مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1427|ئىنكاس: 22

29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6103 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 06:16:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلى




يوللىغۇچىدىن:

بۇ تېما تور ئىسمى تەنھا بولغان بىر تورداش ئاپتورلىغىدىكى 29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلى .بۇ بىر دەسلەپكى قەدەمدىكى ئەمگەك.كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۈپ ،سەھۋە-خاتالىقلارنى بايقىسا كۇرسۈتۈپ تۆزۆتۈش پىكىرى بېرىشىنى سورايمەن.



2

3

4

5

6

7

8

9

10

11

12

13

14

15

16

.


شارچىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيسىنىڭ تەڭلىمىسى
شارچىنىڭ مەركىزىدىكى ماددىي نوقتىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيسى باشتىن- ئاخىرىxoy تەكشىلىكىدە بولىدۇ.  شارچىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى ، ئوقىدا ئايلىنىش سىزىقلىق تىزلىكى  تۇراقلىق بولغاچقا ، ئىغىۋاتقان بۇ شارچىنىڭ ئىغىش نىسبىتى باشتىن – ئاخىرى ئۆزگەرمەيدۇ. شارچىنىڭ مەركىزىدىكى ماددىي نوقتىنىڭ ھەر قانداق پەيىتتىكى سىزىقىلىق تىزلىك يۆنىلىشى بولسا ، بۇ ماددىي نوقتىنىڭ ھەرىكەت تىريكىتورىيسىنىڭ (ئەگرى سىزىق) ئۇرۇنمىسى بولىدۇ. بىز ئوخشىمىغان ۋاقىتتىكى بۇ ئۇرۇنمىلارغا تىك قىلىپ سىزىق يۇرگۇزسەك، بۇ سىزىقلار بىر نوقتىدا كىسىشىدۇ. شار مەركىزىدىكى ماددىي نوقتا بۇ سىزىقلار كىسىشكەن نوقتىنى چەمبەر مەركىزى قىلپ ، چەمبەر شەكىللىك ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. يەنى شارچىنىڭ مەركىزىدىكى ماددىي نوقتىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيسى چەمبەر شەكىللىك بولىدۇ. بۇ شارچىنىڭ ھەرىكەت شەكلى چەمبەر شەكىللىك تەكشى ھەرىكەت بولىدۇ. شارچىنىڭ ئىغىنىشى ئوقىدا ئايلىنىشى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. (كۇچ كەتمەيدۇ، مەركەزگە ئىنتىلمە كۇچ لازىم ئەمەس) . ھىچقانداق كۇچكە ئۇچىرمىغان بۇ شارچە مۇقىم سىزىقلىق تىزلىك ۋە مۇقىم ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكىگە ئىگە بولغاندا ،(مۇشۇ خىل ئەھۋالنى تەھىلىل قىلىۋاتىمەن )  بۇ شارچە يىتەرلىك ۋاقىتT نى سەرىپ قىلىپ ، بىرىنىچ قىتىم ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىپ كىلىدۇ. (Tنى شارچىنىڭ دەۋىرى دىمەكچى) شارچىنىڭ ئوربىتىسىنىڭ مەركىزى بولساx  ئوق ئۇستىدە ياتىدۇ. رەسىمدە كۆرۇستىلگەندەك:








بۇ چاغدا شارچىنىڭ مەركىزىدىكى ماددىي نوقتىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيسىنىڭ تەڭلىمىسى:

بولىدۇ. ئەگەر بىزشارچىنڭ ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىنى ئەسلىدىكىنىڭ قارمۇ- قارشىسى قىلساق بۇ چاغدا:

يۇقىردىكى تەڭلىمە بولسا، چەمبەر شەكىللىك ئوربىتىدا ھەىكەت قىلۋاتقان شارچنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى بىلەن دەۋىرى ئىنىق بولغان ئەھۋالدىكى تەڭلىمىسى .
بىز گەرچە ماددىنىڭ ھەرقايسى تىزلىكلىرىنى توغرا ئۆلچىيەلىسەكمۇ، لىكىن دەۋىرىنى ئۆلچەش تەسكە چۇشىدۇ،چۇنكى بۇنداق چەمبەر ئوربىتىسىنى تولۇق ئايلانغان جىسىملارنى كۇزەتمىكىمىز تەسكەچۇشىدۇ ياكى كۇزەتكىنىمىز شۇ چەمبەر يايىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن،  رىئال جىسىملار بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ بولىدۇ. شۇڭابىز ئادەتتە كۇزىتەلىگەن شۇ يايغا مۇناسىۋەتلىك تىزلىك ۋە ۋاقىتنى ئەڭ ئاسان ئۆلچىيەلەيمىز.
بىز ئەمدى 29-تىئورمىنىڭ ماتىماتكىلىق مودىلى _ رەسىم ھالىتى(1) دىكى بىرنىچى رەسىمگە قايتىپ كىلەيلى.



شارچەy ئوقىنىڭ موسبەت يۆنىلىشىنى بويلاپ  تىزلىكتە سىزىقلىق تىزلىك ،z ئوقىنى ئايلىنىش ئوقى قىلىپ ،x ئوقىنڭ مەنپىي يۆنىلىشىگە قاراپ ،yox تەكشىلىكىدە ئىغىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانشارچە يۇقىردىكى رەسىمدىكىدەك، شارچەo نوقتىدا (كوردىنات بىشىدا ) تۇرغاندا ۋاقىت خاتىرلەش باشلىنىدۇ. ھەر قايسى تىزلىكلىرى يۇقىردىكىسىگە ئوخشاش. ئەگەر شارچە ئاغماي ھەرىكەت قىلسا ،t ۋاقىت ئىچىدە ( دەلt ۋاقىت ئۆتكەندە)'o نوقتىغا يىتپ بارىدۇ،ئەگەر شارچە ئاغسا''o نوقتىا بارىدۇ.ھەمدە ''oo ياينى شەكىللەندۇرىدۇ.  بىز تىزلىك ۋە ۋاقىتتىن پايدىلنىپ بۇياينىڭ ئۇزۇنلۇقىنى تاپالايمىز. tv=l بولىدۇ.
ئەمدى بىز پەقەت''oo خوردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى تاپالىساقلا ، بۇ خوردا ۋە يايدىن پايدىلنىپ  شارچىنىڭ ھەرىكەت ئوربىتسىنىڭ رادىئوسىنى تاپالايمىز. بۇ ئارقىلىق ھەرىكەت تىرايكىتورىيسىنىڭ تەڭلىمسىگە ئىرشەلەيمىز. بۇ يەردىكى'w بولسا  β بۇلۇڭنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى.
مەن ئەمدى''ooخوردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى تاپىمەن.


''oo  ياي ۋە بۇ ياي قارشىسىدىكى''oo  خوردا ئارقىلىقR نى ئىپادىلەپ ،


غا قويساق ، شارچىنىڭv،t،'wلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن تەڭلىمىسىگە ئىرشەلەيمىز.
بىز شارچىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيسىنىڭ پەقەت v،t لار ئىپادىلەنگەن تەڭلىمىسىگە ئىرشمەكچى بولساق ، چەمبەرنىڭ پارامىتىرلىق تەڭلىمىسىدىن پايدىلانساق بولىدۇ.
شۇڭا  بىز,oo نىy ئوق يۆنىلىشىدىكى يۆتكىلىش ،
''o,o نىx ئوق يۆنىلىشىدىكى يۆتكىلىش قىلىپ ئالساق،


بۇ بولسا شارمەركىزىدىكى ماددىي نوقتىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىسىنىڭ پارامىتىرلىق تەڭلىمىسى.بۇيەردىكى'w نى يوقىتىش ئارقىلىق پەقەتv،t لار بىلەن ئىپادىلەنگەن شارنىڭ ھەىكەت تىرايكىتورىيىسىنىڭ تەڭلىمىسىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
بىز شۇنداق قىلىپ ،سىزىقلىق تىزلىكى ۋە ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى مۇقىم بولغان شەرىت ئاستىدىكى 29-تىئورما بويچە ئاغقان شارچىنڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيە تەڭلىمىسىگە ئىرىشىپ بولدۇق،يەنى بۇنداق شەرىت ئاستدا شارچە چەمبەر شەكىللىك تەكشى ھەرىكەت قىلىدۇ.
يۇقىردىكى تەڭلىمە بولسا شار مەركىزىدىكى ماددىي نوقتىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيىسىنىڭ تەڭلىمىسى ، شارچە ئۆزئوقىدا ئايلىنىش جەريانىدا ، شار مەركىزىدە بولمىغان ماددىي نوقتىلارنىڭ سىزىقلىق تىزلىكىنىڭ پەرقى شار مەركىزىدىكى ماددىي نوقتىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكىنىڭ يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرىستىدۇ، شۇ ئارقىلىق شار مەركىزىدىكى ماددىي نوقتىنىڭ ئىغىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. چۇنكى شارنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق ماددىي نۇقتىلار ئۆز-ئارا تەسىر كۆرىستىدۇ. يەنى بىر – بىرىگە باغلانغان بولىدۇ، سىز شارچىنىڭ مەلۇم قىسمىنى تارتسىڭىز قالغان قىسمىمۇ تارتىلىدۇ.
بۇ خىل ھالەتنى تەركىبلىگۇچىسى يوق بولغان ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلمىتار زەرىچىلەرگىمۇ تەدبىقلاشقابولىدۇ.
      ئەمدى مەن سىزىقلىق تىزلىكى ۋە ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى تۇراقلىق بولمىغان ھالەتلەرنى ئازراق تەھلىل قىلىپ ئۆتەي:
     شارچىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى ۋە ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى مۇقىم بولغاندا ،شارچىنىڭ ئىغىش نىسبىتى تۇراقلىق بولىدۇ.
     شارچىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى تەدىرىجى چوڭىيىۋاتقان ، ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى مۇقىم بولغاندا شارچىنىڭ ئىغىش نىسبىتى تەدىرىجى تۆۋەنلەيدۇ. بۇ چاغدا شارچىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيىسى تۆۋەندىكى رەسىمدەك بولىدۇ:



شارچىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى ئۆزگەرمەي، بۇلۇڭلۇق تىزلىكى تەدىرىجى كىچىكلىسە، ئىغىش نىسبىتى تەدىرىجى تۆۋەنلەيدۇ، ھەرىكەت تىرايكىتورىيىسى(1) رەسىمدەك بولىدۇ.(ياكى ئوخشاشراق بولىدۇ.)
شارچىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى تەدىرىجى چوڭىيىۋاتقان، بۇلۇڭلۇق تىزلىكى تەدىرىجى كىچىكلەۋاتقان بولسا ،شارچىنىڭ ئىغىش نىسبىتى تەدىرىجى تۆۋەنلەيدۇ، ھەرىكەت تىرايكىتورىيىسى(1) رەسىمدەك بولىدۇ. (ياكى ئوخشاشراق بولىدۇ. )
يۇقىرقى ئۈچ خىل ئەھۋالدا شارچە تەدىرىجى تۇزسىزىقلىق ھەرىكەتكە ئىنتىلىدۇ، (بىراق يەنىلا ئەگرى سىزىقىلىق ھەرىكەت قىلىدۇ.) بۇ خۇددىي ھازىرقى ئالەمنىڭ كەڭىيىۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ.
       شارچىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى ئۆزگەرمەي، بۇلۇڭلۇق تىزلىكى تەدىرىجى چوڭايغاندا،ئىغىش نىسبىتى چوڭىيىدۇ.
بۇ چاغدا شارچىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيىسى تۆۋەندىكى ردسىمدەك بولىدۇ:



شارچىنىڭ سىزىقىلىقتىزلىكى تەدىرىجى كىچىكلەپ ، بۇلۇڭلۇق تىزلىكى ئۆزگەرمىسە ، شارچىنىڭ ئىغىش نىسبىتى چوڭىيىدۇ، شارچىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيىسى(2) ردسىمدەك بولىدۇ. (ياكى ئوخشاشراق بولىدۇ. )
شارچىنىڭ سىزىقىلىق تىزلىكى تەدىرىجى كىچىكلەپ ، بۇلۇڭلۇق تىزلىكى تەدىرىجى چوڭايسا، ئىغىش نىبىتى چوڭىيىدۇ، شارچىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيىسى(2) ردسىمدەك بولىدۇ(ياكى ئوخشاشراق بولىدۇ. ).بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالدا ، زەرىچىلەرگە نىسبەتەن ئىيىتقاندا ، بۇلۇڭلۇق تىزلىكى يىتەرلىك چوڭيىپ مەلۇم مىقدارغا بارغاندا ، بۇ زەرىچىلەر  مەلۇم دائىرىدە توختاۋسىز تەۋىرنىدۇ.
يەنە بىر خىل ھالەت :سىزىقلىق تىزلىكىمۇ چوڭىيىپ (ياكى كىچىكلەپ) ، بۇلۇڭلۇق تىزلىكىمۇ چوڭىيىپ(ياكى كىچىكلەپ) ھەرىكەت قىلغان بولسا ، قايسى تىزلىىكنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تىز ئاستىلىقىغا قارايمىز.
   شارچىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى ئۆزگەرمىسە (بۇلۇڭلۇق تىزلىكى ئۆزگەرمىسە )، يۇقىردىكى ھەرىكەت تىرايكىتورىيە تەڭلىمىسى كۇچكە ئىگە بولىدۇ. (سىزىقلىق تىزلىكى قانداق بولسا بولىدۇ. )
  مەسىلەن : ئوقىدا ئايلاندۇرۇلۇپ ئەركىن تاشلىغان شارچىگە نىسبەتەن ،يۇقىردىكى تەڭلىمىدىكى v نىڭ ئورنىغا
gt نى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئايلاندۇرۇپ ئەركىن تاشلىغان شارچىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيسىنىڭ تەڭلىمىسىگەئىرشەلەيمىز،


ئايلاندۇرۇپ ئەركىن تاشلىغان شارچىنىڭ ھەرىكەت تىرايكىتورىيسى بولسا (1) رەسىمدىكى تىرايكىتورىيەنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. چۇنكى  ئايلاندۇرۇپ ئەركىن تاشلىغان شارچىنىڭ سىزىقلىق تىزلىكى تەدىرىجى چوڭىيىدۇ، بۇلۇڭلۇق تىزلىكى ئۆزگەرمەيدۇ.
     بىز29-تىئورما بىلەن 41- تىئورمىنى بىرلەشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلساق ، ئاتوم ئەتىراپىدىكى ئېلىكتىرونلارنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە بۇ ئېلىكتىرونلارنىڭ ئىنىرگىيە دەرىجىلىرىنى ، لامپۇچكا قىلىنىڭ يورۇقلۇق چىقىرىشىنى ، ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقۇنىنىڭ ھاسىل بولۇشى......قاتارلىق ھادىسىلەرنى باشقىچە  چۇشەندۇرۇپ بىرەلەيمىز.
رەسىملەرنى قولۇمدا سىزغان بولغاچقا تازا ئۆلچەملىك بولمىدى ، توغرا چۇشىنەرسىلەر.  


_________________

شەكىل نەزەريىسى جىددى ئېھتىياجلىق تېما بولغانلىغى ئۈچۈن،مۇنبەردىن ئورۇن بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6103 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 06:25:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


تورداشلار سەمىگە:

بۇ تېما ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى يازغان دەسلەپكى تېما.بۇ ئوقۇغۇچى كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ماقالىسىدىكى خاتالىقلارنى كۆرسۈتۈپ ،تۆزۆتۈش پىكىرى بېرىشىنى،تەلىم بېرىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ.بۇ تېما مانا مۇشۇ مەقسەتتە بۇ مۇنبەرگە يوللانغان.

تېمىغا ئالاقىسى بولمىغان،كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان ئىنكاسلارنىڭ يېزىلماسلغىنى تەشەببۇس قىلىمەن.

ھازىر 29-تىئورما يېتەرلىك تەجىربە ئىسپاتلىرىغا ئېرىشىپ بولدى.ھەرخىل ۋارىيانىتلاردا ئىشلەپ كۇرۇش ئەلۋەتتە بۇ ئايرىم ئىش.ھازىر جىددى لازىم بولىۋاتقىنى 29-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلىدىن ئىبارەت.

تېمىدىكى ماتىماتىكىلىق كەلتۆرۆپ چىقىرىشلارنىڭ توغرا-خاتالىغى،زىدىيەتسىزلىكى ئۈستىدە نۇقتولۇق توختۇتۇلۇش تەلەپ قېلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش:

29-تىئورمىچە ئېغىش ھەم ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان ھەم سىزىقلىق ئىگىرلەۋاتقان شارچىنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدىكى ئىككى يېرىم شارىنىڭ سىزىقلىق تېزلىك پەرقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.بۇنداق پەرىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئىككى يېرىم شارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىدە قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە ئايلانغانلىغى سەۋەپ بولىدۇ.شارچە سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىۋاتقان تەرەپكە ئاغىدۇ ۋە بۇ تەرەپنىڭ سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت يۆنىلىشىدىكى تېزلىكى قارشى تەرىپىنىڭكىدىن ئاستا بولىدۇ.

يۇقۇرقى ماقالىدە مۇشۇ قاراشلار ماتىماتىكلىق  ئۇسۇلدا ئىسپاتلانغان بولسا ،بۇ نەق مەن كۈتكەن ، تەجىربە پاكىتلىرىغا ئۇيغۇن بولغان ماقالە بولغان بولىدۇ.

كىلاسسىك ۋە ھازىر ئەمەلى قوللىنىۋاتقان فىزىكىلىق ئىدىيەلەرنى بۇ ماقالىنىڭ توغرا-خاتالىغىنى بېكىتىشنىڭ ئۈلچىمى قىلىۋالماسلىقنى تەكىتلەيمەن.ساپ ماتىماتىكىلىق نۇقتىدىن ماقالىنىڭ توغرا-خاتالىقنى تەكشۆرۆپ كۇرۇشنى تەلەپ ۋە ئۈمىت قىلىمەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6103 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 06:26:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇ تېمىدىكى ماتىماتىكىلىق كەلتۆرۆپ  چىقىرىشلاردا مەسىلە بولمىسا ياكى ئاساسەن مەسىلە بولمىسا بۇ تېما يەنە ئۇز نۇۋىتىدە 41-تىئورمىنىڭ ماتىماتىكىلىق مودىلىنىمۇ ئۇزئىچىگە ئالغاندەك قىلىدۇ.مەنغۇ كەسىپ ئەھلى ئەمەس.تېمىدىن ھېس قىلغانلىرىم شۇنداق.

___________________

شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ بايانى :

زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
ئېغىشنىڭ قىممىتى ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.


ئىككىنجى بايان شەكلى:

ئۇزىنى ئايلىنىش ئوقى بىلەن سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشى بىر سىزىق ئۈستىدە ياتمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.


شەكىل نەزەريىسىنىڭ 41-تىئورمىسىنىڭ بايانى :


زەرىچە ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى بىلەن بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى تەتۆر تاناسىپ ،ئومۇمى ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6103 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 06:27:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پايدىلىنىش:


ئالاقىدار كىلاسسىك ۋەسىقىلەردىن تەرمىلەر:




ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.


نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:


تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۇقۇرى - تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.

ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.

ئايلىنىۋاتقان بىر جىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى ،بۇ جىسىمنىڭ ئۆچۆش(سىزىقلىق)تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى بىلەن ئۆسىتمۇ-ئۆسىت چۈشمىگەندە(不重合时)،ئايلىنىۋاتقان بۇلۇڭلۇق تىزلىك ۋىكتۇرى ۋە سىزىقلىق تىزلىك ۋىكتۇرىدىن شەكىللەنگەن تەكشىلىكتە بىر ۋىرتىكال كۈچ پەيدا بولىدۇ.بۇ ۋىرتىكال كۈچنىڭ تەسىرىدىن جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تىرايىكتورىيىسىدە ئېغىش يۇز بېرىدىغان ھادىسە ماگنوس ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ.


مىنىڭ ئەسكەرتىپ قويىدىغانلىرىم:


بايقىشىمچە،ماگنوس ئىففىكىتىنىڭ يۇقۇرقىچە شەرھى بىلەن 29-تىئورما مەزمۇنى ئوتتۇرىسىدا پىرىنسىپال پەرىق يوق ئىكەن.ھالبۇكى ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ئاقارجىسىملار مىخانىكىسى نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىزاھلاپتۇ.مۇبادا ماگنوس ئەپەندىم بۇ ئىففىكىتنى ھەقىقى بوشلۇققا كېڭەيتىۋەتكەن بولسا مىنىڭ 29-تىئورمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمغا ھاجەت ۋە پۇرسەت قالمىغان بولار ئېكەن.ئېھتىمال بۇ تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان كىچىككىنە پۇرسىتى بولسا كېرەك.
«ماگنوس ئىففىكىتى»گە ئالاقىدار  تەڭلىمىدە  بىر Sئەزا بولۇپ،ئۇ،جىسىم يۆزىدىكى ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچ كويفىنىستىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى،29-تىئورما بۇيىچە ئۈزى ئايلاندۇرۆلۆپ تىپىلگەن بىكخامچە توپ ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ(ۋاكۇئومدىمۇ) ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ يايسىمان ئاغىدۇ.ئېغىشنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى توپنىڭ پىقىراش تىزلىكى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.


قارىغاندا مەن نىيوتۇننىڭ پېقىرىغۇچ(نۇر)ھەققىدىكى بايانلىرىغا ماگنۇسنىڭ ئېغىش يۆنىلىشى كۇرسەتكۈچىنى قىستۇرۇپ قويۇپتىمەن.قىلغىنىم مۇشۇنچىلىكلا ئىش ئېكەن!.
_________________


29-تىئورما نىيوتۇن مېخانىكىسىغا خىلاپ ئەمەس ،ئەكسىچە ئۇنىڭ مەنتىقى رېۋاجى ئېكەن.ئەمدى مەلۈم بولدىكى، نىيوتۇننىڭ ئالاقىدار ئىدىيىلىرىنى مىكرۇ دۇنياغا كېڭەيىتمەسلىككە ئېيتارلىق باھانىمىز يوق.مۇھاكىمە ئەپەندىم ئۇزىنىڭ  ئېيتىشىچەئالاقىدار تېمىسىدا شەكىل نەزەريىسىدىكى 29-تىئورمىچە ئېغىشقا مىكرۇ دۇنيانىڭ يول قويىدىغانلىغىنى كەلتۆرۈپ چىقىرىپتۇ.29-تىئورما بولسا نىيوتۇننىڭ ئالاقىدار ئىدىيىلىرىنىڭ مەنتىقى رېۋاجى ئىكەنلىگى ئايان بولدى.ھالبۇكى،نىسبىلىك نەزەريىسىدە بۇنداق ئىدىيە يوق ئىكەن.يۇقۇرقى تېمىنىڭ ئاپتۇرى “بۇ خىل ھالەتنى تەركىبلىگۇچىسى يوق بولغان ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلمىتار زەرىچىلەرگىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ. ”دەپ يېزىپ شەكىل نەزەريىسى خارەكتىرلىك ھەركەت ئەگرىلىكىنىڭ ۋە 29-41-تىئورمىچە ئېغىشلارنىڭ  مىكرۇ دۇنياغىمۇ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىنى ئېنىق ئېيتىدۇ.دېمەك،نىيوتۇن 1-قانۇنىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق نىيوتۇن مىخانىكىسىنى مىكرۇ دۇنيا ۋە يۇقۇرى تېزلىك شارائىتىغىمۇ باپ قىلىدىغان مېخانىكىغا ئايلاندۇرغىلى،كىۋانىت مېخانىكىسى بىلەن نىيوتۇن مىخانىكىسىنىڭ بىرلىشىشىنى  ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىغىغا كۇزۆم يېتىۋاتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-12 07:05 PM  


ۋېلى زىرەككەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3646
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 08:16:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭدا مەن  ئۈگەنمىگەن ماتىماتىكا بىلىملىرى بەك كۆپكەن شۇڭا جىم تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشنى ساقلاي

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ۋېلى زىرەككەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3646
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 08:24:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالى ماتىماتىكىنى تەرجىمە قىلىپ ئىلىكتىرونلۇق كىتاپ شەكلىدە يوللاپ قويغان بولسا ئىدى كارامەت ئۈگۈنەتتىم ھەي...

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6103 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 11:27:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


6.زەرىچە سوقۇشتۇرۇشتىن كىيىن ئىرىشىلگەن مەنزىرە.

تۆۋەندىكى رەسىم 0دىن تۆۋەن 271گىرادۇسلۇق تۆۋەن تىمپىراتۇرا شارائىتىدا،ھەقىقى بوشلۇق موھىتىدا زەررىچە سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىرىشىلگەن زەررىچىلەرنىڭ تىرايىكتۇرىيىسى.ھازىرقى زامان فىزىكىسىدا بۇنداق ھەركەت شەكلىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۆرگەن بىرەر نەزەريە ياكى قاراشنى ئۇچراتمىدىم.پەقەت"مۇرەككەپ ھەركەت شەكلى"دىگەندەك گەپلەرنى ئۇچراتتىم.يۇقۇرقىدەك ھەركەت شەكىللىرىنى 29-تىئورما چۈشەندۆرۆپ بېرىپلا قالماي،بۇنداق ھەركەت شەكلى 29-تىئورمىنىڭ مىكرۇ دۇنيادىكى ئىسپاتىدىن ئىبارەت.




当这些粒子在一个温度低于零下271摄氏度的真空环境下发生撞击时,它们产生了非常壮观的光影展、许多热量和形状复杂的运动模式
http://tech.sina.com.cn/d/2011-08-03/08015874496.shtml




تېمىدا بۇنداق زەررىچىلەرنىڭ ئۇزىنى بېۋاستە كۇرگىلى بولمايدۇ،بۇلار زەررىچىلەرنىڭ ماكاندا بېسىپ ئۆتكەن يولى،قالدۇغان “ئىزى” دەپ چۈشەندۆرۆلگەن.  29-نۇقتىسىداتۇرۇپ  يۇقۇرقى رەسمدىكى ئوڭ ۋە سول سىفرال ئىز قالدۇرىۋاتقان زەررىچىلەرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش(سىپىن) يۆنىلىشىگە ھۇكۆم قىلغىلى بولىدۇ.ئوڭغا ئاغقان زەررىچىلەر سائەت سىتىرىلكىسى يۈنىلىشى بويىچە ئوقىدا ئوڭغا ئايلىنىۋاتقانلىغىغا،سولغا ئاغقان زەررىچىلەرنىڭ سائەت سىتىرىلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئوقىدا سولغا ئايلىنىۋاتقانلىغىغا ھۇكۆم قىلغىلى بولىدۇ.

بۇنداق مېتۇدنى يايىسىمان تىرايىكتورىيىدە ھەركەت قىلىۋاتقانلىغى  ئېنىق،لىكىن،ئوقىدا قايسى يۆنىلىشتە ئايلىنىدىغانلىغى ئېنىق بولمىغان يىراقتىكى ئاسمان جىسىملىرىغىمۇ تەدبىقلاپ،ئۇلارنىڭ ئوقىدا قايسى يۆنىلىشتە ئايلىنىۋاتقانلىغىغا ھۇكۆم قىلغىلى بولىدۇ.
يەنى،  تىرايىكتۇرىيە يۆنىلىشى ئېنىق بولغان بارلىق زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش(سىپىن)يۆنىلىشىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6103 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 12:48:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 11:27 PM
6.زەرىچە سوقۇشتۇرۇشتىن كىيىن ئىرىشىلگەن مەنزىرە.

تۆۋ ...



تەنھا ئەپەندىنىڭ تېمىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى پارچە رەسىم مىنىڭ ئالاھىدە دېققىتىمنى تارىتتى ۋە مىنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىمنى ئىپادىلىدى .
مەن ماي قەلەمنى ئۇچ قىلىپ ياسىۋالغان پېقىرىغۇچ (نۇر)نى يانتۇ تەكشىلىكتە سېرىلدۇرۇش ئارقىلىق مۇشۇنىڭغا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان ياي ۋە ياينىڭ تەركىپلىگۆچىسى بولغان سىفراللارغا ئىرىشكەن ئىدىم،تۆۋەندىكىلەر _________  قاسىم سىدىق:سېستىما تۆزۆلىشى،ھەركەت شەكىللىرى،مۇلاھىزىلەر-دىن تەرمە:


         يۇقارقى رەسىم سول تەرەپتىكى سىفرال تەركىپلىگۈچلەردىن تۈزۈلگەن ياي،بىكھامچە توپنىڭ سىرلىرىنى بىزگە دەپ بىرىدۇ.بۇندىن باشقابۇ ياي ئوتتۇرىدىكى مېڭىپ بىرىپ قۇلۇلە قىپىسىمان ئويۇغان بۇ نۇرئىزىنىڭ بىر بۇلىكى دەپ قارىساق بولىدۇ.ئوتتۇرىدىكى نۇرنىڭ ئۇيغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەريانى 41-تىئورمىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ بەرسە،سول تەرەپتىكى سىفرال تەركىپلىگۆچلەردىن شەكىللەنگەن ياي ئوتتۇرىدىكى نۇرئىزلىرىنىڭ بىر بولىكى بولۇش بىلەن بىرگە 29-تىئورمىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


  مەن ئۈلۈشكۈن،يەنى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامرىكا جەرەن جىلغا ئونېۋېرىستىتىنىڭ مۇدىرى ،پىروپىسۇر «تاشپولات روزى مۇئەللىمگە قالدۇرغان ئىنكاس»قا مانا  تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنىمۇ قىستۇروپ قويغان ئىدىم .بۇ رەسىم بىلەن،ئۇيغۇن ئەپەندى سىزغان نور ئويناۋاتقان يۇقۇردىكى رەسىمدىكى سىفرال سىزىقلارنىڭ ئوخشۇشۇپ كىتىدىغىنىنى تورداشلار قاراپلا ھېس قىلالايدۇ.


         يۇقارقى رەسىم سول تەرەپتىكى سىفرال تەركىپلىگۈچلەردىن تۈزۈلگەن ياي،بىكھامچە توپنىڭ سىرلىرىنى بىزگە دەپ بىرىدۇ.بۇندىن باشقابۇ ياي ئوتتۇرىدىكى مېڭىپ بىرىپ قۇلۇلە قىپىسىمان ئويۇغان بۇ نۇرئىزىنىڭ بىر بۇلىكى دەپ قارىساق بولىدۇ.ئوتتۇرىدىكى نۇرنىڭ ئۇيغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەريانى 41-تىئورمىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ بەرسە،سول تەرەپتىكى سىفرال تەركىپلىگۆچلەردىن شەكىللەنگەن ياي ئوتتۇرىدىكى نۇرئىزلىرىنىڭ بىر بولىكى بولۇش بىلەن بىرگە 29-تىئورمىنى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


  مەن ئۈلۈشكۈن،يەنى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامرىكا جەرەن جىلغا ئونېۋېرىستىتىنىڭ مۇدىرى ،پىروپىسۇر «تاشپولات روزى مۇئەللىمگە قالدۇرغان ئىنكاس»قا مانا  تۆۋەندىكى بۇ رەسىمنىمۇ قىستۇروپ قويغان ئىدىم .بۇ رەسىم بىلەن،ئۇيغۇن ئەپەندى سىزغان نور ئويناۋاتقان يۇقۇردىكى رەسىمدىكى سىفرال سىزىقلارنىڭ ئوخشۇشۇپ كىتىدىغىنىنى تورداشلار قاراپلا ھېس قىلالايدۇ.

ئالىملار زەررىچە سۇقۇشتۇرۇش ئارقىلىق چوڭ پارتىلاشنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى نامايەن قىلدى

科学家用粒子碰撞重现宇宙大爆炸壮观景象


 


当这些粒子在一个温度低于零下271摄氏度的真空环境下发生撞击时,它们产生了非常壮观的光影展、许多热量和形状复杂的运动模式


تولۇقى:
http://tech.sina.com.cn/d/2011-08-03/08015874496.shtml



      يەرشارى ئوقىدا ھەركۈنى  بىرقىتىم ئايلىنىپ ئوربىتىسىدا ئەنەشۇنداق بىردانەسىفرال تەركىپلىگۈچنىڭ ئىزىنى قالدۇرىدۇ. ئەنە شۇنداق سىفرال ئىزلاردىن يىلدا 365دانىسى قالىدۇ،يەرشارىنىڭ قوياشنى ئايلىنىشىدىن بولسا ياي ئىزى قالىدۇ.،فۇتونمۇ ئوخشاشلا شەكىللەرنى قالدۇرىدۇ."دولقۇن"ماھىيەتتە ئەنە شۇنداق سىفرال ئىزدىن ئىبارەت.فۇتۇن بولسا ئىزچىل ھالدا ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىپ ياي ياسايدۇ.

قوياش ئەزالىرىنى يىتلەپ سامان يولى سىستىمىسىنى ئايلىنىپ يەنە شۇنداق ئوخشاش ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.سامان يولى سىستىمىسى سىزىقلىق ھەركەتكە ئىگە بولسىلا ئومۇ ئوخشاشلا ئىزلارنى قالدۇرىدۇ.ئالەمنىڭ كېڭىيىش-تارىيىش،دەۋرى قىلىش جەريانلىرىنى مانا مۇشۇنداق تۈپ ئىككى ھەركەت شەكلىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.مانا مۇشۇنداق ھەركەت شەكلى بولغاندىلا دەۋرى ئالەم مۇدىلىغا ئىرىشكىلى،ساقلىنىش قانۇنلىرىنىڭ مەڭگۈ ئورۇنلۇقلىغىنى قانائەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.كېڭەيگەنچە زىچلىق كېمىيىپ،فىزىكىلىق ئالەمنىڭ دىيامىتىرى ئۇزۇرايدۇ،تارايغانچە زىچلىق ئارتىپ دىيامىتىرى قىسقىرايدۇ.كېڭىيىشكە سىزىقلىق ھەركەت مىقدارىنىڭ ئارتىپ،بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ كېمىيىشى سەۋەپ بولسا،تارىيىشقا بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ ئارتىپ سىزىقلىق ھەركەت مىقدارىنىڭ كېمىيىشى سەۋەپ بولىدۇ.


بۇ ئىككى خىل ھەركەت شەكلى (سىفرال ۋە ياي) __ "ئېن"دىن تارتىپ پۈتكۈل "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ تۈپ ھەركەت شەكلى.

مەنبە:

http://bbs.bagdax.cn/thread-20443-1-1.html


ئەمدى بۇ رەسىملەر توپلىمىغا تەنھا ئەپەندىم تېمىسىىغا قىىستۇرغان ئىككى پارچە رەسىممۇ قوشۇلدى:




ماھىيەتتە بۇنداق ھەركەت شەكىللىرى بىر قوش سىفرالدىن ئىبارەت.ياينىڭ تەركىپلىگۇچىلىرى ئىپتىدائى سىفرال بولسا،ياينىڭ تۇيۇق بولمىغان تىرايىكتۇرىيىدە ئىزچىل داۋاملىشىشى ھاسىلى،ئىككىلەمچى سىفرالدىن ئىبارەت. بۇ سىفراللارنىڭ كىچىك تەركىۋى بۆلەكلىرى ئادەتتە بىز ياي دەۋاتقان ھەركەت شەكلى.ئىككىلەمچى سىفرال ھامان ئۇزىگە ئىپىتىدائى سىفرالنى تەركىپلىگۆچى قىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-13 12:49 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6103 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 01:04:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4832
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18539
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6103 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 10:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بەزىلەرمىنى  نىيوتۇننىڭ 1-قانۇنىغا ئالاقىدار ئىككى ئابزاسنى خاتا تەرجىمە قىلىۋاپسەن دەپ ئەيىپلەپ كەتكەن ئىدى.مەن شىنجاڭ ئونۋېرىستېتىدىكى دوكتۇر مۇھەممەت رىشات مۇئەللىمدىن ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە ئۈچ نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۇرۆپ ئۇچۇر بېرىشىنى ئۆتۆنگەن  ئىدىم.ئۇ سېلىشتۇرۇپ كۇرۆپ خەت ئەۋەتىپتۇ.خەت لاتىن يېزىغىدا يېزىلغانFDF شەكلىدە چ چ دىن يوللانغاچقا خەتنى ئەينەن چاپلاشقا ھۆنىرىم يەتمىدى.شۇڭا ئىنگىلىزچە،خەنزۇچە ئەينى نۇسخىلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ،مۇھەممەت رىشات مۇئەللىمنىڭ خېتىنىڭ ئۇزىنى ھازىر ئىشلىتىۋاتقان مۇشۇ ئۇيغۇر يېزىغىغا ئايلاندۇرۇپ ئەينەن يوللۇدۇم.تولۇق تېكسىت تۆۋەندىكىچە:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك قاسىم سىدىق ئاكا،تىنىچ-ئامان تۇرىۋاتامسىز؟
كومپىيوتىرىمدا كونا ئۇيغۇر يېزىغىدا خەت باسالماي قالغانلىقىم ئۈچۈن لاتىنچە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.خېتىمنى تۆزۆتۈپ ئوقارسىز.مەقسەت، سىزنىڭ ھاۋالىڭىز بويىچە ئېساك نىيوتۇننىڭ ئېنگىلىزچە ئەسلى كىتاۋىنى ۋە سىز قالدۇرغان ئۇيغۇرچە مەزمۇننى سېلشتۇرۇپ چىقتىم،ھەم ئېنگىلىزچە،خەنزۇچە كىتاپتىكى ئەسلى مەزمۇننى رەسىم شەكلىدە ئېلىپ كېسىپ چاپلاپ قويدۇم.مېنىڭ چۈشىنىشىمدە بۇ ئۈچ خىل تىلدىكى مەزمۇن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.


مەن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان نۇسخە:

ھەر بىر جىسىم ئۆزىنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۆز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ،پەقەت تاشقى كۈچ تەسىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئۇزىنىڭ ئەسلىدىكى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.


نىيوتۇن يۇقۇرقى قۇرلاردىن كىيىنلا شۇنداق يازىدۇ:


تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ يۇقۇرى - تۆۋەنگە يېتەكلىشى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا،توختىماي پىقىراۋىرىدۇ.سەييارىلەر ۋە كۇمىتىلارغا ئوخشاش چوڭ جىسىملار ئەركىن بوشلۇقتا ھىچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىسا،ئۇزۇن ۋاقىت ئىلگىرلىمە ھەركەت ۋە ئايلانما ھەركىتىنى ساقلايدۇ.


ــــــــــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش