ۋەز-نەسىھەتنىڭ دەۋرى ئۆتتىمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* F5 A. p0 A+ o! F5 }% l' O( N
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" h2 w- m: Z8 b Z( z1 j( Q& j7 qھۆرنىسا توختى(كاككۇك)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 k% X/ T+ I6 K! T4 o: O) c. ^يىمەك ئىچمەكلەر نىمىگە ئاساسەن يىگىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان(ھالال ھارام) دەپ ئايرىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بۇلۇش بولماسلىق خۇسۇسىيتى بىلەن .
خۇددى شۇ مىسالى، ئىنسانلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىمۇ قىلسا بولىدىغان ۋە قىلسا بولمايدىغان ئىشلار دەپ ئايرىلغان.
قىلسا بولىدىغان ئىشلار بىلەن قىلسا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ شۇنداقلا يىسە بولىدىغان ۋە بولمايدىغاننىڭ چەك – چىگىرىسى زور دەرىجىدە غۇۋالىشىپ كەتكەن بىر دەۋىرنىڭ شاھىدلىرى بىز.
دەرىجىدى تاشقىرى ئىددىيە ئازاتلىقى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى ، ئۇلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ ،تەرتىپكە سېلىپ تۇرىدىغان چەك- چىگرا ۋە مۇداپىئەلەرنى ئاساسەن سۈپۈرۈپ تاشلاپ كىشلەرنى قەپەزدىن چىققان ئەركە جانىۋالارغا ئوخشۇتۇپ قويدى.
ئەمما ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمىزكى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قىسمىتى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاچچىق ۋە پاجىئەلىك بۇلۇپ كەلمەكتە .
يىمەك -،ئىچمەكتە ئەركىنلىك قوغلاشقان ئاۋانگارتلارنىڭ گۆش يىيىشتە يېڭىلىق يارىتىپ باققۇسى كىلىپ «ئالا يۈزلۈك قوڭغارچا» دىگەن ھايۋاننى مەززە قىلىشى سەۋەبلىك «قوڭغارچا» تىنىدىكى «سارس» ۋىروسى ۋابا بۇلۇپ يامراپ پۇتۇن دۇنيانى چۆچۈتۈپ ساراسىمىگە سېلىۋەتتى . ئەشۇ ۋەھىمە تېخى ھىچكىمنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكىنى يوق.
ئۇلۇغ كەشپىياتچى ئېنىشتىيىن ئۆز كەشپىياتىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن بۇگۈنكى پاجىئە ۋە تەھدىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالىغان بولسا يەنى ئاتۇم تەتقىقاتىنىڭ قىلىسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلىگەن بولسا ئىدى بەلكىم ئاتۇمنى كەشىپ قىلماس ئىدى .
يۇقۇرقىدەك مىساللارنىڭ ھەددى ھىساپسىز ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرگىنىمىزدە يەنىلا يىسە بولىدىغاننى يىگەننىڭ ۋە قىلسا بولىدىغاننى قىلغاننىڭ ئەۋزەللىكىنى ھىس قىلماي تۇرالمايمىز.
ئۇنداق بولسا ئاشۇ بۇلۇش بولماسلىقلارنى قانداق مۇئەييەنلەشتۇرىمىز؟
ھەممە نەرسىنى يەپ ئۆز بەدىنىمىزدە سىناق قىلىپ بېقىپ، ھەممە ئىشنى قىلىپ ئۆز تۇرمۇشىمىزدا كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن يىسە بولىدىكەن ياكى بولمايدىكەن، قىلىسا بولىدىكەن ياكى بولمايدىكەن دەمدۇق؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلىشقا توغرا كەلسە ،بارچە كىشىنىڭ تىنى تەجىربە مەيدانى ،تۇرمۇشى رەتىپىس سەھنىسىگە ئايلىنىپ ، ئۆمرى شۇنىڭغىلا سەرپ بۇلىشى ئىنسانىيەت جەمىيتى بىر قەدەممۇ ئالغا ئىلگىرلىيەلمەسلىكى مۇمكىن.
بىز ئاشۇ بۇلۇش بولماسلىقلارنى بىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئاتا ئانىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ قىممەتلىك تەجىربە –ساۋاقلىرىغا مۇراجەت قىلمىقىمىز،ئۆگۈت نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىقىمىز، ئالىم- ئۆلىما مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھىكمەتلىك ۋەز –نەسىھەتلىرىگە مەناغا باي پىكىر- تەكلىپلىرىگە زېھىن قويمىقىمىز زۆروردۇر.
چۇنكى يىسە بولىدىغان ۋە بولمايدىغاننى ئەجداتلىرىمىز تالاي ئەسىرلىك رىئال ھاياتى داۋامىدا بىر - بىرلەپ مۇئەييەنلشتۇرۇپ چىققان بولسا ،قىلسا بولىدىغان ۋە بولمايدىغاننى ئالىم ئۆلىما مۇتەپەككۇرلىرىمىز تارىخى تەجىربە ساۋاقلار ۋە ئىلاھى تەلىماتلار ئاساسىدا سېستمىىلاشتۇرۇپ چىققان . قانداق جەمىيەتتە ياشاۋاتقان بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۈلانىڭ ئۆگۈت نەسىھەتلىرى ۋە پىكىر تەكلىپلىرى ھەر قانداق بىر دەۋىر كىشىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاتا - ئانىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي ئۆزى بىلگەننى قىلىدىغان پەرزەنتنىڭ قايسى خەيرلىك كۈن كۆرگەن؟ئوخشاشلا ئالىم ئۆلىما مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ۋەز- نەسىھەتلىرىگە ،پىكىر تەكلىپلىرىگە ئېرەن قىلمىغان جەمىيەتنىڭمۇ ئىستىقبالى نۇرلۇق بولغان ئەمەس.
نەسىھەت ئاڭلىماي تۇيۇق يولدا خاراب بۇلۇپ كىتىۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان قىسمەتلىرىنى شۇنداقلا ئاشۇن پەرزەنت دەردىدە قان يىغلاپ ياشاتقان ئاتا ئانىلارنىڭ ئاھۇ زارى كۆز ۋە قۇلاقلىرىمىزغا يات ئەمەس .
ئۆز دەۋرىنىڭ گاس ، گاچا بۇلىۋالغان كىشلىرىگە قاراپ ئىچ باغرى لەختە بۇلۇپ ياشاۋاتقان، ھەتتا ھەممىنى تەرك ئىتىپ زاھىدلاردەك كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان ئالىم ئۆلىما – مۇتەپەككۇرلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس.
يىسە بولىدىغاننى يىيىش ۋە قىلسا بولىدىغاننى قىلىش ھەر بىر ئىنساننىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ساغلاملىغى ،ئىنسانى تاكامۇللىغى ئۈچۈن ئىنتايىن زورور بولسىمۇ ئەمما ئىسانىيەتنىڭ يىسە ۋە قىلسا بولدىغانغا ئەمەس يىسە بولمايدىغانغا بولغان ئىشتىياقى ئەلمىساقتىن بىرى ئۇلۇغ گۈلخاندەك لاۋۇلداپ كەلدى.شۇ سەۋەپلىك تولدۇرغىسىز بەدەللەرنى تولەپ كەلگەن ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىنىڭ بەتلىرىنى قان ياشلار بىلەن يىزىپ كەلمەكتە .
«سىلەر تولىمۇ ئاز ۋەز -نەسىھەت ئالىسىلەر»
مۇقەددەس كالامدىكى ئاشۇ سۆزنى ئىنسانىيەت ئۆز ئەمىلىيتى ئارقىلىق تولىمۇ جانلىق ئىسپاتلاپ كەلدى. نەسىھەت ئاڭلىماس سەركەش قەۋىم بىلەن بىللە توپانغا غەرق بولغان نوھ ئۆغلى كەنئاننىڭ غايەت زور دۇلقۇن ئىچىدە جان تالىشىۋاتقاندىكى نادامىتىنى قانچىلىك ئىنسان قىياس قالالايدىكىن ؟
توغرا – تەرەققىيات ئىنسانىيەت ئۈچۈن زورور. ئەمما تەرەققىيات ھاسىلاتى بولغان ھەر بىر يېڭى شەيئى ۋە يېڭى ئىشلارنىڭ توغرا خاتالىقىنى بىلمەك تېخىمۇ زورور. خۇددى پەرزەنتلىك بۇلۇشتىنمۇ پەرزەنتنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش زورور بولغىنىغا ئوخشاش.
ئادەملەر ئەقىل ئىدراكلىرىنى ئىشقا سېلىپ كىشى تاڭ قالغۇدەك ھاسىلاتلارنى مەيدانغا كەلتۇرگەن بولسىمۇ
ئۇنىڭ ياخش يامانلىقى يەنى كىشىلەرگە ئېلىپ كىلىدىغان پايدا زىيىنى ھەققىدە چۇڭقۇرلاپ بىلىش ھاسىل قىلغان ئەمەس. يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېيتساق، ھەر بىر يېڭى ئىش ۋە ۋە يېڭى بىر ھاسىلات مەيدانغا كىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئىختىراچىللىرىدا قىلماقچى بولغان ئەشۇ ئىشىنىڭ زادى قىلىسا بولىدىغان ۋە ياكى بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇرلاپ بىلىپ بېقىش ئىستىكىمۇ يوقنىڭ ئورنىدا بۇلۇپ كەلدى. شۇ سەۋەبلىك دەۋىمىزدە مەيدانغا كەلگەن كۆپلىگەن ھاسىلات ئىددىيۋى ئېقىم ۋە قىلمىش -ئەتمىشلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن پايدىسىدىن زىيىنى زور بۇلۇپ كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتمەكتىمىز.
ئاتا بوۋىللىرىمىز يەپ كىلىۋاتقان تائاملىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۆزگىلەرنىڭ خىلمۇخىل تائاملىرىنى زور ئالقىش بىلەن قارشى ئېلىپ يەپ ساقسىزلىقنىڭ يېڭى -يېڭى تۈرلىرىنى مەيدانغا كەلتۇرۋاتقىنىمىزمۇ ئەمىلىيەت.
ئۇنداق بولسا مەسىلىنىڭ نىگىزى نەدە؟
مەسىلىنىڭ نىگىزى ، ئاتا ئانىلارنىڭ، چوڭلارنىڭ، ئالىم ئۆلىما مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئۆگۈت نەسىھەتلىرىگە ، پىكىر تەكلىپلىرىگە قۇلاق سالىدىغانلارنىڭ ،ئۇلارنىڭ دىگەنلىرىنىڭ توغرا خاتالىقى ھەققىدە ئويلىنىپ باقىدىغانلارنىڭ، ئۆز قىلمىش- ئەتمىشلىرىنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايرىپ ۋە ئاڭقىرىپ ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتقانلىقىدا، شۇنداقلا ۋەز –نەسىھەتنىڭ دەۋرى ئۆتتى دىگەن قاراشنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا بىلىپ بىلمەي شەكىللنىپ بېرىۋاتقانلىقىدۇر.
ئاتا- ئانلىرىمىز ۋە چوڭلىرىمىز ئىچى پۇشۇپ قېلىپ ئۇنى قىل بۇنى قىلما ، ئۇنۇ يە بۇنى يىمە دەمدۇ؟. ئالىم –ئۆلىما مۇتەپەككۇرلىرىمىزمۇ قىلغىلى ئىش تاپالماي قېلىپ ئا توغرا ماۋۇ خاتا دەمدۇ؟.
ئاتا ئانىلارنىڭ ، چوڭلارنىڭ ئۆگۈت - نەسىھەتلىرىدىكى دېڭىزدىن چۇڭقۇر مىھىر- مۇھەببەتنى پەرزەنت بۇلۇش سۇپىتىمىز بىلەن قاچان چۇشىنىمىز؟
ئالىم –ئولىما مۇتەپەككۇرلىرىمىزنىڭ ۋەزلىرىدىكى ،پىكىر تەكلىپىلىرىدىكى ئالەمچە ھىكمەتنى قەۋم بۇلۇش سۇپىتىمىز بىلەن قاچان چۇشىنىمىز؟
خالىغانچە يەپ ئىچىش،خالىغانچە ئىش قىلىشلارنىڭ نەتىجىسى بىلەن قىسمىتىمىزنى ئاچچىق پۈتۈش تارىخىمىزنى قان- ياش بىلەن يىزىش بىزگە ۋەزىپە ئەمەسقۇ ئاخىر؟
كىشىلىرى يىيىش ئىچىش بىلەن قاتارغا قۇشۇلۇپ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ قىلىمىش ئەتمىشلىرى بىلەن خاراكتىرلىنىدىغان ھەر قانداق بىر دەۋىردە يىسە بولىدىغان ۋە بولمايدىغاننى ، قىلىسا بولىدىغان ۋە بولمايدىغاننى بىزگە بىلدۇرۇپ تۇرىدىغان ۋەز- نەسىھەتلەرنىڭ قىممىتى مەڭگۈ بىباھادۇر!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( S' I u. Y0 w. o5 w
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaknus9 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 03:43 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) [$ s/ ?4 y! A+ S: {$ [6 }, F
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 ~6 v( z c) G$ t3 Q4 n+ B* q