مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1218|ئىنكاس: 11

ئۆمۈرلۈك سۆيگۈنىڭ داۋامى(5) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111233
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-11-26
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 03:23:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككىنچى پارچە خەتنىمۇئۇقۇپ تۈگەتتىم،سۇئالىمغا جاۋاپ چىقمىغان ئىدى.مەن 3-پارچە خەتنى ئېلىپ ئوقۇشقاباشلىدىم:

سالام گۈلباھار:

قانداق ئەھۋالىڭىز،ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟

بۈگۈن مىنىڭ شۇئايرىلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغان كۈنۈم.

گەرچە سىزنىڭ بەخىتلىك ياشاۋاتقانلىقىڭىزغا ئىشەنچىم بولسىمۇ ،سىزنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى مەندە بارغانسىرى كۈچىيىپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن كورلىدا ئىشقا ئۇرۇنلاشقان دوستۇمنىڭ ئىنىسىغا  سىزنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىشنى ھاۋالە قىلدىم.ئۇزاق ئۆتمەي سىزنىڭ كورلا شەھەرلىك -ئوتتۇرا مەكتەپتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىق خەۋىرىڭىزنى ئالدىم ھەم بىر دوختۇر بىلەن تۇرمۇش قۇرغانلىغىڭىزنى، نازاكەت ئىسىملىك ئۈچ ياشقا كىرگەن بىر ئوماق قىزىڭىزنىڭ بارلىقىنى،بىر ئائىلە كىشلىرى ناھايتى ئىناق بۇلۇپ ،بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدىم.بۇلاردىن خەۋەرداربولغاندا شۇنچىلىك خۇش بولدۇم ،مەن ئىخلاس قىلىپ كەلگەن «چىن قەلبتىن تىلىسەڭ تىلىكىڭ ئىجاۋەت بۇلىدۇ»دىگەن ھىكمەتلىك سۆزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم .مەن ھەر كۈنى ئاللادىن سىزگەبەخت تىلىگەن ئەمەسمىدىم؟!ئاللاغا  كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر!

بۇلارنى بىلگەندىن كىيىن مەندە يەنە سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاش،سىز بىلەن پاراڭلىشىش ئىستىكى پەيدابولدى .شۇنىڭ بىلەن يەنە ھېلىقى ئاغىنەمنىڭ ئىنىسى ئارقىلىق تېلفۇن نۇمۇرىڭىزغا ئېرىشتىم.مانا بۈگۈن ئاستا تىترەۋاتقان بارماقلىرىم بىلەن تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى باستىم:

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

تىلفۇندىن ماڭائىنتايىن تۇنۇش بولغان  يېقىملىق ئاۋازىڭىزئاڭلاندى.ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ يۈرىكىم شۇنچىلىك سېلىپ كەتتى،كۆزلىرىم لىققىدە ياشقاتولدى .

يەنە سىزنىڭ «سىزكىم؟»دەپ سورىغان ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغان چېغىمدىمۇ مەن سۆزقىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم .ئاستا تېلفۇننى قۇيىۋەتتىم.

مەن زادى نىمەقىلماقچى؟نىمىشقا ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ مەندەك بىر ئاللىقاچان ئىسىدىن كۆتىرلىپ كەتكەن،ئەمدى خوشاللىق ئەمەس ئەكىسچە ئازاپ ئېلىپ كىلىدىغان ئادەمنى ئۇنىڭ ئىسىگە سالىمەن؟ياخشى ئىت ئۈلۈكىنى كۆرسەتمەيدۇ دەيدىغان گەپ بار ،مەن ئىتچىلىكمۇ بولالمامدىم؟!

   گۈلباھار بۈگۈن سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىيالىدىم،مەن ئىنتايىن خوشال.ئاۋازىڭىز بۇرۇنقىدەكلا شۇنچىلىك يېقىملىق.ئاۋازىڭىزدىن بىلىنىپ تۇرۇپتىكى سىز شۇنداق خوشال ياشاۋېتىپسىز.سىزنىڭ داۋاملىق شۇنداق  ياشىشىڭىز ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن .

گۈلباھار داۋاملىق كۈلۈپ ياشاڭ!

سىزنى ئەسلەپ:تۇرسۇن

  xxxx-يىل 10-دىكابىر

بۇ بىر پارچە خەتنى ئوقۇپ بولغاندا مەن تېڭىرقاپ قالغان ئىدىم:بۇ زادى نىمە ئۈچۈن ؟ئۇ مىنى خەتتە دىگەندەك ئەنە شۇنداق چۇڭقۇرئىخلاسى بىلەن سۆيگەن تۇرۇقلۇق ،مەندىن ئايرىلىپ كەتتى.يەنە شۇنداق تىز كۆزئالدىمدا باشقا بىر قىز بىلەن مېڭىپ يۈردى.مىنىڭ ھىسياتىم،غۇرۇرۇم بىلەن ھىساپلاشمىدى.مانا بۇ ئۇنىڭ خەتتە بايان قىلغىنىدەك مىنى چۇڭقۇر سۆيگەنلىكىمۇ؟بۇنى ئىنكار قىلسام ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تىلفۇن سايرىتىش،ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۈنسىز،ئۆزنىڭ كىملىگنى بىلدۈرمەي ،مىنى ئەسلەپ تۇرغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى 10 نەچچە يىل داۋاملاشتۇرۇش ئاسانمۇ؟ئەگەر چۇڭقۇرئىخلاس بولمىسا بۇ ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس.

مانا شۇلارنى ئويلىغىنىمدا قاتتىق بىئارام بۇلۇپكەتتىم ،ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم .ئاستا دېرىزە ئالدىغا كەلدىم.ئاسماندىكى ئايغا قارىدىم .بۇرۇن ئايغا قارىساملا ئاينىڭ ئىچىدە ئۇنى كۈرەتتىم.ماناھازىرمۇ ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتاتتى .ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنىلا شۇنداق سەمىمىلىك چىقىپ تۇراتتى . مەن دېرىزە ئالدىدا قانچىلىك تۇردۇمكى بۇنى بىلمەيمەن ،بىر چاغداھۇشۇمنى يىغىپ ئاستا دېرىزەم ئالدىدىن يىراقلىشىپ ئۈستەل ئالدىغا كەلدىم.ئۈستۈلۈم ئۈستىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە خەتكە تىكىلدىم .مۇشۇ بىر پارچە خەت بارلىق سۇئاللىرىمغاجاۋاپ بىرەتتى.خەتتە بايان قىلغان سەۋەپنىڭ نىمە بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ،ئۇنىڭ ماڭائېلىپ كىلىدىغان تەسىرى كۆڭلۈمگە ئايان بۇلۇپ بولغان ئىدى........

مەن ئاللادىن ئۈزۈمگەچىدام-غەيرەت،جاسارەت تىلەپ ،ئەڭ ئاخىرقى ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا يىزىلغان بۇبىر پارچە خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم:

سالام گۈلباھار:

قانداق ئەھۋالىڭىز،ياخشى تۇرۋاتامسىز؟ئائىلىڭىزدىكىلەر تىنىچ –ئامان،سالامەت تۇرىۋاتامدۇ؟ئاللا سىزنى خاتىرجەم قىلغاي!

گۈلباھار ،بۇرۇن يازغان خەتلىرىمنى يازغان ۋاقىتلاردا سىزگە ئەۋەتىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان،لىكىن بۇبىر پارچە خەتنى سىزنىڭ قۇلىڭىزغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ يىزىۋاتىمەن.چۈنكى بۇمىنىڭ سىزگە يازالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى خېتىم.

گۈلباھار ،ئەسلىدە مەن سىزگە ھىس قىلدۇرالمىغان بارلىق مۇھەببىتىمنى ئۆزەم بىلەن بىرگە ئېلىپ كىتەي دىگەن ئىدىم ،بىراق ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، ئەجەل ماڭا يېقىنلاپ كەلگەنسىرى سىزنى تېخىمۇ بەك خىيال قىلىدىغان،سېغىندىغان بۇلۇپ قالدىم .سىزنى سېغىنغانسىرى سىزنىڭ ماڭا نەپرەت بىلەن قارايدىغانلىغىڭىزنى،مىنىڭ سىزنى پۈتۈن ئىخلاسىم بىلەن سۈيىدىغانلىغىمنى،ئاخىرقى تىنىقلىرىمغىچە سىزنى ياد ئېتىپ تۇرغانلىغىمنى بىلمەيدىغانلىغىڭىزنى ئويلىغىنىمدامەن پەقەتلا بەرداشلىق بىرەلمەي قالدىم. سىزنىڭ مىنى كەچۈرۋېتىشىڭىزنى شۇنچىلىك ئۈمۈدقىلدىم.

گۈلباھار،دوختۇر كېسىلىمگەئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىئاگىنۇز قويغاندا مەن نىمىلا بولمىسۇن سىزگە ھەممىنى بىلدۈرەي دەپ ئويلىدىم:

دادامنىڭ بىر مەھەللىلىك تۇردى ئىسىملىك ناھايتى يېقىن بىر دوستى بولىدىغان ،بۇ دوستىنىڭ ئايگۈل ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى.ئايگۈل ئۇلارنىڭ يالغۇزلا بالىسى ئىدى.

دادم بۇ دوستى بىلەن ناھايتى يېقىن بولغاچ ،ئىككى ئائىلە كىشلىرى خۇددى بىر ئائىلە كىشلىرىدەك ئۈتەتتى،بىز بالىلارمۇ بۇ ئۆيدە تاماق پىشمىسا يەنە بىر ئۆيگە كىرىپ تارتىنماي تاماق يەيتۇق.ئانىلىرىمىزمۇھەممىمىزنى خۇددى ئۆز بالىلىرىدەك كۈرەتتى.ئايگۈل بىلەن ئىككىمىز ياش جەھەتتە تەڭ بولغاچ بىر مەكتەپتە،بىر سىنىپتا ئوقۇيتۇق.بىللە مەكتەپكە بېرىپ بىللە قايتىپ كىلەتتۇق.ئايگۈل باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن يىلى ئانىسى كېسەل سەۋەبى بىلەن تۈگەپ كەتتى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئانام ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۈيۈندى،بىزگە ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك توغرىسىدا توختىماي تەربىيە قىلاتتى.مەنمۇ ئۇنى سىڭلىمدەك كۈرۈپ كۈيۈنەتتىم،مەكتەپتەبالىلار بوزەك قىلسا ئوتتۇرغا چىقىپ قوغدايتىم.

تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەن يىلى ئايگۈل دادىسىنىڭ تەلىپى بويچە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە ئىمتىھان بىرىپ،ئىمتىھاندىن ئۈتۈپ قەشقەر سىفەن مەكتەپتە ئوقىدى.مىنىڭ ئارزۇلىرىم كۆپرەك بولغاچ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشنى تاللىۋالدىم.

ئايگۈلنىڭ ئوقۇشى پۈتكەن يىلى مەن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقاكەلدىم .مەن ئوقۇشقا كىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئايگۈلمۇ يېزىمىزدىكى بىر كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى.

مەكتەپكە كىلىپلا سىزنى ئۇچراتتىم،سىزبىلەن پىكىرلىشىش جەريانىدا ئاستا-ئاستا ئۆزەممۇ بىلىپ-بىلمەي  سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم ،سىزگە دىگىنىمدەك يۇرتىمىزئارىسىدىكى ئارلىق ۋە پەرق بىزنىڭ بىرلىشىشىمىزدە توسالغۇ بولالمايدۇ دەپ قاراپ سىزنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم قىلىشنى قارار قىلغان ئىدىم . سىز تەكلىپىمنى قۇبۇل قىلغان چاغدا ئۆزەمنى ناھايتى بەختلىك ھىس قىلغان ئىدىم،سىردىشىش جەريانىداسىزدىكى ھەر تەرەپلىمە گۈزەللىكلەرنى تېخىمۇ تۇلۇق ،تېخىمۇ ئېنىق تۇنۇپ يەتكەنسىرى سىزنى چۇقۇم قەدىرلەيمەن دەپ ئۆز-ئۆزەمگە ۋەدە قىلغان ئىدىم.ئەپسۇس ،كىم ئويلىغان مىنىڭ ئۆز ۋەدەم ۋە ئەقىدەمنىڭ خىيانەتچىسى بۇلۇپ قېلىشىمنى........

تەتىل قىلىپ يۇرتقا كەلسەم ئايگۈلنىڭ دادىسى ئاغرىپ قېلىپتۇ،دادام بىلەن يوقلاپ كەلگىلى باردىم،ئايگۈلنىڭ دادىسى يۈز-كۆزلىرى ئىشىپ قالغان ئىدى.دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە دىئابىت كېسىلى ئېغىرلىشىپ ئاخىرقى باسقۇچقابېرىپ قالغان ئىدى.كۈرۈپ مىنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى.قايتىپ چىققىنىمىزدا ئايگۈل ئۇزىتىپ چىققاچ كۆز يېشىمۇ قىلدى .ئۇنىڭغا قاراپ ئۇنىڭ شور پىشانىلىكىگە ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى .

ئۆيگە قايتقان بۇ كۈنلەردەكۈندۈزى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا يادەملىشىپ ،كەچلىرى ئاينىڭ يۇرۇقىدا سىز بىلەن خىيالى پاراڭلىشىپ دىگەندەك  كۈنلەرنى ئۆتكۈزۋاتاتتىم.بىر كۈنى دادام مىنى چاقىرىپ ئايگۈلنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى.بىز ئۆيگە كىرگەندەئايگۈلنىڭ دادىسى تامغا يۆلىنىپ ئاران ئولتۇراتتى.ئايگۈل بىزگە داستخان سېلىپ چاي قۇيۇپ بولغاندىن كىيىن چىقىپ كەتتى.ئايگۈلنىڭ دادىسى

ناھايتى قىينىلىپ تۇرۇپ،كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:

-ئاداش،مىنىڭ ئەھۋالىمنى كۆردۈڭلار،مىنىڭ كۈنلىرىم ئاز قالدى.مىنڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم قىزىم ئايگۈل ،قىزىم ناھايتى كىچىكلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان .مانا ئەمدى مەنمۇ ئۇنى تاشلاپ كىتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن .ئەگەر كۈزۈمنىڭ ئۇچۇق ۋاقتىدا ئۇنى بىر ئىشەنچىلىك ئادەمنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزالىسام ئۆلۈپ كەتسەممۇ خاتىرجەم كىتەتتىم.ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندائوغلۇڭلار تۇرسۇندىنمۇ ئىشەنچىلىك ئادەم تېپىلمايدۇ،ئۇ مىنىڭ كۆز ئالدىمدا چوڭ بولغان ،سىلە بولساڭلار مىنىڭ ئەڭ يېقىن ئاغىنەم ،سىلدىن يېقىن تۇققاننى مەن نەدىن  تاپىمەن؟!شۇڭا مەن ناھايتى تەسلىكتە بۇ گەپنى دەۋاتىمەن،ئەگەرئايگۈلنى بالا قىلىشنى خالىساڭلا مىنڭ ھاياتلىقتا ھىچقانداق ئارمانىم قالمىغان بۇلاتتى.

مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خۇددى خاتا ئاڭلاپقالغاندەك دادامغا قارىدىم ،دادام ماڭا قاراپ قۇيۇپ :ئايگۈل خۇددى ئۆزەمنىڭ بالىسىغا ئوخشاش،قېنى بىز ئۆيگە قايتىپ مەسلىھەت قىلىپ ئاندىن سىلگە جاۋابىنى بىرەي دىدى.

بىز خوشلىشىپ ئۆيگە كەلدۇق.دادام ئالدىمدىلا ئانامغا تۇردى ئاكامنىڭ سۆزلىرىنى دىدى. ئانام بۇنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭمۇشۇنداق خىيالى بارلىغىنى ،بۇنىڭ ناھايتى ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.دادام ئانامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن «سەن نىمە دەيسەن؟»دىگەن مەنىدە ماڭاقارىدى.

مەن نىمە دەيتىم ،مەن ئەلۋەتتەقۇشۇلمايمەن ،مىنىڭ ئۆزەمنىڭ ياخشى كۈرىدىغان،ۋەدىلەشكەن ئادىمىم بار تۇرسا.مەن ئۇلارغا  ئايگۈلنى خۇددى سىڭلىم ئۇرنىدا كۈرىدىغانلىغىمنى،ئۈزەمنىڭ كۆڭلىدە باشقا ئادەمنىڭ بارلىقىنى دىدىم.ئۇلار گىپىمنى ئاڭلاپ ئىچكىرلەپ سوراپ سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەر تاپتى.ئۇلار بۇنى بىلگەندىن كىيىن خۇددى ئالدىنئالا مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلابىردەك مىنىڭ سىزنى تاللىشىمغا قۇشۇلمىدى. ئۇلارنىڭ دىيىشچە يۇرتىمىزنىڭ ئارىسى يىراق،ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش ئادىتى،ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە پەرق كۆپمىش.ئۇنىڭ ئۈستىگەئانام خېلى بۇرۇنلا  ئايگۈلنى كىلىن قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەنمىش.

مەنمۇ قەتئى سىزدىن ئايرىلمايدىغانلىغىمنى،ئايگۈل بىلەن توي قىلىشقا ھەرگىز قۇشۇلمايدىغانلىغىمنى دىدىم –دە، ئۇلارنىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتتىم.

  مەن ئازراق ۋاقىت ئۆتسە ئۇلار مىنىڭ ئىرادەمنىڭ چىڭلىقىغا قاراپ رايىمغا باقسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلىغان ئىدىم ،لىكىن..........

بىر كۈنى كەچتە يەنەبىر ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرسام ئانام كىرىپ يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى ،بىردەم جىمجىت ئۇلتۇرۋالغاندىن كىيىن ،سۆز باشلىدى:

-ئوغلۇم ،ئۇنداق جاھىللىق قىلىۋەرمە،ئۇ قىز بىلەن بىر يەرگە كىلەلىشىڭلار مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.داداڭ ئىككىلىمىزنىڭ قارارى ئېنىق ،بىز ئايگۈلدىن باشقا قىزنى كىلىن قىلمايمىز،بۈگۈن داداڭ بىلەن تۇردى ئاكاڭنى يوقلاپ كەلدۇق ،كېسىلى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ كىتىپتۇ،بىز بۇ تويغا رازىلىق بىلدۈرۋېتىپ كەلدۇق ،ئالدى بىلەن توي خېتى ئالساڭلار  چوڭ توي قىلمايلا نىكاھ ئوقۇتۇپ تۇرىدىغان بولدۇق.تۇردىئاكاڭ تۇنۇش بىلىشلىرىنى ئىزدەپ ئايگۈلنى سەن ئۇقىغان مەكتەپنىڭ چوڭلار مائارىپ سىنىپىدا ئوقۇتۇشنىڭ يۇلىنى قىلىدىغان بولدى. ئوغلۇم ئاتا-ئاناڭنىڭ گىپىنىمۇ ئاڭلاپ قوي،تۇردى ئاكاڭغىمۇ ئىچىڭ ئاغرىسۇن ،ئايگۈلنىمۇ كىچىكىڭدىن تارتىپ بىلىسەن،ئۆزى چىرايلىق ،پاكىز ،ئىشچان قىز.ئەگەر سەن يەنىلا جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالساڭ مىنىڭ گىپىم شۇكى سىنى باققىنىمغا رازى ئەمەس

ئانام گىپىنى تۈگىتىپ كۆزياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ چىقىپ كەتتى.ئۇ گەپ قىلىپ بولغىچە يىغلىغان ئىدى.مىنىڭمۇ كۆزلىرىمگەياش ئولاشتى.ئۆزۈمنى شۇنچىلىك چارىسىز ھىس قىلدىم .كېچىچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزۋەتتىم.

مەندە نەچارە،ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن كۈتىۋاتقىنى شۇ تۇرسا. پەرزەنتنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرچى ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاش ئەمەسمۇ ؟!مەن بۇ تويغا قۇشۇلدۇم.....

بىزگە نىكاھ ئوقۇتۇپ ئەتىسى ئايگۈلنىڭ دادىسى قازا قىلدى.تەتىل يىغىپ مەن ئاۋال مەكتەپكە كەلدىم.سىزگە نىمەدىيىشنى،چىرايىڭىزغا قانداق قاراشنى بىلمەي بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۋەتتىم.ئاخىرى خەت ئارقىلىق سىزگە ئايرىلىپ كىتىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچتىم. خېتىمدە ئاتا- ئانامنىڭ قۇشۇلمايدىغىنىنىلاتىلغا ئېلىپ ئايگۈل توغرىسىدا ھىچنىمە دىمىدىم .گەپنىڭ ئۇچۇقىنى دىسەم ئۆزەمنىڭ ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ بولغىنىمنى دىيىشتىن شۇنداق نۇمۇس قىلدىم .سىزمۇ ئۆزىڭىزنى بەك قەدىرلەيدىغان قىز بولغاچ ناھايتى تىزلا ئۆزىڭىزنى مىنىڭدىن تارتتىڭىز.

كۈنلەر مۇشۇنداق ئۈتىۋەردى.ئايگۈلنىڭ ئىككى يىللىق ئوقۇشى تۈگەپ مەكتىپىدە خىزمەت قىلدى ،ئوقۇشۇم پۈتەي دىگەندە ئوغلۇم ئىشقىيار تۇغۇلدى.بىراق مىنىڭ توي قىلىپ بولغىنىمنى ھەتتا بىر ياتاقتىكى ساۋاغداشلىرىمممۇبىلمىدى .ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتۇمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشتۈم.مۇشۇ ئۆتكەنكۈنلەردە سىزنى پەقەتلا ئۇنتۇپ قالمىدىم ،سىزنى ئەسلەپ تۇردۇم .كىيىن سىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىڭىزغا ئېرىشكەندىن كىيىن تۇرمۇشىڭىزغا تەسىرى بۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن،  سىزنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىڭىزغاتوغىرلاپ  تېلفۇن ،ئۇچۇرلارنى قىلىپ سىزگەبولغان سېغىنىشىمنى بېسىپ ،ئۆز-ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ ياشاپ كەلدىم.يېقىندائاشقازىنىم تولا ئاغرىپ تەكشۈرتسەم ئاشقازان راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىئاگنۇزقويدى .

مۇشۇ ۋاقىتتىلا مەن ئۆلگەندىن كىيىن بولسىمۇ  سىزگە سىزنى ئۇنتۇپ قالمىغىنىمنى ،سىزنى ئۆمۈر بويى سېغىنىپ ياشىغىنىمنى بىلدۈرەي دەپ ئويلىدىم.بۇئىشقا قىزىم گۈلباھاردىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولدۇم .شۇنىڭ بىلەن قىزىم گۈلباھارئوقۇشتىن تەتىل قىلىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا خەت ئارقىلىق ھەممىنى بايان قىلدىم .چۈنكى مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بۇ قىلغىنىم گەرچە ئانىسىغا نىسبەتەن ئادىل بولمىسىمۇ ،ئۇچۇقۇم مىنى چۈشىندۇ ،چۈنكى ئو ئەقىدە.ۋاپا،ساداقەتنى مۇھىم بىلىدىغان قىز.ئويلىغىنىمدەكلا قىزىم خەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەن تاپشۇرغان ۋەزىپىنى چۇقۇم ئۇرۇنلايدىغىنىنى،مىنىڭ خاتىرجەم بۇلۇشىمنى ،سىزگە يازغان خەتلىرىمنى ئۆز قولى بىلەن سىزگە يەتكۈزىدىغانلىغىنى دىدى . مەن شۇنداق خاتىرجەم بۇلۇپ قالدىم.

گەرچە ئايگۈلگە قەلبىمنى بىرەلمىسەممۇ ،مىھىر-مۇھەببەتلىك ئەر بۇلالمىساممۇ كۈيۈمچان،مەسئۇلىيەتچان ئەر بۇلالىدىم. تا ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭغا ھاياتىمدا ،تۇرمۇشۇمدا سىزدەك بىرسىنىڭ بارلىقىنى،ھەربىر كۈنۈمدە سىزدەك بىرسى بىلەن خىيالى ياشاۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرمىدىم . ، ئەرلىك ھەم دادىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كوپ تىرىشتىم .بىراق سىزگە بەرگەن ۋەدەمنى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن ئازراقمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتەلمىدىم .مەن ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىل.

گۈلباھار ،گەرچە  سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى  ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىيالمىساممۇ مىنىڭ شۇنى بىلگۈم بار :مىنى كەچۇرەرسىزمۇ؟

سىزنى ئۆمۈر بويى سۈيۈپ:تۇرسۇن

xxxx-يىل 7-ئىيۇل

  مەن خەتنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە،يۈزلىرىم ئىسسىق كۆز ياشلىرىم بىلەن بويالغان ئىدى.ياشلىرىم ھىچ توختاي دىمەيتى.مەن كىتاپ ئىشكاپىمنى ئېچىپ كەينىگەرەك قۇيۇپ قۇيۇلغان  پۇشكىننىڭ شئرلار توپلىمىنى قۇلۇمغا ئالدىم .بۇتۇرسۇن ماڭا سوۋغا قىلغان كىتاپ ئىدى.كىتاپنى ئېچىپ كىتاپنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇپ قويغان سۈرەتنى قۇلۇمغا ئالدىم.سۈرەتتە تۇرسۇن ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .مەن ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلىدىم .مەن مۇشۇھالەتتە بىردەم تۇرغاندىن كىيىن  سۈرەتنى يەنە كىتاپنىڭ قېتىغا قىستۇرۇپ،كىتاپنى جايىغا قويدۇم.ئارقامغا بۇرۇلغىنىمدا كۆزلىرىم كارۋات ئۈستىگە ئېسىپ قۇيۇلغان قىزىم،دادىسى ۋە مەن بىر ئائىلە كىشلىرى بىللە چۈشكەن سۈرەتكە چۈشتى.سۈرەتتىكى بېشىنى مۈرەمگە قۇيىۋالغان ئوماق قىزىمغا ۋە قوللىرىنى مۈرەمگە قۇيىۋالغان كۈيۈمچان يولدىشىمغا تىكىلگىنىمدە قەلبىمدە بىر خىل بەخت تۇيغۇسى شەكىللەنگەندەك بۇلۇپقالدى.مەن سۈرەتتىكى ئۆزەمگە قاراپ ئاستا پىچىرلىدىم:

-گۈلباھار،سەن دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال.

   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chaliquxi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-12 03:36 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ Y, q& G/ H4 V$ u. J. T! z% w5 j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; V' v! \, O0 \- C) M6 u

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 04:38:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدىما ؟؟؟ لىكىن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ،جاپا چەكتىڭىز.

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77105
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4821
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2012-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 04:54:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىز غا دەت كەلمىسۇنبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  w* P+ m( y- X" o$ D2 M4 F, v

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 b9 s; O8 B0 @0 E.قېرىندىشىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 @+ s! {' m7 a
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- I: K  h: p% C" r& t7 M- H. u.ئىزقوغلاپ ئۇقۋاتىمەن  نەچچە كۈننىڭ ياقى قاچان ئاخرى چىقا دەپ
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" M2 O" D; S. K7 y
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 u& z" k* f" ~: d
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 k0 z0 u) j: R1 M! Mبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 c/ y4 H: D, F* F  a& Z7 J0 D

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ b- C+ a+ v" G  Y% }( I0 _! T
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# N1 l! N4 g5 y! w' m بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nafisa11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-12 04:56 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, T8 g2 i6 l8 w! B) q1 u& |. q6 q7 O
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 U1 z9 W0 j! p

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110112
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 793
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 436 سائەت
تىزىم: 2014-9-22
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 04:59:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102722
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2014-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 07:07:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى تەسىرلىك چىقىپتۇ،بۇ راست بولغان ۋەقە بولسا ئۇ ئايال ھەقىقەتەن بەخىتلىك ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111179
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 702
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2014-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 01:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يازدىڭىز . تۈگىدىمۇ يەنە بامۇ ؟بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. U  N! x$ m' F3 l: d; ?8 D
ئەگەر ئاخىرى يەنە بولسا ساقلايمەن ھە ئەمسە .

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6179
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 05:32:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخمۇتجان ئىسلامنىڭ  ھېكايىلىرىنى  ئۇقۇغاندەك  بولدۇم .  ( كاككۇك قونغان تال ) نى .  

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103833
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 433
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2014-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 06:20:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئاددى ئەمما تەسىرلىك چىقىپتۇ. قوللىرىڭىز تالمىسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45144
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3870
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 06:28:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك   ياخشى يىزىلىپتۇ  ،  ھازىرمۇ  مۇشۇنداق ئوغۇللار  بولسا   ھە  .  لىكىن  ئايگۈلگە ئۇۋال  بوپتۇدە .  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, w! H- {0 f8 D5 ~1 p" \! ]! E% V$ a" w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ f; |! [- q8 b3 z$ P( n  قەلەم  تۇلپارىڭىز ھارمىغاي !!!

بۈۋىنيازگۈل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110018
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2014-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-14 11:22:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ! بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- ]# |9 g5 ~6 T& O2 F
ھېكايىنىڭ راۋاجىنى تېخىمۇ كەڭرى راۋاجلاندۇرغان بولسىڭىز ئېسىل بىر پوۋسىت ياكى رومان بولاتتىكەن . مېنىڭچە شۇنداق قىلىڭ راۋجىنى راۋاجلاندۇرۇپ نەشىر قىلغۇزۇڭ . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, _  B4 S& M- d5 ?
داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش