يېشى چوڭ دادىلارنىڭ بالىلىرى ئەقىللىق بولامدۇ؟
بىلگەجان
تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھازىرقى دۇنيادا كىشىلەر بارغانسىرى كېچىكىپ بالىلىق بولماقتا. كېچىكىپ بالىلىق بولۇشنىڭ بالا ساغلاملىقىغا مەلۇم تەسىرلىرى بولىدىغانلىقىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلىشى مۇمكىن، ئەمما دادا يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى بىلەن بالا ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتى بار-يوقلۇقى تا يېقىنقى يىللارغىچە تېخى ئايدىڭ بولمىغان مەسىلە ئىدى. تۆۋەندە ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغا پايدىلىنىش ئۇچۇرى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن، بۇ مەسلە ئۈستىدە ئامېرىكا ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلغان، ئىلمىي تەجىرىبىدىن ئۆتكەن ۋە داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات بىر نەتىجىسىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىمەن.
يېقىندا PloS Medicine دە ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە (
بۇ يەردىن كۆرۈڭ)، يېشى چوڭ دادىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ بوۋاقلىق ۋە بالىلىق مەزگىلىدىكى ھەر خىل ئەقلىي ئىقتىدار سىناقلىرىدىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولۇپ، ئانىنىڭ يېشى چوڭ بولغاندا ئەكسىچە نەتىجە چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا چوڭ ياشلىق دادىلار بىلەن بالىلاردىكى تۇغما كەمتۈكلۈك، خارامۇشلۇق كېسىلى، ئېلىشىپ قىلىش قاتارلىق نېرۋا كېسەللىكلىرى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىدى (ئاستىدىكى پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىغا قاراڭ).
بۇ قېتىملىق تەتقىقات نەتىجىسى پىلوس مېدىتسىنا (PloS Medicine) ناملىق مىدىتسىنا ساھەسىدە خەلقىئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داڭلىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى بولغان مىكگرات تەجىرىبىخانىسىدىكىلەر ئامېرىكا ھەمكارلىق ھامىلدارلىق تۈرى دەپ ئاتالغان زور سانلىق مەلۇماتنى ئانالىز قىلغان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكىدىكى 12 شەھەردىن 1959-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە توپلانغان. مىكگراتنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى شۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان 33 مىڭ نەپەر بالىنى تەتقىقات ئوبىيكتى قىلغان بولۇپ، ئۇلار 8 ئايلىق، 4 ياش ۋە 7 ياشقا كىرگەندە ئېرىشىلگەن ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان سىناقلارنىڭ نەتىجىسىدىن پايدىلانغان. بۇ سىناقلار ئاساسلىقى بالىلارنىڭ ئويلاش ۋە مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىنى سىنىغان بولۇپ، دېققەتنى يېغىش، ئۆگىنىش، سۆزلەش، ئوقۇش، ھېساب، ئەستە تۇتۇش ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى ئۆلچىگەن.
ئاخىرىدا ئۇلار دادىلارنىڭ يېشى ۋە ئانىلارنىڭ يېشىنى تەكشۈرگەن ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى ئامىللار، مەسىلەن ئائىلە ئىقتىسادى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئالغان. بۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان دادىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28.4 ياش بولۇپ، دائىرىسى 14-66 ياش بولغان.
سىتانفورد بىنەت ئەقىل كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق IQ (ئەقىل كۆرسەتكۈچى)نى باھالىغاندا، 50 ياشتىن ئاشقان دادىلارنىڭ بالىلىرى 20 ياشلىق دادىلارغا سېلىشتۇرغاندا IQ سى 6 نومۇر تۆۋەن چىققان، ئەمما بۇنى ئائىلە ئىقتىسادى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئىلىپ ھېسابلىغاندا بۇ پەرق 2.2 نومۇر بولغان.
بۇ نەتىجە بىزنى دادىنىڭ يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، دېگەن سوئالغا باشلايدۇ. بۇ توغرىدا مىكگىرات مۇنداق دېگەن:
نۆۋەتتە كۆپلىگەن ئىلمىي پاكىتلار ياش چوڭايغانسىرى ئەرلەر ئىسپىرمىسىدا تېخىمۇ كۆپ گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا، دېمەكچى يېشى چوڭ ئەرلەرنىڭ DNA كودىدا كۆپرەك خاتالىق كۆرۈلىدۇ.
مىكگىراس يەنە مۇنداق دەيدۇ:
شۇنداقتىمۇ، دادىلارنىڭ يېشىنىڭ بالا ئەقلىي قابىلىيىتىگە بولغان تەسىرى باشقا ئىجتىمائىي-مەدەنىيەت ئامىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ كىچىك. مەسىلەن، ياخشى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئوزۇقلۇق، بالىنىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ياخشى ئوزۇقلىنىشى، ياخشى مائارىپ، ئىللىق ئائىلە، ئېسل ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپ قاتارلىقلار تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن تېستوستېروننىڭ مىقدارى 30 ياشتىن باشلاپ ئاستا-ئاستا ئازلايدىغان بولۇپ، 40 ياشلاردىن كېيىن جىددىي تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلىق بولۇشتا ئەرلەر ئىمكانقەدەر بالدۇرراق بالىلىق بولۇشنى تاللىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ چۈنكى تېستوستېرون مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئىسپىرما سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
پايدىلىنغان ماتىرىياللار:
http://www.plosmedicine.org/arti ... ournal.pmed.1000040
http://www.plosone.org/article/m ... 0090097#citedHeader
http://archpsyc.jamanetwork.com/article.aspx?articleid=1833092
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان)
2015-يىلى قەھرىتاننىڭ 13-كۈنى
سان ئانتونىيو، ئامېرىكا
ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازما ۋە مەن يازغان باشقا بارلىق ماقالىلەرنى شەخسىي بىلوگىمدىن كۆرەلەيسىز: بىلگە بىلوگى. بۇ يازمىنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا «بىلگە بىلوگىدىن ئېلىندى» دەپ ئەسكەرتىشنى ۋە بىلوگ ئادېرىسى ([url=http://bilge.eldawa.com/?p=336]]) نى تەمىنلەشنى ئۇنتۇماڭ. رەھمەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-13 01:06 PM