ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 92.09 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1239 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئامېرىكا 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدا يوچۇق مەۋجۇت بولۇپ ، بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى ، شۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تېخىمۇ ئاشتى ، ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1235 دوللارغا چىقىپ 1 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى .
بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياپونىيە 11 - ئايلىق سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى ، جۇڭگو 12 - ئايلىق سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر جۇڭگو مەلۇماتى يەنە كۈچلۈك بولسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن .
ياۋرۇپا ۋاقتىدا ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە 12 - ئايلىق پۇل پاخاللىشىش ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر پۇل پاخاللىشىش مەلۇماتى تۆۋەن چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ، نېفىت باھاسىنىڭ يۆلىنىشى ، ئەگەر نېفىت باھاسى تۆۋەنلىسە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن ، ھەم ئالتۇن باھاسىمۇ خەۋىپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تەسىرىدە يەنە ئۆرلىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1239-1230 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى . چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا 1240 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە 1238 دوللار ئەتىراپپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1230-1227 ئارلىقىدا تەۋرىنىدۇ . ئەگەر 1240 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە 1250-1248 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
2. ياۋرۇپا بازىرىدا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئىلىشقا مۇۋاپىق بۇلۇپ 1250 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1235-1230 دوللاردا چىقىرىشقا بولىدۇ .
3. ئالتۇن باھاسى بىر كۈن ئىچىدە 1223 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1240 1250
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1223 1230
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1225-1250
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1215
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1250
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش