مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 779|ئىنكاس: 2

قىساس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10433
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1359 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 06:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىساس

(ھېكايە)

تۇرغۇن مىجىت قادىرى

                             

ئارىلاپ-ئارىلاپ جىددى ھالغا كېلىپ تۇردىغان بۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بۈگۈن جىددى تۈسكە كىرىپ، دوختۇر، سېستېرالار ئۆپۈر-دۈپۈر بولۇشۇپ كەتكەندى. ئۇلار ئۇ ئىشخانىدىن بۇ ئىشخانىغا، بۇ بۆلۈمدىن ئۇ بۆلۈمگە ئايىقى ئۈزۈلمەي قاتىرايتى ۋە لازىمەتلىك بويۇملارنى ئېلىپ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىرىپ-چىقىپ ئاخىرى ئەتىگەن كىرگەن بەش ئادەمدىن تۆتىنى ئۇ دۇنياغا يولغا سېلىپ، بىرسىنىڭ يۈرەك ھەركىتىنى نۇرماللاشتۇرۇپ، سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكىنىسىنى نەپەسلىنىش يولىغا سېلىپ، مېڭىۋاتقان ئاسما ئوكۇللارنى تەكشۈرۈپ ئاران ئىمىن تاپتى.

جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە سۈنئىي نەپەسلىنىپ ياتقان بىمار كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئەزگۈدەك بىر ئاچچىق ئېڭىرۋېتىپ سەل ھۇشىغا كەلگەندەك بولدىيۇ، شۇنداق تاتلىق، شۇنداق شىرىن ئۇيقۇ كۆزلىرىنى ئورىۋېلىپ ئۇنى يىرىپ ئېچىشقا تىرشىپ باقسىمۇ كۆزلىرىنى ئاچالمايۋاتاتتى، شۇنداقتىمۇ بۆگۈن ئەتىگەن كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ئىشلار تېلۋۇزۇر ئىكرانىدىكى سۈرەتلەردەك ئاستا ئۆتۈشكە باشلىدى...

بۈگۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى ئەڭ چوڭ بازار قارقۇم بازىرىنىڭ جۈمە بازىرى ئىدى، شۇڭا ئۇ تۆنۆگۈن ئېشىپ قالغان 17مو كېۋەزنىڭ مايسىسىنى قالدۇرۇش، ئوتاش ئىشلىرىنى شۇ كۈنى كەچتە ئۆيمۇ-ئۆي قاتىراپ ئىشلەمچىلەرنى تېپىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئەتىگەن تورغاي چۇ-چۇلىماستىلا، «يا رەببىم» دەپ ئۇڭ پۇتىنى بۇسىغىدىن ئېلىپ، جۈمە بازىرىدىن ناھىيە بازىرىغا ماشىنىنىڭ مېيى چىققىدەك ئادەمنى سېلىپ يولغا چىقتىدە، بۇ بەش خوتلۇق ماشىنىنى ياسىغۇچىنىڭ ئالتە، يەتتە خوتلۇق قىلىپ ياساپ قويمىغىنىغا مىڭ بىر نارازىچىلىق ئىچىدە قانداق ناھىيە بازىرىغا كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى. ئۇ نارىزى بولغان بۇ ماشىنا 24 كىلومىتىر يولنى 10 مىنۇتتا بېسىپ بولغاندى. ئۇ قارقۇم بېكەتكە كىلىپ تېزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن، نۆۋەت كۈتۈپ تۇردى، ئالاھىزەل 15 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ 15 كىشلىك ماشىنىسىمۇ توشتى. ئۇ تەڭ يولغا كەلگەندە ئۈچ ئادەم قول كۆتۈرۈپ ماشىنىنى توستى، شوپۇر بۇ كۈتۈلمىگەن ئامەتتىن گۈل قەھقەھلىرى ئېچىلىپ، يولوچىلارنىڭ غۇدىرشىغا قارىماي كۇشۇككا سامان چىڭدىغاندەك چىڭداپ بولغىچە كەينىدە قالغان يەنە بىر كىرا ماشىنىسى قۇيۇندەك يانداپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى ياق، پۈتۈن جىسمىنى پۈتمەس-تۈگۈمەس بىر لاۋىغا تاشلاپ كەتتى. چۈنكى بىر ماشىنىدىن كىيىن قېلىش، بەلكىم بىر يول كەم مېڭىش بولۇپ بىر يول پۇلنى ئاز تېپىش دىگەنلىك بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! ئۇ ماشىنى غەزەپ بىلەن خوتقا سالدى، ماينى قۇلاققىچە بەردى، ماشىنىڭ سۈرئەت ئىستىرىلكىسى 140نى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ ماشىنا ئىتتىك ماڭغاندەك كۆرۈنمەيتى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنى بىرقانچە خوت كەم سېلىنىپ قالغاندەك ئۇنىڭ قولى پات-پات ماشىنىڭ خوتىغا كىتىپ باراتتى.

ئۇ شۇ تېزلىك بىلەن كېتىۋېتىپ يولنىڭ ئەگمىسىگە كەلگەندە ھازىرلا ئۆتۈپ كەتكەن كىرا ماشىنىسىنىڭ تورمۇز چېرىقى يېنىپ ئاستىلىدى. ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئالدىدىكى كىرا ماشىنىسىدىن ئۆتۈپ كېتىشنى ئويلىدىدە، بۇ خەتەرلىك ئەگمىدە تۇرمۇز بېسىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن بەلكى ماينى قۇلاققىچە بەردى، ئەگمىگە يېقىنلاشقاندا بۇ ئىككى كىرا ماشىنىسى بەيگۈگە چۈشكەن جۇپ تۇلپاردەك بىر تۈز سېزىق ئۈستىگە كېلىپ ئەگمىدىن ئىگىلدى، يول ياقىسىدىكى تېرەك، سۆگەت، پاقپاق جىگدىلەرنىڭ توسۇۋېلىشى دەستىدىن ئەگمىنىڭ ئۇ تەرپىدىكى يولدا نىمە بارلىقىنى كۆرگىلى بولمىغاچقا قارىسىغا ئىگىلدىيۇ، ماشىندىن چىققان قىقاس سۈرەننىڭ دەستىدىنمۇ ۋە ياكى شوپۇرنىڭ ھۇدۇقىشىدىنمۇ، يا تۇرمۇزنى، ياكى رولنى بۇراشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قېلىپراق، ئالدى تەرەپتىن خۇددى يەردىن ئۆنۈپ چىققاندەك پەيدا بولۇپ، كېلىۋاتقان يۈك ماشىنىسىغا پۈتۈن ئالەمنى بىر ئالغۇدەك دەھشەتلىك قىيا-چىيالار، جاراڭ-جۇرۇڭلار بىلەن تەڭ كىرا ماشىنىسى ئادەملەر بىلەن بىللە ياندىكى ئىككى يېرىم مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئورمانلىققا تۆت چاقى ئاسمان پەلەك بولۇپ چۈشۈپ كەتتى...

ئۇ بۇ دەھشەتلىك بىر مەيدان رىئال كۆرۈنۈشتىن تېنى ئوتقا، لاۋىغا چۈشكەندەك بىر شۈركۈندىدە، پۈتۈن تەنلىرى، پۈتۈن ئۇستىخانلىرى كۈكۈم-تالقان بولۇپ كەتكەندەك چىدۇغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيتى، ئېچىشاتتى... بىردىنلا كۆزىگە شۇنداق تاتلىق، شىرىن بىر ئويقۇ كېلەتتى، بۈگۈن ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنى چۈشتە بىر قانچە سائەت ئۇخلىغاننى ئاز دەپ يەنە ئاخشاممۇ بالدۇر يېتىپ ئەتىگەن ئۇيقۇسى قانغاندا يولغا چىققانغۇ، بۇ زادى قانداق ئىش، مەن قوپۇشۇم، ماشىنىنى، ماشىنىدىكى يولوچىلارنى قۇتقۇزۇشۇم كېرەكتىغۇ...باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 5-يىللىقى، 3-يىللىقى ۋە 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوماق ئۈچ ئوغلۇم ۋە ئون نەچچە يىل ئۆينىڭ بار ئېغىر سىلىقىنى ئۆز يەلكىسىگە ئېلىپ، مېنى پۇچىلاندۇرماي، كىشىلەر ئالدىدا يۈزۈمنى قىزارتماي كېلىۋاتقان شۇ مىھرىبان ئايالىمغا بىر قانچە ئېغىز گېپىمنى قىلىۋالسام بولاتىغۇ، ئەمما ئاغزىمنى ھەرقانچە ھەركەتلەندۈرسەممۇ ئېغىزىمنى بىرسى ئامبۇر بىلەن قىسىۋالغاندەك مىدىرلىتال- مايۋاتىمەنغۇ. ئۇ شۇلارنى خىيال قىلدىيۇ، يەنە بىردىنلا كۆزىگە شۇنداق تاتلىق، شىرىن بىر ئويقۇ كەلدى، خىيالمۇ ئەمەس، رىياللىقمۇ ئەمەس، كۆزلىرى ئۇيقۇدىمۇ ئەمەس، ئوڭى بىلەن چۈشى ئارلىقىدا ئۇ پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.

مەن پانى ئالەم بىلەن، قىسقىسى قېرىنداشلىرىم، ئوماق پەرزەنتلىرىم، كۆيۈمچان، مىھرىبان ئايالىم، خوشنىلىرىم، دوست-بىرادەرلىرىم بىلەن كۆزىم قىيمىغان ھالدا خوشلاشقاندەك قىلاتتىم. مېنىڭ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ، تەنلىرىم ئاللا قانداقتۇر بىر نەرسىلەردىن ئۆزلۈكسىز شۈركۈنۈنەتتى، شۇنداق تومۇز ئىسسىقتىمۇ بەزگەك بولۇپ قالغان ئادەمدەك جالاقشىپ تىتىرەپ، ئۈستى-بېشىمدىن قاپاق بىلەن سۇ قۇيغاندەك تەر تامچىلايتى. باقى ئالەمدە ھىچ قانداق ئۇرۇش-تالاش، غەيۋەت-شىكايەت ۋە غەم ئەندىشە يوق بولۇپ، شۇنداق تىنىچ، نە تۇرمۇش، نە ئائىلە ھەلەكچىلىكى دېگەنلەر ئادەمنىڭ خىيالىغا كىرىپ قويمايتى. ھا راست، «تەن ئۇخلايدۇ، روھ ساياھەت قىلىدۇ» دېگەن توغرىمۇ نىمە؟ ئۆزەمگە تەپسىلى زەڭ سالسام تېنىممۇ، روھىممۇ ساياھات قىلغىلى تورۇپتۇ. توغرا، مەن ھەر بىر قەدەمنى سالماقلىق بىلەن ئېلىشىم كېرەك. مەن ھەر بىر قەدەمنى شۇنداق خۇدىكسىرەش، قورۇنۇش ئىچىدە ئالماقتىمەن، چۈنكى چوڭلارنىڭ باقى ئالەمدىكى جەننەت-دوۋزاق دېگەنلىرىنى كۆپ ئاڭلاپ كەتكەچكە، ھازىر ساياھەت قىلۋاتقان يەرلەر شۇنداق گۈزەل، تۈرلۈك مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان، خىلمۇ-خىل گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، گۈللۈكتە، باغلاردا تۈمەنمىڭ خىل قۇشلار چاڭڭىلداپ سايراپ ئادەمنى شۇنداق روھلاندۇراتتى، مەن بىر قەدەمنى شۇنداق خاتا ئالساملا «گۆپ»پىدە دوۋزاقنىڭ قودىقىغا پاقىدەكلا سەكرەپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك خۇدىكسىرەيتىم.

مەن بىر گۈزەل بوستانلىقتىن چىقىپ تۇرشىمغا بىر توپ ياۋا قارا توڭگۇز ئالدىمغا يوپۇرلۇپ ئاسماندىن توكلا چۈشكەندەك كەلمەسمۇ، قورقۇنۇمدىن يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك ئەندىشىلىك سېلىپ، ئۆپكەم كانىيىمگە كەپلىشىپ، پۇت-قولۇمدا جان دىدارى قالماي جايىمدا لاسسىدە ئولتۇرپ قالدىم. شۇ ئارىدا سەپنىڭ ئوتتۇرىدا كېلىۋاتقان يۈز-كۆزلىرى، پۈتۈن بەدەنلىرى قىچىشقاق چىققاندەك ھۆررەڭ- ھۆررەڭ ئۆرلەپ كەتكەن بىر ياۋا قارا توڭگۇز خۇددى ئادەمدەك سۆز-ھەركەت بىلەن سەپتىن ئايرىلىپ چىقىپ:

-توختاڭلار!-دەپ ئالدى پۇتىنى ئىگىز كۆتەردى ۋە ئۆزىنىڭ ياۋا چوشقىلىقىغا باشقىلارنىڭ ئىشەنمەي قىلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك «خورت...خورت» قىلىپ قويۇپ،  ماڭا قاراپلا ئىككى پۇتلۇق بولدى، ئۇنى چۆرىدەپ تۇرغان باشقا ياۋا چوشقىلارمۇ ئىككى پۇتلۇق بولۇپ، ئىككى ياققا بۆلۈنۈپ ئۇنىڭغا يول بوشۇتۇشتى. ئۇ ھۆرەڭ ياۋا چوشقا مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ:

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟-دېگىنىچە ئوڭ پۇتىنى كۆكسىگە ئېلىپ ماڭا ئىگىلىپ سالام قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ماڭا بىر غەلىتىلىكنى ھىس قىلدۇردى، چۈنكى ئادەمنىڭ ئىككى قولى، ئىككى پۇتى بولۇپ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام قىلاتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئىككى قولى بولمىغاچقا بىر پۇتىدا دەسسەپ بىر پۇتىنى كۆكىسىگە ئېلىپ سالام قىلىشى ماڭا غەلىتى بىلىنگەندى.

-ھەجەپ تونۇش ئاۋازغۇ بۇ؟!-دەپلا يەر تېگىدىن ئۇنىڭغا سەپ سالدىم. ئۇنىڭ چېقىر كۆزلىرى تىنماي چىمچىقلايتى، پات-پات بىر ئوڭغا، بىر سولغا قۇچقاچ چىقارغاندەك دەممۇ-دەمدە تۈكىرەتتى، بۇمۇ ناھايىتى تونۇش ھەركەت ئىدى. مەن ئۆزەم سېزىپ-سەزمەي:

-بۇ ھەجەپ تونۇش ھەركەتقۇ؟!- دەۋەتتىم.

-توغرا دەيسەن تۇرداخۇن ئۇكام، بىز تونۇش...«خورت-خورت».

-ئۇنداقتا سىز...؟

-ھە...ي...، ماۋۇ بالىنى،-دەپ ئۈستى-بېشىنى بىر تۈزەشتۈرۋېتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى،-مەن سىلەرنىڭ كەنىتتىكى سامساق شۇجى ئەمەسمۇ؟ خورت...خورت...

-توۋا خۇدايىم!-دەپ ياقامنى قاتتىق بىر چىشلىدىم ۋە ماۋۇ ئادەمنىڭ تۇرقى توڭگۇزغا ئايلىنىپ كەتكىنى بىلەن يەنە خۇي-پەيلى يەنە شۇ پېتىم تۇرۇپتىيا! قارا چوقۇر، يوغان بەستى، كۆزىنى توختىماي چىمىلدىتىدىغان، ئاغزىغا تۈكۈرۈك كەلسە-كەلمىسە بىر ئوڭغا، بىر سولغا قۇچقاچ چىچقاندەك تۈكۈرۈپ تۇردىغان ھالەتلىرى...

-سا شۇجى، سېلى نىمە بولۇپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىلا؟!

-بۇنى،-خورت، خورت، خورت،- سايىم كاسىر دەپ بەرسۇن...

-سايىم كاسىرمۇ مۇشۇ يەردىما؟

-سايىم بۇ ياققا چىق!

بۈرگىدەك سېمىز كەلگەن، كۆزلىرى ئوغرى مۈشۈكنىڭ كۆزىدەك بىر ئۇنىڭغا بىر بۇنىڭغا يەر تېگىدىن ماراپ پىشانىسىدە قارايدىغان، تۆت تال سېرىق سىمدەك يوق ساقىلىنى شاق-شاقلىرى بىلەن سىيلاپ تۇرىدىغان، شۇنداق تونۇش ھەركەتلەرنى قىلدىغان يەنە بىرەيلەن ئالدىغا چىقىپ:

-خوش بېگىم، خىزمەتلىرىگە تەييارمەن!-دەپ قول قوراشتۇرۇپ تۇردى.

-سەن تۇرداخۇن ئىنىمىزغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بىرىپ ئاندىن كەينىمىزدىن بارغىن،- دەپلا ياۋا توڭگۇزلار توپىغا قاراپ «خورت... خورت...خورت» قىلىۋىدى بارلىق ياۋا تۇڭگۇزلار دېھقەت ھالەتتە، بويسېرى، قاتار بىر رەتكە تىزىلىپ، سامساققا چىكىتتەك قاراپ تۇرۇشتى، يەنە بىر قانچە ھەركەتلەرنى قىلىپ ياۋا توڭگۇزلار قاتارىغا كىرىپ، ھەممەيلەن تەكشى، رەتلىك قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كېتىشتى.

يەنە بىر قېتىم ياقامنى بىر تۇتۇپ ھەم قاتتىق بىر چىشلەپ «توۋا» دېدىم ۋە سايىم كاسىرغا قاراپ:

-بۇ نىمە ئىش سايىمكا؟

-ئۇكام تۇرداخۇن بۇ نىمە ئىش بولىدىغان، بۇ شۇ پانى ئالەمدە باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەپ، باشقىلارغا قارا سىنىغاننىڭ جاجىسى،-دەپ كۆزلىرى قان-ياش سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

-«ئەل قىساسى مىنەل ھەق»كەن ئۇكام تۇرداخۇن، كۆرۈپ تۇرۇپسەن مانا، مۇشۇ بىر توپ ياۋا توڭگۇزلارنىڭ ھەممىسى پانى ئالەمدە ئادىمىزاتلار تەبىقىسىدىن ئىدۇق، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەپ، قارا سىنىغاننلىقىمىز ئۈچۈن گۆرىمىزدىن توڭگۇز پېتى قوپتۇق، مانا توڭگۇزدەك ياشاۋاتىمىز-ئۇ چوڭقۇر ئۇھسىنىۋېتىپ،كۆزلىرىنىڭ قۇيرىقىدىن ۋە چانىقىدىن ئېقىپ، زاڭىقى ۋە بۇرنىنىڭ تۈۋىدىكى يېرىك تۈكلەر ئارىسىدا تۇرۇپ قالغان چاپاق ئارلاش ياشلارنى شاقشاقلىرى بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.ـ ئۇكام ئېسىڭدە بولۇشى مۇمكىن، سامساق كەنتكە شۇجى بولۇپ، بىر قانچە كۈن ئۆتە-ئۆتمەي كەنتنىڭ كاسىرلىقىنى ماڭا يۈكلىدى، چۈنكى ئۇ كامىنا يىللىرى ئۇ گورۇپپا باشلىقى، مەن كۇپاڭچى(ئىسكىلات باشقۇرغۇچى) بولغاچقا نەپسانىيەتچىلىكتە بىر-بىرىمىزدىن قېلىشمايتۇق، ئىككىمىزنىڭ ئوي- خىيالى، مەقسەد مۇددايى بىر يەردىن چىقاتتى، مەنمۇ بەك ھۇشيار ئىدىم، ئۇ بىلمەيلا قالغاننى ھاپلا قىلىپ يۈتىۋالاتتىم، ئەمما ئىككىمىز بىلدىغاننى تەڭ بۆلۈشەتتۇق، مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ يەيدىغاننى چوڭراق، ئالىدىغاننى يوغانراق بىرەتتىم، شۇڭىمۇ مېنى بەك ياقتۇراتتى. بەرسە خوش بولمايدىغان كىم بار شۇ چاغدىكى جاھاندا؟! بىزنىڭ بۇ تاللىق كەنتتە تېنىقىمىز ئوق، باشقىلارنىڭ تېنىقى پوق ئىدى، بىز نەگە بارىلى، نەدە تۇرىلى بىللە ئىدۇق، ئېتىز-ئېرىقنى ئارىلاپ، ياكى بىرەر ئىشلار بىلەن كەنتلەرنى ئايلىنىپ، بىرەرسىنىڭ سېمىزراق-ئوغلاق، پاقلانلىرىنى كۆرۈپ قالدۇقمۇ شۇ ئۆيدىن چىقماي ئۇنى، بۇنى دەپ شۇ بىر جاننىڭ بېشىغا چىقماي. ئۆيدىن چىقمايتۇق، ھەتتا شۇ ئۆيدىكى خوتۇن- قىزلىرى ۋە كىلىنلىرى كۆزلىرىمىزگە ئىسسىقراق كۆرۈندىمۇ، بۇ ئوغلاق- پاقلانلارنىڭ گۆشلىرىنى يەپ بولدى قىلماي، مەي-شاراپ ئىچكىمىز كېلەتتى، مەي-شاراپلارنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۆيدىكى ئەرگە تەۋەلەرنى بىر بىرىگە يولۇقتۇرماي، ياكى ئوغلىغا كەلسە، دادىسىنى، دادىسىغا كەلسە بالىسىنى سىرتقا ئىشقا بۇيرۇپ، ئۇلارنى ھۇشىنى بىلگۈسىز مەس قىلىپ، بىر ئۆيگە ئەكىرىپ ئۇخلوتۇپ قويۇپ، ئىككىنچى قەدەمدە خوتۇن-قىزلارغا ئونۇمىغىنىغا ئونىماي ئىچىرىپ ئۇلارنىمۇ تازا مەس قىلىپ،«تۇزىنى يەپ، تۇزلىقىغا سىيىپ» يېنىپ چىقاتتۇق.

-نىمە دېدىڭ، بۇ خوتۇن-قىزلار قارشىلىق قىلمامتى دېدىڭما؟ ئۇكام ماڭا قارا، «ئوۋچىنىڭ مىلتىقى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى بار» دېگەندەك، ئۇلارنىڭ قارشىلىقى بولسا، بىزنىڭ چارە-تەدبىرلىرىمىز بار دەيمەن، بىرەرسىنىڭ 10-15 مو يېرىنىڭ كەتمىنىنى چىقىرىپ بەرسەك، سەل گېپى بارراقلىرىنى كەنت ئاياللار مۇدىرى، كەنتنىڭ كاتىپى، ئېرىنى گورۇپ باشلىقى، كەنت ئىشخانىسىغا قارۇغۇچى قىلىپ، يىل ئاخىردا چۆنتىكىگە كەنتنىڭ تۈرلۈك پۇللىرىدىن ئىككى، ئۈچ مىڭ يۈەن سېلىپ، ئەرلىرىنى ئۇ يەر-بۇ يەرلەردىكى پائالىيەت، ئولتۇرۇشلارغا بىللە ئاپىرىپ بىز يىيەلمىگەن ياغراق گۆشلەرنى، ئىچكىمىز كەلمىگەن ناچار مەي-شاراپلارنى ئىچكۈزۈپ، بىزگە ھەمرا قىلىۋالاتتۇق. بولۇپمۇ ئاجىز-مېيىپ، نامراتلارغا يوقۇردىن بىرىلگەن قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنىڭ ئۇن، ياغ، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى ۋە نەق پۇلغا تەۋەلىرىنىڭ ئوندەن بىرىنى كەنىتتە سەل گېپى بارراق ئادەملەرگە، ياكى شۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا بىرىپ، قالغان قىسمىنى ئۆزلىرىمىز ئىلىشىپ ئۆيگە ئېلىپ كېتەتتۇق ياكى چۆنتەككە سالاتتۇق. پەقەت كىيىم-كېچەكنىلا بىرىنى تولۇق قويماي نامراتلارغا تارقىتاتتۇق. بەزى بىر يوۋاش، مۆمىن، بىچارىلەرنىڭ ئۆلۈپ-تىرىلىشى بىلەن زىنھار كارىمىز يوق ئىدى. كەنتىمىزدە چوڭ مۆلدۈر ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەت بولدىمۇ گۈل قەھقەھلىرىمىز ئېچىلىپ «دېھقانلارغا ئاپەت، كەنت كادىرلىرىغا ئامەت»بولاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىكارغا كەلگەن قۇتقۇزۇش بويۇملىرىدىن ئۇرۇق، ئوغۇت، يالتىراقلارنى دېھقانلارغا تارقىتىپ، كۈزدە بازار باھاسى بويىچە كەنتنىڭ باشقا پۇللىرى قاتارىدا دېھقانلارنىڭ قاقشاشلىرىغا قارىماي، نەق پۇل بولمىسا خۇددى بۇلاڭچىلاردەك ئۆيىدە پۇلغا ئالغۇدەك نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ تارتىۋېلىپ، ئېلىشىغا سېتىپ يانچۇقنى توملايتۇق، يوقۇردىن دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللىتىڭلار دەپ ئېنىق سىياسەت، بەلگۈلىمىلەر چىقىرىلغان بولسىمۇ، يېزىدىن سۇ پۇلىنى بىر مو يەرگە 32 يۈەندىن يىغىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، بىز يۈرىكىمىزنى قاپتەك قىلىپ، 52 يۈەنگە چىقىرىپ، بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي، دېھقانچىلىق دارا پۇلى، يەر ئۈستۈرۈش پۇلى مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاش، چاتاش پۇلى دىگەندەك بىر قانچە يوق تۈرلەرنى قوشۇپ پۇل يىغىپ، ئۆزلىرىمىزنىڭ يەرلىرىگە ئوغۇتنىڭ، ئۇرۇقنىڭ نوچىسىنى ئىشلەتسەكمۇ بىر تىيىن پۇل بەرمەيتۇق، بۇ ئارقىلىق يېنىمىز كۆز-قارنىمىز تويغىدەك 100 مىڭ يۈەن بىلەن تومپۇيۇپ قالاتتى...-شۇلارنى دەپ، كۆزلىرى قىزىرىپ ھۆڭرەك ئېيتىپ بىر ھازا يىغلىدى، مەن ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، ئۇ ئاخىردا،- مانا قارا ئۇكام، ئۇ دۇنيادا قىلغىنىمىزنىڭ جاجىسىنى بۇ دۇنيادا بولۇشىغا تارتىۋاتىمىز، ياراتقان ئىگەم ھەر قانداق بەندىسىنى ئۆزلىرىنىڭ نىسىۋىسىنى يەپ بۇ پاقى ئالەمگە قايتىشىغا نىسىپ قىلغاي، مىڭ تۆۋە...خوش ئۇكام مەن ماڭاي-دەپ كۆزنى يومۇپ-ئاچقىچە كۆزدىن غايىپ بولدى.

مەن بۇ ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشتەك  كۆرۈنۈشلەرگە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي بەدەنلىرىم مۇزلاپ، پۇت-قولۇمدا جان قالماي جايىمدا ئولتۇرپ قالدىم. توغرا، سامساق بىلەن سايىم كەنتتە بەش يىلدەك شۇجى كاسىر بولۇپلا بىر كۈنلىرى ناھىيەلەك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتىدىن ئۇلارنى تەكشۈرگىدەك دېگەن گەپلەر تارىلىپ، بىرقانچە كۈن بولا-بولماي «سايىم كاسىر ھېساپ دەپتىرىنى كۆيدۈرۋېتىپ بىر كېچىدىلا دوڭ مەھەلىدىكى داشىلىقتىكى چوڭ تەرەككە ئاغامچا سېلىپ ئېسىلىپ ئۆلىۋاپتۇ» دېگەن خەۋەر تارالدى. تەكشۈرمىچىلەر تەكشۈرۈپ سامساقنى پارتىيەلىكتىن، شۇجىلىقتىن قالدۇرۇپ، نۇرغۇن جىرىمانىلەرنى قويۇپ، ھۆكىمەت كادىرىدىن بىرەيلەننى كەنتكە ۋاقىتلىق شۇجى بولۇپ تۇرىدۇ دەپ كېتىپ قالغاندى. سامساق شۇجىلىكتىن قالغاندىن كىيىن خوتۇن-باللىرىغا ئۆينى تاشلاپ بىرىپ، ىوتۇن-بالىلىرىنىڭ قان-قان يىغلاپ يېلىنسىمۇ ئۇنىماي خوتۇنىنىڭ خېتىنى بىرىپ، ناھىيە بازىرىغا كېتىپ، مۇساپىرلار قاۋىقىدا ئىچىدىغان، ئەتىگەن سەھەردە «جىددى قۇتقۇزۇش»قا كىرمىسە بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قېلىپ، بىر يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ناھىيەنىڭ غالىبىيەت ئۆستىڭىگە چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى ئۈچ كۈن بولغاندا بىر يېزىنىڭ توسمىسىدىن تاپقانلىقىنى ئاڭلىغاندۇق.

مەنمۇ ماشىنا ئالغاندىن كېيىن قېرى-چۈرىلەر، ئاجىز-مېيىپلەر ماشىنىغا چىقىپ بېرىدىغانغا پۇلى كاملاپ قېلىپ شۇنچە بىچارە ھالدا يېلىنىشلىرىغا پىسەنت قىلماي، ئۇلارنى تاپا-تەنە ئىچىدە تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈپ، قوللىرىدىكى لازىملىق نەرسىلىرىنى تارتىۋېلىپ، پۇل ئۆتنە-يېرىم قىلىپ ئەكىلىپ بەرمىگىچە نەرسە-كېرەكلىرىنى بەرمىگەنلىكىم، ئارا يولدا چىققان، بىرەر يېرىم كىلومىتىر قالغاندا چىققان ئادەملەر بىلەن، باش بىكەتتە چىققان ئادەملەردەك 35 كىلومىتىر يولغا پۇلنى ئېلىپ ئۇلارنى قاقشىتىشلىرىم... ئاھ خۇدا! مەن نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن!؟

يەر ئاستىدىن چىققاندەك بىر ئاتنىڭ چاپراقشىپ كېلىۋاتقان توياق ئاۋازى قۇلۇقىمغا ئۇرۇلدى. مەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە «بۇ ئاتقا ئايلىنىپ كەتكەن كىمدۇ؟» دېدىم ئىچىمدە. ئاۋاز بارغانچە يېقىنلىشىپ، ئاپپاق ئات، ياق ئاپپاق دۇلدۇل ئۆستىدە بىر شۇنداق كېلىشكەن، داستانلاردا، چۆچەكلەردە، جەڭنامىلەردە تەسۋىرلەنگەندەك بىر شاھزادە كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى، مەن كۆزلىرىمنى ئۇۋىلاپ«بۇ ئالەمدىمۇ شاھزادە بولامدىغاندۇ؟!» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكەزدىم. ئۇ ئاللا قاچان ئالدىمغا كېلىپ دۇلدۇلدىن چۈشۈپ بولغاندى. مەن ئالمان-تالمان ئوڭ قۇلۇمنى كۆكسۈمگە ئېلىپ، ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە خاس ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن:

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك شاھزادەم، ھارمىغايلا!؟-دەپ قول قۇرۇشتۇرۇپ تۇرغاچ، «بۇ شاھزادە بىلەن تونۇشۇپ قالسام مېنى قانات ئاستىغا ئېلىۋالسا، شۇنىڭ سايىسىدە بۇ ئالەمدىكى دوزاقتىن قۇتۇلۇپ قالسام» دېگەنلەرنى كۆڭلىمدىن ئۆتكۈزۈپ ئۈلگۈرگەندىم.

-ۋائەلەيكۇم ئەسسالام تۇرداخۇن ئاداش، تېچلىق، ئوبدان تۇرىۋاتامسەن، قانداق بولۇپ بۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالدىڭ؟

مەن قۇلىقىمغا ئىشەنمەي، تازا بىر كوچىلاپ، كۆزلىرىمنى قايتا بىر ئۇۋىلاپ، شاھزادىگە قارىدىم، شۇنداق تۇنۇش ئاۋاز، شۇنداق تۇنۇش چىراي، لېكىن ئىسىمگە ئالالمىدىم.

ئۇ مېنىڭ خۇپتەن گاستەك تېڭىرقاپ قالغىنىمنى ھېس قىلىپ، دۇلدۇلنىڭ ئىگىرىنىڭ يېنىغىلا ئېسىپ قويغان ئوزۇن، باشتەرىپى قاپاقتەك بىر قاپنى ئېلىپ، ئۇنى ئېچىپ بىر تەمبۇرنى ئېلىپ ئازراق تەڭشەپلا ناخىلنى تارىغا ئۇرماسمۇ پۈتۈن بەدىنىم، ياق پۈتۈن يەر-زىمىن، دۇنيا لەرزىگە كېلىپ، ئۆمۈلۈگۈچى، يەر بېغىرلۇغۇچى يەنى چۆمۆلە، ئۆمۈچۈك، پاتمىچۇق، سالما، كېلە، چاياندىن، جاھادا بار كىچىك-چوڭ، قاغا-قۇزغۇندىن، بۇلبۇل، قىرغاۋۇل، توخۇ، كەپتەر، ئاق قۇچقاچ، شاق قۇچقىچغىچە ئۇچار قۇشلار، يولۋاس، يىلپىز، بۆرە، قاۋان-مىكىجىن، مايمۇن، قوي، كالا، ئات، جەرەن، كىيىك، مارالارغىچە  تۈر-تۈرى، رەت-رېتى بىلەن بىرەر ئادەم تىزىپ قۇيغاندەك ئۇسۇلغا چۈشتى. قاۋانلار ئىچىدە سامساق بىلەن سايىم باردەك قىلدىيۇ لىكىن ئۇلارمۇ كۆپ بولغاچقا تازا ئاڭقىريالمىدىم. ھايۋانلار ئۇسۇل ئويناپ يەر يۈزىنى بىر ئالسا، قۇشلار ئۇسۇل ئويناپ ئاسماننى بىر ئالغاندى. شاھزادە پەدىنى يۆتكەپ، ئاتۇش پەدىسىگە چالماسمۇ پۇت-قولۇم، پۈتۈن بەدىنىم قىچىشىپ تۇرالماي مەنمۇ ھايۋانلار قاتادرىدا ئۇسۇلغا چۈشۈپ كېتىپتىمەن، مەن ئۇسۇلنى قانچىلىك ئوينىدىم ئۆزەممۇ بىلمەيمەن پۇت-قولۇم سىرقىراپ ئاغرىپ كېتىپتۇ، پۈتۈن بەدىنىم چېلىق-چېلىق تەرگە چۆمۈپ، مەن بىلەن ئۇسۇل ئوينىغان ئۇچار قۇش، ھايۋانلار ئاللىقاچان غايىپ بولۇپ شاھزادە بىلەن ئىككەيلەنلا قاپتىمىز. ئۇ ماڭا قول ئۇزاتىپ كېلىۋاتاتتى، مەن تەپسىلى قاراشقا مۇيەسسەر بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ، ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىپ، سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ تەمبۇر كەسپىگە ئۆتۈپ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن مەكتەپكە بارالماي، ئۇ قارا يىتىم بالا بولغاچقا ئىقتىسادنى ھەل قىلىمەن دەپ ناھىيەمۇ-ناھىيە، يېزىمۇ –يېزا، نى-نى باي، خوجايىنلارغا، بانكا ئورۇنلىرىغا قاتىراپ بېقىپ، قۇرۇق قول قايتاشىدا موتو سوقۇۋېتىپ قازا قىلغان، تولۇقسىزغىچە بىر سىنىپتا ئوقىغان ساۋاقدىشىم نۇردۇن ئەمەسمۇ؟! توۋا مەن ئۆلدۈممۇ يا؟! ياق مەن ئۆلمىدىم، مەن ئۇنىڭدەك سوغدا توڭلاپ، ئىسسىقتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتمەيمەن مەن دېگەن كەنىتتە«چاقىرسا ئېتىم بار، تۇتسا سېپىم بار» ئالدىن بېيىغان ئادەم دەپ، بەدەنلىرىمنى چىمداپ باقتىم، مەندە سىزىم بارئىدى، شۇڭا ئۆزەمنىڭ ئۆلۈپ كەتمىگىنىمگە ئىشەندىم. مەن خىيال بىلەن نۇردۇننى ئەستىن چىقارغانكەنمەن، مەن ئۇنى ئىزدىدىم، ئۇ مەندىن ئۆزىنى قاچۇرغاندەك غايىپ بولغاندى.

مەن نەگە مېڭىشنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدىم، بەدەنلىرىمنىڭ بىر يەرلىرى قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىيتى، تېنىقىممۇ ئىتتىكلىشىپ، بىردەمدىلا  تېنىقىم توختاپ قالىدىغاندەك ئىدى، تويۇقسىز قۇم-بوران ئۇشقۇيتۇپ يەر-جاھاننى قاراڭغۇچۇلۇق قاپلاپ، ھىچ نەرسىنى كۆرگىلى بولغۇسىز بولۇپ كەتتى. مېنىڭ ياقامدىن بىرسى تۇتۇپ سۆرىگەندەك پۇتۇم يەرگە تىگە-تەگمەي دارقىراپ سۆرەلمەكتىمەن، «ھە، ئەمدى دوزاققا ماڭغىنىم بولسا كېرەك» دەپ ھاياتلىقىمدا قىلغان-ئەتكەنلىرىمگە مىڭ بىر پۇشايمان قىلماقتىمەن، قاڭغىر قاقشاپ يىغلىماقتىمان، بۇنىڭغا نە چارە، نە ئامال؟!

قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىر يەرلەردە بوراننىڭ گۆكىرگەن ئاۋازى قولىقىمغا ئورۇلىدۇ، ئۇنى كۆرمەيمەن، بوران، قاراڭغۇلۇق يوق يەرگە ماڭاي دەيمەن، پۇتۇم ساق ماڭالمايمان، مەن مۇشۇنداق بولۇپ قالارمەنمۇ؟ مەن ئادەملار بار، ئالەم يۇرۇقچىلىققا تولغان جايغا شۇنداق ئىنتىلىمەن، ئەمما... بىراق...

دەھشەتلىك گۈلدۈر-قاراسلاردىن كېيىن قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە يىڭنىنىڭ كۆزىچىلىك يورۇقلۇق كۆرىنگەندەك، يىراق-يىراقلاردىن يۇرۇقلۇق كۆرۈنۈپ، بارا-بارا يېقىنلىشىشقا باشلىدى، بۇ يورۇقلۇق يېقىنلاپ-يېقىنلاپ تۆت ئادەم بولدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوپمۇ-ئوخشاش ئاپپاق رەخىتلەر بىلەن يۈزىدىن باشقا جايلىرى ئورالغاندى. ئۇلار يېقىنلاشقانسىرى ئۇلارنى تونۇشقا باشلىدىم، ئۇلار دەل ئەتىگەندە مېنىڭ ماشىنامغا چىقىپ قاراقۇم يېزا بازىرىغا ماڭغان يولوچىلار ئىدى. ئۇلار كۆزلىرىدىن غەزەپلىك ئوتلىرىنى ماڭا چاچىرتىپ، دىۋىنىڭ قوللىرىدەك يوغان قوللىرى بىلەن كانىيىمدىن كاپلا ئالدى ۋە ياش بالا غەزەپ بىلەن:

-ئەي مەلئۇن، ئازغىنە پۇلنى دەپ بىز تۆتەيلەننىڭ بېشىغا چىقتىڭ، مەن 19 يىل بىچارە دېھقان ئاتا-ئانامنى كانەيگىچە قەرزگە بوغۇپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئەمدى خىزمەت ئورنىمنى تېپىپ، شۇلارنى قېرىغاندا بىر بېقىۋالاي دەپ تۇنجى مائاشنى بىر سىنىتمۇ خەجلىمەي ئېلىپ ماڭغاندا، سەن...سەن...-ئۇنىڭ بەدەنلىرىدىن قىپ-قىزىل قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ ماغدۇرسىزلاندىمۇ ۋە ياكى غەزەپتىن بوغۇلدىمۇ قولى كانىيىمنى ئامبۇردەك قىسىپ دىمى يۈتتى.

-سەن مەلئۇن،-دېدى بىر ئايال كانىيىمنى ئىككى قوللاپ كۈچىنىڭ بارىچە سىققىنىچە،-سەن مېنىلا ئەمەس ئائىلەمدىكى بەش ئادەمنى نابۇت قىلدىڭ، ئائىلدە تولۇقسىزدا ئوقىۋاتقان 13 ياشلىق قىزىم، باشلانغۇچنىڭ 5-يىللىقىدا ئوقىۋاتقان ئوغلۇم، بۇنىڭدىن يەتتە يىل بورۇن سەندەك نائەھلىلەرنىڭ ماشىنىسىدا مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قالغان، پۈتۈن ھاجىتىنى، ئاستىنى مەن قۇرۇقدىمىسام بولمايدىغان سۆيۈملۈك ئىرىم، 80 ياشتىن ھالقىغان قىنئاناملار ئەمدى قانداقمۇ كۈن ئۆتكۈزىدى...

-سەن...سەن...!!!

ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئالەمنى بىر ئالىدىغان دەھشەتلىك نەپرەتلىرى ئىچىدە پۇت-قوللىرىم ئاستا-ئاستا بوشۇشۇپ، تېنىق يېتىشمەي بار ئاۋازىم بىلەن «ۋايجان!» دەپلا بوشۇشۇپ كەتتىم.

«ۋايجان» دېگەن ئاۋاز بىلەن بۇ دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى دوختۇر، سېستىرالار يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشتى، بىمارنى قانچە قىلسىمۇ يۈرەك ھەركىتى توختاپ قالغاچقا ئۇنىڭدىن ئۈمۈت ئۈزۈپ، سۈنئىي نەپەسلەندۈردىغان، يۈرەك ھەركىتىنى تەكشۈردىغان، ئىشنى قىلىپ ئۇنىڭغا چېتىپ قۇيغان ئوكۇل ۋە باشقا بارلىق سايمانلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئېڭىكىنى چېتىپ، يۈزىنى ئاق رەخت بىلەن يېپىپ چىقىپ كەتتى.

2014-يىل. نويابىر (ئاۋات)

ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن:

                                             تۇرغۇن مىجىت


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 01:36:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا خۇدايىم ھايات ئەنە شۇنداق ،قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا ، ھەر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن،

ئىت قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا كىتىۋىرىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90177
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 10:21:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكايىدە نۇرغۇن بىلىملەر يېپىق ھالەتتە بايان قىلىنىپتۇ. اللە ئەجىر بەرسۇن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش