رۇسىيە ئاندىن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى چوڭ دۈشمىنى
گىدېئون رېچمان
يېقىندا، ئامېرىكا ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا رۇسىيە ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ قوشۇن ئەۋەتكەن، لېكىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بېيجىڭغا باردى.
ئەگەر ۋاشىنگتوننىڭ تەدبىر بەلگۈلىگۈچىلىرىدىن يەر شارىدىكى ئوخشىمىغان رايونلاردا، قايسى بىرى ئامېرىكىنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىسى دەپ سوئال سورىسىڭىز، ئەڭ دەسلەپكى جاۋاب ئوخشاش خىلدا «بىز ھەممە مەسىلىلەرگە ئوخشاش قاراۋاتىمىز»دېگەندەك بولىدۇ، داۋاملىق سوراۋەرسىڭىز جاۋابى بارغانسېرى قىزىقارلىق بولۇپكېتىدۇ.
چوڭ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ۋاشىنگتوننىڭ ئورتاق تونۇشى: نۆۋەتتىكى بۇ ئىككى كىرىزىستا ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسى ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن تېخىمۇ جىددىي. مەن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارىدىن قايسىسى تېخىمۇ مۇھىم دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ مېنىڭ بۇ سوئالن ىسورىغانلىقىمغا ئىشەنمىگەندەك بولدى، ئاندىن:«ئوتتۇرا شەرق، بۇ بەك جىددىي» دېدى.
ئوتتۇرا شەرقنى ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا 3 سەۋەب بار. بىرىنچى،ئوتتۇرا شەرقتە ھەقىقەتەن قوراللىق ئۇرۇش پارتلىدى، ئامېرىكا ھەر كۈنى بومباردىمان قىلىش ۋەزىپىسىگە قاتنىشىدۇ، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ كۆرەڭلىگەن، كىشىنى ئەندىشىگەسالىدىغان سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «پېشانىسىگە قارىتىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبائاتماقتا». ئىككىنچى، ئەگەر دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئېنىقلىمىسى پۇقرالارنى زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قوغداش بولسا، ئۇنداقتا ئامېرىكىلىقلار غازاتچى تەشكىلاتلارنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى رۇسىيەنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ تەخىرسىز دەپ قارايدۇ. ئۈچىنچى، ئامېرىكىلىقلار ئوتتۇرا شەرقنىڭ پۈتكۈل رايون تەرتىپى پارچىلانماقتا، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن نەچچە ئون يىل كېتىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. ئۆز ئارا سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپانىڭ تەرتىپى پەقەتلا گىرۋىكىدە كۆرۈلگەن مالىمانچىلىق خالاس.
بىر قىسىم كىشىلەر ھەتتا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان دىققىتى ھەل قىلغۇچ پەيتتە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەگە قاراتقان دىققىتىنى چېچىۋەتتى دەپ ئەندىشە قىلدى. بىر ئەمەلدار شۇنداق ئويدا:«مەن تارىخشۇناسلارنىڭ بۇ ۋەقەنى قانداق خاتىرلەيدىغانلىقىنى راستىنلا بىلگۈم بار، 2014-يىلى باھاردا بىز دىققىتىمىزنى ئۇكرائىناغا زىيادە قارىتىۋەتتۇق، لېكىن ئەينى چاغدا 'ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى كەڭ زېمىننىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا باشلىغان ئىدى» دېدى.
تەدبىر بەلگۈلىگۈچىلەرنىڭ دىققەت يۆلىنىشىدە خاتالىق كۆرۈلۈش ھادىسىسى ئىلگىرىمۇ كۆرۈلۈپ باققان. 100 يىل ئىلگىرىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىشىنىڭ ئالدىنقى بىر ئېيىدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئېرلاندىيەدە ئىچكى توقۇنۇش كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكىنى مۇنازىرە قىلىش ۋاقتى ياۋروپادىكى ئۇرۇش تەھدىتىنى مۇنازىرە قىلىش ۋاقتىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن ئىدى.
ئەمما ۋىلادىمىر پۇتىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيەدىن ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئوتتۇرا شەرق خەۋپ-خەتىرى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى ھەقىقەتەن چېچىۋەتتى. ۋارشاۋا ۋە بېرلىندا رۇسىيە مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى مۇراجىئەت قىلغان كىشىلەر توپىنىڭ ساداسى ۋاشىنگتوننىڭكىدىن تېخىمۇ چوڭ بولىشى كېرەك. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» ۋە ئوتتۇرا شەرق توقۇنىشىغا قايتىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، لېكىن بۇ پەيتتەياۋروپادىكى خەتەر ئېغىرلاشماقتا.
بۇنداق تەھلىلگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا يەنىلا رۇسىيە پەيدا قىلغان خىرىسنىڭ ئاشقۇنلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن بولىدۇ. كىشىلەر قىرىمنى يۇتۇۋېلىش ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرىقى قىسىمىغا ھۇجۇم قىلىش پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر پەيتتە، رۇسىيەئېھتىمال ئۇكرائىنانىڭ تېخىمۇ كۆپ رايونلىرىغا، ھەتتا بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىگە تەھدىت سېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى، بۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ئامېرىكىدا ئۇنچە جىددىي ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، لېكىن دەل بۇ رېئاللىق دىققەت قىلمايلا خەۋپ-خەتەرنى زورايتىپ تاشلىدى. دەل ياۋروپانىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى:«پۇتىن ئۆزىنىڭ ۋەقەنى بىز تېگىش قىلىشنى خالىمايدىغان دەرىجىگە كۆتۈرسە بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ»دەپ ئېيتقىنىدەك ئىدى.
كىشىلەر شەخسەن ھالدا ئەڭ چاتاق ئەھۋاللارنى مۇنازىرە قىلماقتا، مۇنازىرىلەر رۇسىيە ۋەقەنى تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىش دەرىجىسىگە كۆتۈرىدۇ، دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بۇ رېئاللىققا ئايلانسا، بۇ چوقۇملا نەچچەئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر خەلقئارالىق بىخەتەرلىك كىرىزىسى بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ مۇھىملىقى ۋە خەۋپ-خەتىرى داۋاملاشقىلى 25 يىل بولغان ئىراق ئۇرۇشىدىن ئېشىپكېتىدۇ.
كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا بۇ خىل يادرو ئۇرۇشى پەرىزى زورمۇزور بولۇپ قالدى دەپ قارايدۇ. تېخىمۇ ئومۇملاشقان ئەندىشە بولسا پۇتىن ئۇكرائىناغا ئومۇميۈزلۈك مۇنتىزم ئۇرۇش قوزغىشى، ياكى بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىكى رۇس تىلىداسۆزلەيدىغان كىشىلەرنى توپىنى تۇغ كۆتۈرۈپ چىقىشقا كۈشكۈرتىشى مۇمكىن، بۇ دۆلەتلەرش ئا ئە ت نىڭ ئەزاسى. ئەگەر رۇسىيە كېيىنكى قەدەمدە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىگەئارىلاشسا، لېكىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىنكاس قايتۇرمىسا، ئۇنداقتا رۇسىيە زور غەلبىگە ئېرىشىدۇ، يەنى غەرب ھەربىي ئىتتىپاقىنىڭ بىر قەغەز يولۋاس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
بىر قىسىم كىشىلەر رۇسىيە ئىقتىسادى ۋە رۇبلىغا تېخىمۇ زور بېسىم قىلىش رۇسىيەنى توقۇنۇشنى كېڭەيتىۋەتمەسلىككە قايىل قىلىش مۇمكىن دەپ قارىماقتا. ئەمما بىر مەيدان ئىقتىسادىي كىرىزىس ئېھتىمال رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ۋە ئاقىۋىتىنى ھېسابلاشمايدىغان قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
بۇ بارلىق ئەندىشىلەر ئىچىدە، پرېزىدېنت ئوباما جۇڭگوغا بېرىپ يىغىنغا قاتناشتى. ئامېرىكىنىڭ «ئاسىياغا قايتىش»غا ئىشىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، رېئاللىق يەنىلا نىسبەتەن ئۇزۇن مەزگىلگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى كۈنسېرى ئاجىزلاۋاتقان رۇسىيەياكى چاك-چېكىدىن پارچىلىنىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ئەمەس، بەلكى قەد كۆتۈرۈۋاتقان جۇڭگودۇر. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ كىرىزىسقا قانچە ئارىلىشىپ قالسا، جۇڭگونىڭ شەرىقى ئاسىيادا شۇنچە ئاسان ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، شەرىقى ئاسىيا كۈنسېرى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ يادروسىغا ئايلانماقتا.
ئوباما ھۆكۈمىتى بۇنداق ئاقىۋەتنىڭ كۆرۈلىشىگە يول قويماسلىق ئىرادىسىگە كەلدى، شۇڭا ئامېرىكا ھەربىي بايلىقىنى يۆتكىمەكتە، بۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدە ئامېرىكىنىڭ %60 دېڭىز ئارمىيە كۈچى تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىسى توغرىمۇ يوق ياكى ئامېرىكا ئاچقۇچلۇق پەيتتە يۆلىنىشتىن ئادىشىپ قالدىمۇ يوق دېگەنلەرنى تارىخشۇناسلار بېكىتىدۇ.
ئۆزەمنىڭ قارىشى بولسا رۇسىيە ھازىر ئەڭ مۇھىم خىرىس. جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن زور، ئەمما نۆۋەتتە بۇ بىر ئۇزۇن مەزگىللىك جەريان، كۆز ئالدىمىزدا ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق توقۇنۇش خەۋپ-خەتىرى يوق.
ئەپسۇسلىنارلىقى، ئوتتۇرا شەرقتىكى زاۋال تېپىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمدە تېررورىزمنىڭ خەۋپ-خەتىرى ھازىر مۇنتىزم خەتەرگە ئۆزگىرىپ كەتتى.
لېكىن، غەزەپلەنگەن، يادرو قورالى بار، ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە مەقسەتلىك خىرىس قىلىۋاتقان رۇسىيە پەيدا قىلغان خەۋپ-خەتەرنى بىز ئەمدى ھېس قىلىشقا باشلىدۇق. ياۋروپانىڭ تىنچلىقى ئامېرىكىنىڭ تەھدىت ۋە دىپلوماتىيە ياراشتۇرۇشى ئارىسىدا مۇۋاپىق تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىشىغا تايىنىشى مۇمكىن.
مەنبە: پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورى. ئاپتورى ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىدە ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى، ئېنېرگىيە مەسىلىسى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە خەۋەر بېرىشكە مەسئۇل. ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 12:45 PM