ياپونىيىلىكلەر نېمىشقا جەسەت كۈلىنى يەيدۇ
لى چاڭشېڭ
(خالىدە ئسرائىل تەرجىمىسى)
ياپونىيەنىڭ «گۇگۇمدىكى مۇھاپىزەتچى ئەسكەر» ناملىق فىلىمىدە مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار: بىر مۇھاپىزەتچى ئەسكەر بۇيرۇققا بىنائەن بىر گۇمپا ئۇستىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئىككىيلەن ئېلىشىش ئالدىدا گۇمپا ئۇستىسى قارشى تەرەپكە كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلىدۇ ھەمدە قىزىنىڭ جەسەت كۈلى قاچىلانغان بىر كىچىك قۇتىنى چىقىرىپ ئاغزىنى ئاچىدۇ. ئۇ سۆزلىگەچ قىزىنىڭ جەسەت كۈلىنى ئاغزىغا سېلىپ چاراسلىتىپ چاينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ يامان ئادەم بولۇپ كۆرۈنىدۇ. فىلىمنىڭ ئاخىرىدا گۇمپا ئۇستىسىىنىڭ قېلىچى لىمغا سانجىلىپ قالىدۇ، مۇھاپىزەتچى ئەسكەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا شەمشەر سانجىيدۇ. گۇمپا ئۇستىسىنىڭ يىقىلپ چۈشۈشى بىلەن تەڭ قولىدىكى جەسەت قۇتىسىمۇ يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، قاراڭغۇلۇقتا چاقناپ تۇرىدۇ.
ئۇ كىچىككىنە قۇتا جەسەت كۈلى قۇتىسى بولۇپ، ياپون تىلىدا «جەسەت چەينىكى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە ساپال ياكى چاقچۇق بۇيۇملاردىن ياسىلىدۇ. ياپونىيىلىكلەر جەسەت كۈلىگە پەۋقۇلئاددە قىزىققاچقا، جەسەت كۈلىگە ئېتىقاد قىلىدىغان، ھەتتا ئۇنى ئۇچۇملاپ يەيدىغان ئادىتى بار، بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. بەزى ياپونىيىلىكەر ئادەمنىڭ جەسەت كۈلىنى يېيىش ئارقىلىق ئۇ ئادەمنىڭ مىجەز – خاراكتېرى ۋە روھىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
ياپونىيەدە جەسەت ئاساسەن كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. جەسەتنى تۇپراققا دەپنە قىلىش كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆزگەرسىمۇ، نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىك بۇنىڭدىن نارازىلىق ھېسسىياتىدا بولمايدۇ؟ ياپونىيەنىڭ مىللى ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتچىسى ياناگىتا كۇنىئو چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:«كىشىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆچۈشىگە ئەگىشىپ، ياقا يۇرتلاردا كۈن كەچۈرۈش پۇرسىتىمۇ كۆپەيدى، بۇنداق ئەھۋال مېيجى يىللىرىدىن كېيىن تېخىمۇ روشەنلەشتى. لېكىن، ئۆلگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا دەپنە قىلىش ئارزۇسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقاچقا، ئۆلگۈچىنىڭ جەسەت كۈلىنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن، جەسەتنى ئوتتا كۆيدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.» ئەينى يىللاردا ياپونىيە ئارمىيىسى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەسكەرلەر ھاياتىدىن ئايرىلغاچقا، ھايات قالغان ئەسكەرلەر ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ جەسەت كۈلىنى بىللە ئېلىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
قەدىمدە ياپونىيىلىكلەرنىڭ جەسىتى ساپال كۈپكە قاچىلىناتتى، ئۇ خۇددى غايەت زور جەسەت كۈلى قېپىغا ئوخشايتتى. ياقا يۇرتتا ئۆلۈپ قالسا ئالدى بىلەن جەسەتنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى، ئاندىن جەسەت كۈلى سېلىنغان جەسەت قۇتىسى پاۋلونىيە ياغىچىدىن ياسالغان ساندۇققا قاچىلىنىپ، تېشى ئاق رەخت بىلەن ئورىلاتتى، ئاندىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بوينىغا ئېسىپ، يۇرتىغا قايتۇرۇپ ئەكىلەتتى.
ياپونىيەدە جەسەت كۈلى ئادەمنىڭ نامايەندىسى دەپ قارالغاچقا، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ جەسەت قۇتىسى ئىنتايىن ئەتىۋارلىنىدۇ. ياپونىيىلىك ئەدىب مىشىما يۇكىئو ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىسى كولىنىپ جەسەت كۈلى قۇتىسى ئوغرىلانغان، كېيىن بىر ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ يېنىدىن تېپىۋېلىنغان. يازغۇچى شىگا نائوكىنىڭ جەسەت كۈلى قۇتىسى دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ساپال سەنئەتكارى خامادا شوجىنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئەسلىدە شېكەر قۇتىسى قىلىپ ئىشلىتىگەنىدى، ئۆلگەندىن كېيىن جەسەت كۈلى قاچىلاندى. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىگە بولغان چوقۇنۇش تۈپەيلىدىنمۇ ياكى ئۇ ساپال قۇتىنىڭ پۇلغا يارايدىغانلىقىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر، باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ ھازىرغىچە ئىز دېرىكى بولمىدى. ئالەمدىن ئۆتكەن ياپونىيەلىك ئەدىب مىزۇكامى ستۇمىنىڭ « جەسەت كۈلى قۇتىسى توغرىسىدا» ناملىق بىر پارچە ئەدەبىي خاتىرىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇ كۆرگەن جەسەت كۈلى قۇتىلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاددىيلىقى، ئاساسەن كۈل رەڭدە ئىكەنلىكى، ئوچۇق رەڭلىكلىرىنىڭ پارقىراق بولسىمۇ، لېكىن زوقلىنىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇ جەسەت كۈلى قۇتىسىنى ئۆز قولى بىلەن ياساشنى تەرغىب قىلغان. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيەدە جەسەت كۈلى قۇتىسىنى ئۆز قولى بىلەن ياساش راستلا بىر ئېقىمغا ئايلاندى.
ھازىر كۆپىنچە ياپونىيىلىكلەر دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، جەسەت ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك جەسەت كۈلى تېرىش ئادىتى بولۇپ، ئۆلچەملىك ئۇسۇلى مۇنداق: جەسەت كۈلى قومۇشتىن ياسالغان تارىشا چوكا بىلەن تېرىۋېلىنىدۇ. ئەر كىشى جەسەت كۈلىنىڭ سول يېقىدا، ئايال جەسەت كۈلىنىڭ ئوڭ يېقىدا تۇرۇپ، تارىشا چوكا بىلەن جەسەت كۈلىنى ئىككى ياقتىن تەڭ قىسىپ ئېلىپ، جەسەت كۈلى قۇتىسىغا سالىدۇ. ئالدى بىلەن چىشى تېرىۋېلىنىدۇ، ئاندىن نۆۋەت بويىچە پۇت، بىلەك، بەل، دۈمبە، قوۋرۇغا، باش سۆڭەكلىرىن بىر پارچە، ئاخىرىدا كېكىردىكى تېرىۋېلىنىدۇ. شۇڭا، جەسەت كۈلى كۆيدۈرگۈچى چوقۇم جەسەت كۈلىنىڭ شەكلىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ياپون تىلىدا « 箸 » خېتى بىلەن « 桥 » خېتى ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدۇ، بۇ بەلكىم سەنزۇ دەرياسى (بۇددا دىنىدا بايان قىلىنغان باقىي دۇنيادىكى دەريا بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، باقىي ئالەم بىلەن پانىي ئالەمنى ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل ئىكەن) رىۋايىتىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. رىۋايەتتە تىنچ ياكى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئىككى خىل دەريادىن ئۆتىدۇ، قايسى خىل دەريا ئېقىنىدىن ئۆتۈش ئۆلگۈچىنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان ياخشى ئىش ياكى يامان ئىش قىلغانلىقىغا باغلىق بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇتقا ئايلىنىدۇ دېگەن كۆز قاراش ئىنكار قىلىنىدۇ. نېمىشقا جەسەت كۈلىنى ئىككى ئادەم تەڭ تېرىدۇ؟ چۈنكى ئەزرائىل ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىشقا ئىككى جىننى بىللە ئەۋەتىدۇ. ياپونىيەلىكلەر بۇ خىل جەسەت كۈلى تېرىش ئادىتى تۈپەيلىدىن، غىزالانغاندا يېمەكلىكنى چوكا ئارقىلىق بىر-بىرىگە قىسىپ ئېلىپ بېرىشنى يامان كۆرىدۇ.
(«تەرمىلەر» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى)