەن، تاكى يېقىنقى يىللارغىچە خۇددى سىز دېگەندەك ئالىملار بىزنىڭ بارلىق بىئولوگىيلىك خۇسۇسىيەتلىرىمىز (يەنى فىنوتىپىمىز) پەقەت گېنلارنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېپىگېنتىكا ھازىرچە نۇرغۇن كىشىلەرگە يەنىلا بىر قەدەر ناتونۇش. گېن مۇھىممۇ، مۇھىتمۇ؟ دېگەن سوئال دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان. 20-ئەسىردە كۆپ قىسىم گېنتىكاشۇناسلار گېنلارنىڭ رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلگەن بولسا، فىروئىد قاتارلىق نېرۋولوگىيە ئالىملىرى مۇھىتنىڭ رولىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېين، بولۇپمۇ 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئېپىگېنتىكىدىن ئىبارەت يېڭى پەننىڭ تىز تەرەققىياتى ۋە بىلىنگەن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، گېنتىكىلىق ۋە ئېپىگېنتىكىلىق ئامىللارنى ھەر ئىككىلىسى ئىنتايىن مۇھىم، بىرى كەم بولسا بىزنىڭ مۇكەممەل بىر جانلىق بولۇپ تۇرۇشىمىز مۇمكىن بولمايدۇ چۈنكى بىزدىكى بارلىق ئېرسىي ئالاھىدىلىكلەر گېن بىلەن مۇھىتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنىڭ مەھسۇلى. ئەلۋەتتە، ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئېرسىيەت قىلىشنى كونتىرول قىلمايدىغان مۇھىت ئامىللىرىنى ئېپىگېنتىكىلىق ئامىل دېيىشكە بولمايدۇ.

مەلۇم بىنورمال مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرى گېن ئىپادىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە كېيىنكى ئەۋلادقىمۇ ئېرسىيەت قالىدىغانلىقى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئاددىيلىرىدىن بىر قانچىنى مىسال قىلسام، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇقىرى روھىي بېسىمغا ئۇچرىغان ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك كېسەللىرىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال روھىي ھالەتتە ھامىلدار بولغان ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. ھايۋانات تەجىرىبىلىرىدىن كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل تەسىر ئىككىنچى، ھەتتا ئۈچىنچى ئەۋلادتىمۇ ئىپادىلىنىپ چىققان. چىشى چاشقان تۇغۇلۇپ دەسلەپكى 5 كۈن ئىچىدە ئۇنىڭغا ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستېروننى ئۇرغاندا، بۇ چىشى چاشقان چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەرگىز تۇخۇم ئىشلەپچىقارمىغان ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم بولغان. ئەمما چىشى چاشقانغا تېستوستېرون 20 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇلغاندا نورمال كۆپىيىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان. ھايۋانلاردا ئىشلەنگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بايقىلىشىچە، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى چوڭ بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىدىكى ئىشتىھانى كونتىرول قىلغۇچى رايونلار بىنورمال يېتىلىپ قالغان ۋە بۇ تەسىر نەۋرىلىرىدىمۇ ئوخشاشلا كۆرۈلگەن. نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلاردا دادا ۋە ئانىلارنىڭ تاماكا چېكىشى ياكى سىتروئىدلىق دورىلار بىلەن ئۇچرىشىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى (تۇخۇم ياكى ئىسپرما ھۈجەيرىلىرى)نىڭ گېن ئىپادىلەش تىپىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق ئەۋلادقا ئېرسىيەت قالىدىغانلىقىغا دائىر پاكىتلارمۇ بارلىققا كەلمەكتە.



ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىلا مەۋجۇت بولىدىغان بالا ھەمرىيى ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ئوزۇقلۇق بېسىمى، روھىي بېسىم ۋە ئوكسىگېن ... قاتارلىق مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە كۆڭۈلدىكىدەك يېتىلمەسلىكى مۇمكىن ۋە شۇ ئارقىلىق يېتىلىۋاتقان ھامىلىنىڭ ئېپىگېنومىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا تۇخۇم ھۈجەيرىلىرى ۋە ئىسپىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشىنىمۇ تەسىرگە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. دېمەك، گېنلارنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرى ئارقىلىق گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئېرسىيەت قىلىشىدىن باشقا يەنە گېن ئىپادىلىنىش تىپلىرىنىڭ ئېپىگېنتىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئېرسىيەت قىلىشىمۇ ئېرسىيەتنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر.

تامام.


ئەسكەرتىش: بۇ يازما پات ئارىدا توردا ئېلان قىلىنماقچى بولغان «ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى»دە سۆزلىگەن ئىلمىي دوكلاتىمنى چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن يوللاندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 05:45 AM  


توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13844
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 12:05:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۈر بىلگەجان ، بۇ يازمىڭىز كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ پايدىلىنىشىغا تولىمۇ باپ كەلگۈدەك ، بولۇپمۇئاتا- ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئادىتى ، ئۇزۇقلىنىش ئادىتى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى شۇنداقلا ئىلمى ،پاكىزە ئۇزۇقلىنىش ئادىتى يىتىلدۈرىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن .بولۇپمۇ ئانىلارنىڭ ھەقىقەتەن ھامىلدار بولۇشتىن ئاۋالقى يەنى تۇخۇم ئىشەپچىقىرىش ھارپىسى ۋە دەسلەپكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلىنىش شارائىتى ، روھى ھالەتلىرىنىڭ ياخشى يامانلىقى تۆرەلمىنىڭ ساغلاملىقىغا تولىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن . شۇڭا ئانا بولۇش ئالدىدىكى ئاياللار چوقۇم ئىنتايىن ياخشى بولغان كۈتۈنۈش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشلەرگە ئىرىشىشى دۇرۇس .

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 12:31:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئىلمى تېمىلارنىڭ كۆپ يوللانغىنى ياخىشى .رەھمەت .ئانىلار بىر تەربىيىچى بولۇپلە قالماي ئەۋلادلارغا ئۆمۈرلۈك نۇرغۇن نەرسىلەرنى قالدۇرىدىكەن .شۇڭا ئانىلىرىمىزنىڭ ،ئۇيغۇر قىز-ئاياللارىمىزنىڭ پەرزەنتلىرى ،مېللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرگە دىققەق قىلىشقا توغرا كىلىدىكەن .شۇنىڭ ئۈچۈن ،مۇنبەردىكى بارلىق قىز-ئايال قىرىنداشلىرىمغا رەھمىتىم ۋە ئۈمۈدۈمنى يەتكۈزىۋالاي .
        مۇنبەردىكى ئۇيغۇر ئانىلار،ئانا بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان قىرىنداشلىرىمنىڭ ،پەرزەنت ئۈچۈن نۇرغۇنلىغا چەكلىمىلەر ئۈنتۈنسىز قوبۇل ،ئۆزىڭىز خالىغان يىمەك-ئىچمەكتىن ،ھوزۇردىن ۋاز كىچىپ ،ساغلاپ پەرزەنت ئاتا قىلىش ئۈچۈن چەككەن جاپايىڭلارغا رەھمەت !

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1297
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 575 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 12:37:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈت جەۋھىرى ئىچىپ چوڭ بولغان بالىلار يۇۋاش چوڭ بولۇپ قالىدۇ دېگەن گەپ راستمۇ

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47836
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3329
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 12:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگەجاننىڭ بۇ مالىسىدىن بەك،ڭ سۆيۈندۈم ھەمدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،بىزنىڭ بەزى ئالىي مەكتەپلىرىمىزدىكى تەتقىقاتچى زىيالىيلىرىمىز،ماگىستىرلىق،دۇكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئىلىپ ،تۆت چاسا تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئىس بۇسىنى چىقارماي  ئولتۇرىدىغان،ئۆز خەلىقىگە ئۆزى تەتقىق قىلىۋاتقان ساھەدە ئازراق بۇلىسىمۇ بىر نەرسە دەپ بەرمەيدىغان زىيالىيلار بىلگەجاندەك بىر ھەقىقى زىيالىيدىن ئۆگىنىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81071
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 01:20:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرىدە سۆزلىمەكچى دەپسىز
بۇ ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىنىڭ يىغىن شۇمۇ ياكى باشقا يىغىنمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81071
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 01:44:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 12:37 PM
سۈت جەۋھىرى ئىچىپ چوڭ بولغان بالىلار يۇۋاش چوڭ بولۇپ ق ...


مېنىڭچە مەلۇم ئاساسى بار ، چۈنكى سۈت جەۋھىرىدە بېقىلغان بالىلار ئانىسىنى كۆپ ئىمەلمەيدۇ، بالا بوۋاق مەزگىلىدە ئىمۇنىت ئىقتىدارى ئاساسەن ئانىسىغا تايىنىدۇ، بىئولوگىيەدىن خەۋىرى بالا بىلىدۇ ،بالا ئانا سۈتى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئانتىتېلالار(بەدىنىمىزگە سىرتتىن كىرگەن باكتېرىيە، ۋىروس…قاتارلىقلارغا قارىشى تۇرۇپ ۋە ئۆلتۈرۈپ بىزنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىرخىل شارسىمان ئاقسىل) غا ئېرىشىدۇ، مەسىلەن IgG, IgM قاتارلىق . ئەمما سۈت جەۋھىرى شىركەتلىرى  ئىشلەپچىقارغان سۈت جەۋھىرىگە ئىمۇنىت ماددىسى ئانتىتېلانى قاتمايدىغۇ دەيمەن. دېمەك سۈت جەۋھىرىنى كۆپ ئىچكەن بالىلار ئانىسىنىڭ تېنىدىن ئانتىتېلاغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن ،ھەرتۈلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىدا سەل ئاجىز بۇلۇپ قېلىشى تەبىئيلا ، كېسەلنى ئالدىدا ئاجىز كەلگەن ئادەم تولا كېسەل بۇلىدۇ دېگەن گەپ ، تولاكىسەل ئادەمنىڭ مېنىڭچە كۈچىمۇ چاغلىق بۇلىشى مۇمكىن، كۈچى ئاز ئادەمنىڭ يۇۋاش بۇلۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن ئەمەس. ئەگەر يۇۋاش بولمىسا خەقتىن تاياق يەيدىغان گەپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   9bulaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 06:29 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81071
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3187
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-6-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 02:52:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 12:37 PM
سۈت جەۋھىرى ئىچىپ چوڭ بولغان بالىلار يۇۋاش چوڭ بولۇپ ق ...


مېنىڭچە مەلۇم ئاساسى بار ، چۈنكى سۈت جەۋھىرىدە بېقىلغان بالىلار ئانىسىنى كۆپ ئىمەلمەيدۇ، بالا بوۋاق مەزگىلىدە ئىمۇنىت ئىقتىدارى ئاساسەن ئانىسىغا تايىنىدۇ، بىئولوگىيەدىن خەۋىرى بالا بىلىدۇ ،بالا ئانا سۈتى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئانتىتېلالار(بەدىنىمىزگە سىرتتىن كىرگەن باكتېرىيە، ۋىروس…قاتارلىقلارغا قارىشى تۇرۇپ ۋە ئۆلتۈرۈپ بىزنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىرخىل شارسىمان ئاقسىل) غا ئېرىشىدۇ، مەسىلەن IgG, IgM قاتارلىق . ئەمما سۈت جەۋھىرى شىركەتلىرى  ئىشلەپچىقارغان سۈت جەۋھىرىگە ئىمۇنىت ماددىسى ئانتىتېلانى قاتمايدىغۇ دەيمەن. دېمەك سۈت جەۋھىرىنى كۆپ ئىچكەن بالىلار ئانىسىنىڭ تېنىدىن ئانتىتېلاغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن ،ھەرتۈلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىدا سەل ئاجىز بۇلۇپ قېلىشى تەبىئيلا ، كېسەلنى ئالدىدا ئاجىز كەلگەن ئادەم تولا كېسەل بۇلىدۇ دېگەن ، تولاكىسەل ئادەمنىڭ مېنىڭچە كۈچىمۇ چاغلىق بۇلىشى مۇمكىن، كۈچى ئاز ئادەمنىڭ يۇۋاش بۇلۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن ئەمەس. ئەگەر يۇۋاش يۈرمىسە خەقتىن تاياق يەيدىغان گەپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   9bulaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-15 07:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13689
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8806
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 04:00:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرزەنتى بار ئاتا- ئانا ئۈچۈن بەك ياخشى يوللانما بوپتۇ ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تىما بوپتۇ . ساغلام تەندە - ساپ ئەقىل ! كەلگۈسىنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان پەرزەنىتلىرىمىزنى ساغلام چوڭ قىلايلى !

ئاتا - ئانامنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن ،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111451
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 04:28:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. شۇ قەدەر ياخشى تېمىلارنى تەقدىم قىلىۋاتىسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش