مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 22097|ئىنكاس: 84

(bilgejan) نەۋرىنى-نەۋرىگە چاتامدۇق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19724
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2078 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 07:14:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نەۋرە تۇغقانلار ئارا توي قىلىشىنىڭ ئەۋلادقا بولغان تەسىرى ھەققىدە


بىلگەجان



بىرىنچى نەۋرە ۋە ئىككىنچى نەۋرە تۇغقانلارنى بىر-بىرىگە ئۆيلەپ قويۇش دۇنيا مىقياسىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسە بولۇپ، يېقىنقى زاماندا گېنتىكا ئىلىمىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن بۇ خىل ئەنئەنىگە خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى كۆز-قاراشلار باش كۆتۈرگەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نەۋرىنى نەۋرىگە ئۆيلەپ قويۇش (چېتىش) ھادىسىسى ھازىرمۇ ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىشلاردىن. بۇ مەدەنىيەت، دىن ۋە ھەر خىل ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بىر ئىش بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئوخشىمىغان يۇرت كىشىلىرىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا چۈشىنىشىمۇ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. مەن كىچىكىمدىن ئاڭلاپ (ئانامدىن ۋە باشقىلاردىن) چوڭ بولغان بىر قاراش بولسا مۇنداق ئىدى:

دادا تەرەپتىن نەۋرە بولسا چاتسا بولىدۇ، ئانا تەرەپتىن نەۋرە بولسا ئاچا-سېڭىل بالىلىرىنى بىرى-بىرىگە ئالماشتۇرۇپ ئېمىتمىگەن بولسا ئاندىن بالىلىرىنى چاتسا بولىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ مەسىلىگە سىلەر قانداق كۆز قاراشتا؟ سىلەر يەنە قانداق كۆز قاراشلارنى ئاڭلىغان؟

دۇنيانىڭ بەزى جايلىرىدا بۇ خىل ھادىسىگە يول ئوچۇق بولۇپ، نەۋرە تۇغقانلار قانۇن بويىچە ئۆزلىرى خالىغانچە تويلاشسا بولىدۇ. يەنە بەزى دۆلەتلەردە بۇ ئىش چەكلەنگەن ياكى مەلۇم رايونلاردا چەكلەنگەن. ئامېرىكىنى مىسال قىلسام، ئامېرىكىدىكى 50 شىتات ئىچىدە 19 شىتاتتا بىرىنچى نەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشى قانۇنلۇق بولۇپ، قالغان شىتاتلار بۇ خىل قىلمىش قانۇن تەرىپىدىن چەكلەنگەن. ئامېرىكا جەمئىيىتىدە بۇ ئىش ئومۇمەن قارشى ئېلىنمايدىغان بولۇپ، بۇنداق بولۇشىنىڭ مەلۇم سەۋەبى بار. ھالبۇكى، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە نەۋرە تۇغقانلارنىڭ تويلىشىشى ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ، 30% ياكى ھەر 3 يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئىچىدە 1 جۈپى نەۋرە كىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا نەۋرىنى چېتىش بەكلا ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەتتا 70% تىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

قارىشىمچە، بۇ بىز چوقۇم دېققەت ئېتىبارىمىزنى ئاغدۇرىشىمىز زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، گېنتىكا تەتقىقاتى بۇنىڭ ئۈچۈن قىممەتلىك ئىلمىي پاكىتلارنى تەمىنلىيەلەيدۇ. بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دېققىتىگە سۇنۇشتا، يەنە بىر ئويلىغىنىم دىيارىمىزدا يۇرت ئاتلاپ توي قىلىش ئادەتلىرى تېخىچە كۆپ ئومۇملاشمىغان بولۇپ ئوخشاش يۇرتتا، ئوخشاش بىر ئەجدادتىن كەلگەن ئوخشاش بىر مىللەت، بىر توپ كىشىلەرنىڭ دائىم ئۆز ئىچىدىن توي قىلىشى بەلكىم ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك كەلگۈسى ساغلاملىقىغا سەلىبىي تەسىر ئېلىپ كىلىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.

يېقىندىن بىرى، مەندىن مۇشۇ ھەقتە بىر قانچە قېتىم سوئال سورالدى ۋە بۇ قىزىقارلىق مەسىلە ئۈستىدە مەن ئازراق ئىزدەنگەنلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي دەيمەن. ئالدى بىلەن تەكىتلەيدىغىنىم، نەۋرە تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشقا بولۇش-بولماسلىقى، ياكى قانداق پاسسىپ (ياكى ئاكتىپ) نەتىجىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھېلىھەم تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، نەۋرە كىلىدىغان قىز-يىگىتلەر تويلاشسا ئىرسىيەت قانۇنىيىتى بويىچە بىر قىسىم كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى يوشۇرۇن گېنلارنىڭ ئۇلارنىڭ بالىلىرى ياكى كېيىنكى ئەۋلادلىرىدا ئىپادىلىنىپ چىقىپ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار راس شۇنداقمىدۇ دەپ كىشىنى ئىككىلەندۈرۈپ قويىدۇ. مەسىلەن، ھەر قايسى ئەل خان جەمەتلىرى ئىچىدە نەۋرە تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما ئۇلار شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان خىلى ساغلام ياشاپ كەلمەكتە. يەنە ئويلىساق، داڭلىق بانكىرلار جەمەتى بولغان روسچىلد جەمەتى ئىچىدىمۇ نەۋرە تۇغقانلارنىڭ توي قىلىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چارلىز دارۋىن، ئالبېرت ئېينىشتېيىن قاتارلىق داڭلىق ئالىملارمۇ نەۋرە تۇغقىنى بىلەن توي قىلغان بولۇپ ساغلام پەرزەنتلەرنى كۆرگەن (دارۋىن 10 پەرزەنت كۆرگەن). ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرىدە 3-نەۋرە ئۆز ئارا توي قىلىش كۆپ بولغان كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى تېخىمۇ كۆپ پەرزەنتلىك بولغان بولۇپ، بۇ نەتىجە ھازىرقى مودا كۆز قاراشقا قارشى بولۇپ، ئەمەلىيەت بۇ توپتا كىشىلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. كۆپىنچە جايلاردا، 2-نەۋرىلەرنى بىر-بىرىگە چېتىش قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش بولسىمۇ، ئەمما 1-نەۋرە كىلىدىغان تۇغقانلارنى ئۆيلەپ قويۇش كۆپلىگەن جەمئىيەتلەردە زور قارشىلىققا ئۇچرايدۇ. مەن بۇ يەردە پەقەت مۇشۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم نەۋرىلەرنىڭ چېتىشنىڭ زېيىنى بار-يوقلۇقى ئۈستىدە پاكىتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن سىلەرنى خەۋەردا قىلاي دەيمەن.

2002-يىلى ئاپرىلدا، گېنتىكىلىق مەسلىھەت ژورنىلى بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى نەۋرىلەرنى بىر-بىرىگە چاتقاندا بالىلىرىنىڭ كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىش نىسبىتى 1.7-2.8% ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ نىسبەت 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭ تۇغقان بالىلىرى بىلەن ئوخشاش چىققان. بۇ نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكا جەمئىيتىدە زور غۇلغۇلا قوزغالغان بولۇپ، ئوبزورچىلار (تەنقىدچىلەر) بىرىنچى نەۋرىلەرنى توي قىلىشتىن چەكلەشنىڭ ئىلمىي ئاساسى 41 ياشتىن ئاشقان ئاياللارنىڭكى بىلەن ئوخشاش تۇرسا نېمە ئۈچۈن يېشى چوڭ ئاياللارنىڭ تۇغۇشىغا يول قويۇپ بىرىنچى نەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشىنى چەكلەيمىز؟ دەپ مۇنازىرە قىلغان.

2014-يىلى، ھېندىستاننىڭ شىمالىدىكى جاممۇ ۋە كەشمىر رايونلىرىدا ئىلىپ بېرىلغان 2 تەتقىقات نەتىجىسى ھېندىستان ئالىگار مۇسۇلمانلار ئۇنىۋېرستېتىدىكى موھىد پەرىد ۋە مۇھەممەد ئەفزەل قاتارلىق ئالىملار تەرىپىدىن «پىلوس بىر» ۋە «ئامېرىكا ئىنسان بىئولوگىيسى ئىلمىي ژورنىلى» دېگەن ئىلمىي ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نەۋرىلەر ئارا توي قىلغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا ئەقلىي قىلمىش، بوي ئېگىزلىك، ئېغىرلىق ۋە بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكسى قاتارلىق تۈرلەردە سۈپەتنىڭ كۆرنەرلىك ناچار ئىكەنلىكى ھەققىدە پاكىتلارنى تەمىنلىگەن ۋە شۇ رايوندىكى نەۋرىلەرنىڭ تويلىشىش ئادىتىگە قارشى تۇرغان.

پاكىستاندا نەۋرىلەرنىڭ ئۆز-ئارا توي قىلىشى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بىر ئادەت بولۇپ، تەتقىقاتلارغا قارىغاندا گەرچە ئايرىم ئەھۋاللاردا نەۋرىلەرنىڭ توي قىلىشىنىڭ خەتىرىنى ئۇنچىۋالا چوڭ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بىر توپ ئىچىدە ئۇزاق مەزگىل نەۋرىلەر ئارا چېتىشىش ھادسىسى كەڭ ئومۇملاشقان شارائىتتا ئەھۋال كۆپ ناچار بولۇپ چىققان. بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتلىشىچە، بىر قوش بىرىنچى نەۋرىلەر (دادىسى ۋە ئانىسى ھەر ئىككىلى تەرەپتىن نەۋرە كىلىدىغانلار) ئۆز-ئارا تويلاشقان كىشىلەر توپلىرىدا، بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى 12.7%  بولغان، بىرىنچى نەۋرىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ بولسا 7.9%، ئىككىنچى نەۋرىلەرنىڭ 6.9% چىققان بولۇپ، بۇ نەۋرىلەر ئارا توي قىلمىغانلارنىڭ ئەۋلادىدا كۆرۈلىدىغان ئۆلۈش نىسبىتى 5.1% تىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى. قوش بىرىنچى نەۋرىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىدا كۆپىيىش يېشىغا يېتىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىچىدە 41.2 پىرسەنتى دەل يوشۇرۇن گېنلارنىڭ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا بېرىپ تاقالغان، ئەمما بۇ سان بىرنىچى نەۋرە، ئىككىنچى نەۋرە، نەۋرىلەر ئارا توي قىلمىغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 26.0%، 14.9% ۋە 8.1% بولغان.

لاتىن ئامېرىكىسى تۇغما كەمتۈكلۈك ھەمكارلىق تەتقىقات تۈرىنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، نەۋرىلەر ئارا توي قىلىش بىلەن بالا مېڭىسىنىڭ ھەددىن زىيادە چوڭ بولۇشى، ئارتۇق بارماقلىق تۇغۇلۇش ۋە ئېغىز-بۇرنى ئاجراق تۇغۇلۇش قاتارلىقلار بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئورتاق ھالدا نەۋرىلەرنىڭ تويلىشىشى بىلەن تۇغما يۈرەك كېسىلى ئوتتۇرىسىدىمۇ ئوڭ تاناسىپلىق باغلىنىش بايقالغان بولۇپ، نەۋرىلەر توي قىلغانلارنىڭ بالىلىرى ئىچىدە بۇ كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نېسبىتى ھەر مىڭ ئادەمدە 50 كىشى بولغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوخشاشلا نەۋرە تۇغقانلار توي قىلسا تۇغما يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇغۇلىدىغان بالىلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا ئايدىڭ بولغان. بىر قىسىم كىشىلەر توپلىرىدا ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىمۇ نەۋرىلەر توي قىلغانلارنىڭ ئەۋلادلىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغانلىقى دوكلات قېلىنغان.


يۇقىرىدىكى ئىلمىي پاكىتلاردىن باشقا، بۇ جەھەتتە ئەمەلىي مىساللارمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەنگىلىيەدىكى پاكىستان كۆچمەنلىرى بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. دۇنياغا داڭلىق ئەنگىلىيە ئاخبارات ئورگىنى BBC نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەدىكى پاكىستانلىقلارنىڭ 55% بىرىنچى نەۋرە كىلىدىغان تۇغقىنى بىلەن توي قىلغان. بۇ ئەھۋال ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقاچقا، نۆۋەتتە بۇ توپتىكى نۇرغۇنلىغان بالىلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بىرىنچى نەۋرىلەر تويلاشقانلاردىن تۇغۇلغان. بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرى ئىچىدە گېنتىكىلىق كېسەللەرنىڭ كۆرۈلۈش نېسبىتى ئەنگىلىيەدىكى باشقا كىشىلەر توپلىرىغا سېلىشتۇرغاندا 13 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. BBC يەنە مۇنداق دوكلات قىلىدۇ:  پاكىستانلىق قېنىدىن بولغان ئەنگىلىيىلىك بالىلار (پاكىستانلىق ئەنگىلىيلىكلەر دەپ قىسقارتىمەن) پۈتۈن ئەنگىلىيەدە تۇغۇلىدىغان بارلىق بالىلارنىڭ ئاران 3% ئىگىلەيدىغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيەدە گېنتىكىلىق كېسەل بىلەن تۇغۇلغان بارلىق بالىلارنىڭ 30% نى تەشكىلى قىلىدۇ. تۇغما كەمتۈكلۈك پاكىستانلىق ئەنگىلىيىلىكلەر بالىلار ئىچىدىكى ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ 41%گە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. BBC مۇشۇ توپقا تەۋە بولغان مايرا ئەلىنى زىيارەت قىلغان. مايرانىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ، بوۋا-مومىسىمۇ بىرىنچى نەۋرە كىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان بىر يوشۇرۇن گېن كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇ كېسەل Epidermolysis bullosa دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتا بولغۇچى ھەرۋاقىت چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابى تارتىدىكەن، كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ قېينغا توختايدىغان بولۇپ، ئاخىرى تىرە راكى بولۇپ بالدۇرلا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. نەۋرىلەرنىڭ تويلىشىشىنىڭ بۇ خىل يوشۇرۇن گېنلار تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدىغان كېسەللەرنىڭ كىلىپ چىقىش نىسبىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلىپ، مايرا نەۋرىلەرنىڭ تويلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.


سۈرەتتىكى ئايال بولسا بىر نەپەر يۇقىرىدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچى بولۇپ، بەدەن پۈتۈنلەي يارا بولۇپلا تۇرىدىغان بولغاچقا تېڭىۋىلىش زۆرۈر

ئومۇميۈزلۈك گېن تەكشۈرتۈش ۋە گېنتىكىلىق مەسىلىھەت سوراشنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەرلىك ئاھالە توپلىرىنىڭ گېنتىكىلىق كېسەللەردىن ساقلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى دۆلەتلەردە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىدە بۇ خىل مەزمۇنلارنى ئۆتۈش ئارقىلىق نەۋرىلەرنىڭ چېتىشنى ئازلاتقان، بۇ جەھەتتە بەھرەيىن زور نەتىجىگە ئېرىشكەن. ئەنگىلىيە گېنتىكا كومېتىتى 2008-يىلىدىن بۇيان يۇقىرى خەتەر ئىچىدىكى ھامىلدارلارغا گېنتىكىلىق مەسلىھەت مۇلازىمىتى قىلىشنىڭ بارلىق دوختۇرخانىلاردا ئەمىللەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، بۇ خىل تەشەببۇسنىڭ ئۈنۈمى زور دەپ قارالماقتا.

تۆۋەندىكىسى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئەرەب ئالىملار ئىشلىگەن تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن، ئۇنىڭدا ھەر قايسى ئەرەب ئەللىرىدە تۇغما كېسەللەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن. خەرىتىدىكى سول تەرەپ بىرىنچىسى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا ئوتتۇرىچە گېنتىكىلىق ۋە تۇغما كېسەل كۆرۈلۈش نىسبىتى بولۇپ قالغانلىرى ھەر قايسى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى كۆرۈلۈش نىسبىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.




يۇقىرىدا نەۋرىلەر ئارا تويلىشىش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم تەتقىقاتلارنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەھۋالنىڭ قەيەردىن قەيەرگىچىلىكى ماڭا نامەلۇم، ئەمما بۇ ھەقىقەتەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە. ئەگەر مەن مېدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر ماگىستىر ياكى دوكتور ئاسپىرانت بولۇپ قالغان بولسام چوقۇم بۇ تېمىغا تۇتۇش قىلاتتىم، ھېچبولمىسا يېتەكچىمگە شۇ خىل تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن بولاتتىم. بۇ پەقەت مېدىتسىنا مەسىلىسى بولۇپ قالماي، تېگىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر ئىجتىمائىي كۆز قاراش مەسىلىسى بولغاچقا، بۇ جەھەتتە مەن بىلمەيدىغان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى بارلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي پەن، ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى تەتقىقاتچىلىرى بۇ مەسىلىگەن نەزىرىنى ئاغدۇرسا دەپ ئۈمىد قىلىمەن. ھېچبولمىغاندا، بۇ ماقالىنى ئوقۇغانلار نەۋرىلەرنى چېتىش توغرۇلۇق مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولسا ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە بىلدۈرسىمۇ چوڭ ئۈنۈم قازانغان بولىمەن. بۇ ماتىرىياللارنى مەن توپلاۋاتقىنىمغا خىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولۇپ، بەزى مەنبەلەرنى دەل ۋاقتىدا ساقلىۋالماپتىمەن، ئەمما زۆرۈر بولسا ئىزدەپ تاپالايمەن. مەن تىزىملىك تۈزۈپ ساقلىۋالغان مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ماقالىلەر ۋە باشقا ماتىرىياللار تۆۋەندە بېرىلدى.

پايدىلىنىغان مەنبەلەر:

http://webarchive.nationalarchives.gov.uk/20061016091547/hgc.gov.uk/client/content.asp?contentid=741
http://www.consang.net/index.php/Global_prevalence
http://www.independent.co.uk/news/science/theres-nothing-wrong-with-cousins-getting-married-scientists-say-1210072.html
http://www.sciencedaily.com/releases/2008/02/080207140855.htm
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/15181336
http://www.plosone.org/article/fetchObject.action?uri=info%3Adoi%2F10.1371%2Fjournal.pone.0109585&representation=PDF
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/25130378?dopt=Abstract
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC1931913/pdf/ajhg00574-0097.pdf
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pmc/articles/PMC1685116/pdf/ajhg00215-0092.pdf
http://onlinelibrary.wiley.com/doi/10.1002/1096-8628%2820010215%2999:1%3C8::AID-AJMG1116%3E3.0.CO;2-U/pdf
http://www.pnas.org/content/107/suppl_1/1779
http://news.bbc.co.uk/2/hi/programmes/newsnight/4442010.stm
http://www.telegraph.co.uk/health/healthnews/7957808/700-children-born-with-genetic-disabilities-due-to-cousin-marriages-every-year.html
http://www.jstor.org/discover/10.2307/2137601?sid=21105621466703&uid=16752472&uid=67&uid=2&uid=3739920&uid=16793560&uid=62&uid=3&uid=3739256



تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان)
2015-يىلى قەھرىتاننىڭ 14-كۈنى
سان ئانتونىيو، ئامېرىكا



ئەسكەرتىش:  بۇ يازمىنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. مەزكۇر يازما ۋە مەن يازغان باشقا بارلىق ماقالىلەرنى شەخسىي بىلوگىمدىن كۆرەلەيسىز: بىلگە بىلوگى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1194
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 10:37:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىن قانداش تۇغقانلارنىڭ ەمەس ياتلارنىڭ توي قىلىشى ەڭ ياخشى دەپ قارايمەن.ۆزىنىڭ تۇغقىنى بىلەن توي قىلسا كۆڭلى ېلىشماي قانداق بىرگە ۆتەلەيدىغاندۇ  ماڭا بىر خىل يىرگىنىشلىك تۇيۇلىدۇ داىم ارىلىشىپ ۆتىدىغان يېقىن تۇغقىنى بىلەن نىكاھلىنىش.خۇددى ۆز سىڭلىسى،اچىسى،اكىسى بىلەن تويلىشىۋالغاندەكلا ھېس قىلىپ سەسكىنىپ كېتىمەن.

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109573
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1545
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 704 سائەت
تىزىم: 2014-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 11:23:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇق تۇققانلار بىر بىرىمىز بىلەن تىخىمۇ يىقىن ئۆتىمىز دە قۇدىلىشۋالىدىكەن ،باللىرى ئۆي بولالىسىغو ھاي ھاي ،ئۆي بولالمىسا يات ئادەملەردىنمۇ ئۆتۈپ دۈشمەن بولۇپ كىتىدىكەن،ئۆي بولغان تەغدىردىمۇ شۇ ئىككى ياشنىڭ پەرزەنىتلىرى بىنۇرمال تۇغۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋال بولىدىكەن،ئاتا ئانىنىڭ بالىسىغا قارىغانچە كۆڭلى يىرىم ،بالىسىغۇ كىچىك چىغىدا ئۆزنىڭ بىنۇرماللىقىنى بىلىپ يىتەلمەسلىكى مومكىن ،چوڭ بولغانچە ئويلاپ قالىدۇ دە،مەن نىمىشقا مۇشۇنداق يارىلىپ قالغاندىمەن دەپ،ئەلۋەتتە ئاللاھتىن بىسوراق قىل تەۋرىمەيدۇ،لىكىن سەۋەپچىسى بولۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالايلى

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 11:28:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياراتقۇچى ئىنساننى شۇنداق ئىلاھىي ھىكمەتلەر بىلەن ياراتقانكى ، بىزنى ئۆز-ئارا تونۇشسۇن ، ئالاقىلاشسۇن ۋە چۈشىنىشسۇن ئۈچۈن ، باشقا-باشقا مىللەتلەردىن قىلىپ ياراتقان ، ئەگەر ياراتقۇچى خالىسا ئىدى ، ھەممە كىشىنى بىر قەۋم قىلىپ يارىتاتتى .
ئىلمىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا بايقايمىزكى ، ئىنسانلار گېن تەرەققىياتى جەريانىدا ئۆز گېنىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش يولىغا ماڭىدۇ ، بۇنداق مېڭىشنىڭ زۆرۈر كاپالىتى يىراق گېنلاردىن پەرزەنتلىك بولۇش ، شۇندىلا يوشۇرۇن ناچار گېنلار دەستىلەنمەستىن ، بارا-بارا كۆمۈلىدۇ .
لېكىن ، ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسىدىكى ( ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا بوستانلىق مەدەنىيىتىدىكى ) تۇرمۇش ئەندىزىسىدە ، ئۇزۇندىن تارتىپ يېقىن تۇغقانلار ئۆز-ئارا چېتىشىش ، ئۇنىڭدىن سىرت يات كەنت ، يات يېزا كىشىلىرى بىلەن قۇدىلاشماسلىق ھادىسىسى شەكىللەنگەن . بۇ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ قەۋم كىشىلىرىنىڭ گېن تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ .
يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئۇرۇق-تۇغقانلار چەمبىرىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى مۇھىم چەمبىرەك ، ئەگەر تويلاشقۇچى تەرەپ ئىندىۋىدۇئال تەسىرلەر سەۋەبىدىن نىكاھتىن بۇزۇلسا ، ئۇرۇغ-تۇغقانلار چەمبىرىكىمۇ تەڭ بۇزۇلىدۇ . چۈنكى ، ئۇيغۇرلار ئىندىۋىدۇئال تەسىرنى ئەزەلدىن نەزەردىن ساقىت قىلىپ كەلگەن ، كىچىككىنە ئىشقا ئائىلە بويىچە دومسىيىشىپ ، تۇغقاندارچىلىققا ناچار تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ .

ئاخىرىدا بىر مىسال : مېنىڭ بىلىشىمچە ، مىسىرنىڭ قايسى بىر فىرئەۋىن جەمەتى ، ھوقۇقنىڭ يات قاندىكى كىشىلەرگە ئۆتۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ، قاننىڭ ئاتالمىش ساپلىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە ، جەمەت ئىچىدىلا تويلىشاتتىكەن ، شۇڭا مۇشۇ جەمەت ئاخىرى گېن چېكىنىش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان (كۈندىن قورقۇش ، بەدىنى كەمتۈك تۇغۇلۇش ، ئۆمرى قىسقىلىق دېگەندەك ).

بىلگەجان ئەپەندىم سىلى قانداق قايلايلىكى ؟

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 11:41:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجەمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .

مەن تەنتەربىيە مۇسابىقىسى كۆرۈۋاتقىلى ئون نەچچە يىل بولدى ، سان-ساناقسىز تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈش نەتىجىسىدە شۇنداق بىر گۇمانىي قاراشتا بولدۇمكى ، برازىلىيە ، ئارگېنتىنا ، كولۇمبىيە ، چىلى ، ئۇرۇگۋاي ، مېكسىكا ، ئىسپانىيە ، ئامېرىكا ، فرانسىيە ، گېرمانىيە قاتارلىق مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر شالغۇتلىشىشى رۇشەن بولغان مەملىكەتلەرنىڭ كىشىلىرى گەرچە نوپۇسى زور بولمىسىمۇ ئىزچىل ھالدا رىقابەت تەنتەربىيىسىدە كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋېتىپتۇ .
شۇنىڭ ئەكسى بولغان ھالدا ، ياپون ، ھىندى-مالاي ، ھىندى-چىن ، ئەرەب دۆلەتلىرى ، ئىران ، ھىندىستان ۋە ئېلىمىز گەرچە نوپۇستا زور بولسىمۇ ، مەلۇم تەنتەربىيە تۈرلىرىدە تالانتقا ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن بەدەننىڭ مېخانىزىمى ۋە ئەۋرىشىمچانلىقى تۆۋەن ، بولۇپمۇ ئەرەب ۋە ھىندىلارنىڭ پۇتى پۇتبول مەيدىنىدىمۇ تۈزلەنمەي ماخودەك يۆگىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار رۇشەن مەۋجۇد . بۇ دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر دۇنيا بويىچە رايون خاراكتېرلىك يېقىن گېن تاللىشى بىلەن يۈز بەرگەن ھادىسە دەپ قارايمەن .


مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6709
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1838 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 12:38:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hatem يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 07:37 AM
يېقىن قانداش تۇغقانلارنىڭ ەمەس ياتلارنىڭ توي قىلىشى ە ...

ھاي ھاي ...      بەزى گەپلەرنى سەل ئويلىشىپراق  قىلغۇلۇق ....   بەك ھاياجانلىنىپ كىتىپسىز  تورداش.

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104215
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1767
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-2-28
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 12:44:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەنۇپتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن شىمالدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ كۆپراق تويلاشسا ياخشى دەپ ئويلايمەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 01:39:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن كۆز قاراش،ئەقلى ئىقتىدار ۋە ئىتىقاد،ئۆرۈپ ئادەتكە تۇيۇنغان سىزگە بۇ ئىشلار ،يەنى  ئۇيغۇر رايۇنىدىكى بۇ ئىشلار سىزگە نامەلۇممۇ ئەمەس.

ئۆزىڭىزمۇ ئىيتىپ ئۆتتىڭىز،ھەر شەھەرنىڭ،زاغرا تىلدا ئىيتساق،ھەر قايسى يۇرۇتتىكىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمۇ ھەقىقەتەن ئوخشىمايدۇ،بۇ ئوخشىمىغان قاراشلار شۇ يۇرۇتنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدىللىرى(گەرچە ئۇيغۇر بولسىمۇ)ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ.ۋارىسلىق قىلىش كەڭ ئوموملاشقان ئەنئەنىۋى قائىدە يۇسۇنلاشتۇرۇلغان ئىجتىمايى مەسىلىلەر ئىچىدە نەۋرىلەرنى بىر بىرىگە چىتىش ئوموملاشقان ئىشلار.ئەمدى بۇنداق نەۋرىلەرنى بىر بىرىگە چىتىشتىن مەقسەت تۇغققانلارنىڭ ئارسىنى يىقىنلاشتۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدۇ.سىزمۇ بىلىسىز،خەنزۇلار يەتتە ئەۋلاتقىچە ئىزدەيدۇ ياكى چوڭ بىلىدۇ،بىز بولساق ئۈچ ئەۋلاتقىچە ئىزدىشىمىز،ھەم بۇ كۆپ ئۇچىرايدۇ.ئۈچ ئەۋلاتتىن چەتنەپ كەتكەننى ياتقا ئوخشىمايدىغان،لىكىن ياتتىن يىقىن تۇغققاندىن سەل يىراق كۆرىدىغان ئادەت بار.شۇنداق بولغاچقا ئائىلە باشلىقى بۇ تۇغققانلارنىڭ چىچىلىپ كەتمەي بىر چەمبىرەك بولىشىنى ئۆمۈد قىلىشىدۇ.

ھىلىغۇ نەۋرە چەۋرە ئەۋرىلەركەن،ھەتتا بەزى يەرلەردە ئاكا سىڭىل بىلەن تويلاشتۇرۋىتىدىغان ئىشلارمۇ باردەك.بۇنىڭغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ،بىراق مەلۇم سەۋەبى بولىشى مۇمكىن.بىر چاغدا تەكلىماكانغا بىرىپ كىلىمىز دەپ(2000-نەچچىنجى يىللار بولغىيتى،يا 2000-يىللارنىڭ ئالدى كەينىمۇ ئىشقىلىپ،ھىلىقى سابىق دۆلەت باشلىقى جىياڭزېمىن شۇجى تەكلىماكانغا كىلىپ كەتكەندىن بىرەر ئاي كىيىن )ماڭدۇق.يولدا بىر قىز بىلەن بىر يىگىت ئۇچىراپ قالدى.ئاكا سىڭىل دەپ پەرەز قىلدۇق.يول بويى ئۇنى بۇنى دەپ مىڭىپ ئۇلاردىن سۇرىساق بىز ئاكا سىڭىل ھەم توي قىلىشقان دەيدۇ،ھەيران بولۇپ بالا بارمۇ دىسەك بار،ئىككىسى بار ،نۇرمالغۇ دەيدۇ.توۋا دەپ قالغان.بەلكىم بۇنداق تۇغرا كىلىش مىڭدىن بىرەرسىدە بولىشى مۇمكىنچىلىككە يىقىن.ئىشقىلىپ ھەر ئىشلارنى خۇداغا ئامانەتلەپ يۈرگىنىمىز ئەۋزەل بولسىمۇ بىراق خۇدايىم بار دەپلا ئۆتكىلى بولمايدۇ،بىلگىجاننىڭ تەتقىقاتى ۋە تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىمنىڭ زاكىتىغا قۇرۇق بولسىمۇ رەھمەت ئىيتىمەن.

بىلگىجان،بولسا مۇشۇ ئەر ئايال بولۇشقانلارنىڭ قان تىپى ئوخشاش بولسا يەنى ئىر،ھاش،مەنپىي مۇسبەت  دىگەندەك تىپلىرىدىن تارتىپ ئوخشاش بولغان ئەر ئاياللارنىڭ بالىلىق بولۇش مۇمكىنچىلىكى قان تىپى ئوخشىشمايدىغان ئەر ئاياللارنىڭ بالىلىق بولۇشلىرىدىن قانچىلىك پەرقى بار تۇغۇرسىدا ئازىراق ئۇچۇر ئگەللىگىلى بولارمۇ...

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 01:40:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hatem يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 10:37 AM
يېقىن قانداش تۇغقانلارنىڭ ەمەس ياتلارنىڭ توي قىلىشى ە ...

بۇ ئىشلاردىن سەسكىنىپ كەتمەڭ،سىزگە ئوخشاش سەسكىنىش ئالامىتى بارلار كىيىن شۇ سەسكىنىش پەيدا قىلىدىغان ئىشلارغا ئاۋۋال ئۇچىرارمىش

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 01:45:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Azizan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-14 11:41 AM
بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجەمنى ئوتتۇرىغا قو ...

دىمەكچى بولغىنىڭىز ئارلاشما قانلىقلار گورۇپپىسىنىڭ يۇقىرى،بىر خىل مىللەت يەنى بىر خىل قان سىسىتىمىسىدىكىلەرنىڭ ئۇلاردىن تۆۋەن دىمەكچىمۇ سىز...مەن شۇنداق ھىس قىلدىم .

مەسلەن ئامېرىكا،گېرمانىيە قاتارلىق ياۋرۇ ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئادەملىرى نۇرغۇن قانلىقلار سىستىمىسىنىڭ مەھسۇلى،يەنئۇلارنىڭ قىنىدا ،ئارىيان،ئىندىيان،ساكلار...نۇرغۇن مىللەتنىڭ قىنىنى تاپقىلى بولىدۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش