|
|
|
|
ئامېرىكا بىر خىل لازېر نۇرى قۇرالىنى ئىشقا قويدى
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
«ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىنىڭ تېلېۋىزورىدا بۈگۈن خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى يېقىندا پېرىسىيە دېڭىز بوغۇزى (Persian Gulf) دا بىر يېڭى تىپتىكى لازېر نۇرى قورالىنى ئىشقا قويغان. بۇ قورال 2014-يىلى سىنتەبىر-نويابىر ئايلىرى «USS Ponce» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇش پاراخوتى ئۈستىدە سىناق قىلىنغان بولۇپ، ئۇ پاراخوتنىڭ بۇرۇن بار بولغان ئۆزىنى قوغداش سىستېمىسى بىلەن ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ، نۇخسانسىز ئىشلىگەن. سىناق جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرى بۇ قورال بىلەن بىر دېڭىز سۈيىدە ناھايىتى تەز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان مودېل كىمىنى، بىر كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسى يوق ئايروپىلاننى، ۋە دېڭىزدىكى باشقا ھەرىكەتلىك نىشانلارنى، مەسىلەن راكېتىنىڭ كۈچى بىلەن ماڭىدىغان گراناتلارنى، ئېتىپ ۋەيران قىلغان.
لازېر نۇرى يورۇقلۇق تېزلىكىدە سېكۇنتىغا 300000 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭدىغان بولغاچقا، بۇ قورال ھەرىكەتتىكى نىشانلارنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ. ئەنئەنىۋى قوراللارغا قارىغاندا بۇ لازېر نۇرى قورالىنىڭ تەنەرقى تۆۋەن، ئىشقا سېلىش كۆپ ئاددىي ۋە ئاسان بولىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ پىلانى مەزكۇر لازېر نۇرى قورالى ۋە ئۇنىڭ ۋارىئانتلىرىنى 2020-يىلىغىچە پۈتۈن دېڭىز ئارمىيىسىگە ئومۇملاشتۇرۇش ئىكەن.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Behind the Scenes: Laser Weapon System Operational Demonstration
https://www.youtube.com/watch?feature=player_embedded&v=D0DbgNju2wE
< http://video.techbriefs.com/vide ... eapon;Photonics>
[2] Zapped! U.S. Navy Deploys Laser Weapons
< http://news.discovery.com/tech/g ... pons-141211.htm>
1-رەسىم: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئىشقا سالغان لازېر نۇرى قورالىنىڭ بىر كۆرىنىشى.
2-رەسىم: مەزكۇر لازېر نۇرى قورالىنى كونترول قىلىدىغان ئەسۋاپنىڭ بىر كۆرىنىشى.
ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەر ماڭا ناسا ئېلخەت ساندۇقۇم ئارقىلىق كەلگەن بولۇپ، تېلېۋىزور پروگراممىسىنىڭ مەزمۇنى يۇتيۇب ۋېدىئو فىلمى ھوججىتى شەكلىدە تارقىتىلغان. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەسىلىسىدە ئەنسىرەپ قالماسلىقىنى سورايمەن.
|
|
|
|
|
|