|
|
|
|
“ئازاتلىق جەڭچىسى رىزۋانگۇلنى خاتىرىلەيمەن!” سەرلەۋھەلىك بۇ تېمىنىڭ ئىگىسى ،تارىخى مەزمۇنغا باي بىركۈندە بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپتۇ ۋە خالىغانلارنىڭ بىرەر نەرسە يېزىپ قويۇشىنى تەشەببۇس قىلىپتۇ.مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ چىقىۋاتقان ۋاقتىمىدىلا ھۆرلۈك،دېمۇكىراتىيە ئۈچۈن ،ئىپپىتىنى قوغداش ئۈچۈن جان بەرگەن نۇزۇگۇم،مايىمخان،رىزۋانگۆل قاتارلىق شېھىتلىرىمىز بىر رىشتىگە چىگىلگەن ھالەتتە كۇزئالدىمدا نامايەن بولدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ ناخشا تېكسىتىنى يېزىپ قويدۇم.سەنئەت ساھاسىدىكى بۇرادەرلىرىمدىن نۇرمۇھەممەت رۇزى ياكى پەرھات ئابىتنىڭ ۋە ياكى خالىغان بىرسىنىڭ ئاھاڭ ئىشلەپ ئەلگە تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
رىزۋانگۈلنى ياد ئەتتىم
قاسىم سىدىق
(ناخشا تېكسىتى)
رىزۋانگۆلنى ياد ئەتتىم،
ئۇ ئۆسكەن گۆزەل يورىتتا.
ئىزىنى تاۋاپ قىلدىم،
ئۆرتەندى يۆرەك ئوتتا.
نۇزۇك دار بىلەن كەتتى،
ئىپپەت-ئاربىلەن كەتتى.
رىزۋانگۈل ئاكوپلاردا،
ئىپتىخار بىلەن كەتتى.
بوينى كېسىكتە چاپقان،
مايىمخاننىڭ بوينىنى.
كەڭ ئاچقاندۇ رىزۋانغا،
ئۇ ئالەمدە قوينىنى.
ئېگىچە -سىڭللارنىڭ،
ياتقان يېرى رىزۋاندۇر.
ئىپپەت ھەم غۇرۇرىنى،
قۇغدىغان چىن ئىنساندۇر!.
2015.1.14
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 09:18 PM
|
|
|
|
|
|