يېتىلىۋاتقان ئەزا
خاھلىساڭ،جىسمىمنى پايخان ئەيلىگىن، خاھلىساڭ،بارىمنى ۋەيران ئەيلىگىن. رازىمەن، ئۆمرۈم بۇيى خۇرسەندىمەن، مەيلى تا، ھەجرىڭدە سەرسان ئەيلىگىن. سەن ئۈچۈن روھىم مىنىڭ مەجرۇھ ھامان، كەت، ئەقىدەمنى پەرىشان ئەيلىگىن. گۈل ئارا قاچقان تىكەندىن،مەرد ئەمەس، مەن ئۈچۈن ھەجرىڭنى مەيدان ئەيلىگىن. بۇ يۈرەك سەندىن بۆلەكنى خالىماس، يار! پىراقىڭدا ئۇنى قان ئەيلىگىن. ئال يۇلۇپ،كەتكىن،يوقالسۇن سەن بىلەن، يا كېلىپ،ئۆزۈڭنى جانان ئەيلىگىن… 2 سېنى ھەر ئويلىسام دىلبەر دىگەيمەن، يۈرەك غەمىڭ ئۈچۈن مۇنبەر دىگەيمەن. پىراقتىن سارغىيىپ ، مىسكىن غازاڭمەن، سېنى پەرۋازدىكى كەپتەر دىگەيمەن. نىگاھىڭ جان ئالۇر،مۇشتاقىمەن،ئۇ ــــــ يۈرەك تەشنا،شېرىن نەشتەر دىگەيمەن. نە بەخت ، دىلبەر،ناگاھ ئۆتسەڭ كوچامدىن، ئاياغىڭدا ئۆزۈم خاك ـــــ يەر دىگەيمەن. نە ھەددىم ئەيلىمەك زىكرىڭنى تىلدا، سىياھ قانىم،دىلىم دەپتەر دىگەيمەن. پىراقىڭدا كۆڭۈل ئۆلدى،نىھايەت داۋاسى كۆكسۈمە خەنجەر دىگەيمەن. كېتەرسەن ئاقىۋەت،ئەمما ئاشۇ چاغ، قىرانىچۈن،قارا مەھشەر دىگەيمەن. ئۇستازلار تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىمىغاي. ــــــ رۇسۇل ئۆمەر قىرانى
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
يىـڭى ئــەزا
تىرىشچان ئەزا
دائىملىق ئــەزا
bulaksu2 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 06:22 PM شېئىرىڭىزدا ھېسسىيات خېلى قويۇق ئىكەن. «خالىساڭ» ...
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ