مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 819|ئىنكاس: 4

ئىزدىنىش ئىچىدە چاقنىغان ياشىلىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112670
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 172
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 11:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىزدىنىش ئىچىدە چاقنىغان ياشىلىق



                          ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم




     ياشلىق قەدىرىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن گوياكى پاللىدە بىر چاقناپ گۈزەللىگى بىلەن قەلىپلەرنى لال قىلغۇچى ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايدۇ .شۇنچە قىسقا ،شۇنچە گۈزەل ،شۇنچە رەڭدار .شۇڭلاشقىمۇ بۇ قىسقىغىنە ياشلىقنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ،ياشلىقنىڭ ھەربىر پارچە مۇنبەت تۇپىرىقىغا رەڭمۇ-رەڭ گۈل ئۈندۈرۈش، گوياكى قوياشتەك ھارارەت ،تىز پۈكمەس جاسارەت بىلەن ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇش تولىمۇ زۆرۈردۇر .بۇ نوقتىنى ئىجتىھاتلىق ياش   روزى مەتسىدىق بالدۇرلا تونۇپ يەتكەن ئىدى . شۇڭلاشقا ئۇ ياشلىقنىڭ مۇنبەت ئېتىزىغا رەڭدار گۈل ئۈندۈرۈپ ، پەرۋىش قىلىش بىلەن تولىمۇ مەنىلىك ياشىدى.
روزى مەتسىدىق 1984-يىلى 6-ئايدا كېرىيەناھىيە توغرىغاز يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1990-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە توغرىغاز يېزىلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1998-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە شىنجاڭ ئېلىكتىر-ئېنىرگىيە مەكتىپىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان. 2002-يىلدىن 2004-يىلغىچە شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىدە بىلىم ئاشۇرغان. 2004-يىلىدىن 2012-يىلغىچە كېرىيە ناھىيە سىيەك يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ، كېرىيە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، كېرىيە ناھىيىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى تېخنىكا مەكتىۋى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. 2011-يىلى 7-ئايدا «بايقاش مائارىپ تورى»نى قۇرۇپ چىققان، 2012-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇر ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرۋاتىدۇ.
روزى مەتسىدىق كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىدە تىرىشچان، جاپاغا چىدايدىغان خارەكتىرنى يىتىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆيىدىن 9كىلومېتر يىراقلىقتىكى مەكتەپكە پىيادە بېرىپ-كېلىپ ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن يالغۇز ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆيىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆستىگە ئالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر كاللىسى، بىلىمگە ھېرىسمەنلىكى، يېڭىلىقنى بايقاشقا ماھىرلىقى بىلەن ئىزچىل ئوقۇتقۇچىلار ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن، ئىزچىل سىنىپ ھەيئەتلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. ئالى مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن سىنىپ بۇيىچە يېشىنىڭ ھەممىدىن كىچىك بولىشىغا، خەنزۇتىلى ئاساسىنىڭ تۈۋەن بولىشىغا قارىماي، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ناھايىتى تىزلا سىنىپتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا ئۆتكەن. ھەمدە خەنزۇتىلى بىلمەسلىكتىن خەنزۇ تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ گورۇپپا باشلىقىغا ئايلىنىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا مەكتەپتە ئۆتۈلۋاتقان دەرسلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، دەم ئېلىش ۋە تەتىل كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ. ئېنگىلىز تىلى، كومپيۇتېر كورۇسلىرىغا قاتنىشىپ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارغان. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇ ئۆزى مۇستەققىل ياساپ چىققان «قۇلاي ياردەمچى<< ۋە ساۋاقدېشى بىلەن بىرلىكتە ياساپ چىققان ئېلىكتىرونلۇق ئوقۇغۇچىلار خاتىرىسى قاتارلىق پىروگراممىلار ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ۋاقىتلار كېرىيە ناھىيىسىنىڭ «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتى ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى دەسلەپكى ۋە ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ تېزلا بۇ خىزمەتتىكى غوللۇق خادىمغا ئايلىنىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېراق مۇساپىلىق ئۈسكىنىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئىشلىتىش خىزمەتلىرىگە بىۋاستە قاتناشقان ۋە يىتەكچىلىك قىلغان. ھەمدە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس ئۆتكەن. ئۇ تەربىيەلىگەن خادىملار  ناھىيەدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش جەھەتتىكى تايانىچ خادىملارغا ئايلانغان. ئۇ يەنە ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەكتەپنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش بايلىقلىرىنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياخشى بولغان تېخنىكلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئارخىپلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر نەچچە قېتىم ۋىلايەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىدە بىر نەچچە قېتىم ئىلغار شەخىس ۋە مەكتەپنىڭ يىللىق خىزمەتلىرىدە ئۇدا مۇنەۋۋەرلىكنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا ئوقۇتۇش ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش جەھەتتىكى ئىلمىي ماقالىلىرى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.
ئۇ بىر نەچچە يىللىق مائارىپ ۋە ئۇچۇر-تېخنىكا ئىلمى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قۇلاي بولغان، ئۇلارنى تەكرار ئەمگەكتىن خالاس قىلىدىغان، مائارىپ بايلىقلىرى مول بولغان ئۇيغۇرچە تور بىكەتلىرىنىڭ كەمچىل بولىشى ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بىر تۈگۈن بولۇپ كەلگەن. ھەمدە مۇشۇنداق بىر تور بىكەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارزۇسى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بارغان. ئەمما خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، شۇنداقلا تور شارائىتى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىزچىل ئەمەلگە ئاشۇرالماي كەلگەن. 2011-يىلىغا كەلگەندە ئۇ قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزى ماتېرىيال كۆرۈپ، تور بىكەت قۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى ئۈگەنسە، بىر تەرەپتىن «بايقاش مائارىپ تورى» نامىدىكى مائارىپ تور بىكىتىنى قۇرۇشقا كىرىشكەن. بۇ جەرىياندا ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئائىلىسىگە سىملىق تور ياكى سىمسىز تور ئەكىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ھەركۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن 15 كېلومېتر يىراقلىقتىكى ناھىيە مەركىزىگە بېرىپ، تورخانىلاردا، دوستلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىدا كېچىلەپ ئىشلىگەن. ئىككى يىلغىچە ئۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە خاتىرجەم دەم ئېلىپ باقمىغان، ھەتتا قىش كۈنلىرى پار يوق، مەشتە ئوتمۇ يوق ئىشخانىدا نەچچە كېچىلەپ ئولتۇرۇپ پۇتىنى ئۈششىتىۋېلىشقا تاسلا قالغان. ئۇ «قانداق قىلسام تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى توردىن پايدىلىنالايدىغان قىلىمەن؟» دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ توردىن ماتېرىيال ئىزدەش ۋە چۈشۈرۈش پايدىلىنىشقا تولىمۇ ئېھتىياجلىقلىقىنى، قىزغىنلىقىنىڭمۇ يۇقىرلىقىنى ئەمما تورغا چىقىش، ماتېرىيال ئىزدەش ۋە چۈشۈرۈپ پايدىلىنىش بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى توردىن ئۈنۈملۇق پايدىلىنالماسلىقتەك بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھىس قىلىپ ئاساسى كۈچىنى تور مەشغۇلاتىنى قۇلاي قىلىشقا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تور بىلىملىرى بۇيىچە تەربىيەلەشكە قارىتىپ، ھەر بىر ئەزاغا سەۋىرچانلىق بىلەن تەپسىلى چۈشەندۈرگەن، بىر-بىرلەپ ئۆگەتكەن.
ئۇنىڭ بۇ تېرىشچانلىقىلىرى نەتىجىسىدە بايقاش مائارىپ تورى قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدە 15 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى، 120 مىڭغا يېقىن ماتېرىيال بار، كۈندىلىك چىكىلىشى 12مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن ئۇيغۇرچە مائارىپ تور بىكەتلىرى ئارىسىدىكى بىر قەدەر سېستىمىلاشقان، ماتېرىياللىرى تولۇق بولغان تور بىكەتكە ئايلاندى. ئەمما ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى، ئۇ توردىكى يوللانغان ماتېرىياللارنىڭ تەكرار بولىشى، پايدىلىنىش قىممىتى تۆۋەن بولۇش، زىيارەت قىلغاندا ئەسلى ماتېرىياللارنى تەپسىلى كۆرگىلى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈرۈمچىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش پۇرستىدىن پايدىلىنىپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كورۇسلارغا قاتنىشىپ ,JAVAscript,PHP HTML5,jQuery,AJAX,CSS,mySQL قاتارلىق تور پروگرامما تىللىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىگەللىسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى تەجىرىبىلىك، تايانچ ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان سۈپەتلىك مائارىپ ماتېرىياللىرى تەتقىقات گورۇپپىسىنى قورۇپ چىقىتى. ھەمدە ئەڭ ياخشى، ئەڭ سۈپەتلىك دەپ قارالغان مائارىپ ماتېرىياللىرىنى ماۋسۇملار بۇيىچە رەتلەپ، سېستىمىلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھەرقايسى يىللىق ماتېرىياللىرى ئاساسەن تولۇق بولغان، تور يۈزىدە كۆرۈش ئىقتىدارى سەپلەنگەن، ئوقۇتقۇچىلانى ئەڭ يۇقىرى  پايدىلىنىش  قىممىتى بىلەن تەمىن ئېتەلەيدىغان «بايقاش سۈپەتلىك ماتېرىياللار ئامبىرى» نى قورۇپ چىقىتى. بۇ دىيارىمىز تورچىلىقىدىكى يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە كىچىك تىپتىكى پىروگىراممىلاردىن بىر ئايلىق پىروگىراممىسىنى ساقلاپ ئاڭلىغىلى بولىدىغان« بايقاش تور رادىيوسى»، «بايقاش ئۇيغۇرچە قول كۆندۈرۈش دېتالى» قاتارلىق تور پىروگىرامملىرىنى يازغان ھەمدە بىر قانچە شىركەتنىڭ تور بىكەتلىرىنى ئىشلەپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە شۇ مەكتەپنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ، پىداگوگىكا ئۈنۋېسىتىتى، مالىيە ئۈنۋېسىتىتى، كەسپى ئۈنۋېستىتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بەرگەن، ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشكەن.
بايقاش مائارىپ تورىنى ھازىقى ھالغا ئەكىلىشتە روزى مەتسىدىق يۇقىرىقىدەك ۋاقىت ۋە زېھىن جەھەتتىن نۇرغۇن بەدەللەرنىڭ تۆلەپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادى جەھەتتىنمۇ ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىگەن. ئەمما ئۇنىڭ دائىم دەيدىغان گىپى «بايقاشنىڭ مەقسىتى ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئارىراق بولسىمۇ تۆھپە قۇشۇش، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغاقۇلايلىق يارىتىش، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىشىمىزدىن نەپكە ئېرىشەلىسە، بىز بايقاشلىقلارمۇ قىلغان ئەجرىمىزدىن رازى بولىمىز!»دەيدۇ.

ئەقىل بىلەن ھېسىياتنىڭ مۇناسىۋىتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغان ئادەم مەڭگۈ ئازاپ ئىچىدە ياشايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 01:45:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن ئېيتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112165
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2014-12-29
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 10:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112670
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 172
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2015-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-15 11:23:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۈرئىتى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-15 10:07 PM
مۇبارەك بولسۇن .

مۇتەپپەككۇر ، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇنداق بىر ھېكىمىتى بار :‹‹ پەقەت پۇل ئۈچۈنلا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى مەرىپەت بېغىدىكى مەدىكاردۇر ››   .  بۇ ھېكىمەت دەل ھەر بىر مائارىپچىدىن پۇل ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىلەن ئەۋلاد ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشكە ئۈندەيدۇ . دىمەك روزى مەتسىدىق ئىنىمىز ئەۋلاد ئۈچۈن جان كۆيدۈرگەن باغۋەن بولماستىن ، بەلكى ئۆز دائىرسىدىن ھالقىغان ھالدا نەچچە مىڭلىغان باغۋەن ئۈچۈنمۇ جان كۆيدۇرگەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇلۇغ ئىنساندۇر ! دەل مۇ شۇ ئىنىمىزنىڭ  ئەكسىچە  مائارىپ ساھەسىنى پاخال قىلىپ  يا ئەۋلاد ئۈچۈن جان  كۆيدۈرمەيدىغان ، يا جەمىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشمايدىغان ، يا ئادىمىيلىك پەزىلەت ، ئوقۇتقۇچىلىق ئوبىرازىغا لايىق ئىش قىلالمايدىغان ئاز ساندىكى جان باقتى ‹‹مۇئاشچىلار›› مۇ مەۋجۈت !  دىمەك روزى مەتسىدىق ئىنىمىز ئۆزىدىكى تالانىت ، مەسئوليەتچانلىق تۇيغۇسى ، بىلىمخۇمار روھى ، كەسىپچانلىق خاراكتىرى بىلەن مىڭلىغان ياشلارغا ۋە مائارىپچىلارغا ھاياتنى سۆيۈش ، كەسىپنى قەدىرلەش ، ياشلىقنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى . مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ياشاۋاتقان ياشلارنى تېخمۇ كۆپ كىشلەر تونىشى ، ئۆرنەك ئېلىشى كېرەك ، شۇڭا مېنىڭ بۇ تېمامنى تورداشلار ئۈندىداردا ، نوپۇزلۇق مۇنبەرلەردە تارقىتايلى ! جەمىيەت بىر مۇنەۋەر باغۋەندىكى تالانتنى ، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ، شەخسىيەتسىز خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلىسۇن !!!!

تېمىغا رەسىمنى قىستۇرۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ رەسىمنى قىستۇرۇپ قۇيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

روزى مەتسىدىق




تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-17 11:08 PM):
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار: http://baykax.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=25691

ئەقىل بىلەن ھېسىياتنىڭ مۇناسىۋىتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىغان ئادەم مەڭگۈ ئازاپ ئىچىدە ياشايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 981
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-16 12:25:35 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تور بىكەتنىڭ تىخىمۇ نورلىنىشىنى . تىخمۇ گۈللىنىشىنى .ئۆمىد قىلىمەن .

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش