مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 7

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىسادى ئۇچۇرلار 12-01 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 07:44:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 91.90 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى  1227  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

ئالدىنقى ھەپتىدە ئالتۇن باھاسى 1200 دوللارنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كىيىن 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدا تەۋرىنىش ئىلىپ باردى ، جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئامىرىكىنىڭ غەيرى يىزا ئىگىلىك قىممتىنىڭ نەتىجىسى گەرچە ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بۇلۇپ چىققان بولسىمۇ ئەمما ئالتۇن -كۈمۈش باھاسىسدا چۈشۈش كۆرۈلمىدى ئەكىسچە بازاې ئاخىرلىشىغا ئاز قالغاندا يۇقىرى باھاغا ئۆرلىدى .

نۆۋەتتە ئالتۇن كۈمۈش باھاسىمۇ ئۆرلەۋاتىدۇ ، دوللار نىڭ كۆرسەتكۈچىمىۇ ئۆرلەۋاتىدۇ ، شۇڭا ھازىرقى ئەۋالدا ئالتۇن -كۈمۈش سودىسىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوللارنىڭ يۆلىنىشىگە قاراپ تەھلىل قىلساق بىرتەرەپلىمە بۇلۇپ قالىدۇ .

مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى1226-1222 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى سۇس بولدى .  ئاسىيا بازىرىدا 1226-1230 ئارلىقىدا تەۋرىنىدۇ .

2.  ياۋرۇپا بازىرىدا 1222 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللار دا توختىتىپ پايدىسىنى 1230 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ ، ئەگەر 1222 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1215 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .

3. ئالتۇن باھاسىدا 1230 دوللاردا توسالغۇ نۇقتا بار بۇلۇپ 1230 دوللاردىن ئىشىپ مۇقىم تۇرالغاندا ئاندىن 1250-1260 دوللارغىچە بولغان ئۆرلەش بوشلۇقى ئىچىلىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1230 1233
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1215 1222

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1235-1218
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1215
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1230

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .






ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش


u=742272306,1717779504&fm=23&gp=0.jpg


       بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 91.85 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1226.10 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، جۈمە كۈنى  ئايلىق ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى ناچارلىقى بىردەك بولمىغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىش ھەققى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورتاقلاشقان نىسبىتى ناچار چىقىپ  دوللار كۆرسەتكۈچكە بېسىم ئېلىپ كەلگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئاۋسترالىيە پەسىللىك تەڭشەشتىن كېيىنكى ئۆي قەرز ئىجازەت سانلىق مەلۇماتى ،  ئاۋسترالىيە سانلىق مەلۇماتىنىڭ  ياخشى ناچارلىقى دوللارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئالتۇن باھاسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ . ياۋرۇپا ۋاقتىدا ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات يوق . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ، سودىگەرلەر جەمئىيىتى ئىشقا ئورۇنلىشىش يۈزلىنىش كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات ناچار چىقسا دوللار كۆرسەتكۈچ بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن .


ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 241.04 يۈەن ؛
كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.25 يۈەن ؛
1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىل


u=246852582,241055324&fm=23&gp=0.jpg


   1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئاسىيا بازىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى ، 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك دوكلاتىدىكى  ئىش ھەققى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورتاقلاشقان نىسبىتى ناچار چىقىپ  دوللار كۆرسەتكۈچكە بېسىم ئېلىپ كەلگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن . ئالتۇن باھاسى ئۆسۈپ 1226.74 دوللارغا چىققان ، بۇ باھا 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھا ھېسابلىنىدۇ ، ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى تەخمىنەن 1% يۇقىرى ئۆرلەپ ، ئالدىنقى 3 ھەپتىلىك چۈشۈش ھالىتىنى ئاياغلاشتۇردى . ئالتۇن باھاسى نۆۋەتتە 1225 دوللار ئەتراپىدا تۇرىۋاتىدۇ .





ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىن ئالتۇن باھاسى قانداق بولدى ؟


u=3705943733,527920290&fm=23&gp=0.jpg


       1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىن دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ ، دوللار / ياپونىيە يېنىمۇ تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتتى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ئۆرلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى بېسىمغا ئۇچرىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىدى ؛ بۇ سودا كۈندە LMCI قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
       كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، گەرچە ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەرىدىكىدەك ياخشى چىققان بولسىمۇ ، لېكىن ئالدىنقى ئايدىكىدىن تۆۋەن بولغانلىقى ، ھەم 12 - ئايلىق ئىش ھەققى  نىڭ ئېشىش ئەھۋالى مەنپىي قىممەتنى كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن نەخ ئالتۇن باھاسى ۋە Comex قەرەللىك ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا ئۆرلىگەن بولۇپ ، نەخ ئالتۇن باھاسى 13.80 دوللار ئۆرلىگەن ، ئۆرلەش ئاساسى 1.14% بولۇپ ، بازار باھاسى 1222.40 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ، Comex قەرەللىك ئالتۇن باھاسى 7.60 دوللار ئۆرلىگەن ،  بولۇپ ، بازار باھاسى 1216.10 دوللار ئەتىراپىدا بولغان ؛
      ھەر قايسى ئېكسپورت دۆلەتلىرىنىڭ خام نېفېت مەھسۇلاتىنى چىڭ ساقلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن .






ئامېرىكا 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى


u=4045592816,1646376850&fm=11&gp=0.jpg


         1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر بۆلۈمى (DOL) ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى گەرچە مۆلچەرىدىكىدەك ياخشى چىققان بولسىمۇ ، ئىشسىزلىق نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ 6 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، لېكىن يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالى مەۋجۇت ؛ ئامېرىكا 12 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى كۆپىيىپ 252000 ئادەم ، مۆلچەرىدىكى كۆپىيىپ 240000 ئادەم ، ئالدىنقى قىممىتى كۆپىيىپ 321000 ئادەم بولغان ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ 12 - ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى 5.6% تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، 2008 - يىلى 6 - ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، مۆلچەرىدىكى 5.7% ، ئالدىنقى قىممىتى 5.8% بولغان ؛ ئامېرىكا 11 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى تۈزەتمە قىممەتتىن كېيىن كۆپىيىپ 353000 ئادەم بولغان ؛






دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى


QQ截图20150112190348.png


       ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىن دوللار كۆرسەتكۈچى ئازراق تۆۋەنلىگەن بولۇپ ،  1- ئاينىڭ 12 - كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 92.305 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 91.7238 ، ئوتتۇرچە باھاسى 92.10 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.33% بولدى ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىش باھاسى 91.9451 بولۇپ ، ئاسىيا بازىرىدا  91.85 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ سېتىۋېلىش باھاسى 92.2689 ، سېتىلىش باھاسى 92.2789 بولدى ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  91.9658 بولدى .






1 - ئاينىڭ 12 - كۈندىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى


W020141118465788973697.jpg


       2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى باھاسىنىڭ ئايلىنىشى :
     1دوللار 6.1233 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.2796 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1937 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78978 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 فوندستېرلىڭ  9.3071 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 5.0436 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.8126 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛  سىنگاپور دوللىرى 4.6108 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى  ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.1695 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.57582 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولدى  ؛  1 يۈەن خەلق پۇلى 9.9204 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولدى  ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7092 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3691 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولدى .

ئەسلى مەنبە ؛ ئۇيغۇر ئالتۇن تورى






ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1521
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 10:37:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە تورداش، ئەڭ يېڭى ئىقتىساد ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۋاتىسىز، مۇشۇنداق ئۇچۇرلىرىڭىز مۇنبەر يۈزىدە كەم بولمىسۇن

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107982
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 255
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2014-6-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 11:59:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىن ئالتۇن سودىسى قىلغان ۋاقىتتا ،چۇشۇشكە قانداق ئالىدۇ ؟مەن پەقەت ئۆسۇشكە ئىلىپ بىقىپتىمەن .سودا -سانائەت بانكا تورىدىن مەشغۇلات ئىلىپ بارغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 11:47:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
huxruh0998 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 11:59 PM
توردىن ئالتۇن سودىسى قىلغان ۋاقىتتا ،چۇشۇشكە قانداق ئ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ بانكىلارنىڭ سودا سېستىمىسىدىن باشقا يەنە ئالتۇن كۈمۈش سودىسى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان باشقا سودا سۇپسىمۇ بار ؛
بەلكىم سودا تەھلىلنى كۆرۈپ ئازراق بىلىپ يەتكەنسىز ؛ شىركىتىمىزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش سودا سۇپسىدا قوش يۆنلىشتە ھەم ئۆسۈش يۆنلىشىگە ھەم چۈشۈش يۆنلىشىگە سودا قىلىپ پايدا زىياننى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ ، بۇنىڭدىن باشقا ، ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ ، تور بولغان شارائىتتا قول تېلېفۇن ۋە كومپىيوتىردا 24 سائەت سودا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ سودا سۇپمىز ئىنتايىن بىخەتەر ھەم ئىشەنچىلىك بولۇپ ، پۇل بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدۇ ، بانكا ئۈچىنچى تەرەپ نازارەت قىلىدۇ ؛
بىزنىڭ سودا سۇپمىز بانكىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ ، ئاز مەبلەغ ئارقىلىق كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ ؛ يەنى بىزنىڭ سودا سۇپمىزدا 2500 يۈەن خەلق پۇلى بىلەن 1 قول ( 1 كىلو ) ئالتۇن سودىسى ، 1000 يۈەن بىلەن 30 قول (30 كىلو )  كۈمۈش سودىسى قىلىغىلى  بولىدۇ ، رەسمىيەت ھەققى 150 يۈەن ؛ بۇ دېگەنلىك ھەرگىز بىزنىڭلا ياخشى ، بىزنىڭ سودا سۇپمىزنى تاللاڭ دېگەنلىك ئەمەس ، قالغىنى ئۆزڭىزنىڭ توغرا تاللىشىڭىشغا باغلىق  ، بانكىلارنىڭ رەسمىيەت ھەققى بەلكىم بىزنىڭكىدىن يۇقىرى بولىشى مۇمكىن ، شۇنداقمۇ ؟
چۈشۈش يۆنلىشىگە سودا قىلىش بولسا ، مەسلەن : ھازىر ئالتۇن باھاسى 250 يۈەن بولۇپ ، بۇ ۋاقىتتا ئالتۇن باھاسى چۈشۈۋاتقان بولسا  ، سىز مۇشۇ باھادا يەنى 250 يۈەندىن چۈشۈشكە سودا قىلسىڭىز  ئالتۇن باھاسى 250 يۈەندىن 245 يۈەنگە چۈشسە ، سىز ھەر بىر گىرامىدىن 5 يۈەن پايدا ئالغان بولسىز ، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا 1 قول ( 1 كىلو ) ئالتۇن سودىسىدا 5000 يۈەن پايدا ئالغان بولسىز ؛
ئەگەر ئېنىق بولمىغان ياكى چۈشنەلمىگەن مەسىللەر بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ ، بىز چۈقۇم تەپسىلى چۈشۈندۈرۈپ قويمىز ؛
سىز سودا - سانائەت بانكا تورىدا ھازىرمۇ سودا ئېلىپ بېرۋاتامسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 11:57:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 10:37 PM
رەھمەت سىزگە تورداش، ئەڭ يېڭى ئىقتىساد ئۇچۇرلىرىنى يە ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەرزىمەيدۇ ، سىلەرنىڭمۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقرىپ مەن يوللغان ماقالىلەرنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ بەرگەنلكىڭىلارغا كۆپ تەشەككۈر  ؛
بولىدۇ ، مەن چوقۇم پايدىلىق ، يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرمەن ، ھەم شۇنداق قىلىشقا تىرشىمەن ، سىزگىمۇ كۆپ رەخمەت ؛

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13237
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 12:37:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما ئىكەن . مۇمكىن بولسا خەلق پۇلدىكى باھاسىنى بىللە يوللىغان بولسىڭىز بوپتىكەن .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 04:31:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
isiyan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-13 12:37 PM
ياخشى تېما ئىكەن . مۇمكىن بولسا خەلق پۇلدىكى باھاسىنى ب ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ قىممەتلىك پىكىر - تەلەپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت ، بولىدۇ ، ئالتۇن كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسىنى قوشۇپ يوللاپ بېرەي ؛
نۆۋەتتە ئالتۇننىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 245.15 يۈەن ، كۈمۈشنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.34 يۈەن بولۋاتىدۇ ؛

ئىسىيان مەڭگۈلۈك تېمام .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 2155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13237
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 04:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جاپا چەكتىڭىز .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش .
يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش