مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 18656|ئىنكاس: 101

ئەلى قۇربانغا _______ يېپىق خەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11526
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2267 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېقىندىن بېرى ئەلى قۇربان مالىم بىلەن زىۋىدە خانىمغا بولغان ئۇچۇق خەتلەرنىڭ جىقلىقى ۋە مۇنبەرلەردىكى دە تالاشلارنىڭ كۆپلىكىدە ئۆزۈمنى قاچۇرساممۇ پىكىر قاتناشتۇرماي ئىلاجىم بولمىدى. مېنىڭ ئويلىشىمدا بۇ ھەقتە مۇنازىرە، دە- تالاش قىلىش ئۇيغۇر جەمئىيتىگە ئانچە كۆپ يېڭىلىق ۋە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىسىمۇ، ئېغىز ئوبزورچىلىرى ۋە تور جەڭچىلىرىگە ياخشى پۇرسەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.  شۇڭلاشقا، ئۇستاتلىق بولسىمۇ  ھەزىلكەشلىك بىلەن ئەلى قۇربانغا يېپىق خەت دەپ قىزىقچىلىق قىلىپ قويدۇم، كەڭ جامائەتچىلىك، ئەپۇ قىلغايسىزلەر.

مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، ئەلى قۇربان ئەينى يىللاردا ئاتۇشتا تۇلۇق ئوتتۇرىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەندە ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىنچە 1-بولۇپ، ئەلىيۇل ئەلا بولغان ئىكەن ھەمدە تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتتا تىببى ئىلىمدە ئوقۇغان ئىكەن. بۇ جەرياندا بىر قانچە خىل چەتئەل تىلىىغا پىششىق بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا  گىپنوز( پىسخولوگىيەـ روھىيەت ئىلمى) گە  مۇھەببەت باغلاپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ دۆلەت 2- دەرىجىلىك پىسخولوگ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئاپتۇ.

كەمىنە ياش زىيالىينىڭ  ئەلى قۇربان ئاكىمىز بىلەن ئۇچراشقىنىغا بىر يىلدەك بوپتۇ، ئۇنىڭ پىلاستىنكىسى ۋە ئاتۇشتىكى ئانا مەكتىۋىدىكى نۇتىقى ۋە ئىستىقبال سەھنىسى، قانۇن ۋە پۇقرا پىروگراممىسى ۋە رادىئو چاستوتىسى ئارقىلىق ئۇنى ئازدۇر كۆپتۇر چۈشەندىم، ئىلىملىكلەرنى، بولۇپمۇ ئىلىملىكلەر ئىچىدىكى كەمتەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەلۋەتتە ئەلى قۇربان مالىمنىمۇ 21- ئەسىردە ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيسى ئېھتىياجلىق بىر ئادەم دەپ تونۇيمەن. ھەرگىزمۇ غايىۋى ھالدا چوقۇنۇش دەرىجىسىدە ئەمەسمەن.

ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ۋە ئىنسانىي كامىللىقىىنى ئۆلچەشكە ئاجىز ھەم ئانچە چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس بولساممۇ، 5 قىسىملىق مەركەزدىكى لېكسىيەسى ۋە مىسرانىمدىكى جاۋاپ خەت زىيارىتى قاتارلىقلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ شەخسەن يۈرەك سۈزۈمنى تور دۇنياسى ئارقىلىق ئەلى مۇئەللىمگە ئوتتۇرىغا قويۇشنى توغرا تاپتىم ھەمدە مۇنبەر ئالدىدىكى ھەربىر مەسلەكداش دوست- يارانلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئويىغا كەلدىم: ( مۇنبەرداشلار، سىلەرنىڭ ئېغىر- بېسىق، ئىلمىي، كەڭ قورساقلىق بىلەن قېرىنداشلارچە مۇنازىرە قانات يايدۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن! )

ئەلى قۇربان مۇئەللىمگە يېپىق خەت: (شەخسەن مېنىڭ قارىشىم)

( تەنقىدتىن قورققان ئالىم تاكامۇللىققا يېتەلمەيدۇ، ئالىم بولماق ئاسان، ھەقىقىي ئادەم بولماق بەسىي مۈشكۈل، ئالىم بولغان كىشى پەزىلەتلىك ۋە كەمتەر بولسا ھەقىقىي ئالىم ۋە ئادەم بولىدۇ)

1)  ئەلى مۇئەللىمنىڭ 12 مەيدان لېكسىيەسىنى ئاڭلاش ئارقىلىق ماڭا بولغان تۇنجى تەسىرى ئەلى مالىمنىڭ تىل قابىلىيتى( نوتىقى) ئالاھىدە ياخشى، ناتىقلىقتا يومۇرىستىك تۇيغۇ ۋە مول جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. بەندىسىنى ياراتقان ئاللاھ ئېگىمىزنىڭ ئەلى ئاكىمىزغا بەرگەن بۇ قابىلىيەتكە قايىلمەن. بۇ نۇقتىدىن  مېنىڭ ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرى ئوخشاش دەپ ئويلايمەن.  

2) 12 قېتىملىق لېكىسيە جەريانىدا ماڭا يېقىمسىز تەسىر بەرگەن بىرقانچە نۇقتا بولدى، ئۇ بولسىمۇ خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئاتالغۇلارنى جىق ئىشلىتىش ۋە   چەتئەل مەشھۇرلىرى ۋە پەيلاسوفلىرىنىڭ نەقىل سۆزلىرىنى جىق ئىشلىتىش، شۇنىڭدەك «مەن مەركەز» ئاساسىدىكى شەخسنىڭ كىشىلىك دۇنيا قارىشى ۋە پەلسەپە قارىشىنىڭ ئومۇملىق ئورنىغا دەسسىتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر...تۆۋەندە بۇ مەسىلىلەرنى سەل تەپسىلىرەك ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن:

①ئەلى مۇئەللىم لېكسىيە جەريانىدا ئەسلى ئۇيغۇرچىدا تامامەن بار ھەم ئۇيغۇرچە ئاتاشقا، دېيىشكە بولىدىكەن سۆز- ئىبارىلەرنى بىلىپ-بىلمەي خەنزۇچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىدى ياكى بىۋاستە خەنزۇچىسىنى دېدى.( ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە  ئانا تىلىمىز شالغۇتلاشقان ۋە خىرىسقا ئۇچۇرغان، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەش خەلقىمىز ئارىسىدا يامان ئۆسمە خاراكتىرلىك ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ۋاقىتتا، بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولۇش مۇمكىن)   ئەمما، ئەلى مۇئەللىم تەۋپىق تىل تەربىيلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى،  دېمەك تىل ئوقۇتقۇچىسى،  بىر مىللەتنىڭ تىل ئوقۇتقۇچىسى ئانا تىلدا بىمالال سۆزلەش ئىمكانىيتى بار تۇرۇپ، خەنزۇچە تىلنى قىستۇرۇپ ياكى ئەتەي، ۋاستىلىك دېگەندەك سۆزلىشى  مەسئۇلىيەتسىزلىك بولامدۇ – قانداق؟ دېگەن ئويدا بولۇپ قالدىم.

  ② ئېنگىلىزچە ئاتالغۇ ۋە سۆز- ئىبارىلەرنى قىستۇرۇش مەسىلىسى:

ئەلى مۇئەللىم ئەلۋەتتە، ئېنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى، ئەمما ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا، ئۇيغۇر جەمئىيتىدە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئوزۇق ئېلىپ، پىشىپ يېتىلگەن زىيالىيدۇر.   لېكىن، ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكسىيە جەريانىدا دائىم ئېنگىلىز تىلىدا  كىتاب ياكى سۆز-ئىبارىلەرنى قىستۇرۇپ ئېيتىشىنى ئۆزىنىڭ ئېنگىلىزلارنىڭ تىلىغا تولىمۇ پىششىق ئىكەنلىكىنى كۆز- كۆز قىلىش دەپ چۈشىنەمدۇق ياكى شۇ تىل بىلەن جىق ھەپىلەشكەن ئىكەن بىلىپ- بىلمەي دائىم ئۇيغۇرچە لېكسىيەسىدە ئېنگىلىزچە سۆزلەرنى جىق قىستۇرۇپ ، كەينىدىنلا لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارغا تەرجىمە قىلىپ بېرىشىدىن ئۇنى شۇنداق سۆزلەپ كۆنۈپ قالغان دەپ ئەپۇ قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولساق بولارمۇ؟( شەخسەن قارىشىم، ئانا تىلغا قاتتىق قول بولۇپ، ئانا تىلنىڭ ساپلىقى ۋە ئىشلىتىلىشىگە بوشلۇق يارىتىشىمىز كېرەك، كۆنۈپ قېلىش تۈپەيلى ئانا تىلنى شالغۇتلاشتۇرۇپ، ئۇ بۇ تىلنى قىستۇرۇپ ئارىلاشما –(زاخۇيتاڭ)  قىلىپ سۆزلەش ئۇيغۇر تىلى بولغان ئانا تىلىمىزغا مەسئۇلىيەتسىزلىك).

③ لېكسىيەسىدە، چەتئەل مەشھۇرلىرى ۋە پەيلاسوفلىرىنىڭ نەقىللىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى.

دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت، مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە ئارقىدا قالسۇن ياكى تەرەققىي قىلغان بولسۇن، چۇقۇم ئۇنىڭ تىل بايلىقى ۋە ئەجدادلىرىدىن قالغان كىلاسسىك تەۋەرۈكلىرى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ 1300 يىلغا يېقىن مەزگىلدىكى يازما مەنبەلىرى ھازىرغىىچە بىزگە يېتىپ كەلگەن، ئەلى مۇئەللىم ۋە بىزلەرنىڭ 10، 20 يىل ئوقۇشىمىزغا بىمالال يېتىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىدىن مەيلى بۇددىزىم دەۋردىكى كوماراجىۋا قاتارلىق بۇددىس ئالىم- پەيلاسوفلىرىمىز، مەيلى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېېينكى يۇسۇف، مەھمۇد، ئەلىشىر، سەككاكى...قاتارلىق  ۋەكىللىكىدىكى ئەدەبىيات تارىخىمىزغا كىرگۈزۈلگەن نەچچە يۈزلىگەن ئالىملىرىمىنىڭ دۇنيا تۈركولوگىيە ساھەسى نەچچە يۈز يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىۋاتقان پەلسەپىلىرى ۋە  ئەقلىيەلىرى ئەلى مۇئەللىمنىڭ لېكسىيەسىدە بىر ئۆزى ۋە بىر قانچە لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار بىلىدىغان، كۆپچىلىك ئۈچۈن نامەلۇم بولغان ئاشۇ چەتئەل ئالىملىرىدىنمۇ قەدىرسىزمىدۇ ؟   ياكى   ئەلى قۇربان مۇئەللىم ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى قەدىمكى دەۋرگە تەۋە، يېڭى دەۋردە ئۇلارنىڭ پەلسەپىسى ۋە ئەقلىيەلىرى بىزگە ماس كەلمەيدۇ دەپ قاراپ ئىشلىتىشنى خالىمىدىمۇ؟ ۋە ياكى  شۇ داڭلىقراق سانالغان يۈز نەچچە  ئۇيغۇر ئالىم- پەيلاسوفلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئەلى مۇئەللىم ھازىرغىچە  تونۇشۇپ باقمىدىمۇ ۋە ياكى ئوقۇپ باقمىغاچقا ئۇلارنىڭ ئىدىيسىگە سەل قاراپ ئوقۇشتىن ۋاز كەچتىمۇ؟

ئەلى قۇربان مۇئەللىمدەك يېتىلىۋاتقان ناتىق ۋە پىسخولوگنىڭ لېكسىيەلىرىدە  قېنى ۋە دىلى بىز بىلەن بىر بولغان ئەجدادلىرىمىز، كىلاسسىك پەيلاسوفلىرىمىزنىڭمۇ پەلسەپىلىرى ۋە سۆز ئۈزۈندىلىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ئەلى مۇئەللىنىڭ لېكسىيەسىدە خۇددى ئۆزى يادقا بىلىدىغان چەتئەل يەھۇدى ئالىملىرىغا ئوخشاش پەخىرلەنگەن ھالدا بىزنىڭ پالانچى خانلىقىمىز دەۋردىكى پالانچى ئالىمىمىز ياكى پەيلاسوفىمىز پوكۇنچى  مۇنداق دېگەن ئىكەن، ئۇنداق دېگەن ئىكەن دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشۇنى، قىستۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ئەگەر ئەلى مۇئەللىم كىلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنەلمەيمەن، چاغاتاي تىلىنى بىلمىسەم قانداق چۈشىنىمەن دەپ قارىسا، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئالىمىمىز يازغان تەۋەرۈكلەردىكى يىپەك يۇلىدىكى ھېكمەت ۋە پەلسەپىلەرگە قۇلاق سالغاي ياكى بۇلاق ژۇرنىلىدىكى قەدىمكى ئەسەرلەر تەرجىمسىدىن پايدىلانغاي.

مەنچە، ئەلى مۇئەللىم لېكسىيەسىدە پالانچى دۆلەتلىك  داڭلىق پۇكۇنچى مۇنداق دېگەن ئىكەن  دېگەنگە  قارىغاندا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئالىمىمىز ياكى پەيلاسوفىمىز  پالانچى   مۇنداق دېگەن ئىكەن دېسە :   لېسكىيە ئاڭلىغۇچى ياشلارغا ئەجداد تەربىيسى بېرىش، تارىخ تەربىيسى بېرىش، ئەنئەنە تەربىيسى بېرىش ۋە  تارىخىدىن پەخىرلىنىش، خەۋەردار بولۇش، كەلگۈسى ھەققىدە ئۈمىدكە تولۇش، ئىشەنچىگە تولۇشىغا، شۇنىڭدەك ئۆزىمىزنىڭ ھېسياتىدا، مىللىي تۇيغۇدا لېسكىيە يەتكۈزۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.  

3) «ئەلى قۇربان مۇنازىرىسى»گە سەۋەبچى بولغان نۇقتىلىق سەۋەب ھەققىدە:

ئەسلى ئەلى قۇربان مالىم نۇرغۇن قېتىم ئېكرانلاردا بىز بىلەن ئۇچراشقان، ئەمما بىز تورلاردا ئۇنچىلىك مۇنازىرە قىلىپ باقمىغان، بەلكىم يېقىنقى دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن، ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لوتپۇللا مۇتەللىپ، نىمشىھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،زوردۇن سابىر....قاتارلىق مەرھۇم ئالىم- تەۋەرۈكلىرىمىز ھەققىدىمۇ توردا بۇنچىلىك مۇنازىرە بولۇپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما « ئەلى قۇربان مۇنازىرىسى» شۇ تەۋەرۈكلەردىنمۇ ئېشىپ  كەتتىكى، تەسىر دائىرىسى ۋە زىيارەت قىلغان ئادەم سانى كىشىنى چۆچۈتتى.

ئۇنداق بولسا، تېلىۋىزىيەدىلا تونۇلۇپ، تور دۇنياسىدا بەك قىزغىن مۇنازىرە قوزغالمىغان ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ تۇساتتىن مۇنازىرە قوزغىشىغا نېمە سەۋەبچى بولدى؟ مەنچە ، شەخسەن قارىشىم، مەركەزدىكى لېكسىيەسىدىكى « مەن يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرىلەردىنمۇ مۇھىم، ئۇلار ئۆلدى بولدى، مۇنداقلا چۈشۈنۈپ قويساق بولىدۇ، كۈنبويى ۋاي دەپ يۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇلار قوپۇپ مەندەك لېكسىيە سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ، مەن ئۇلاردىن مۇھىم، شۇنداقمۇ يا؟...» دەل مۇشۇ ئېھتىيات قىلماي قىلىنغان سۆزلەنگەن بىر قانچە جۈملە سۆز  ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە بىر قىسىم تور ئەھلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ بۇنىڭغا قارشى مۇنازىرىنىڭ قانات يېيىشىغا سەۋەبچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئەلى مۇئەللىمنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن قوللاپ تۇرۇپ ھەيران قالغان قارشى چىققۇچىلار ئوتتۇرىسىدا تور مۇنازىرىسى پارتىلاپ كەتكەن. گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا ئەلى قۇربان مالىم ئوبىيكتىپ نۇقتىدىن ئېيتقاندا شۇ ئۇلۇغ ئالىملاردىن مۇھىم بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سۇبيىكتىپ نۇقتىدىن تەھلىل قىلغاندا ئەلى قۇربان مۇئەللىم يەنە 100 يىل ئۆتۈپ ئۇ بۈيۈك ئالىملىرىمىزنىڭ يېرىمىنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى دۇنيا تۈركولوگىيە ئىلىم ساھەسى ئاللىقاچان بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىم تەتقىقاتى جەمئىيتىنى شەكىللەندۈرۈپ،  ئۇلارنىڭ ئىددىيسى ۋە يازغان ئەسىرى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن شەرق ئىدىيسىنىڭ يېڭىلىنىشغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىنىڭ پەلسەپە ۋە باشقا ئىلىم تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن، بىلىشمەي ئىككى داڭلىق تەۋەرۈك ئالىمغا بولغان ساددىلارچە ھۆكۈمى ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئاتىسى دەپ بىلگەن خەلقىمىز ياشلىرىغا زەربە بولدى. 6 قىسىم لېكسىيەدىكى ئەڭ زور خاتالىق شۇ بولدىكى، خەلقنىڭ مىللىي ھېسياتىغا سەل قارالدى ۋە ئەجدادلارغا بىلىپ- بىلمەي «ھاقارەت » قىلىندى. قىسمەن سەۋەنلىكنىڭ ساقلىنىشىنى چۈشىنىشكە بولاتتى، ئەلى مۇئەللىم ئىكران يۈزىگە قايتا چىققاندا:   لېكسىيە جەريانىدا قېنى كىم 2 يېرىم سائەت تەمتىرىمەي لېكسىيە سۆزلەپ خەقنى ئۆزىگە قارىتالايدۇ، يۈسۈپ بوۋىمىزمۇ كىتابىدا ئۆلۈكلەردىن تىرىكلەر ئەۋزەل دەپتىكەن  دەپ يەنىلا ئۆزىنى ئاقلىماي، لېكسىيە جەريانىدا، بىلىشمەي، چارچاش تۈپەيلى ئۇلۇغ ئىككى ئالىمىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ قويۇپ، تور ئەھلىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇپتىمەن، سەۋەنلىكىمدىن ئەپۇ سورايمەن دەپ كەمتەرلىك قىلغان بولسا ئىدى، بەلكىم مۇنازىرچىلەر خېلى بېسىقىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما، ئۇنداق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.  

4) ئەلى مۇئەللىمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۋېتىش ۋە ئىنكار قىلىش مەسىلىسى.

ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئون نەچچە مەيدان لېكسىيەسىدىن شۇنى بايقىدىمكى، ئۆزى سەبىيلەرچە بەزى مەسىلىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۋېتىدۇ ياكى ئىنكار قىلىۋېتىدۇ، مەنچە دۇنيادا مۇتلەق دۇرۇس ۋە خاتا ئىش  يوق.    « ق » تاۋۇشى مەسىلىسىدىكى دۇنيادا ئۇيغۇردىن باشقا ھېچقانداق مىللەت «ق » نى دېيەلمەيدۇ دېگەن گېپى بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. يەنە تېخى  سىزنىڭ بۇ ئىدىيىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇتلەق خاتا، مۇنداق بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ رادىئو مەسلىھەتى بېرىشىمۇ بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ.  

ئىنسان كەمتەر ۋە كەڭ قورساق بولىشى، چېكىنىش يولى قالدۇرىشى كېرەك. ئەلى مۇئەللىمدەك دۆلەت 2- دەرىجىلىك پىسخولوگ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قارىشىچە خاتا بولغان ئىشلار بەلكىم  دۆلەت 1- دەرىجىلىك پىسخولوگ ۋە ياكى دۇنيا پىسخولوگلىرىنىڭ نەزىرىدە توغرا بولىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا مۇتلەق توغرا ياكى خاتا دېيشىتىن ساقلانسا دېگەن ئۈمىد تىمەن. چۈنكى ئىلىم داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

5)  بارلىق تور بېكەتلەردىكى مۇنبەرلەردە ئەلى قۇربان مۇئەللىمگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىنىڭ قانات يېيىشى ئەمدى بەس، بولدى، يېتەر دەپ ئويلايمەن.  مەن بارلىق تور بېكەتلەرگە تۆۋەندىكى شەخسى « ئىنكاس» نى قايتا- قايتا يوللىدىم. پايدىلانساق بولىدۇ، لېكىن مېنىڭ پىكرىمنى ھەق دېمەيمەن. ئۇ ماڭا ۋەكىللىك قىلىدۇ، كۆپچىلىككە ئەمەس.

( ئىنكاس:

مەن يېڭى نوتا بولساممۇ، جىق ئوقۇسام بىرەر يۈز پارچە كىتاب ئوقۇغاندىمەن، بالىلارچە پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسام:  ئەمى مۇئەللىمنىڭ يۈسۈف خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشىغەرىلەردىن مەن ھايات ئادەم مۇھىم دېگىنىمۇ خاتا ئەمەس، داڭلىق پىسخولوگ، مائارىپ تەتقىقاتچىسى زىۋىدە خانىمنىڭ قارشى پىكىردە بولىشىمۇ خاتا ئەمەس.

  بىر مەسىلىگە نىسبەتەن  ھەربىر ئادەمنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى، كۆزىتىش نۇقتىسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساسى ئوخشاش بولمىغان ئىكەن، ئوخشىمىغان پىكىر ۋە كۆز قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئېنىق. بىز كىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە يېنىكلىك بىلەن ھۆكۈم قىلماي، دەۋرنىڭ سىنىقىغا قويۇپ بەرسەك، دەۋر، ۋاقىت ھەممىنى سىناپ، ئادىل تارازىغا سالىدۇ. ئەگەر دەۋرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ يۈز يىللار، مىڭ يىللار شۇ كىشىلەرنىڭ سىيماسى بىزگە ھەمرا بولۇپ، تەسىر كۆرسىتەلىسە ، شۇ توغرا ،شۇ دۇرۇس.

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدە  بارىنى قەدىرلىمەسلىك، يوقىغا ئىنتىلىش، ئۆتكەننى ئەسلەپ، تارىختىكى شان شەرىپىدىن تەككىينى ئېگىز قىرلاپ، يېڭىنى ئىجاد قىلىشقا ماھىر بولماسلىق كەمچىلىكى مەۋجۇت. ئەلى قۇربان مالىمنىڭ ئۆزىنى ئالىم- پەيلاسوفلاردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلىشى، قانداقتۇر يۈسۈف ۋە مەھمۇد بوۋىمىز قەدىرسىز ۋە ئەھمىيەتسىز دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى مەن ھازىرقى مۇشۇ ۋاقىت سائەتنىڭ ئۆزىدە ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، بىۋاستە، نەخ تۆھپە قوشۇپ ۋە تەسىر كۆرسىتەلەيمەن، شۇنىڭدەك بىۋاستە ئۇچرىشالايمەن، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى ئىدىيسى بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى بولالايمەن... دېمەكچىدۇر بەلكىم؟   مېنىڭ ئويلىشىمدا ئەلى قۇرباندەك ئەلىيۇل ئەلا    ھەرگىزمۇ ئەجدادلارنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ قىممىتىنى ئىنكار قىلىدىغان كىشى ئەمەس. ئۇ ھەم لېكسىيەسىنىڭ 3-، 4- بۆلەكلىرىدە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ  مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقىرىدىن ئارتۇق دېگىنىم ئەمەس، بەلكى بىز بۈگۈنكىلەرمۇ شۇلار بىلەن ئوخشاش ئادەم، ئۇلار قىلغاننى قىلالايمىز، ھەتتا ئۇلار قىلغاندىنمۇ ئارتۇق قىلىمىز، ھەتتا ئۇلار قىلىشقا قابىل بولالمىغاننى قىلىمىز دەپ ئوتتۇرىغا قويدى..... مەنچە ئەلى مۇئەللىم لېكسىيەسىدە ھەرگىزمۇ ئەجدادلارنى يوققا چىقىرىش مەقسىتىدە ئۇنداق يەكۈن چىقارمىدى.

  زىۋىدە خانىمنىڭ مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە مەۋجۇدلىقىنى ئەلى قۇرباندىن نەچچە ھەسسە ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك دەپ ھېسابلىشىمۇ خاتا ئەمەس. چۈنكى ئۇلار دۇنيا ئېتراپ قىلغان ئالىملىرىمىز. ئەمما مەڭگۈلۈك شەرپىمىز ئەمەس، بەلكىم قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىگىلا تەۋە بولغان تۆھپىكارلار، ھەرگىزمۇ ھازىرقى دەۋرىمىزگە تەككىي بولالمايدۇ، بەلكى  بىزگە ماياك، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ، ئۇلار بىزنىڭ مەنىۋى ئاتىلىرىمىز.  بۇنى تارىخنىڭ، دەۋرنىڭ سىنىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەق.

ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ لېكسىيە جەريانىدا بىر ئىككى ئېغىز خاتالىقى ساقلاندى دەپ قارالسا، ( بەلكىم ئەلى مۇئەللىم ئۇ لېكسىيەسىنى تور تېلىۋىزىيەسى ئارقىلىق تاراپ كىتىشنى ئويلىماي، نەخ مەيداندىكىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئىدىيسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سالغان بولۇشى مۇمكىن )،          ئۇنداقتا ئۇنىڭ مول بىلىمى ۋە تەپەككۇرىنى چەتكە قېقىپ، ئەلى مۇئەللىمنى يوققا چىقىرىش   يۇپيۇرۇق ئاينىڭ  گۈزەللىكىنى كۆرمەي، ئەمما ئاينىڭ يۈزىدە كۈرۈمسىز قارا داغنىلا كۆردۈم دېگەنگىلا باراۋەر.   ئارتۇقچىلىق بىلەن كەمچىلىكنى تارازىغا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلمىي تەكلىپ- پىكىرلەرنى قايتۇرساق بولىدۇ   دەپ قارايمەن .  

      ئاخىرىدا، شەخسەن پىكىرىم:  تور مۇنبىرى ساھەسى گەرچە مۇنازىرە قىلىدىغان، ھەرخىل كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، كۆپ خىل پىكىر ئېقىمىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان سورۇن بولسىمۇ ــــــــــــــــــــــــ « ئەلى قۇربانغا ھەددىدىن زىيادە چوقۇنۇش دەرىجىسىدىن ساقلىنىش؛ ئەلى قۇرباننى چۆكۈرۈپ ئىنكار قىلىشتىن ساقلىنىش؛ زىۋىدە خانىمنىڭ پىكىرىنى ئىنكار قىلماسلىق ۋە مۇئەييەنلەشتۈرمەسلىك؛  توردىكى قېرىنداشلار زىددىيەتلەشمەسلىك ۋە بۆلۈنۈپ دۈشمەنلەشمەسلىك؛ تەنقىدكە توغرا مۇئامىلە قىلىش ۋە ئىلمىي بولۇش» نى  پىرىنسىپ  قىلىپ، تور مۇنازىرسىنى ئېلىپ بارساق بولىدۇ  دەپ قارايمەن .

)  تامام.

  سەمىمىي ئۆتۈنۈش

[ قوشۇمچە:  ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر مىللىتى، دۇنيانىڭ بىر بۇرجىكىدە بەزىدە ھاقارەتكە ئۇچراپ، بەزىدە راھەت-پاراغەتتە، بەزىدە روھىي كېشەندە، بەزىدە ئازادىلىكتە، تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلاپ    ھاياتنىڭ كۈلپەتلىرىگە يەڭ يىغلاپ ياشاۋاتىمىز. بىز قېرىنداش. دۈشمەن ئەمەس. سىلىق-سىپايە، ئىلمىي كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەدەنىي، ساپالىق مۇنبەرداش بولساق ئەسلى تامامەن بولاتتى، ئەمما بىر قىسىم تورداشلار يايلاق مىللىتى بولغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى پىسخىكىسى بويىنچە قىزىق قانلىق بىلەن ئاناڭنى، داداڭنى دەپ ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق بولۇۋاتىدۇ.

مۇنازىرىدە قارىمۇ قارشى پىكىر بولسا نورمال ئەھۋال، ئوخشاش پىكىر بولسا مۇنبەر قىزىمايدۇ.  بۇنداق ۋاقىتتا، مۇنبەردىشىم، مەسلەكدىشىم، قېرىندىشىم، مەنچە مۇنداراق بولسا ياخشىمىكىن دەيمەن، سېلىنىڭ ئاۋۇ پىكىرگە ئانچە قوشۇلمايمەن  ۋە ياكى سېلىنىڭ دېگىنىڭلار سەل كاللامدىن ئۆتمىدى، چۈشەنچە بەرسەڭلار ، يەنە ۋە ياكى  ئاداش بىز ئايرىم  چ چ دا ياكى ئۈندىداردا بۇ توغرىلىق كەڭ كۇشادە مۇنازىرلىشىپ باقساق....دېگەندەك  پوزىتىسەدە بولۇپ، مۇنبەردا تىللىشىش، دۈشمەنلىشىش، ئەخلاقسىزلىشىشتىن ساقلانساق تامامان بولاتتى.

   ----2015-يىلى 1-ئاينىڭ 10- كۈنى كەچ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 01:00 AM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) K6 C. v" }* A  N) E
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: H% z) n( \6 j) r; t. ^% w* oبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 `) T1 ~- w& D; o# p4 H/ Y

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 F, M1 R% {; _+ wتولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-11 10:40 AM):
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ q4 A+ |5 u! o* L6 ^" N1 Fمەسلەكدىشىم، مەن بۇ تېمىنى ئەلى قۇرباندىن تىرناقنىڭ ئاستىدىن كىر ئىزدەش مەقسىتىدە ئەمەس، ئەلى قۇربانغا تەكلىپ، مەسلىھەت، پىكىر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدۇم، بىر مىللەتنىڭ ئەلى قۇرباندەك تۈمەنلىگەن ئېقتىدارلىق زىيالىيسى بولغاندىلا ئاندىن مىللەت روناق تاپالايدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& A4 Q/ u) O; }* e
مەن ئەلى قۇربانى ئۇ  بۇ دېمەيمەن ھەم شۇنداق دېگۈچىلەرنىمۇ ئەقىلسىز دەپ بىلىمەن. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  c& K! l: I0 q" Z; t  p  G
ئەسلى، ئەلى قۇربان ئاكىمىزنى ماختاپ، ئۇچۇرۇپ، مەدھىيلەپ خەت يازساممۇ بولاتتى، مەشھۇرلارنىڭ دېيشىچە بىرسىنى ئېنىقتىن ئېنىق ماختىغانلارغا قارىغاندا كەمچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش زىيادە دوستلۇقتۇر دېگەن ئىكەن.     
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 \! x( q) ^3 a( q( H: wباشقىلار ئەلى ئاكىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايان قىلىپ تېما يوللاپ بوپتۇ.  مەنمۇ ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىدە ئەلى ئاكىمىزنىڭ لېكسىيەلىرىدىكى قىسمەن مەسىلىلەرنى سىلىق، ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ `. z( l6 ?* \/ P0 h
مەن پەقەت ئەلى قۇربان ئاكىمىزنىڭ ئۆز لېكسىيەسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ قەدىمكى ئالىم، پەيلاسوفلىرىنىڭ ئەقلىيە- سۆزلىرىدىن پايدىلىنىشنى مەسلىھەت مەنىسىدە تەۋسىيە قىلىپ، شۇنىڭدەك ئەلى ئاكىمىزنىڭ لېكسىيەسىدە ئىمكانقەدەر  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە تىرىشسا، چەتئەلچە ياكى خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى زۆرۈرىيەت بولمىسا، قىستۇرماسلىقنى ئۈمىد قىلىپ ئاندىن بۇ خەتنى يازدىم.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" O7 b$ R/ u1 N5 _# _4 J7 l, h
كىم  دەيدۇ، ئەلى قۇربانغا مەسلىھەت، تەكلىپ- پىكىر بېرىلسە، تەنقىد ياكى ئۇچۇق خەت يېزىلسا خاتا بولىدۇ دەپ؟  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  T2 O/ V5 l8 b- tمەن ئەلى قۇربان ئاكىمىز بولغان بولسام، بۇ يېپىق خەتتىن سۆيۈندۈم، چۈنكى بۇ يېپىق خەتتە يا مېنى تىللىمىدى، يا ماختاپ ئۇچۇرمىدى، پەقەت مېنىڭ مۇكەممەل، تېخىمۇ سەرخىل بولۇشۇم ئۈچۈن تەكلىپ- پىكىرلەر بېرىلدى. دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئەينىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتىنمۇ ئارتۇق بەخت بولامدۇ؟ بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- S! A+ _, ]. K9 y# k. ?: i. d0 L
ئىجتىمائىي ئوبزور دېگەن نېمە دېيىلسە: جەمئىيەتتىكى قىزىق تېما، قىزىق شەخس ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا تەكلىپ، پىكىر، مەسلىھەت ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭى ھادىسىلەرنى باھالاپ، تەنقىد ۋە مەدھىيەلەپ، بۇ ئارقىلىق يېڭى شەيئىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولىدىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاش ۋە بۇ يېڭى شەيئىگە ھاياتى كۈچ بېغىشلاش دېمەكتۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 _1 l" V$ [/ p* @9 W  Kمەن ئەلى قۇربان ئاكىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە شۇنىڭدەك پىسخولوگ ۋە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ كۆپۈيىشىگە ھەرۋاقىت تىلەكداشمەن !
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. S5 Q2 b1 P: @3 b3 L/ X

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
كارۋان + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك
xamal1124 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 210   باھا خاتىرىسى

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10689
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2195 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراۋ بەكرەك كۆزگە كۆرۈنسە شۇ كىشىنىڭ ئارقىسىدىن ھەرقىسىم گەپلەرنى قىلىش........ ھەربىر مىللەتنىڭ ئادىتى بولسا كىرەك....... بۇلۇپمۇ بىزنىڭ.......  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 l# q" c0 ]! H- ^; `

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ p. T9 Y# U& X9 z" t( O4 z3 eبىردەم ئۇچۇق خەت......... بىردەم  يېپىق خەت.........  ئەلى مۇئەللىم توغۇرسىدا  دە- تالاش قىلىشقاننىڭ ھىچبىر ئەھمىيتى يوق.........  ئۇ شۇنچە نۇتۇق سۆزلىگەن يەردە بىزلەرنىڭ قىلىشقان مۇنازىرىمىز بويىنچە ئىش تۇتمايدۇ....... ئۇنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مەيدانى بار....... ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلىدۇ........  


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى: 0997elan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: sawricn ياكى sawri دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما مەنچە يەنە غۇلغۇلا قوزغايدىغان چىراي... تىل - ئاھانەت يەنە باشلانماقچى...

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي.............. ئاخىرى كۇماك بوپ كىتىدىغان بولۇپ كىتىدىغان بولدۇقدى!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47175
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4482
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 3784 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغورلوق ھەرقانداق تىما لاۋزا بىلندۇ ئەمدى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ w7 o2 q4 M: E9 d# }تىما ئىگسىگە قارتىلمىدى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 T' v* w+ p9 q4 j! iتۈگۈگىنى ياخشى بۇنداق تىمىلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47175
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4482
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 3784 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ توغورلوق ھەرقانداق تىما لاۋزا بىلندۇ ئەمدى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. E! X( q! }$ @4 Jتىما ئىگسىگە قارتىلمىدى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, e$ j6 Q) ~# C: qتۈگۈگىنى ياخشى بۇنداق تىمىلار

ھەرخىل توزاق ھەر خىل دوزاق.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94847
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 693
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋ  پانا  .،.، ھېلىمۇ  بۇ  توغۇرلۇق  تالاش تارتىش  , شامال ، قۇيۇن  چىقىۋاتقىنى   ئاز  بۇلۋاتقاندەك ،  سىز بىراقلا تەيفىڭ بورىنى چىقىرۋېتەي  دىگەن  ئوخشايسىز  قارىغاندا ،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ T: R4 n/ n, B  D5 ^9 V2 r% J, I. L
ئويۇن  بولۇپ  بەردىمۇ  سىلەرگە ھە  .،. بىز  خەق  ئاشۇ  ئازىراق  بىر  يەرنى  تېپىۋالساق  پۇشقاققا مەھكەم  ئېسىلىپلاۋالمىساق  زادى  بولمامدۇ    .،. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 n# n! C' N- @: `
① ② ③ .،،بۇنىڭدىكى  مەزمۇنلارنىڭ  ھەممىسى بىمەنە ، چويلىدا ئەمەس چۈمۈچتىمۇ توختىمايدىغان ،   تىرناقتىن  كىر  تاتلىغاندەك گەپلەركەن  .،.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( G# E; e, z5 H2 h6 D7 L$ G4 l2 ^ئەمدى  بۇرۇن  توپا بېسىپ  كۈمۈلۈپ  قالغان  ياش  پەيلوسوف  ، ئۆلىماچاقلار مۇشۇ  پۇرسەتتە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' @$ C4 ?8 E6 I1 X. { تازا  ئۆزەڭلانى  نامايەن  قىلۋالاي  دەپسىلەدە .،.،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 J& w% W- p4 \9 }$ ^& iخۇدايىم  توۋا  دېمىسە  بەزى  ئىشلاغا  .،.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, k( Y; p  F8 h) m; c) Rئىكى  مۈرىنىڭ  ئۈستىدىكى  مۇكەممەل  ياراتقان  نەرسىنى جايىغا  ئىشلەتسە  بولمامدىغاندۇ .،.  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. h( t' d( N, e. @1 Y" I& i' m
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 q5 d9 ?2 `: W) ?& P
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھونتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 02:07 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% J8 N9 t7 `1 I0 g
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; i$ R' \$ [) _! W# c+ t' a0 a7 |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97341
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zubayra1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 01:36 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 t, C7 z& q. I% S9 Z" J5 q% x: ^

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 t6 C6 B' O6 ]* Q

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110859
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1095
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېيىنقى قىسمىنى قويمىسا بولغۇدەك. پەقەت ھاجىتى قالمىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100080
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2013-11-26
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىملارنى كۆرۇپ  ،ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ‹‹ھايات بولساڭ توردا تىللايدۇ،ئۇلەپ كەتسەڭ گوردا ››دىگەن گىپى  يادىمغا  كەپ قالدى .....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش