تور ئارىلاۋېتىپ «كېمە ئارىيەتكە ئېلىپ دەريادىن ئۆتۈش» دەيدىغان بىر سىناقنى كۆرۈپ قالدىم، ئۆزۈم بىر ئىشلەپ باقسام راسلا توغرىدەك. شۇ پۇرسەتتە ۋېيشىندىكى بىر قانچەيلەنگىمۇ ئەۋەتىپ بەردىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى توغرىكەن، بەزىلىرى بوپ قالىدىكەن دېيىشتى. ئەمما ئىنچىكە ئويلاپ باقسام، يەنىلا توغرىلىق نىسبىتى يۇقىرىكەن. شۇ بەزىلەر ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىماي قالىدىكەن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇ سىناقنى ئۆزلەشتۈرۈپ مىسرانىم دىكى باللا بىلەن بىر ئورتاقلىشاي. نەتىجىسى توغرا چىقىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى، شۇڭا ئىنكار قىلىپ تۇرىۋالىدىغان ئىشنى قىلماڭلار. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ سىناققا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە رەسىم. بىراق رەسىمنى قويۇپ تۇرۇپ ئاۋال ھېكايىنى ئاڭلايلى.
مەلۇم بىر يىگىت M ئۆزىنىڭ لايىقى F بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپتۇ. ئەمما بۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسىنى بىر دەريا ئايرىپ تۇرىدىكەن. M چوقۇم بىر كېمە تاپقاندىلا ئاندىن دەريانىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ F بىلەن كۆرۈشەلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن M تۆت ئەتراپتىن كېمە ئىزدەشكە باشلاپتۇ. بۇ چاغدا M غا كېمىسى بار قىزچاق L ئۇچراپتۇ، M يىگىت L قىزچاقتىن كېمىسىنى بېرىپ تۇرۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ، ئەمما L قىزچاق M نى ئۇچراتقاندىن باشلاپلا ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ھەم M غا دەپتۇ: مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟ M بىراز راستچىل بولغاچقا دەپتۇ: كەچۈرۈڭ، مېنىڭ لايىقىم بار، سىزنى ياخشى كۆرەلمەيمەن. شۇ سەۋەپ بىلەن L كېمىسىنى M غا قەتئىي بەرمەپتۇ. ئۇنىڭ باھانىسى بولسا: مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، سەن مېنى ياخشى كۆرمىسەڭ، بۇ ئادىل بولمايدۇ، شۇڭا كېمەمنى ساڭا بېرەلمەيمەن! ئۈمىدسىزلەنگەن M داۋاملىق كېمە ئىزدەشكە باشلاپتۇ ھەم S ئىسىملىك يەنە بىر كېمىسى بار قىزچاققا ئۇچراپتۇ. S نىڭ كېمىسىنى كۆرگەن M ئۇنىڭدىن ئارىيەتكە بېرىپ تۇرۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ. S بۇنىڭغا جاۋابەن دەپتۇ: كېمەمنى بېرىپ تۇرسام بېرىپ تۇراي، ئەمما بىر شەرتىم بار. مەن سىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم، سىزنىڭ مېنى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىڭىز بىلەن كارىم يوق، ئەمما چوقۇم ماڭا بىر ئاخشام ھەمرا بولۇشىڭىز كېرەك، بولمىسا كېمەمنى بېرىپ تۇرالمايمەن. M بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەك تەڭقىسلىقتا قاپتۇ. L كېمىسىنى بەرمىسە، S مۇ بەرمىسە، ئۇنداقتا ئۇ قارشى قىرغاقتىكى سۆيگىنى F بىلەن كۆرۈشەلمەيتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يېقىن ئەتراپتا پەقەت مۇشۇ ئىككىيلەننىڭلا كېمىسى بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن M ئامالسىز S نىڭ شەرتىگە قوشۇلۇپتۇ، S مۇ كېمىسىنى M غا بېرىپ تۇرۇپتۇ. لايىقى F نى كۆرگەندىن كېيىن M ئىزچىل بۇرۇختۇرما بولۇپ يۈرۈپتۇ ۋە ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، ئاخىرى بىر كۈنى بولغان ئىشلارنى F غا ئېيتىشنى قارار قىپتۇ. ئەپسۇس، F بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق ئازاپلىنىپتۇ ۋە ئاچچىغىدا M نى تاشلاپ كېتىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ نەزىرىدە M ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغان بولۇپ، بۇنى F ھەرگىزمۇ كەچۈرەلمەيتى. M مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قاتتىق ئازاپلىنىپتۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا يەنە بىر قىز E پەيدا بوپتۇ ۋە ناھايىتى تېزلا ئىككىيلەن مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بوپتۇ. ئەمما ئىلگىرى بولغان ئىشلار M نىڭ كاللىسىدىن پەقەت كەتمەپتۇ، بىرەر ئىشنى سەزگەن E قىزچاق M دىن سوراپتۇ: ماڭا دەيدىغان بىرەر گېپىڭىز بارمۇ قانداق؟ شۇنىڭ بىلەن M ئۆزىنىڭ L/S/F لار بىلەن بولغان ئىشىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە E غا سۆزلەپ بېرىپتۇ. E ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ ئىشلارنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى، ھېچقانداق ئارتۇقچە ئويلىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. خوش، ھېكايىنى سۆزلەپ بولدۇق. ئەمدى سوئال سورايدىغان ۋاقىت بولدى. ئەمدى سىز يۇقىرىدىكى بۇ كىشىلەرنى رەت-تەرتىپتە تىزىپ چىقىڭ. يەنى ئۆزىڭىزنىڭ نەزىرىدە كىم ئەڭ ياخشى، كىم ئۇنىڭدىن قالسا ياخشى، كىم 3 كىم 4 كىم 5-رەتكە تىزىلىدۇ؟ ھەممەيلەننى رەتكە تىزىپ چىقىڭ. يۇقارقى يىگىت M مۇ بۇ رەتنىڭ ئىچىدە بولسۇن. بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كەتمەڭ، ھەم بەك ئاممىباب تەپەككۇر قىلىپمۇ كەتمەڭ. سىزنىڭ نەزىرىدە كىم ياخشى قىلغان بولسا شۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە ئاستىدىكى ئىنكاس رامكىسغا يۇقارقى بەشەيلەننىڭ ھەرىپىنى رەت-تەرتىپكە تىزىپ يېزىشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددى. يەنى كاللىڭىزغا كەلگەن تۇنجى ئوي-پىكىر بىلەن بۇلارنى تىزىپ چىقسىڭىزلا بولىدۇ. قېنى ئەمىسە، مەرھەمەت. دىققەت: سىزنى 5 نىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاڭ دېگەن گەپ ئەمەس، مۇشۇ 5 نى ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن تەرتىپتە تىزىڭ . مەنبە:تورخۇمار تورى
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-19 11:15 PM):
جاۋابى:
M پۇلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ – Money
L مۇھەببەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ – Love
S جىنسىي
|