مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 862|ئىنكاس: 8

قەدىرلەيلى دىدارلىشىش پۇرسىتىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2818
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 698 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 10:45:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەدىرلەيلى دېدارلىشىش پۇرسىتىنى


ھەسەنجان ئۆمەر


ئۇنتۇلاركەن ھاياتلىقتا ھەر-ھەر ئىشلار،

ئۇنتۇلماسكەن پەقەت-پەقەت ساۋاقداشلار.

چوڭقۇر ئىكەن ساۋاقداشلىق سۆيگۈ مېھرى،

جەلىپ قىلار شۇڭا ھامان ئۇنىڭ سېھرى.

******

ساۋاقداشلار بەختىن تېلەپ تېلەكلەردە،

ياندى ئوت بوپ دېدار ئىشقى يۈرەكلەردە.

ئايرىلغانغا چارەك ئەسىر بولۇپ قاپتۇ،

ئاللاھ دېدار پۇرسىتىنى دىلغا ساپتۇ.

قەدىرلەيلى دېدارلىشىش پۇرسىتىنى،

ساۋاقداشلىق مېھرىنىڭ كۈچ -قۇدرىتىنى.

*****

ئەسكە چۈشتى ئۆتكەن كۈنلەر كۆرۈشكەندە،

قۇچاقلىشىپ تەبەسسۇمدا كۈلۈشكەندە.

زەپمۇ ئەركىن،زەپمۇ تاتلىق ئوقۇش چېغى،

كۈلگەن ئىدى باراقسانلاپ ھايات شېخى.

يانچۇق قۇرۇق بولسىمۇ گەر،كۆڭلىمىز توق،

تاغدا كىيىك يايرىغاندەك يايرايتتۇق شوخ.

بىر نان تاپساق تەڭ بۆلۈشۈپ يېيىشەتتۇق،

ئالماشتۇرۇپ بەزەن كېيىم كېيىشەتتۇق.

يىغا ،كۈلكە ئورتاق ئىدى ھەممىمىزگە،

ئىناقلىقنى سالغان ئۇستاز سەمىمىزگە.

ئىلىم -ئىرپان ئوكيانىدا ئۈزۈشەتتۇق،

بىر نىيەتتە جاۋاھىرات سۈزۈشەتتۇق.

شىرىن خىيال قاينىمىغا چۆكۈشەتتۇق،

كەلگۈسىنىڭ پىلانىنى تۈزىشەتتۇق.

شۇنچە خۇشھال تاماملىدۇق ئوقۇشنىمۇ،

بىلىپ قالدۇق قانات كېرىپ ئۇچۇشنىمۇ.

خوش قىلسىمۇ ئۇستاز بولۇش ئىستەكلىرى،

ئەزگەن دىلنى ئايرىلىشنىڭ مىنۇتلىرى.

******

ئۇستاز بولۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىكەن،

باغلىرىدا گۈل بىلەن ھەم باركەن تىكەن.

ئۇستاز بولۇپ يەتتۇق ئۇستاز قەدرىڭىزگە،

چىن يۈرەكتىن رەھمەت ئېيتتۇق ئەجرىڭىزگە.

*******

ئاق قەغەزگە گۈلدىن سۈرەت سىزىپ كەلدۇق،

قۇياش تەپتى مېھرىمىزنى بېرىپ كەلدۇق.

ئاتا قىلىپ ئۆزگىچە زوق يۈرەكلەرگە،

تالماس قانات چىقىرىپ شوخ تېلەكلەرگە.

******

ئاق سانچىلدى چاچ-ساقالغا،يۈزدە قورۇق،

ئەسلەپ باقساق يۈزلىرىمىز بوپتۇ يورۇق.

ئۆكۈنمەكلىك قورۇقلاردىن ھاجەت ئەمەس،

چىن ئىنسانلار ياشار مەغرۇر،ۋايىم يىمەس.

ۋارىس قىلىپ يېتىلدۈردۈق ئوغۇل-قىزنى،

ئۇلار چوقۇم تاپار،بىزلەر باسقان ئىزنى.

******

دېدارلىشىپ تۇرىشايلى پۇرسەت تېپىپ،

ئىناقلىقنىڭ گۈلى ياشنار پۇراق چېچىپ.


مەنبە؛ئىجادىيىتىم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5680
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 11:29:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېدار غەنىيمەتتۇر

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12435
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32507
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 11:43:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ مەنىلىك،خۇشال چاغلار ئىدى مەكتەپ ھاياتى،ئاجايىپ چوڭقۇر ئىدى ساۋاقداشلىق مېھرى.....

ما خىل شېئىر يېزىش ئۇسلۇبىڭىزنى ياقتۇردۇم،ئېسىل چىقىپتۇ شېئىرىڭىز .....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111898
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1681
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2014-12-19
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 11:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ گۈزەل چاغلارنى ئەسكە سالدىڭىزغۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 12:14:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شىئىر ئىكەن

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 01:40:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شئېرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى : ھاياتلىقتا نۇرغۇن ئىشلار ئۇنتۇلسىمۇ ساۋاقداشلارنىڭ مېھرى چۇڭقۇر بولغاچقا ئۇنتلمايدۇ.................. ۋاھاكازا.


مۇشۇنداق دېمەكچىكەنسىز .
:سىزنىڭچە بۇ «شىئېر »ىڭىز قانداقراق يىزىلىپتۇ!


قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2818
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 698 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 09:17:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xopur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 01:40 AM
بۇ شئېرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى : ھاياتلىقتا نۇرغۇن ئىشلار  ...

ھەزىم قىپسىزغۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 02:36:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر مەنىلىك يىزىلغان شىئىر بوپتۇ

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-15 02:36:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر مەنىلىك يىزىلغان شىئىر بوپتۇ

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش