مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 764|ئىنكاس: 3

ئەگەر بەخت تۇيغۇسىنى رەتكە تۇرغۇزغىلى بولسا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پەرىشتىلەرمۇ يا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 3243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25877
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 12:29:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر بەخت تۇيغۇسىنى رەتكە تۇرغۇزغىلى بولسا،سىز قايسى خىل بەخت تۇيغۇسىنى بىرىنچى رەتكە تىزغان بولاتتىڭىز؟
بەخت ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدى،روھىيىتى، مەشخۇل بولۇۋاتقان ئىش- ئوقىتى ،نىكاھ تۇرمۇشى دېگەندەك بىر قاتار ئامىللار بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.
بەزىلە: ‹‹خىزمەت قىلماي تۇرۇپ كىرىمگە ئېرىشىش ئەڭ كاتتا بەختتۇر››دېيىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە بولسا ئىشلىمەي تۇرۇپمۇ كىرىمگە ئېرىشىپ يۈرۈيدىغان ئاياللار ھېچقانچە بەخىتلىك ئەمەس.
يەنە بەزىلەر: ‹‹ساغلاملىق ئەڭ زور بەخت›› دەپ ئاھ ئۇرۇشىدۇ.ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆزىنىڭ بەخىتلىك بولالمايۋاتقانلىقىدىن قاقشاپ يۈرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ناھايىتى ساغلام،بىجىرىم كىشىلەردۇر.
ياش توكۈشنىڭمۇ بىر خىل بەخت ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟شۇنداق، بۇمۇ بىر خىل بەخت ،چۈنكى بەزىلەر ھەقىقەتەن سىزنىڭ ياش تۆكۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.
ئۆزگىلەرنىڭ زەربە بېرىشى ،ھەسەت قىلىشىغا ئۇچراشمۇ بىر خىل بەخت ،چۈنكى بۇ سىزدە خەقلەر زەربە بەرگۈدەك، ھەسەت قىلغۇدەك تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بىراۋنىڭ سىزگە خائىنلىق قىلىشىنىمۇ سىز ئۈچۈن بىر خىل بەخت دېيىشكە بولىدۇ،چۈنكى بۇ ئارقىلىق سىزكىمنىڭ ھەقىقىي دوست،كىمنىڭ ھەقىقىي دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىۋالالايسز.                             
ھەتتا ئۈمۈتسىزلىنىشمۇ بىر خىل بەخت،چۈنكى ئادەمنىڭ قەلبىدە ئارزۇ - ئۈمىدلەر بولغاندىلا ،ئاندىن ئۈمۈتسىزلىنىش بولىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالماي يۈرۈشىمىزدىكى سەۋەپ:بەزىبىر ئازاپ-ئوقۇبەت ،ئۈمۈتسىزلىك،ھەسرەت نادامەتلەرنىڭمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل بەخت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمىگەنلىكىمىزدە.
مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nadira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 12:33 AM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 08:27:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12410
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32471
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4469 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 10:01:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن...


مەن ئۆزۈمنىڭ اللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك ساقايغانلىقىمنى ئەڭ زور  بەختىم دەپ ھېسابلايمەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112537
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 05:10:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بەخىت ئۇ قانائەت قىلىشتۇر ،  قانائەتسىز كىشى ئالتۇن كۇرسىدا ئولتۇرسىمۇ ئۆزىنى يەنىلا بەخىتسىز سىزىدۇ ، قانائەتچان كىشى ئىرىشكەنلىرىنىمۇ ئىرىشەلمىگەنلىرىنىمۇ بەخىت دەپ بىلىدۇ ! ھەممىمىزگە بەخىت يار بولسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش