|
|
|
|
مەن بۇ سوئالىمغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئىككىنچى پارچە خەتنى ئالدىراپ ئوقۇشقا باشلىدىم: سالام گۈلباھار: قانداق ئەھۋالىڭىز ،تۇرمۇشىڭىزياخشىمۇ؟مەنغۇ سىزنى ھەر ۋاقىت بىر بەخىتلىك ئائىلىدىكى ئانا ھالىتىدە خىيال قىلىمەن.چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا مەن سىزنىڭ ۋۇجىدىڭىزدىن ئىنتايىن يېقىملىق بولغان بىرخىل قىزلىق پۇراقنى ھىس قىلغان،مانا شۇ پۇراقنىڭ سىزنى بىر بەخىتلىك ئائىلىگە ئىگە قىلغانلىغىغاچەكسىز ئىشىنىمەن. بۈگۈن مەن ناھايتى خوشال ،ئىككىنچى پەرزەنتىم (قىزىم )نىڭ ئات تۇيىنى قىلدۇق .ئويلاپ باقسام ئوغلۇم ئىشقىيار نىڭ ئات تۇيىنى قىلغاندا بۇنچىلىك خوش بۇلۇپ كەتمەپتىكەنمەن . قىزىمغا نىمە دەپ ئىسىم قويغانلىغىمنى بىلگۈڭىزبارمۇ؟ئۇنىڭغاسىزنىڭ ئىسمىڭىزنى «گۈلباھار »دەپ ئىسىم قويدۇم .شۇ كۈنى ھەمىشە خىيالچان تۇرىدىغان كۆزلىرىم كۈلۈپ،ئاز گەپ قىلىدىغان ئېغىزىم يۇمۇلمايلا قالدى. «بۇنىڭدىن كىيىن كۈندەبىر قانچە قېتىم گۈلباھار دەپ توۋلىيالايمەن ،ئەگەر مەندە تىرىشچانلىق ۋە ئەستايدىللىق بولسىلا قىزىمنى خۇددى گۈلباھارغا ئوخشاش ئەقىللىق،تىرىشچان،پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلىيەلەيمەن.»مانا مۇشۇلارنى ئويلىساملا قايتىدىن روھلىنىپ كىتەتتىم.مىنڭ خوشاللىقىمغا ،،قىزىمنى بۇنچە ياخشى كۆرگەنلىكىمگە قاراپ ،ئايالىم تېخىمۇ خوشال ئىدى. ئالدىمدا كۈلۈپ تۇرغان ئايالىمغا، بىلىكىمگە ئىسىلىپ ،ئەكىلەپ تۇرغان ،ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن ئوغلۇم ئىشقىيارغا ،قۇلۇمدا كۆتىرىپ تۇرغان ،تۇغۇلغىنىغا نەچچە كۈنلا بولغان قىزىم گۈلباھارغا قاراپ ،مۇشۇ دەقىقىلەردە ئۆزەمنى ئىنتايىن بەختلىك ھىس قىلدىم.لىكىن مۇشۇ دەقىقىلەردىمۇ يەنىلا سىز خىيالىمدا ئىدىڭىز. بۇلارنى نىمىشقا يازىمەن؟بۇخەتلەرنى يا ئۇنىڭغا ئەۋەتمىسەم.بۇنىڭغا مەن ئۈزۈممۇ جاۋاپ بىرەلمەيتىم .بەلكىم ئىچىمگەپاتمىغاننى باشقىلارغا دەپ يۈرگىلى بولمىغاندىكىن ،سىزگە ئەۋەتىلمەيدىغان خەتتەسىزگە دەۋالاي دىگەندىمەن. گۈلباھار سىزنى سېغىندىم! سىزنى سېغىنىپ :تۇرسۇن xxxx-يىل 21-ماي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا chaliquxi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 12:56 PM
|
|
|
|
|
|