مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1309|ئىنكاس: 5

ھىكايىدىن كىلىپ چىققان پاجىئە (روماندىن پارچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 02:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەنجىرى                                                                                   

جالالىدىن يەنە داۋاملىق ھالدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى. كۆپىنچە ھاللاردا دوستلۇق، يېزا تىمىسىدىكى ئەسەرلەرنى يازسىمۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئانچە- مۇنچە مۇھەببەت تىمىسىدىكى ئەسەرلەرنى يازاتتى. ئايالى قارا قورساق دىھقان قىزى بولغاچقا ھەم ئارىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن زىل ھالەتتە تۇرۇۋاتقاچقا، ئايالى سەل ئۆزىنى ئاياپ ، جالالىدىننىڭ يازغان ئەسەرلىرىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيتتى.لىكىن بەزىدە يەنە ئانچە- مۇنچە يېزىقچىلىققا دائىر كىتابلارنىمۇ، ئەدەبىي كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ قوياتتى. بۇ چاغ جالالىدىننىڭ ئەسەرلىرىمۇ مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنىۋاتقان ئىدى. بىر كۈنى سىرتتىن ئۆيگە كەلسە ئايالى يوق تۇراتتى. نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقمىغان جالالىدىن خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۆيدە ئايالىنى ساقلىغان بولسىمۇ، لىكىن ئايالى كەلمىدى. كەچكە يېقىن ئايالىنى ئاچىسى ئەكىلىپ قويۇپ ئۇنىڭ يامانلاپ ئۆيگە يېنىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ كىتىپ قالدى. جالالىدىن ئوشۇق گەپ قىلمىدى. بىراق ئارىدىن جىق ئەمەس يەنە ئۈچ كۈن ئۆتۈپلا ئايالى يەنە تۇيۇقسىزلا يامانلاپ كىتىپ قالدى. ئامالسىز قالغان جالالىدىن ئاتا- ئانىسى بىلەن باردى. ئالدىغا داستخان سېلىنىپ تاماق تارتىلىدى. تاماق يىيىلىپ بولغاندا جالالىدىننىڭ قېينىئاتىسى جالالىدىننىڭ دادىسىغا ئۆزرە ئېيتىپ ، ئۆزلىرىنىڭ جالالىدىنغا دەيدىغان گەپلىرى بارلىقىنى دەپ ، ئۇلارنىڭ كىتىپ تۇرۇشىنى ئېيتتى. ئۇلار ماقۇل بولۇپ كىتىپ قالدى. قېيناتىسى، قېينىئانىسى، ئايالى جالالىدىن قوشۇلۇپ تۆتەيلەن خالىي بىر ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردى. جالالىدىننىڭ قېينئئاتىسى جالالىدىندىن   سورىدى:     

-بالام ، گەپ يۈزدە، ئۇسسۇل تۈزدە ياخشى. سىز    بىزگە بالا بولغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ. ئاراڭلاردا شۇنچە جىق ئىش بولۇپ ئۆتتى. شۇنداقتىمۇ ئۆيۈڭلارنى تۇتۇپ كىلىۋاتىسىلەر. قىزىمنىڭ كۆپ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈردۈڭلار، بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. بىراق ئوتتۇراڭلاردا يېقىندىن بۇيان يەنە ئازراق سۈركىلىش پەيدا بوپتۇ. سىز گەپ يوشۇرماي راستىڭىزنى ئېيتىڭ، سىز بىرەرسىنى تېپىۋالدىڭىزمۇ؟                                                                                                                                                                    

--ياق، قانداق دەيلا؟                                                                                                                                                     

-ئۇنداقتا ماۋۇ نىمە، دەپ بىر تۇتام قەغەزنى ئالدىغا پىرىقىرىتىپ ئاتتى جالالىدىننىڭ قېينىئاتىسى.                                                              ھىكايىغۇ، دىدى   جالالىدىن ئالدىغا ئېتىلغان ئون بەش بەتچە كىلىدىغان دەپتەرنى قولىغا      ئېلىپ قارىغاندىن كىيىن                            - ئۇنداقتا           ھىكايىدىكى         ئەر باش قەھرىمان سىزمۇ، دەپ سورىدى قېيناتىسى يەنە جالالىدىندىن

       كاللىسى بۇ چاغدا پۈتۈنلەي گاراڭ ھالەتكە كىلىپ  قالغان جالالىدىن ئىسىدە يوق ھالدا: شۇنداق دەپ سالدى                                                  -ئۇنداقتا قىزچۇ، دەپ سورىدى جالالىدىندىن قېينىئانىسى                                                      

-ئۇقمايمەن، ئۇنى پەقەت مۇنداقلا يېزىپ قويغان                                                                                                              

-مۇنداقلا يېزىپ قويغان، دەڭ تېخى دەپ قايتىلاپ سورىدى قېينىئانىسى                                                                                    

-شۇنداق، مۇنداقلا يېزىپ قويغان. ئەسەر يازغاندا ئوخشىتىش، توقولما، تەسۋىرلەش... قاتارلىق سىتىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىمىز.                                                                                                                                                         

-ياپىر، ماۋۇ ئالىي مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئالالماي، ئىككى توك-توك كىتاب ئوقۇپ بۈيۈك ئالىم بولۇۋالغان ئەزىز كۈيئوغلىمىزنىڭ تېخى نەدىكى بىز چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىپ،  بىزگە ئالىي مەكتەپنىڭ پراكتىكانت ئوقۇغۇچىسى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتكەندەك  دەرس ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆرۈڭ، دىدى قېيناتىسى جالالىدىنغا تەنە قىلىپ                                                                                                                                                                   \\  

       -سىزنىڭ باشقا بىرسى بىلەن ئىشىڭىز بولمىسا بۇنداق يازمايتىڭىز، دەپ گەپ قىستۇردى قېينىئانىسى         

                    -جېنىم قېينىئاتا- قېينىئانا! ئۇ دىگەن راستىنلا پەقەت بىر توقۇلما، قېينىئانا-قېينىئاتا! ئۇ دىگەن راستىنلا پەقەت بىر توقۇلما، جالالىدىن شۇنداق دەپ نەچچە قېتىم ئېيتسىمۇ،  ئۆزىنى ئاقلىيالماي تۇرغان ئاشۇ مىنۇتلاردا ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك قىلىپ – توقۇلمىنىڭ كۆپچىلىكىمۇ تۇرمۇشتىن كىلىدۇ، راست گەپ قىل، دەپ سەنلەپ چۈشتى ئايالى.           

                بىلەن ئىشنىڭ قىزىقى چىقتى. جالالىدىن يەنە ئۆزىنى قانچە ئاقلىغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇلار             ئىشەنمەي-قىزىمنىڭ خېتىنى بىرىسەن، دەپ ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق <<مۇھەببەت تارىخى>> بولغاندەك، جالالىدىننىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق << مۇھەببەت تارىخى>> بولغانىدى. ھىكايىدىكى ئىشلار ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى شۇ ئىشلىرى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ،  بۇ ئىشلارپەقەت ئۆيلىنىشتىن بۇرۇنقى ئىشلار ئىدى -خالاس! جالالىدىننىڭ بايىقى سوئالغا جاۋاب بىرىشىمۇ تاساددىپىيلىق ئىدى.                                                                                                                           

جالالىدىن ئۆيىگە بېرىپ بولغان ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتتى.

-يازە-يازە! ۋۇ ھارامتاماق، ھىكايە يازدىم ، دەپ خوتۇندىن، بالىدىن ئايرىلىپ قاپسەن! ھىكايە يازىمەن دىگۈچە ... دەپ ئاغزىنى بولۇشىغا بۇزدى دادىسى. ئاندىن ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئەيىبىلىشىپ كەتتى. باشقىلارغا قارىغاندا بالىغا ئانا بەكرەك كۆيۈنىدىكەن، ئانىسى ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ جالالىدىن ئايالى بىلەن ئاجىرىشىپ كەتتى. ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىشىگە ئايالى ۋە ئۆيىدىكىلەرنىڭ قارا قورساقلىقىدىن باشقا، مۇشۇ ھىكايە ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بوپ قالغان ئىدى. كىم بىلسۇن، جالالىدىننىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى شۇ كۈنىلا ھەممە يەرگە پۇر كىتىپتۇ، ئەمما نىمە سەۋەبتىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەپتۇ. نىمە سەۋەبتىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئەل- ئاغىنىلىرى سورىۋىدى، جالالىدىن- ھىكايە سەۋەب بولدى، دەپلا جاۋاب بەردى. ئاغىنىلىرى قاتارىدا نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان جالالىدىندىن باشقا بىر نەچچە دەرتمەنلەرمۇ خۇددى جالالىدىنغا ئوخشاش، دەرت- ئەلەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن مەھەللە بويىچە << تالانتىلىق يازغۇچى>>غا ئايلىنىپتۇ. ئۇلار بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئاۋارە بولۇپ، ئاخىرى بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىكايە سەۋەبلىك جالالىدىننىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن ، شۇ مەھەللىدىكى باشقا قەلەم تۇتقان جالالىدىنغا ئوخشاش <<تالانتلىق يازغۇچىلار>>مۇ تۈزۈك ئوقۇمىغان خوتۇنلىرىنىڭ ئاجىرىشىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ، مۇھەببەت تىمىسىدىكى ئەسەرلەرنى يازمايدىغان، ياكى يازسىمۇ ئاز يېزىپ ساندۇقىغا سېلىپ مەخپىي ساقلايدىغان بوپتۇ.  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" M) Y" w/ r, r! o) y% O- k6 W    ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت) دىن    بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 {6 H% |6 t& o8 w5 _5 O: O: L

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100398
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2013-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 04:25:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاملاشمىغان   ھىكايە   

سۆيۈشلەرنى  كۈتۈپ يۈرۈپ  كۈتۈشلەرنى  سۆيۈپ  قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1877
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 05:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىگە يېزىلغىنى بۇرۇنقى تارىق،ئەمىسە ئۇ تارىخنى ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى يېزىپ چۈشەندۈرسىڭىز بۇ ھەقىقى ھىكايىدىكى پاجىئە بولاتتى.ئاجرىشش ھازىرقى دەۋىردە ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى.ھىكايىنىڭ باش-ئايىغى ئېنىق ئەمەس  چۈشۈنۈكسىز بولۇپ قاپتۇ،ئارتۇق گەپ قىلىپ سالدىم كەچرۈڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kara-yijiran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-12 05:34 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' H/ q/ i6 H2 w& v. Pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  |* \4 P" K) W

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96454
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1276
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 07:58:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر  يېزىلىش پىلانلانغان كىچىكرەك بىر رومانىمىدىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ شۇ روماننىڭ بىر باپىلا ئىدى ھەم تۇنجى قېتىم يېزىلىپ تۈزىتىشكە ئۈلگۈرمەيلا سىناق تەرىقىسىدە يوللاپ قالدىم.  ئەسلى پۈتۈن قىسىملىرىنى يوللاش ئويۇم بار ئىدى. بىراق خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن ئاخىرىنى تىز سۈرئەتتە پۈتتۈرۈشكە ۋە يوللاشقا مۇمكىن بولمىدى. بۇ خاتالىقىمنى چوقۇم تۈزىتىۋالىمەن. تورداشلارنىڭ پىكىرى-تەكلىپ بىرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 922
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 12:29:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ھىكايە ئۈچۈن ئاجىرشىش ،بۇ نىمىدىگەن ئەخمەقلىق ھە توۋا

ئادەم  ئىمانى بىلەن نۇرلۇق ، ئەخلاقى بىلەن  گۈزەلدۇر  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-13 12:50:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روماننىڭ تېمىسىدىلا كەتكۈزۈپ قۇيۇپسىز ، تېمىنى قايتا ئويلىشىڭ ، ئاندىن تېمىغا ئاساسەن مەركىزىي ئىدىيەنى تۈزىۋېلىڭ ، ئاخىرىدا شۇ مەركىزى ئىدىيەنى چۆرىدىگەن ئاساستا ھەرخىل تەسۋىرلەرنى ئەتراپلىق سىڭدۈرۈپ يېزىپ چىقىڭ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 `) L4 L. S3 oسىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن ،

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش